سەھرا قېنىمدۇر، سەھرا ھەم جېنىم
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
سەھراغا مېھرىم بار، سەھرادا قەلبىم،
پەخرلىك شۇ نامنى يادلايدۇ دىلىم.
سەھرانى كۈيلىسەم، سەھرانى سۆيسەم،
كۈچ ۋە قۇدرەتكە تولىدۇ جىسمىم.
بوۋام ھەم موماملار ئۆتكەن سەھرادا،
بالىلىق ،ياشلىقىم ھەم قالغان ئۇندا.
سەھرانىڭ ئاش تۇزى، سەھرانىڭ نېنى،
كۈچ بەرگەن، تاۋلىغان مېنى ھەر تاڭدا.
ئەسلىتەر سەھرانىڭ سۈتلۈك توقىچى،
ئانامنىڭ تونۇردا كۆيگەن مەڭزىنى.
كۆرگەندەك بولىمەن ئېتىز،قىرلاردىن،
دادامنىڭ ئاققۇزغان ماڭلاي تەرىنى.
سەھرا قېنىمدۇر،سەھرا ھەم جېنىم،
كۆركەم باغلاردا يايرايدۇ تېنىم.
بېرىپ سەنمۇ كۆر سەھرانى دوستۇم،
كۆپ تەرىپلەشكە يەتمەس ماجالىم.
2014-يىل 7-ئاي. غۇلجا
سەھرا تاغلىرى
ئېھ گۈزەل تاغ باغرى،ياپ-يېشىل ئوتلاق،
باغرىڭدا ياشايدۇ كىيىك ۋە بوتلاق.
ئوينىشىپ،قىيغىتىپ يۈرگەن جەرەن تاي،
زوقۇمنى تارتتى ئەجەپمۇ ئوماق.
ئېھ گۈزەل تاغ باغرى، ياپ-يېشىل ئوتلاق.
ھوزۇرۇڭ بەخش ئېتەر دىللارغا ئويغاق.
ئۈنچىلەر چېچىشىپ چەشمە بۇلاقتىن،
كېلىدۇ قىزلىرىڭ قوينۇڭدا ئويناق.
ئېھ گۈزەل تاغ باغرى ياپ-يېشىل ئوتلاق،
مەڭزىڭگە ياقىدۇ مەڭزىنى بويناق.
تىنىق ئاسماندەك قۇچاقلىرىڭنى،
سۆيەر يىگىتلەر ناخشىلار توۋلاپ.
ئېھ گۈزەل تاغ باغرى ياپ-يېشىل ئوتلاق،
سۈپ-سۈزۈك سۇلىرىڭ ئاقىدۇ ئويناق .
شىلدىرلاپ ئۇرۇلار تاشتىن-تاشقا،
شاۋقۇنلۇق شاقىراتما سانسىز بۇلاق.
ئېھ گۈزەل تاغ باغرى، ياپ-يېشىل ئوتلاق،
سىمايەڭ ھەر قاچان قەلبىمدە ئويغاق.
شۇ گۈزەل مەنزىرەڭ چىقماس ئېسىمدىن،
نەدىلا بولايمەن سېنىلا ئويلاپ.
2014-يىل 7-ئاي. غۇلجا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-5 03:35 AM