مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11300|ئىنكاس: 80

ئەيساجان تۇردى ئاچچىق: كىتابنىڭ كۆز يېشى ۋە سېھرىي كۈچى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109628
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-9-2
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 08:45:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىتابنىڭ كۆز يېشى ۋە سېھرىي كۈچى



ئەيساجان تۇردى ئاچچىق


   تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ساپ، يادرو مەدەنىيەتلىرى دەل مۇشۇ بېھىشتەك ماكاندىن شەرق، غەرىبلەرگە تارقالغان. قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز شەرىقتىكى تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن غەرىبتىكى دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ ئارلىقىدىكى چەكسىز ئۇزاق بەلۋاغدا ئوت، سۇ مەنبەلىرىنى قوغلىشىپ، تىنىمسىز كۈچەپ ئۇچقۇر ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنىڭ بىرىنچى بېتىنى ھەم مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ خېمىر تۇرۇچىنى ھازىرلىغانىدى. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمىگەن ۋاقىتتا تەكلىماكان مەدەنىيىتى غاجىلىش، ئۇپراش، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.

ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، يىراقنى كۆرەر، سەگەك، چوڭقۇر تەپەككۇرلۇق كاللىسى بىلەن قايسىدۇر بىر ئىزدەنگۈچىمىز: «ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيان باشقا مىللەتنىڭ  تارىخى-مەدەنىيەتسىزلىكتىن مەدەنىيلىككە قاراپ يۈزلىنىش بولسا، مىللىتىمىزنىڭ تارىخى-مەدەنىيەتلىكتىن  مەدەنىيەتسىزلىككە قاراپ تەرەققى قىلىش تارىخى بولدى» دېگەنىكەن.

   مەن نۆۋەتتە مەدەنىيەتنىڭ يادروسى بولغان كىتاب ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن:

كىتاب ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە مەسلىھەتچىسى، ئەقىل چىرىقى ۋە بىلىم مەنبەسىدۇر.

كىتاب پىكىر قىلىش قورالى، بايلىق يارىتىشنىڭ  ئاچقۇچى. ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ بايلىقى. كىتاب ناندەك مۇقەددەس. شۇڭا، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز «كىيىم ئۈستۈڭنى بېزەر، كىتاب ئەقلىڭنى بېزەر، »، « كىتابسىز دۇنيا-ساراڭلار دۇنياسى»دېگەندەك سۆزلەرنى قىلالىغان.

ئۇيغۇرلارمۇ ئەزەلدىن كىتابنى قەدىرلەشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى ئىدى.

شۇ سەۋەبتىن قاراخانىيلار دەۋرى (11-ئەسىر)دە قاراخانىيلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قەشقەر شەھرىدىكى «ساجىيە» مەدرىسەسى يېنىدا «خانلىق كۇتۇپخانىسى» قۇرۇلۇپ ئۇنىڭدا نەچچە مىڭلىغان كىتاب ساقلانغان. مەۋلانى جالالىدىن رۇمى قۇرغان «كۈنىيا كۇتۇپخانىسى»، ئەلشىر نەۋائى دەۋرىدىكى «ھىرات كۇتۇپخانىسى»، يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى « خانلىق كۇتۇپخانىسى»، قۇمۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدىكى «ئوردا كۇتۇپخانىسى» قاتارلىقلار گۈللەنگەن ئوتتۇرا ئەسىر شەرق مەدەنىيىتى تارىخىدا دۇنياغا مەشھۇر كۇتۇپخانىلار بولۇپ ئۇلاردا ساقلانغان قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىقلار ھازىرمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.

كىتاب قەھەتچىلىكى ھۆكۈم سۈرگەن ئۆتمۈش كونا زامانلاردا كىتاب سۆيەر بوۋىللىرىمىزنىڭ ئۈجمە قوۋزىقىدىن پاتلانغان خوتەن قەغىزىنى ياساپ چوڭ ھەجىملىك «خەمسە» (نەۋائى)، «شاھنامە» (پىردەۋسى)قاتارلىق كۆپلىگەن ئېسىل كىتابلارنى كېچللىرى مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، شام يۇرۇقىدا پەي قەلەم بىلەن كۆچۈرۈپ تارقاتقانلىقى، بۇ خىل قوليازمىلارنى جېنىدىن ئارتۇق ئەزىزلەپ ساقلاپ، ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدەك تەسىرلىك خاتىرىلەر ھەممىمىزگە مەلۇم.

   بىزنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ئەجدادلىرىمىز كىتابنى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈلتاجى، بىلىم قامۇسى دەپ بىلگەن. شۇڭا، كىتابنى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا سۈپىتىدە بالىلىرىغا، يېقىن دوستلىرىغا، بۇرادەرلىرىگە سوۋغا قىلىشقان ۋە ئەل سۆيەر پادىشاھلارغا تەقدىم قىلغان. شۇنداقلا، پادىشاھلارمۇ كىتاب يازغانلارنى ھۆرمەتلەپ ھەم پۇل ئىنئام قىلىپ، مەخسۇس ئېسىل كىتابلارنى يازدۇرغان.

پارس شائىرى ئوبۇلقاسى پىردەۋسى ئالەمشۇمۇل داستانى «شاھنامە »نى 60 مىڭ دىنارغا يېزىپ، پادىشاھقا تەقدىم قىلغان. (60 مىڭ دىنارنى قولىغا ئېلىپ 30مىڭ دىنارنى ساتىراشقا، 30مىڭ دىنارنى مۇنچا باشقۇرغۇچىغا بۆلۈپ بەرگەن).

   يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»ناملىق بۈيۈك ئەسىرىنى ھەسەن بۇغراغا ھەدىيە قىلغان. مەھمۇد كەشقىرى بوۋىمىز ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى››نى ئۇبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننىي مۇھەممىدىن مۇقتەردى بىئەمۇرۇللاغا تەقدىم قىلغان. ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئېسىل كىتابلارنى قوليازما قىلىپ كۆچۈرۈۋالاتتى. بىر يەرگە جەم بولۇپ بىرلىكتە كىتاب ئوقۇشاتتى، بەس-مۇنازىرە قىلىشاتتى، كىتابلارنى ئەتىۋارلاپ ساقلىشاتتى. قەبرىستانلىقلاردىن «تۈركى تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان قول يازمىلارنىڭ تېپىلغانلىقى كىتابنى قەدىرلەش ئەنئەنىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

   چەتئەللەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، بەزى ئەھۋاللار كىشىلەرگە ھەقىقەتەن ئىلھام بېرىدۇ.

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 5-4ئەسىرلەر ئارلىقىدا دۇنياغا كەلگەن ھومىرنىڭ«ئېلىئادا»، «ئودسسا» داستانلىرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردە 12مىڭ كالا تېرىسىگە ئالتۇن ھەل بىلەن پۈتۈلگەن.

مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» ناملىق كىتابىدا «نېمىس ئىكىسپىدىتسىيچىىلىرىنىڭ 1905-يىلى 8-ئايدا تۇرپاننىڭ  مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى بۇلاپ ماڭغاندىكى مەغرۇر ھالىتى بىلەن بۇ مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى ياراتقان خەلقىمىزنىڭ بىچارە ھالىتى» دېگەن بىر پارچە سۈرەتتىكى كۆرۈنۈش ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ھەم ئېچىندۇرىدۇ .

   گېرمانىيلىك فون لېكوك «جوڭگو turkدا ساقلىنىۋاتقان گۆھەرلەر» دېگەن ئەسىرىدە ئىدىقۇت ئەتراپىدىكى بىر دېھقاننىڭ تام ئارىسىدىن بىر ھارۋا كەلگۈدەك كونا قوليازمىلارنى تېپىۋالغانلىقىنى، بىراق موللامنىڭ جازالىنىشىدىن قورقۇپ ئۆستەڭگە تاشلىۋەتكەنلىكى، ئەمىليەتتە بۇ قوليازمىلارنىڭ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھەرخىل رەڭدار رەسىملەردىن بېزىلگەن قىممەتلىك يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى يازغان.

ۋېنگرىيلىك سىۋىن ھېدىن « ئاسىيانىڭ كىندىكىگە ساياھەت» ناملىق ئىككى توملۇق ئەسىرىدە : « شۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغانلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى قىلچە ئەھمىيىتى يوق نەرسىلەر ھېسابلىناتتى. شۇڭا، ئۇلار ھەمىشە بۇ نەرسىلەرنى ئويۇنچۇق ئورنىدا بالىلارغا بېرىۋېتەتتى»دەپ يازغان. دوكتور ياسىن ھوشۇر ئەپەندى دۇنخۇاڭدىكى مىلادىيە 5-ئەسىرگە ئائىت تاشكېمىردىن تېپىلغان ياغاچ مىخ ھەرىپلەرنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى مەتبەچىلىك تېخنىكىسىنى بېيىتقان ئەڭ قەدىمكى مىللەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. («نۇر گېزىتى»نىڭ 1997-يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانىدىن) ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ قەدىمكى يىپەك يولى بۈيۈك تەڭرىتېغىنىڭ جەنۈب ۋە شىمالىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي ھالىتىنى بېيىتىپ ئاجايىپ كاتتا كىتابلار (قوليازمىلار)نى يېزىپ قالدۇرغان بولسىمۇ، ھەر خىل تارىخىي ۋە ئىجدىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ قوليازمىلار چەت ئەللەرگە يۆتكەپ كېتىلگەن. گېرمانىيە فرايىبورگ ئۇنۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن (ھۆججەتلىرىدىن ) 14مىڭ پارچىدىن ئاتۇقراقى ساقلىنىۋېتىپتۇ.

   بىز «قۇتادغۇبىلىك»، «ئالتۇن يارۇغ»، «مايتىر سىمىت»قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىز بىلەنمۇ تولىمۇ كېچىكىپ يۈز كۆرۈشتۇق. (تولىمۇ ئاز ساندىكىلەر) مۇبادا چەت ئەللىكلەر بۇ ئەسەرلىرىمىز ھەققىدە بىزگە بىشارەت بەرمىگەن بولسا، ئۇنداق ئېسىل ئەسەرلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولاتتۇق. ھازىر گېرمانىيىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنى سۈرەتكە تارتىپ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش خىزمىتى ئىشلىنىۋېتىپتۇ. بۇنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا بالدۇرراق تۇنۇۋېلىشىمىزغا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

             *          *                *

   ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلايدىغان بولساق شىكىسپىر، گېگىل، پۇشكىن ، نەۋائى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەدىبلەرنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانا قورۇپ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلغانلىقىنى بايقىيالايمىز.

لېنىن دۇنيادا ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇغان بۈيۈك كىتابخاندۇر. مەيلى ئۇ سۈرگۈندە يۈرگەندە بولسۇن، ئۆيدە ياكى خىزمەت ئورنىدا بولسۇن كىتاب ئۇنىڭ ھەمراھى، ئاجرالماس دوستى بولغان. لېنىن، «روسىيىدە كاپىتالىزىمنىڭ راۋاجلىنىشى»دېگەن ئەسىرىنى يازغاندا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك 400گە يېقىن كىتابنى ئوقۇپ چىقىپ خاتىرە قالدۇرغان.

   رۇس ئەدەبىياتىنىڭ بوۋىسى دەپ نام ئالغان گوركى(رۇسچە ئاچچىق دىگەن مەنىدە) كىتاب ئوقۇش «گۇناھى» ئۈچۈن ئايال خوجايىندىن  بىز نەچچە قېتىم ئېغىر تاياق يېگەندە، «ياخشى كىتاب ئوقۇيالىساملا، قانچىلىك تاياق يېسەم رازىمەن» دېگەنىدى.

   ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېللىر «ماۋزېدۇڭنىڭ تەرجىمىھالى»دېگەن كىتابىدا «دۇنيادىكى داھىيلار ئارىسىدا ھەممىدىن بەك كىتابخۇمار – ماۋزۇدۇڭ » دېگەن.

جۇڭنەنخەيدىكى ماۋزېدۇڭ كىتابخانىسىدا ساقلاقلىق كىتاب 90مىڭغا يېتىدىكەن. ماۋزېدۇڭ «ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى پايدىلىق ئۆرنەكلەر»دېگەن  كىتابنى 17قېتىم ئوقۇغان، ھەتتا ئۇ «قۇرئان كەرىم»نى مەخسۇس خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم  ئوقۇپ، تەتقىق قىلىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.

   ياش «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتچىسى يولداش يارمۇھەممەت تايىر تۇغلۇق ئەپەندى بىزگە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ:«ھازىرغىچە  ‹ قۇتادغۇبىلىك› نى كەم دېگەندە 150قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. يەنە بىر نەچچە يۈز قېتىم ئوقۇمىسام بولمايدۇ....»دېگەنىدى. بۇ ھەقىقەتەن قىممەتلەشكە تېگىشلىك روھ ئەمەسمۇ؟!

ئىقدىسادىي رىقابەت كەسكىن تۈس ئالغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆز ئەمەلىيتىمىزدىن دادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان بولساق، كىتابخانا ئاچقانلار توپا باسقان كىتابلارغا قاراپ بازاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئېڭىدا بىر كىتاب بىر تەخسە لەڭپۇڭچىلىك قەدىرلەنمەيۋاتىدۇ....ۋەھاكازالار.

مەملىكىتىمىزگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئون يىللىق ئىنقىلاب» جوڭگولۇقلارنىڭ كىتاب ئوقۇش رايىنى ئېغىر دەرىجىدە چىكىندۈرگەنىدى. چۈنكى، ئۇ چاغلاردا كىتاب ئوقۇغانلار جازالاندى، كىتابلار كۆيدۈرۈلدى. (شۇ مەزگىلدە مەملىكەت بويىچە 10مىليوندىن ئارتۇق كىتاب كۆيدۈرۈۋېتىلدى) «تۆت كىشلىك گۇرۇھ»نىڭ  ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، قىيامىغا يېتەي دەۋاتقاندا، بازار ئىگىلىكىنىڭ سەلبىي تەسىرىدىن كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېڭى پۇلغا يۈزلۈنۈپ، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى سۇسلاپ كەتتى. مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ كىتابلارنىڭ تەنەرخى ئۆسۈپ، ئىقدىساىي ئۈنۈم بىلەن سېتۋېلىش كۈچى ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا بولدى، بولۇپمۇ قىممىتى زور كىتابلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ خىل كىتابلارنىڭ تىراژى تەبئىي ھالدا ئازلاپ كەتتى.

   80-يىللاردا بىر توننا قەغەزنىڭ باھاسى 700يۈەن بولۇپ، ھازىر بىر تۈمەن ئەتراپىدا بولماقتا. شۇ سەۋەبتىن 80-يىللاردىن ھازىرغىچە كىتاب باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  ئون ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشقان كىشىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان« ھازىرقى زامان خەنزۇتىلى»نى مىسالغا ئالساق: 1977-يىلى بېكىتكەن باھاسى 4.50يۈەن بولسا، 1992-يىلى 22.80يۈەن، 1994-يىلى 28.00يۈەن بولغان، 1995-يىلى 40.00يۈەن بولغان، 1997-يىلى 8-ئايدا 55.00گە چىققان. دۆلەتنىڭ ماكارولۇق كونتىرول قىلىش تارمىقى بولغان ئاخبارات نەشىريات مەھكىمىسىنىڭ پىكىرى شۇبىھسىزكى توغرا. لىكىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 500دىن كۆپ نەشىريات ئارىسىدا ئىدىيە ھەرگىزمۇ بىرلىككە كەلمىگەن بولۇپ، كۆپلىگەن نەشىرىياتلار كىتاب باھاسىنى بىكىتېشتە تەننەرخى بىلەن پايدا نىسپىتىنى %30گە%70قىلىپ بېكىتكەن.

   كىتاب بېسىشتا ئادەتتە ھەر باسما تاۋاقنىڭ تەننەتخى 0.31يۈەن چۈشسىمۇ، لىكىن ھازىر دۆلىتىمىزدىكى بەزى نەشىرياتلار گوركىنىڭ «بالىلىق دەۋرىم»،«كىشىلەر ئىشكىدە» دېگەن كىتەبلىرىنىڭ يېڭى نەشىردىن ھەر باسما تاۋىقىنى 1.80يۈەندىن ھېسابلاپ ئالتە ھەسسە پايدا ئالغان.

شۇڭا، جوڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كىتاب سېتىۋېلىشقا ئەڭ قىزىقىدىغان تەيۋەنلىكلەرمۇ ھازىر خورسىنىدىغان بولۇپ قېلشىتى. مەملىكىتىمىز بويىچە 2596ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 323مىليون پارچە كىتاب ساقلانماقتا. مەملىكىتىمىزدە ھەرقايسى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرى جەمئىي 1080بولۇپ، ئۇنىڭدا 420مىليون پارچە كىتاب ساقلانماقتا. ئەمما، كۇتۇپخانىلارنىڭ بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن، رىقابەت ئىقتىدارى ئاجىز بولغانلىقتىن، كۇتۇپخانىغا بېرىپ كىتاب كۆرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىر مىليون 500مىڭ ئادەم (قېتىم)ئازىيىپ كەتكەن. 900مىڭ پارچە كىتاب-ژورنال ئاز ئارىيەتكە ئېلىنغان.(نۆۋەتتە ھەرقايسى كەنىتلەردە دېھقانلار كۈتۈپخانسى كۆپلەپ قۇرۇلغان بولسىمۇ ئەمما باشقۇرۇش ۋە ئەمىلى پايدىلىنىش جەھەتتىكى ئىشلار ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ)

چەت ئەللەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، بەزى ئەھۋاللار يۈزىمىزنى قىزارتىپ قويىدۇ.

   ئامېرىكىدا 261مليون نۇپۇس بار بولۇپ، ھەر يىلى 10مىڭغا يېقىن گېزىت-ژورنال ۋە 12مىڭ 600خىل ژورنال نەشىر قىلىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھەر 11مىڭ نۇپۇسقا بىر خىلدىن گېزىت ياكى ژورنال توغرا كېلىدۇ.

   ئامېرىكىدا يېرىم ئەسىردىن بۇيان زۇڭتۇڭ كۇتۇپخانىسىدىن ئىبارەت ئۆزگىچە سىياسى مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن. ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان زۇڭتۇڭلىرى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قۇرغان زۇڭتۇڭ خاتىرە كۇتۇپخانىسىدا 50مىڭ پارچە كىتاب، 100مىڭ پارچىگە يېقىن ژورنال، 130مىڭ پارچە رەسىم ۋە 16مىليون بەتتىن ئارتۇق قوليازما بار بولۇپ، بۇ كۇتۇپخانا نىيۇيورك شىتاتىدا  نىئاگارا شارقىراتمىسى ۋە ئىمپېرىيە بىناسىدىن قالسىلا ساياھەتچىلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قالغان.

ئىسرائىلىيىدە 1998-يىللىق تەڭشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا 14ياشتىن يۇقىرى ھەربىر كىشى ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىرىدىن كىتاب ئوقۇيدىكەن. ھەر 45نۇپۇسقا بىردىن كۇتۇپخانا توغرا كېلىدىكەن.نۆۋەتتە قانچىلىك ئېشىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلماق ئانچە قىيىن ئەمەسقۇ؟

   يەھۇدىيلار دۇنيادىكى كىتابنى ئەڭ سۆيىدىغان مىللەت بولۇپ، ئۇلار كىتاب جازىسىنى كارىۋىتىنىڭ  بېشىغا قويىدىكەن. كارىۋېتىنىڭ ئايىغىغا قويۇشنى قاتتق مەنئىي قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە  كىتابقا ئارقىسىنى قىلىش، كىتابنى ئايىغىدا قويۇش بىر خىل كەچۈرگۈسىز يامان ئادەت ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا، ئۇلار ئەزەلدىن كىتاب كۆيدۈرۈپ باققان ئەمەس، ھەتتا ئۇلار ئۆلگۈچىنى ئېسىل كىتابلار بىلەن قۇشۇپ دەپنە قىلىدىكەن. ئۇلارچە «يېرىم كېچىدە ئۆلۈكلەر ئورنىدىن تۇرۇپ كىتاب كۆرەرمىش». يەھۇدىي ئانىلىرى «ئىنجىل »مۇقاۋىسى ئۈستىگە ھەسەل قويۇپ، بوۋاقلارغا يالىتىدىكەن. شۇڭا، يەھۇدىي بالىلىرىدا «كىتاب تاتلىق بولىدۇ››دىگەن ئاڭ يىتىلگەن.

   ئىتالىيەدە كىتاب ئوقۇپ بېرىش ۋە كىتاب ئوقۇتۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ناھايىتى ئەۋج ئالغان بولۇپ، دورىخانىلارنىڭ تەكچىلىرىدە مۇقاۋىسى چىرايلىق لايىھىلىنىپ، نەپىس بېسىلغان «دورا» ياكى «ساقىلىقىنى ساقلاش يىمەكلىكلىرى»قاتارىدا سېتىلىدىغان شېئر توپلاملىرى قاتار-قاتار تىزىلغان.

مەسلەن: ئامېرىكىلىق ران خىرونىڭ «تۈنگە مەدھىيە» دېگەن شېئىرى، ئەنگىلىيىلىك جىسىنىڭ «ئۇخلا» دېگەن شېئىرى ئۇيقۇسىزلىقىنى داۋالايدىكەن. شوتلاندىيلىك كارلىننىڭ «بۈگۈنكى كۈن» دېگەن شېئرى ۋە ھېنرىخ ھېيىننىڭ «مەدھىيە ناخشىسى» دېگەن شېئرى غەمكىنلىك كېسىلىنى داۋالايدىكەن.

ياپۇنيىدە كىشىلەر يېقىن دوستلىرىغا، بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە كىتاب سوۋغا قىلىشىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن.

   رۇسلار كىتابنى ئىككىنچى بولكا دەپ ئاتىشىدۇ. سەپەر ئۈستىدە كىتاب ئېلىۋالمايدىغان رۇسلار يوق دېيەرلىك. غەربىي گېرمانىيىدە بولسا ياشلار مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتا ئەڭ ئېسىل كىتاب سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۆز قەلبىنى ئىزھار قىلىشىدىكەن. فىرانسىيلىكلەر قوش دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىتاب ئوقۇش، گېزىت-ژورنال كۆرۈش ۋە بەس-مۇنازىرە قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن.

   ئامېرىكىدا ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئادەمنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى بار. بەشتىن ئۈچ قىسىم كىشى 1998-يىلى ئاز بولغاندا بىر قېتىم كۇتۇپخانىغا بارغان. ئوندىن بىر قىسىم كىشى 25قېتىم كۇتۇپخانىغا بارغان.

ب د ت مەدەنىي مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ 2008-يىللىق سىتاستىكىسىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيىدە ھەر بىر ئادەم يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 27پارچىدىن كىتاب سېتىۋالغان.شۋېتسىيدە ھەربىر ئادەم 19پارچىدىن، ئامېرىكىدا 15پارچىدىن، ياپۇنىيىدە 13پارچىدىن، گېرمانىيىدە ئون پارچىدىن، رۇسىيىدە سەككىز پارچىدىن، كانادادا تۆت پارچىدىن، ھېندىستاندا ئىككى پارچىدىن، چوڭگودا بىر پارچىدىن كىتاب سېتۋالغان.

بۇنىڭدىن غەرب ئەللىرىنىڭ كىتابقا نەقەدەر ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردە «شاكىلات گېزىت»، «كەمپۈت گېزىت» قاتارلىق يېڭىچە نەشىريات بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغان ۋە ھەر قانداق دۇكانلاردا كىتاب سېتىش پەشتاخلىرىنى تەسس قىلغان، شۇنداقلا باي-كەمبەغەللىكىنى ئۆلچەشتە كىتابنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئۆلچەم قىلىشتەك يېڭىچە باھالاش تۈزۈمىنى ئورناتقان.

ھەر كۈنى ھازىر دۇنيادىكى نەشىرىيات ئورگانلىرىدا تەخمىنەن 1مىليوندىن ئارتۇق كىتاب بېسىلپ چىقىلىدۇ. ئۇنداق بولسا بىز ھازىر قانچىلىك كىتاب ئوقۇۋاتىمىز، بۇنىڭغا ئادىل كىتابخانلار چۇقۇم دادىللىق بىلەن توغرا جاۋاب بېرەلەيدۇ.

          *        *        *

   مەن يېقىندا مەلۇم بىر رەھبىرىي كادىرىنىڭ يېزىدىكى شەخسىي ھاجەتخانىسىغا ھاجەت قىلىش پۇرسىتىگە ‹‹نائىل›› بولۇپ، ئالەمچە ھەسرەتلىنىپ قايتىپ چىقتىم. چۈنكى، ئۇ جايىدا مەرھۇم يازغۇچىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن»ناملىق خاسىيەتلىك كىتابىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالغانىدىم.

   بۇ كىتاب بىزنى «بۈگۈن» ئارقىلىق «تۈنۈگۈن»نى  ئەسلەپ «ئەتە»مىزنى قانداق يارىتىش ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلىنىۋېلىشىمىزغا دالالەت قىلدۇرغان ئىدىغۇ؟! ..... توۋا! تارىخىمىزنى بىلىشكە قىزىقمايدىغان، روھىنى مەنىۋى« زۇكام» چىرمىۋالغان جانابنىڭ قولىغا بۇ كىتاب قانداقلارچە چۈشۈپ قالغان بولغىيتتى؟!

كىتاب جازامدا « ئويغانغان زىمىن» (2قىسىم)ناملىق بۇ كىتابتىن 2نۇسخا بار. بىرنى 1994-يىلى كىتابخانىدىن، يەنە بىرىنى 1996-يىلى بىر ئالمىچى يىگىتتىن بىر ۋارىقىنى بىر پۇڭدىن  سېتىۋالغانمەن. شۇ چاغدا ئالمىچدىن بۇ كىتابنى نەدىن ئالغانلقىنى سورىسام، ئالمىچى يىگىت: «يېزىنىڭ xxرەھبىرى بىلەن مۇناسىۋىتىم ناھايىتى قويۇق. يېزىلىق مەدەنىيەت ئۆيىدە 2000دىن ئارتۇق كىتاب بار ئىكەن. ئالما ئوراش ئۈچۈن بۇ كىتابلارنىڭ كىلوسىنى 0.50يۈەندىن سېتىۋالغانىدىم. ھازىر ئۇ كىتابلار تۈگەي دەپ قالدى...» دېدى. كەچتە ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسام «ئويغانغان زىمىن» دىن باشقا «قۇتادغۇبىلىك»،«نىزارى داستانلىرى»، «يىپەك يولىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر» قاتارلىق 26پارچە كىتاب بار ئىكەن. سالا قلىشمايلا بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالدىم.

   ئىسىت! ساۋاتسىزلار قانۇن بېشىغا چىقىۋالسا مۇشۇنداق ئادەلەتسىزلىك بولىدىغان گەپ ئىكەن.

ئۇلار ئۆزى كىتاب  ئوقۇمىسىمۇ مەيلىتىغۇ! بىراق، ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىمىزنى بۇنداق دەپسەندە  قىلىشقا زادى نېمە ھەققى بار؟! كىتاب زادى ئۇلارغا نېمە قىلغاندۇ؟ ئەگەر يىتەرلىك ‹‹قۇدرەت›› بولسا بۇ قارا قورساقلارنى رېئاللىقتىكى «دوزاخ»قا تاشلىۋەتكەن، تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مەڭگۈلۈك باغلىۋەتكەن بولاتتىم.

بۇ ھەسرەتلەرنى قەلبىمدە سىغدۇرالماي يۈرسەم، بىر كۈنى باشقىلار تەرىپىدىن «ساراڭ» دەپ ئاتىلىدىغان 40ياشلار چامىسىدىكى ئابدۇخېلىل ئىسىملىك بىر كىشى ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەلدى. قول بېرىپ سالاملاشقاندىن كىيىن يازغۇچى، كىتاب، رادىئو خەۋەرلىرى، جەمئىيەت ھەققىدە بىر مۇنچە ئورۇنلۇق پاراڭ قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ شۇ چاغدا ئۇيغۇر يازغۇچىلار يازغان 32پارچە روماننى ئوقۇپ بولغانىكەن.

ئۇ مەندىن:«ئۇكا، ‹ئويغانغان زېنىن› ناملىق روماننىڭ 3-قىسىمى نەشر قىلىنىدىكەن دەپ ئاڭلىغانىدىم. شۇ كىتاب بولسا بېرىپ تۇرساڭ بوپتىكەن...»دەپ ئۆتۈندى.

ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى بىر جۈپ قارا كۆزىدىن كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىك مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. مەن ئاۋال چۈشەندۈرۈپ، «ماناس دەرياسىدىن قايتىش»ناملىق كىتابنى بەردىم. ئۇ كىتابنى ئۆزى دۇخاۋىدىن  تىكىۋالغان كىتاب ئاسىراش خالتىسىغا تىقىپ كېتىپ قالدى. ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ئوبدانلا دوست بولۇپ قالدىم. ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۇ مەندىن كىتاب ئارىيەت ئالغىلى  كېلىدۇ. «ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق »دېگەندەك، بەزىلەر ئىشخانىسىغا ھەقسىز مۇشتەرى قىلىنغان گېزىت-ژورنال كىرىپ تۇرسىمۇ ۋاراقلاپ قويۇشنىمۇ خالىمايدۇ. بەزىلەر كىتاب سېتىۋېلىشقا پۇلى يوق «كىتاب قەلەندەرى »بولۇپ تىلەپ ئوقۇيدۇ.

   ھەر يىلى گېزىت-ژورناللاردا، رادىئو-تېلىۋېزوردا يېڭى يىللىق گېزىت-ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇش ئېلانلىرى ئارقا-ئارقىدىن بېسىلىدۇ ۋە ئاڭلىتىلىدۇ. بۇ ئېلانلارنى  ئاڭلايدىغانلار زادى قانچىلىك؟! مۇشتەرى  بولىدىغانلەر كىملەر؟! ئوقۇيدىغانلارچۇ؟! بۇ سۇئاللار كىملەرنى تېرىكتۈرمەيدۇ؟! بەزى يازغۇچىللىرىمىز مىڭ  بىر مۇشاقەتتە يازغان كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى تىراژ توپلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەلەم ھەققى ئۆلچەم بويىچە بېرىلمەيلا قالماستىن، ۋاقتىدا تارقىتىلمىغاچقا، ئۆز ئەمگىكىنىڭ قىممىتىدىن ئۆكۈنمەكتە .

   باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، بەزى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گېزىت-ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇش ئەھۋالى كىشىگە تولىمۇ ئۈمىتسىلىك بېغىشلايدۇ. ئالىي مەكتەپنىڭ تۇلۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇتقۇچى xx: «‹شىنجاڭ مائارىپى›دا ئىلگىرى موخوركا چەككىلى بولاتتى. ھازىر قەغەزلىرى سەل قاتتىق ئىكەن ، تاماكا چېكىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن . بۇنىڭ ئورنىغا موخوركا چەككىلى بولىدىغان بىرەر گېزىتكە مۇشتەرى بولۇپ قويۇڭلار »دەيدۇ . يەنە بىر ئوقۇتقۇچى شاڭخەيدە نەشىر قىلىنىدىغان « خىمىيە ئوقۇتۇشى » ناملىق خەنزۇچە ژۇرناللاغا مۇشتەرى بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر ياش ئوقۇتقۇچىغا : « ئۇكام خەنزۇچە ژورنالنى ئوقۇپ نېمە تاپارسەن ، بۇنىڭدىن كۆرە 40 يۈەن پۇلۇڭغا گۆش ئېلىپ يەۋالساڭ بولمامدۇ ؟ »دەيدۇ . ئۇلارنىڭ گېپى كۆڭلۈمنى قاتتىق غەش قىلدى . توۋا ، بىزىمىز تاماكا چېكىش ئۈچۈن مۇشتەرى بولساق ، بەزىمىز مۇشتەرى بولماي ، مۇشتەرى بولغانلارنىڭ قەلبىگە « سوغۇق سۇ » سەپسەك ، بۇنى ئاز دەپ كىتاب ئوقۇغانلارنى « كىتاب خالتىسى » دېگەن « چىرايلىق » ئاتالغۇ بىلەن تارتۇقلىساق بۇنى نېمە دېگۈلۈك ؟  !

1992 – يىلى قەشقەر كوچىسىدا 70 ياشلارغا بېرىپ قالغان بىر بوۋاينىڭ ، كىتابپۇرۇشتىن ئەسلىي باھاسى 10.00 يۈەنگە يەتمەيدىغان بىر كىتابنى بىرمۇنچە يالۋۇرۇش ئارقىلىق 100 يۈەنگە سېتىۋالغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ، بوۋايغا شۇنداق ھەۋىسىم كەلگەن بولسىمۇ، بىراق كىتابپۇرۇشقا قاراپ قاپىقىمنىڭ تۈرۈلۈپ قالغانلىقىنى سەزمەي قالغاندىم .

   ئۇزۇن ئۆتمەي كىتابپۇرۇشقا قاپىقىمنىڭ ئورۇنسىز تۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى، ئۇنداق ياخشى كىتابلارنى كىتابپۇرۇش ساقلاپ قويمىغان بولسا ، ئۇ بوۋايمۇ بەلكىم ماڭا ئوخشاش بىرەرسىدىن ئارىيەت ئېلىپ قوليازما قىلىپ كۆچۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولاتتى .

   سەن قىز دوستۇڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە كىتاب سوۋغاقىلساڭ ياخشى بولارمۇ ياكى باشقا ماددىي بۇيۇم سوۋغا قىلساڭ ياخشى بولارمۇ ؟ ! قايسىسىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولار ؟  بۇ سوئالغا سەن تاللىغان قىزنىڭ مەنىۋى ساپسىلا ئاددىي جاۋاب بېرەلەيدۇ . بىز ھاراق ، تاماك ئۈچۈن پۇلنى ئايىماي خەجلەيمىز ، خۇددى پۇلىمىزنىڭ كۆپ قىسىمىنى ھاراق ، تاماك ئۈچۈن سەرپ قىلمىساق جەرىمانە تۆەلەيدىغاندەك . بىزدە نېسىگە ھاراق ئىچمەيدىغان ئەركەكلەر زادى قانچىلىك چىقار ؟ بىراق ، نېسىگە كىتاب سېتىۋالىدىغانلاردىن بىرەرسى بارمىدۇ ؟ مەن 28 يىللىق ھاياتىمدا « پالانى ھاراق ئىچىپ ئۆلۈپ قاپتۇ »دېگەن سۆزلەرنى تولا ئاڭلىدىم . بىراق « پالانى كىتابنى كۆپ ئوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ قاپتۇ ... » دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باقمىدىم . « ئەي دوستۇم ! سېنىڭ بىر قاپ تاماكا ياكى بىر بوتۇلكا ھاراقنى سېتىۋلىشتىن ۋاز كېچىپ ، بىرەر پارچە كىتاب سېتىۋالايچۇ » دەيدىغان كۈنلىرىڭ كېلەرمۇ ؟ !

   1991 – يىلى ئالىي مەكتەپتە بىر خەنزۇ سالۋاقدىشىم ئۆگىنىش مەقسىتىدە مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن بىرنەچچە كىتابنى تىزىملاتماي ئېلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپ بويىچە ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەتقىدلەنگەنىدى .

ئويلاپ باقسام ، بىزنىڭ مۇشۇ قىياپىتىمىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئۇنىڭ قىلغىنى مۇكاپاتقا لايىق ئىش بوپتىكەن .

   يېقىندا بىر دوستۇم ئايالى بىلەن مەسلىھەتلەشمەيلا 350 يۈەنگە لۇغەت سېتىۋالغان « گۇناھى » ئۈچۈن ئىناق ئائىلە بۇزۇلغىلى تاسلا قالدى . بۇنداق ئىشلارغا كۈلۈش كېرەكمۇ ياكى يىغلاش كېرەكمۇ ؟ !

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ياپونىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى خەلقتىن ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىدىكى « گۈل تەقدىم قىلىش » تىن ئىبارەت گۈزەل مەدەنىيىتىمىزنى قايتا ئۆگىنىۋالدۇق .( كىم بىلىدۇ، ئەگەر چەت ئەللىكلەر مۇشۇنداق قىلمىغان بولسا بىز بۇ ئادىتىمىزنى مەڭگۈلۈككە تاشلىۋېتەمدۇقكىنتاڭ ؟ )

مېنىڭچە بۇ بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى ، تويدىن كېيىن ناغرا چالغاندەك ئىش بولسا كېرەك .

   مېنىڭچە بىزنىڭ مەدەنىي ئەخلاقىمىزنى تېخى تۈگەشتى دېيىشكە بولمايدۇ، ئارىمىزدىن بارغانسېرى كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىۋاتقان دوكتورلار ، كەشپىياتچىلار ۋەتەن ، دۇنيا سەھنىسىدىن ئالەمشۇمۇل شان – شەرەپلەرگە سازاۋەر بولغانلىقى ، ئۆسۈۋاتقان پەن – مەدەنىيەت ئېڭىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى نامايەندىلىرىنى مۇنازىرىسىز دەلىللەپ تۇرماقتا . بىراق ، بۇلار تېخى ئاز . گەرچە ھازىر كىتاب ئوقۇمايدىغانلار كىتاب ئوقۇيدىغانلاردىن كۆپ بولسىمۇ ، ئەمما ئۇمۇمىي خەلقنىڭ پەن – مەدەنىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ ، بىلىم بىلەن قوراللانغاندىلا ئاندىن نادانلىق ، نامراتلىق ، خۇراپاتلىق بىلەن قاششاقلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆپ كىشىلەر تەدرىجىي تۇنۇپ يەتمەكتە ۋە تۇنۇپ يېتىدۇ . ئەمما ، كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىق ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىندۈرىدۇ . ھازىر ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ تراژى ھەر 1520 نەپەر ئۇيغۇرغا بىردىن توغرا كېلىدۇ . ئەمما ، شۇ 1520 نەپەر ئادەممۇ بىر كىتاب سېتىۋالماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئوسال ھالەت بىزنى ئۈنسىز سوراققا تارتماقتا . ئىلىم – پەن گادايلىقى بىزنى ماددىي نامراتلىققا دۇچار قىلغان ، تۇرمۇشىمىزدا بىباھا ئىلىمنى ئاز خىراجەت بەدىلىگە بىزگە تەقدىم ئەتكۈچى كىتابلار بولسا ئۇ يەر ، بۇ يەردە تاشلىنىپ ياتماقتا ، پەقەت يېڭى مودىدا ياسىنىۋالساقلا ئۇ مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . ئەمدى كىتاب ھەققىدە ئوبدانراق ئويلانمىساق بولماس ، قاراڭلار ! كىتاب زارلاۋاتىدۇ، ئۇ كۆز يېشى تۆكمەكتە ، ئۇ بىزدىن ئاغرىنماقتا ، مۇبادا كىتابنىڭ كۆز يېشى « توپان بالاسى »نى شەكىللەندۈرەلەيدۇ ، دېسەك ، كىتابنىڭ سېھرىي كۈچىمۇ « نوھ كېمىسىنى ياساپ » بىزنى قۇتۇلدۇرالايدۇ ، بىراق « نوھ كېمىسى » گە كىتاب ئوقۇمىغانلارنىڭ چىقالىشى ناتايىن .

   قېرىنداشلار ، بىز كىتاب ئوقۇپ ئۆز – ئۆزىمىزنى كۈچەيتەيلى! كىتابنى قەدىرلەيلى! كىتابلىرىمىز خارلىقتا قالمىسۇن ! ! !

   ھېكايەتتە « ئىككى ئادەم سەپەرگە چىققان، بىرسى يېتەلىك ئوزۇقلۇق ئېلىۋالغان ، ئىككىنچىسى تەبىئەت توغرىسىدا يېزىلغان بىر پارچە كىتابنىلا ئېلىۋالغان . نەتىجىدە بىرىنچى كىشىنى يېرىم يولدا ياۋايى ھايۋانلار يەۋەتكەن . ئىككىنچى كىشى بولسا كىتابنىڭ ياردىمىدە ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەپ ، ئاخىرقى مەنزىلىگە بىخەتەر يەتكەن » .

بىر پارچىمۇ كىتاب يوق ئۆي بىر تالمۇ گۈل يوق باغقا ئوخشايدۇ .

بىر پارچىمۇ كىتاب يوق ئۆي بىر تالمۇ قۇش يوق ئورمانلىققا ئوخشايدۇ .

بىر پارچىمۇ كىتاب يوق ئۆي بىر تامچىمۇ سۇ يوق كۆلگە ئوخشايدۇ .

بىر پارچىمۇ كىتاب يوق ئۆي بىر تالمۇ يۇلتۇز يوق ئاسمانغا ئوخشايدۇ .

كىتاب ئوقۇش چۆلدەرەپ قالغان يۈرەكنى ئاۋاتلاشتۇرىدۇ .

كىتاب ئوقۇش ئاددىي يۈرەكنى ئالىيجاناب قىلىدۇ .

كىتاب ئوقۇش چاپچىپ تۇرغان يۈرەكنى تىنچلاندۇرىدۇ .

كىتاب ئوقۇمىساڭ ئۆمرۈڭ قىسقىرايدۇ .

كىتاب ئوقۇمىساڭ بەختىڭ قاچىدۇ .

كىتاب ئوقۇمىساڭ بوزەك بولىسەن .

كىتاب ئوقۇمىساڭ پۇل تاپالمايسەن .

كىتابنى خارلىغانلىق ئۆزىنى سۆيمىگەنلىك .

كىتابنى خارلىغانلىق مىللىتىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق .

كىتابنى خارلىغانلىق كەلگۈسىنى چۈشەپ قويغانلىق .

كىتابنى خارلىغانلىق مەھكۇملۇق زەنجىرىگە باغلانغانلىق .

بىر پارچە ياخشى كىتاب سېنى روھلاندۇرىدۇ .

بىر پارچە ياخشى كىتاب سېنى بەختكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ .

بىر پارچە ياخشى كىتاب سېنى داۋالىيالايدۇ .

بىر پارچە ياخشى كىتاب سېنى قۇتقۇزالايدۇ .

كىتاب ئوقۇشقا بېرىلسەڭ غەيۋەت قىلىشتەك گۇناھتىن ساقلىنىسەن .

كىتاب ئوقۇشقا بېرىلسەڭ ناپاك روھىڭنى تازىلاپ پاكلىنىسەن .

كىتاب ئوقۇشقا بېرىلسەڭ غەمدىن قۇتۇلۇپ شادلىنىسەن .

كىتاب ئوقۇشقا بېرىلسەڭ ئەرزىمەس ئىشلاردىن قول ئۈزىسەن .

« ئېسىل » بىر قاپ تاماكىنىڭ مېھرىدىن كېچەلىسەڭلا بىر كىتاب ئالالايسەن .

بىرەر قېتىملىق تانسىغا كىرمىسەڭلا بىر كىتاب ئالالايسەن .

بىرەر قېتىم گىرىم قىلمىساڭلا بىر كىتاب ئالالايسەن .

   ھازىرقى زامان نېرۋا فىزىئولوگىيىسى تەتقىقاتى كۆپ كىتاب ئوقۇش ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا . بەزىلەر 16 – ئەسىردىن بېرى ياۋرۇپا – ئامېرىكىدىكى كىتابنى ئەڭ كۆپ ئوقۇغان كىشىلەردىن 400 نى تاللاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان . نەتىجىدە 400 نەپەر كىشىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 72.5 ياش بولۇپ ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە يۇقىرى بولغان ، مەملىكىتىمىزدىمۇ چىن سۇلالىسىدىن بۇيانقى داڭلىق ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ ئۆمرى توغرىلىق ستاتىستىكىلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ 65.18 ياش ئىكەنلىكى بايقالغان .

   دوستۇم، سەن زور تەييارلىق ۋە ئۆزگىچە ھەۋەس بىلەن رېستوراندىن ئىبارەت دۇنيانىڭ پىت بازىرىغا ماڭغىنىڭدا شەھەرنىڭ ئاۋۇ خىلۋەت قاسنىقىدىكى مۇڭ باسقان كىتابخانىنى ئويلاشقا ۋاقىت چىقىرالامسەن ؟ ! ئۇ جايدىكى توپا باسقان كىتابلار ھەرگىزمۇ ھايۋانلار ئۈچۈن نەشر قىلىنغان ئەمەس ! سەن ئون قېتىم رېستورانغا كىرگەندە ، بىرەر قېتىم كىتابخانىغا كىرىپ نادىر كىتابلاردىن ھۇزۇلىنىشقا تەۋەككۈل قىلىپ باق ! شۇندىلا ئۆزۈڭ ھەققىدە قايتا ئويلىنىش پۇرسىتىگە نائىل بولۇپ ، قاسماق باسقان روھىڭنى پاك – پاكىز تازىلاشقا جۈرئەت قىلىپ ، زامانىۋى ئادەم بولۇش ئوربېتىسىغا كىرىپ قالساڭ ئەجەب ئەمەس .                                          

بۇ ماقالەم ‹‹شىنجاڭ مائارىپى ›› ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 03:27 AM  


ھازىرغىچە 13 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
korlaayxamsadir + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
abdukeyum78 + 39
taxvex + 15 ھەقىقەتەن ياخشى باشلى.
ahter + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
isiyan + 15
Adarqiz + 200 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
Aytugh + 20 ماختاشقا تېگىشلىك
pasil + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
uyol + 206 تەپەككۇرى كۈچلۈك
باياۋان + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
ئۇتغۇر + 200 تەڭ سوققان يۈرەك!
musilina + 250 ماختاشقا تېگىشلىك
soygum + 300 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2045   باھا خاتىرىسى

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4126
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30756
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:01:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيساجاننىڭ مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرگەنلكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.نەچچە يىلدىن بېرى مائارىپ ژورنىلىدىكى بىر-بىرىدىن ئىسىل ماقالىلىرىڭىزدىن ھوزۇر ئېلىپ دىدارىڭىزنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇپ يۈرگىنىمدە يۇرتىمىزغا شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلىدىكىلەر ئۇيۇشتۇرغان ماقالە ئوقۇش مۇسابىقىسىغا كەلگىنىڭىزدە كۆرۈشۈش نىسىپ بولۇپ بەكمۇ ھاياجانلانغان ئېدىم.
-ئىسمى ئاچچىق،سۆزلىرى تاتلىق،ئۆزى ئورۇق،يۈزلىرى قورۇق ئەيساجاندىن ھەربىرلىرىگە ئوتلۇق سالام-دەپ چاخچاق بىلەن سالام بېرىپ ماقالىڭىزنى باشلىغىنىڭىزدا ئوچۇق يورۇق ئادەملىكىڭىزنى بىلىپ ئۆزىمىزگە تېخىمۇ يېقىن كۆرگەن ئىدىم.شۇ چاغدا قۇرۇلغان مائارىپچىلار چچ توپىدا ئەلتۇغ بىلەن شاھىدىنىڭ كۈلكە چاخچاقلىرى تا ھازىرغىچە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ بىر تەرەپتىن بىزنى كۈلدۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن ئىناق دوستلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.سىزنىڭمۇ ئالدىراش ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مەيلى مۇنبەردە مەيلى چچ دا بولسۇن بىز بىلەن پات پات دوستانە ئالاقىدا بولۇپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 11:03 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6759
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7025 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:02:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىتاپ چېيى  تەشكىللەپ، ئايدا 20يۈەن يىغىش قىلىپ يېڭى چىققان كىتاپ سېتىۋىلىپ ، كىتاپ چېيىنى ئۆتكۈزۋالغان ساۋاقداشقا سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ شۇنداق سۆيۈندۈم،كىتاپ مەڭگۈ خورىماس بايلىق..نادىر تېمىڭىزغا  تەشەككۈر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 11:05 PM  


مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4126
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30756
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:05:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ‹‹كىتاپ ۋە كىتاپ مەدەنىيىتى››دېگەن ماقالىسىدەك كىتاپ ھەققىدە يېزىلغان  يەنە بىر نادىر ماقالىنى ئوقۇش نىسىپ بوپتۇ.ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82685
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4575
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:21:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇللا بولسا گۇل ئەمەس ،گۇلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس، مەزمۇن تۇراقى بولمىسا،
ئىككى پۇتلاپ ماڭمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك تۇرۇپ.
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس ئادەم سىياقى بولمىسا،
ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسىنى ئەمەس.
ھۆسنى بىر سۈرەت ئېرۇر دىلنىڭ چىراغى بولمىسا،
بىر مىسال؛پانۇسنى كۆر،شام چىراغسىز يۇرىماس.
نۇر چاچامدۇ شام چىراغ،پىلىك ۋە ياغى بولمىسا.                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ، كىتاب ھەقىقەتەنمۇ مەڭگۈ پاتماس قۇياشتۇر ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14974
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاۋاتقان كىتابلىرىمنىڭ تەڭدىن تولىسى بىرپۇڭ تاپالمايدىغان ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا ئۆيدىكىلەر ئەۋەتكەن تۇرمۇش پۇلۇمدىن قسىنىپ يۈرۈپ ئالغان كىتابلاركەن .پۇلغا كۆزۈم تويغان چاغدا بولسا ئەكسىچە كىتابنى ئاز سېتىۋاپتىمەن .بۇنىڭغىغۇ بانايىممۇ تەييار :خزمەت ،ئائىلە ،كىشلىك مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلى كىتابخانىغا بارغۇدەك پۇرسەت ئاز دىسەممۇ ، كىتاب قىممەت ،تاپقان پۇلنىڭ بەركىتى يوق شۇڭا كىتاب سېتىۋالالمىدىم دىسەممۇ ، غەمنىڭ جىقلىقىدا كىىتابقا رايىم يوق دىسەممۇ ، ئەتراپىمغا قارىسام پۇل تاپقان بايلارنىڭ ھەمممسى كىتاب ئوقۇمايدىغانلاركەن ،ئەكسىچە كىتاب خالتىلىرى بىرپۇڭدىن تۆشىكىدىن نەچچە ئۆتىدىغان موھتاج ئەھۋالدىكەن دىسەممۇ ئاساسى بار گەپلەر .
لېكىنزە مەسلىنىڭ نېگزىنى  ئىزدىگەندە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىم سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىدەك پاكىتنى ئىنكار قىلشقا ئامالسىز قالدىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 11:29 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
باياۋان + 10 توغرا دەيسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10939
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:51:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق كىتاب توغۇرلۇق پائالىيەتلەر بولسا كۆپرەك تەشۋىق قىلساق ياخشى بولىدىغان ئوخشايدۇ كىتاب ئوقۇشقا قىزىقمايدىغانلارمۇ بەلكىم بۇ بانىدا ئازراق بولسىمۇ بىلىم ئالاتتى !!!!

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 12:04:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاب ئەقىل تۇللۇقلايدۇ.بۇ مەن ھېس قىلغان ھەقىقەت

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 12:39:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ياخشى بىر كىتاپ ئىنسان ئۈچۈن نۇرغۇن بىلىم بېرىدىغان ياخشى بىر ئۇستاز.كىتاپ ئوقۇشنى چوقۇم ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ بالىلىرىمىزغا ئۈلگە بولىشىمىز كېرەك.تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش