سوغدىي تىلى
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش
سوغدىي تىلى
ئىران تىللىرىنىڭ شەرىقى شىمالىي تارمىقىدىندۇر. سوغدىي تىلى دەسلەپدە
زەرەفشان دەرياسى بوغۇزى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا تارقالغان، ۋە كېيىنچە يىپەك يولىدىكى كەڭ رايوندا ۋاسىتەچى تىل ئۇنۋانى بىلەن راۋاج تاپقان ئىدى. سوغدىي تىلى ئاغىز تىل ۋە يازما تىللىق ئۇنۋانى بىلەن تاكى
مىلادىيە توققۇزىنچى ئەسىرگە قەدەر پائال بولغان، ۋە ئۇنىڭ زاۋالى
مىلادىيە ئون بىرىنچى ئەسىردىن كېيىن باشلانغان. بۈگۈنكى كۈندە سوغدىي دىئالېكىتلىرىدىن تەنھا قەپقالغان تىل -
تاجىكىستان كۇھىستانىدا سۆھبەتلىنىدىغان
يەغنابىي تىلىدۇر.
سوغدىي تىلى، خەت-چەكلەر ۋە يازمىلارنىڭ ھەجمى ۋە كۆپ خىللىقى نەزەرىدىن، ئەڭ مۇھىم
شەرىقى ئىرانىي تىلدۇر. ۋە دىنىي تېكىستلەر بۇ يازما ماتېرىياللاردىن زور قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە
قەدىمقى پارسىي ئابىدە يېزىقىلىرىدا سوغدتىن ئۆز ئالاھىدىلىكى بار رايون، ئۇنۋانى بىلەن ياد ئېتىلگەن بولسىمۇ، سوغدىينىڭ قەدىمىيراق شەكلىدىن، يەنە ‹
قەدىمقى سوغدىي› دىن ئەسەرلەر قەپقالماغلىق ئىدى.
سوغدىي تىلى
ئارا پارسىي (
پەھلەۋىي) غا نىسبەتەن، ئىران تىللىرىنىڭ كونا ھالەتلىرىنى جىقراق قوغداپ قالغان ئىدى.
ئەدەبىياتى سوغدىي
سوغدىيلار
ئىران،
رىم،
ھىندىستان ۋە
چىن ئارىسىدىكى مەدەنىيەت، ھۈنەر ۋە ماللارنىڭ توشۇلۇشىدا ۋاسىتە بولغان تېجارەت ئەھلىلىرى ئىدى. ھەمدە
مانەۋىي (
مانىي) ،
مەسىھىي (
خىرىستىيان) ۋە
بۇددايى دىنلىرىنىڭ تەبلىغى بىلەن ھەم شۇغۇللانغان ئىدى. شۇنىڭ يۈزىسىدىن، سوغدىي يازما ماتېرىياللىرى كۆپىنچە دىنىي ناملار، يەنى ئۈچ دىن نامى بىلەن ئاتالغان ۋە، شۇنىڭ ئېتىبارى بىلەن ئۈچ گورۇھ تېكىستكە، يەنى
مانەۋىي سوغدىي،
مەسىھىي سوغدىي ۋە
بۇددايى سوغدىيغا بۆلۈنىدۇ.
مانەۋىيلەر ھەم يېزىقچىلىق ماھارىتىگە ئىگە ئىدى، ۋە ھەم تولىمۇ زەبەردەست تەرجىمانلاردىن ئىدى. ئۇلار سوغدىيغا ئۆرۈگەن تېكىستلەر، سوغدىي تىللىق بۇددايى ۋە مەسىھىي تەرجىمانلارنىڭ كېكەچۇ-ناقىسۇ-چېگىش تەرجىمەلىرىدىن راۋانۇ-گۈزەل ۋە كامىلەن پەرقلىق ئىدى. بۇددايى سوغدىي تېكىستلىرى بىلەن مەسىھىي سوغدىي تېكىستلىرى پەقەت، فاراۋانلىق ۋە سۆزلەرنىڭ كۆپ خىللىغى نەزەرىدىنلا قىممەت ئىگەدۇر. ئەمما، سوغدىي تىلىنىڭ گىرامماتېكىسى ۋە مورپولوگىيەسىنى ئاقتۇرۇش ئۈچۈن، مانەۋىي سوغدىي تېكىستلىرى تەتقىقاتى بىلەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ داستانلىرىنىڭ مۇتالىئەسى بىلەن شۇغۇللانماق لازىم.