|
|
|
|
دادا ، ئۆيلىنەي دىگەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆپچىلىك قانداق ئەھۋالىڭلار.
نىمە ؟ ئالدىرىماي تۇررڭلار ، مەن گىپىمنى بى دەۋالاي، ئاندىن بېرىپ ماتېمىنىڭ ماۋزۇسىنى بىريەردە كۆرگەندەك قىلىپ نەدە كۆرگىنىنى ئىسىگە ئالالماي، دەۋا قىلاي دىسە گەپ تاپالماي تۇرغانلارنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلاي.
مۇشۇ كەمنىڭ ئۇششاق باللىرىمۇ يامانلىشىپ كىتىپ بارامدۇ، ياكى بىزنىڭ ئېلان سودىگەرلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسى ئېشىپ كىتىپ بارامدۇ، مۇشۇ ئېلان چىققان ھامان قانال يۆتكەيدىغان خۇيىمىز ئۆزگىرەپ قانالمۇ - قانال يۆتكەپ ئېلان ئىزدەيدىغان بولاپ قالدۇق. نىمىشقا دەمسىز؟ تالا- تۈزدە قاغىلارنىڭ قاقىلداشلىرىنى ئاڭلاپ باشلار ئاغرىپ ئۆيگە كەلسەك، ئۇ كىسەل ، بۇكىسەلنى قانداق ساقايتىۋىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋالاقشىشلىرىدىن بىزار قىلىدىغان ئېلاندىن زىرىكىپ بىر ئوبدان فىلىمنىڭ ئوتتۇرسىغا ئېلان قىستۇرۇپ دەپ قاقشاپ قوياتتۇق. لېكىن ئەمدى 8 ئايلىق بولغان بالام ئېلان دىسە يىغلاۋاتقان يىغىسىنى توختىتىپ مىستىر-مىستېر، بۇلماق، دام- دام دەمدۇ شۇلارنى راسا كۆرۈۋالغاندىن كىيىن يەنە يىغلاشنى باشلاپ كىتىدىغان بولىۋالدى. بەلكىم مۇزىكىلىرىنىڭ يېقىملىقلىقى، كۆرۈنۈشلىرىنىڭ رەڭدارلىقى بولسا كېرەك، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئوغلۇمنىڭ رايى بويىچە شۇ ئېلاننى شۇنچىلىك كۆرىدىغان بولۇپ كەتتىم، ھەتتا يادا بولۇپ كەتتى، قايسى ئېلاندا قايسى قىسمىنى قىسقارتىۋەتتى، قايسىسنى كۈندە نەچچە قېتىم قۇيىدۇ دىگەندەك ، شۇغۇنىسى بىر ئېلان باشلاپ ئوغلۇم بىلەن قىزىقىپ تازا كۆرۈۋاتساق كىنو باشلىۋېلىپ سەل كەيپىياتىمىزنى بۇزۇپ قۇياتتى، يەنە قانال يۆتكەپ ئېلان ئىزلەپ، تۈگەپ كەتسە.... ۋوي، بۇ بەك جاپاكەن، بولدىلا دەپ يوۋكۇدىن تىرىپ تۆشەپ نەچچە قىسىملىق ساغلام بۇلغان ئېلانلاردىن چۈشۈرۈپ بىر پىلاستىنكا قىلىپ قويدۇم. بۇنىڭلىق بىلەن ئېلان كۆرۈش مەسىلىمىز ھەل بولدى. ئوخشاش مەسىلىگە يۇلۇقىۋاتقان ئاتا - ئانىلار بولسا قوللىنىپ باقارسىلەر، توردىن تاپالمايدىغان ئېلانلارنى تىلۋوزۇردىن سۈرەتكە ئېلىپ كىرۈشتۈرسىڭىزمۇ بولىدىكەن...
ئەمدى تېمىغا كەلسەك، ئوغلۇم بىلەن ئېلان كۆرۈپ يۈرگەن كۈنلەردە شۇنداق بىر ئېلانغا كۆزۈم چۈشكەن، ھەممەيلەن كۆرۈپ باققان بولسا كېرەك، تولىمۇ قىسقا بولغان بۇ ئېلاننىڭ مەزمۇنى مۇنداق :
ئىكراندا بىر ئاتا ۋە يېشىغا يىتىپ ئېشىپ كىتەي دەپ قالغان ئوغۇل كۆرۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى تاماق شىرەسىدە قوغۇن- تاۋۇزنىڭ شاپاقلىرى، ئۇلارغا قۇنىۋالغان چىۋىنلەر، ئوغۇل قولىغا بىر خىل ھاشارەت ئۆلتۈرۈش سۇيۇقلۇقى ئېلىپ شاپاقتىكى چىۋىنلەرگە سىپىۋەتكەندىن كىيىن دادىسىغا قاراپ بوش ئاۋازدا دەيدۇ :
ـ دادا، ئۆيلىنەي دىگەن.
تۇنجى قېتىم كۆرۈپ دىققىتىمنى تارتقان بۇ ئېلاننى كىيىنكى قېتىمدا قايتىلاپ كۆرگەنچە چۇڭقۇرلاپ چۈشەندىم.
قارىماققا مۇناسىۋەتسىز كۆرىنىدىغان ۋەقەلىكلەر ، يەنە بىر قارىسا چۇڭقۇر مەزمۇن بايان قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى، ئېلاندىن ئالغان تەسىراتىمنى بايان قىلاي، كۆپچىلىك ئۆزۈڭلارنىڭ تەسىراتىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقارسىلەر.
مەن بۇئېلاننىڭ مەنىسىنى مۇنداق چۈشەندىم:
1. دادا-بالا قوغۇن پىچىپ يەپ بولۇشۇپ ئولتۇرۇپ قارىسا ئۈستەل ئۈستى قالايمىقان تۇرغان، يۇغۇشتۇرۇلمىغان يىمەكلىكلەرگە چىۋىنلەر قونىۋالغان، بالا ئويلاپ بىر ئۆيلەنسەم، ئاش-تاماقنى ۋاقتىدا يەپ ، تۇرمۇشۇممۇ ئىزىغا چۈشۈپ قالاتتىكەن، مۇشۇ ئويۇمنى بىر دەپ باقاي جۇما....
2. ئېشىپ قالغان شاپاققا چىۋىنلەر قونۇپ شۇنداق بىر پاسكىنىچىلىقنى شەكىللەندۇرگەن، بۇنداق مەينەتچىلىكنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن دەل مۇنۇ ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسىغا تايانغاندەك، شاپاققا چىۋىن ئولاشقاندەك دەپ تەرىپلىنىدىغان ناشايان ، قىلىقسىز ئىشلارغا ۋە مەينەتىچىلىككە تولغان جەمئىيەتتە پاكىز ، گۇناھتىن خالىي، مەينەتچىلىكتىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى نىكاھكەن، شۇڭا ، دادا، ئۆيلىنەي دىگەن!
مەنبە: كالۋا قەلەم
2014.9.4
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bestboy918 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-4 01:29 PM
|
|
|
|
|
|