ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، سىلەرگە سالامەتلىك ھەم ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە تازىلاش دىتاللىرىنى تونۇشتۇرۇشنى باشلاپ كىتەي.
كومپيوتىرنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھەرخىل ئۇچۇرلىرىمىز كومپيوتىردا ساقىلىنىپ ماڭىدۇ، مەسىلەن، قاچان كومپيوتىرنى ئاچقىنىمىز، قايسى دىتالنى قوزغىتىپ قايسى ھۆججەتنى تەھرىرلىگىنىمىز، قايسى تور بىكەتكە چىقىپ، قايسى تور بەتنى ئاچقىنىمىز، چ چ دا كىم بىلەن نىمە دەپ موڭداشقىنىمىز ... ... ئادەتتە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ساقلىنىشى كومپيوتىرىمىزغا ھىچقانداق تەسىر قىلمايدۇ، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل ھۆججەتلار توپلىنىپ، كومپيوتىرمىزغا بىر خىل يۇك بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ۋاقتى- ۋاقتىدا تازلاپ تۇرۇش كىرەك.
شۇڭا دوستلارغا ياردىمى بولار دىگەن مەخسەتتە، تازىلاش دىتاللىرىدىن بىر قانچىنى تونۇشتۇرماقچى بولدۇم.
بۇگۇن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم،cleanmaster— تازىلاش پىرى(清理大师)، بۇ 软媒 شىركىتىنىڭ كۇبىك ئەلالاشتۇرۇش پىرى (魔方优化大师) نىڭ بىر تەركىۋى قىسىمى بولۇپ،بۇ دىتالنىڭ بىر كونۇپكا ئارقىلىقلا تازىلاش، ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تەلتۇكۇس تازىلاش، تىزىملاش جەدۋىلىنى تازلاش، ئابونتلار شەخسىيتىنى تازىلاش، سىستىمىنى ئورۇقلىتىش، خەت نوسخىسىنى تازىلاش،دىسكا بوشلۇقىنى ئانالىز قلىش، تەكراش ھۆججەتلەرنى ئىزلەش، دىتال ئۆچۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.
دىتال چۇشۇرۇش ئادرىسى:
cleanmaster.rar
دىتالنى چۇشۇرىۋالغاندىن كىيىن، پىرىستىن يىشىپ يۇرۇشۇش ھۆججىتى cleanmaster.exe نى قوش چەكسەكلا بۇ دىتال قوزغىلىدۇ.
قىسقىچە ئىشلىتىش ئۇسسۇلى: دىتال قوزغالغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى كۆزنەك ئىچىلىدۇ،