مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 483|ئىنكاس: 5

«قايناقسۇ»لۇق مۇتالىقە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99460
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1086
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:55:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                   «قايناقسۇ»لۇق مۇتالىقە


   (دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ نامىدىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق كوماندىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن تولا غەم يەپ)


                              
مۇشۇ كۈنلەردە «تەڭرىتاغ قاپلان»چاقلىرنىڭ غەلبە خەۋىرى خۇددى يەرشارىغا مىتروئىت چۈشكەندەك ھەم تەسدە ھەم ئۇزۇندا ئاڭلىندىغان بولۇپ كەتتى.
يەنە كىلىپ ھازىرقىدەك ئىقتىساد بىلەن پۇتبۇل، ماي بىلەن گۆشدەك ئايرىلالمايدىغان بولۇپ كەتكەن دەۋىرلەردە، بۇلارغا ئوخشاش قامغاقتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغان «ئاۋال ياڭزاڭنى كۆرسەت، پۇلنى كىيىن بىرىمەن» دەيدىغان كۆچمەن كوماندىلارنىڭ بىرەر نەتىجە ياراتمىقى، ياندۇرۇشلاپ كىلەر يىلىمۇ ئاسماندىن يەنە بىر مىتروئىت چۈشكەندەكلا بىر ئىش
( كەچۈرۈڭلار، بۇ ئىشقا مىتروئىتنىڭ چۈشىشىدىن باشقا بىر تەسرەك ئوخشىتىش تاپالمىدىم).
«تەڭرىتاغ قاپلىنى»نىڭ قۇرۇلغان شۇ دەسلەپكى كۈنىدىلا بىزلەرگە بەرگەن تۇنجى تەسىرى پەقەت ئىجابى بولمىغان
(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەۋەلىكىدىكى كوماندىدا ئۇيغۇر پۇتبۇلچىدىن قانچىسى رەسمى ئەزا بولىدۇ؟ دىگەن سۇئالنى ھەمىمىز دەتالاش قىلغان).
ئارىمىزدىكى قىسمەنلىرىمىزمۇ بۇ نۆۋەس كوماندىنى ئالدىراپلا ئىنكار قىلىۋەتمەي( بوپتىغۇ،،يوقدىن ياخشى. كىيىنچە ياخشى نەتىجىسى بىلەن بىزلەرنى قايىل قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس……) دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئىھتىياتى پوزىتسىيەدە ئۆزلىرىنى بەزلەشكەن، بىراق……

مىنىڭ پات-پات ئويلاپ قالىدىغىنىم كوماندىدىكى ئۇيغۇر پۇتبۇلچى بالىلار. شۇلارنىڭ ۋەكىللىكىدىن بارى. ئۇنىڭ يەنە ئالى دەرىجىدە توپ تىپىپ تۇرالىشىغا قانچىلىك قالغاندۇ؟ ھازىرقى ئىپادىسى بىلەن يەنە كىملەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالا؟ ئىجارە توشقاندىكى تەقدىرى قانداق بولا؟ تىلغا ئالغۇدەك ئاشۇ بىرنەچچە پۇتبۇلچىلىرىمىزنىڭ ھالى سەھەردە ئىچىلغان ھەشىقىپىچەكدەكلا بولارمۇ؟
مىنڭچە قاپلانچاقنىڭ خوجايىنىمۇ بۇ يىل بىر پەسىلگە پايلايدىغاندەكلا……
ئەگەر ئۇ كىشى كوماندا قۇرۇشدىن ئىلگىرى بىر مەسلەھەت سورىۋەتكەن بولسا مۇنداق دەپ مەسلەھەت بىرەتتىمم،،،
توختا-توختا ئۆيدە ئۆزۈمگە سۆزلەپ، قۇرۇق گىزىرىپ ئولتۇرغىچە «فىشىتتىدە» ئىشخانىسىغا بىرىپلا ئۆزىگىلا دەپ بىرىپ كەلمەيمۇ؟ قارا مۇنۇ ئەقلىمنى دەيمەندە

                           ( ئىشخانىدا ساپمۇ ساق بىر كۈن )

تاك-تاك-تاك……
-مەن، مەن،،پەرۋەر، كىرىپ بولدۇم، كىرىپ بولدۇم...قاندا ئەۋالىڭ؟ ياخشىمۇ ئۇكا، ئۆي ئىچى، خوتۇنلۇرۇڭ تىشلىقما؟. ۋوي ھەنىم بولسا، خۇيمۇ ياخشى دىگىنە،،، يولدىن ئۆتكەچ كۆرشۈپ يوقلاپ ئۆتەي دىدىمغۇ سىنى.....
ئەمدى ئۇكا گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، يامان قىيىنچىلقدا قاپسە قارا،، بىرسىمىزنىڭ بىشىغا كۈن چۈشسە يەنە بىرسىمىز قاراپ تۇرساق ياخشى بولمايدىچۇ. بىر يەرنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، نىنى يەپ ئۆتىۋاتقانلار تۇرۇپ ئۇنچىلىك ھال-ئەھۋال سوراپ تۇرۇشمىساق جۇۋاينىمەك كەتمەمدۇق ئۇكا...
شۇڭا ئاۋال سەندىن ئەھۋال سورىغاچ ئاندىن، مۇشۇ سەن بىلەن ئازراق دىيارىمىز پۇتبۇل ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى توغۇرلۇق پاراڭلاشقۇم كەپ كەپقالدىم قارا……
ھە قاندا تاۋىڭ باردۇ بۇ ئىشقا؟... ھە ياخشى ئەمسە، تاۋىڭ بولسىلا بولىدىچۇ، قالغىنى موھىم ئەمەس.
بولدى ئەۋارە بوپ چاي قۇيىمەن دىمە، گىپىمنى دەپ بوپلا ماڭىمەن، ئۇزۇن ئولتامايمەن،، ھەدەڭ تاماق قىلىۋاتقان، ساقلاپ قالىدۇ بىكا...
گەپنىڭ پوسكاللىسىغىلا كىلەيلۇق.
ئەمدى ئۇكا ئەمدى بۇ ئىشنى باشلاپ قاپسە قارا، ئەمدى مۇنداق گەپچۇ. شىنجاڭ بايلىقى مول، مەنزىرسى گۈزەل، ئادەملىرى يۇۋاش ۋە ھاياجانسىمان گولراق خەق. پۇل تىپىشقا ئالتۇن كاندەكلا يەر. بىراق تاللىغىنىڭ «پۇتبۇل» بولۇپ قاپتۇ ئەمەسمۇ ئۇكا. مۇشىنىڭ ئورنىغا ئۆي،يەر-زىمىن، ساياھەتچىلىك، يىمەك-ئىچمەك، ياتاق،ساڭنا-ھورداقخانا، پۇت ئۇۋلاش ئورۇنلىرى ياكى ئالى دەرىجىلىك ھاراقخانا، ئۇ خانا، بۇ خانىلارنى تاللىغان بولساڭمۇ بىر نۆرى، بىراق پۇتبۇلنى تاللاپ قالغىنڭزە،،،،
(ۋاي گىپىمنى بۆلمەي ئولتاغىناۋاي،، يامان ئىغىز غىرىچلايدىغان بالىكەنسە)……
ئاڭلىغىنىڭغۇ راس ئۇكا، بىزنىڭ بۇ شىنجاڭدا توپ تىپەلمەيمەن دىگىنىمۇ ھەر-ھەرلەردىن ياخشى تىپىدۇ. (ئىللا-بىللا ئۇقمايتىم) دىگەنلىرىدىنمۇ بىر كوماندا تەشكىللىسەك ئىسپانىيە، ئىتالىيە، بىرازىلىيەلەرنى يىڭەلمىدى دىگەندىمۇ ۋىيتنام، چاۋشەن دىگەندەكلەرگە يۇقىرى نۇمۇردا ئۇتتۇرۇپ، سەتلىشىپ يۈزىمىزنى پوق قىلىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.
بۇ يەرلىكلەرنىڭ پۇتبۇلنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈپ تىپىدىغىنى پەقەتلا مۇشۇنچىلىك ئاددىلا. بىراق ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى، بۇ يەرنىڭ بالىلىرى ئەزەلدىنلا پۇتبۇلنى ھەقىقى بىر كەسىپ دەپ تونۇشقا مۇۋەققەت بولالمىغان. بۇنى پەقەت بىر ئويۇن دەپلا چۈشەنگەن. پۇتبۇلنى ياخشى تىپىپ، پۇل تىپىپ، ئائىلىسىنى بەخۈدۈك تاپالايدىغانلىقىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىغىمۇ تىخى نەچچە يىل بولدى. ھەتتا بۇ ئارقىلىق «خەلىقئارالىق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان» ئاتىلىپ، پۇلنى مىلىيۇن-مىلىيۇنلاپ تىپىپ، نامى تارىخ بەتلىرىگە  يىزىلدىغانلىقىنى بىلگەنلىكلىرىگىمۇ ئۇزۇن بولمىدى. شۇڭا سەن بۇ تۈرنىڭ پايدىسىنى كۆرىمەن دەيدىكەنسەن ئاۋال، چوقۇم كاللاڭنى ياخشى ئىشلەت، مەبلەغنى ياخشى سىلىپ، كوماندا تەركىۋىگە يەرلكلەرنى ۋە توپنى ھەقىقى ياخشى تىپىپ يەرلكلەرگە ئادىل رىقابەت ئىلىپ كىلەلەيدىغان توپچىلارنى ئەكىر( ئىسىڭدە بولسۇن، بىز ئاز ساندىكى پۇتبۇلخۇمارلار ئىسپان بىرلەشمىسىدە نۇرغۇن ئارگىنتىنالىقنىڭ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە يەنە نۇرغۇن ئىسپانلىقنىڭ توپ تىپىدىغانلىقىنى توغرا چۈشەنگەن بىلەن،شىنجاڭنىڭ نامى ئاستىدا قۇرۇلغان كوماندىدا تەركىۋىدە ئۇنچە كۆپ قارىۋاي-ئاقۋايلارنىڭ بولۇپ كىتىشىنى خالىمايمىز.بۇنى ھەرگىز (نىمەدىگەن ئەخمىقانىلىك؟)دەپ ئويلاپ قالغۇچى بولما. بىز ئۆزلۈكىمىزنى مانا مۇشۇنداق سۆيىمىز. جۈملىدىن ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنى، ۋەتىنىمىزنىڭ پۇتبۇلچىلقىنى مانا مۇشۇنداق سۆيىمىز. ئاتالمىش ھەممىدە تەرەققى قىلىپ كەتكەن چەتئەل قەۋىملىرىدىكى مىللەت، ئىتقاد كاتوگىرىيەسىدىن ھالقىپ كەتكەن، «ئاشقۇن تەپەككۇر قارىشى»بىلەن بىزلەرگە قارىما. بولمىسا كۆزۈڭ كور بولىدۇ.
يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا «تالانتى بار بالىلارنى ئايرىماي، خىللىماي تەربىيلەيدىغان پۇتبۇلچىلارنى تەربىيلەش بازىسى»قۇرۇپ چىق، خۇددى لامايسىيا ۋە فابرىكىدەك(بۇ بەك موھىم). ئۇنڭدىن قالسا كومانداڭنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسغا ئىقتىدارلىقلارنى قوي. چۈنكى بىزدە ( نار تۆگىنىڭ بۇرنىنى سوكال ئىشەكنىڭ قۇيرىقىغا چاتما ) دەيدىغان ئىبرەتلىك ھىكايە بار. كومانداڭغا ھەقىقى جان كۆيەر تىرىنىرلار يىتەكچىلىك قىلمىسا، مىڭ داۋراڭ قىلغىنڭمۇ بىكار.

                   كۆر ئىتقا بولىۋەرسە باش ئارسىلان،
                    بولۇر ئىت ھەممە ئارسىلانسىمان.
                    گەر بولسا كۆر ئىت ئارسىلانغا باش،
                    بۇلۇر ھەممە ئارسىلانلار ئىتدەك ھامان.

دەيدىغان، ئۇلۇغلىرىمىزدىن قالغان بىر نەسىھەت بار. ئاڭلىغانما؟
ياق؟ بىشڭنى چايقايسەنغۇ؟ ساڭا چۈشەندۈرەي قارا...
كوماندا ئۈچۈن توپ تىپىدىغان ھەربىر ئەزانى ئۆزۈڭنى ياخشى كۆرگەندەك كۆرەلمىسەڭمۇ، تونۇشڭنىڭ تونىشدەك بولسىمۇ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۈلۈپ قوي. بۇلاردەك شۈكرى-قانائەتچان، يۇقىرى سوممۇلۇق مۇئاشلارنى تەلەپ قىلمايدىغان، ساددا بالىلارغا كۆڭۈل بۈلۈش ئۇنچە تەس ئىش ئەمەس. باشقىلار توپنى بۇ يەردە تەپمىسە باشقا يەردە تىپىدۇ لىكىن، بىزنىڭ بالىلار ئۇنداق ئەمەسدە. ئۇلار بۇ يەردە توپ تىپەلمىسە قورسىقىنى توقلاشمۇ بىر غەم بولۇپ قالىدۇ.
ھەر پەسىللىك پۇتبۇل يۆتكىلىش بازىرىغا ئالاھىدە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىل. بىزنىڭ يەرلىك بالىلارنى بەك كۆپ قىلىۋىلىپ، قۇرۇق ھاياجانلار بىلەن توپ تەپسەڭ، ھازىرقىدەك پۇتبۇلنى سەۋىيەلىك تىپىشدىن سەنئەتلىك تىپىش پەللىسىگە كۆتۈرلۈپ كەتكەن زامانلاردا، قۇرۇق ھاياجانغا بىرنىمە كەلمەيدۇ. ئۆزۈڭمۇ، بىزمۇ باشقا كوماندىلار ئالدىدا ئوسال بولۇپ قالىمىز.
شۇڭا ئاۋال باھاسى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى بولىدىغان توپچىلارنى كىرگۈزۈشنى توختاتماي تۇرۇپ، يەرلىكلەردىن تەبئى تالانتلىق بالىلارنى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى بىردەممۇ توختاتما. بىراق خاتىرجەم بول بۇ يەرلەردە تەبئى ئىقتىدارلىقلارنى تاپماق باشقا يەردىكىدەك(دىڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك) ئۇنداق تەس ئىش ئەمەس. ئىككى كۆزۈڭنى يوغان ئىچىپلا قارساڭ بۇ زىمىندىكى ئىقتىدارلىقلار، خالىغان يەرنى كولىساڭ نىفىت بىلەن ئالتۇن چىققاندەكلا تەبئىلا بىر ئىش. يەنە بىر قوشۇمچە قىلىپ قويىدىغان زۆرۈر تەكلىۋىم شۇكى، كوماندىنى قوللىغۇدەك بىرەر ئورۇن چىقمىغاندەك، قاراپ تۇرۇپ ھاراقچىلىق شىركەتلىرىنى تاللىۋالغىنىڭ قىززىقدە؟ ئۇلارنى تاپمىساڭمۇ باشقا بىرسى چىقىپ قالاتتى. كۆپ قوللىيالمىسىمۇ ئاز قوللاپ قالماستى. شۇ يەر ئورنىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلكىنى ئويلاپمۇ قويماسلىق قانداقمۇ ئەقلڭگە كەپ قالدىكىنە؟. ئەمما ھاراققۇ دۆلىتىمىز قانۇنىدا چەكلەنگەن نەرسە ئەمەس. بىراق ھاراق-تاماكىنىڭ ئىنسانغا پايدا قىلمايدىغان، ئىچسە بەدەن بىلەن ئەقىلنى بۇلغايدىغان زەھەر ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا ئىتىراپ قىلىدىغۇ؟ ئەجىبا پۈتۈن دۇنيا بارچە ئامال بىلەن ئىستىمالدىن توسىۋاتقان نەرسىنى بۇ يەرلەردە داڭلاپ، تەشۋىقات قىلىپ يۈرسەڭلا ئۈنىمى قانداق بولار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتبۇلدەك تىنى قزغىنلىققا تولغان، ساپ ھۇجۇدى بىلەن بوشاشماي ئالغا ئىنتىلىپ تۇرغان زەبەردەسلەرنى شۇنچە تاللايدىغان ئىشلاردا، ئىچسە ئادەمنى ھايۋاندىن پەرقى يوقلا قىلىپ قويىدىغان نەرسىنىڭ تاپاۋىتىگە بىزنىڭ بالىلارنى توپ تەپگۈزسەڭ سىنڭچە پايدىسى قانداق بولۇپ كىتە؟ ئەگەر (خەقلەرمۇ قىپتۇ) دىسەڭ خەق بىلەن نىمە كارىمىز؟! ئۇ ئۇلار. ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز دىگەن بىز. ئۆزىمىزگە ۋەكىللىك قىلىمىز. شۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزدىن ( ئارمان، ئامىنە، ئىخلاس، مۆتىۋەر……) دىگەندەك گەۋدىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشدە چىڭ تۇرىۋىلساڭمۇ يەنە نۇرغۇنلىغان ئورۇنلىرىمىز بىر پوتۇلكا سۈيى، بىرتال قۇرۇق نىنى بىلەن مىننەت-تەماسىز قوللاشلىرىنى دەقىقە توختاتمىغان بولاتتى.
ئاق باش ئاتلىرىمىز، جاپاكەش ئانىلىرىمىزمۇ بىزلەر ئۈچۈن ئەجىر قىلىۋاتقانلارغا خەيىرلىك دۇئا قىلىشلىرىنى ھەرگىز توختاتمىغان بولاتتى.
ئىشلارنى ئويلىساق، مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزىنى تاپىمىزلا دىسەكلا ئىشلار مانا مۇشۇنچىلىك. ئاددى دىسەڭ ئاددى، مۇرەككەپ دىسەڭ مۇرەككەپ. نەدىمۇ جاپاسى يوق ھالاۋەت بار؟ ياكى سەن كىلەشڭدە ( بۇلارنىڭ پۇتبۇل قىزغىنلىقى شۇقەدەر يۇقىرى ئىكەنكى خۇددى تارىمنىڭ ئاپتىپىدەكلا، بىر ئادەتتىكى تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىگىمۇ50-60مىڭ ئادەم كىرىپ، بىلەت كىرىمىدە چوڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ خۇددى، بەئەينى «ئىسپان دىربىسى»دەكلا. پەقەت مۇشۇلارنىڭ نامى ئاستىدىلا بولىدىكەنمىز، مەيلى توپنى كىملەر بىلەن قانداق تىپەيلى پايدا ئۆزىمىزنىڭ) دەپ خاتا ئويلىۋالغانمىتىڭ؟ نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن؟ لوڭقا تۈگۈل بىرە مەيدان ئەسدىن چىقمىغۇدەك مۇسابىقىلەرنى ئويناپ ( بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى بىزلەرنى قوللاۋاتقان ھەممىڭلار ئۈچۈن) دەيدىغان بىر ئىغىز يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىماي تۇرۇپ، كىيىنلىك ئىشلارنى ئويلاش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟، ( قىلغىنىم خاتامۇ؟) دەپ سورىما بولمىسا ( قىلسىلا ھىسابمۇ؟) دەيدىغان سۇئالنىڭ چىقىشى تەبئىلا. جەريانمۇ كىرەك، نەتىجىمۇ كىرەك.
بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپلا كۈدە-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ (كەلگەن يىرىمگە كىتىپ قالاي) دەپ يۈرمە. ئىشنى باشلىدىڭ بىرەر نەتىجىسىى كۆرۈپ ماڭ

                   (ئىككى رۇمكا XOدىن كىيىن)

ھۇف، نەخ چاڭقىغان يەرگىلا باردىدە. نەدىڭ بۈلدىڭۋۇي بۇ كاساپەتسىز قىززىمايدىغىمنى؟ ئامرىغىمنى تاپتڭدە كاساپەت. زاكۇسكىلىرىڭ بارمۇ؟
ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كىلەيلۇق.
قارا ئۇكا ساڭا ئىككى ئىغىز گەپ قىپ بىرەي، ئۆزىمىزنىڭ ئىنىسىدەكلا بالىغۇ سەن.
( رىسقڭنى ئاشۇرما، يامان بولىدۇ) دەيدىغان بىزنىڭ چوڭ ئەيسا. ئۆزى قۇلاقچا كىيىۋاپ، قاتتىق ئۆتۈگى بىلەن توپ تەپكىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئوبدان بالا ئۆزىمۇ. لىكىن ئانچە-مۇنچە تاققا-تۇققا سۆزلەپ قويۇشلىرى بار. ئۇنى كۆڭلۈڭگە ئەپ كەتمە قارا،،،سىنى بىرسى«ئالىمەن» دىمىگەندىكىن(ۋەيىت)
ۋاي-ۋۇي،، ئىككى ئىغىز گەپ قىپ قويسا كەشكىچە ماي تارتىدىغىنىكىنە ماۋۇ،،،
بىكار مەھەللەڭدىكىلەر تاشتۈگمەنگە ئاپىرىپ بەرمىسۇن جۇۋاز تارتقىلى(ۋەيىت).
چاخچاق قىپ قويدۇم چاخچاق، بولدى قىل دەيمە دومسايماي……
ئوھھۇي مۇنۇ سۇغۇقىنى قارا،،، ئەكىلە مىشڭنى، بىردەم ياخشى تۇرىۋالاي. شۇنچە كاتتا ئىشخاناڭدا دىينەن پار بولمىسىمۇ تام مەش يوقكىنا سىنىڭ؟ مۇشۇ سوغۇقدا، مۇشۇ ھاڭياردەك ئىشخاناڭدا دۈگدەرەپ ئولتۇرالىغاندىكىن تازا ئىلگىرىكىن چىڭگىز نىمىكەنسە جۇمۇ، ھۇۋۋۋۋۋ……
قۇيە، ئۇكا قۇيە. بىر تەرەبدىن ئىچىپ، بىر تەرەبدىن قىززىغاچ سۆزلەيمىز مۇزخاناڭدا.
نىمە دۈگدەرەيسەن دەمسىنا؟ سەنمۇ باغۇ قارا، ماڭا ئوخشاش ئاقسالىق قىلىپ بىر نوگاي سۇغا 20كىلو مۇز تۆكۈپ، مۇز ئىرىگىچە بىرسائەت ئىڭەك يۆلەپ (قاچان پىشا) دەپ ساقلاپ ئولتۇرۇپ، ئۈستۈڭدىن قۇيۇپ باقە، باغلىشىمە غىققىدە جىنىڭ چىقىپ قالمىسىمۇ بەزگەكلا بولسەن.
ھەي، ماڭا قارا پۇتبۇل كوماندىسى قۇرغۇچە دورىخانا ئاچساڭ بولمامدۇ دەيمەندە. ھەركۈنى ساڭا مەسلىھەت بەرگەن بولۇپ ئۇ دوراڭدىن بىرتال، بۇ دوراڭدىن بىرتال يەپ باقاتتىمدە،، يەپ باققانغا پۇل ئامايتڭدە،،كۈندىلا سالامەت يۈرىيتىم.
پاھھۇي،، ھەي بولمىسا پۇتبۇل مەيدانى ئاچقىن راس. پۇلنىمۇ ئاز تاپمايسەن قارا،، بۇ يەردىكى بىچچارە بالىلارنىڭ ئارامخۇدا توپ تەپكۈدەك يەرلىرىنىڭ تايىنى يوق قارا.. نىمە قىلسە دەيمە، كوماندا قۇردۇم دەپ جاپا تارتىپ،،، يىڭىۋالسىغۇ تەلىيىڭ، تاساددىبىر يىڭىلىپ قالسا (ئۆزىمىز ياخشى تەپمىدۇق) دىمەي، بىزنىڭ سىنىپنىڭ دەلتە ۋارىتاسىدەك ھىلىدە مەيداندىن، ھىلىدە چۇخىيىنىڭ مونكىدىن كۆرىدىغان ئىش بار ھەقىچان. ئاۋال ما رومكىنى لىقلىۋىتە، ھەش شەيتان……
شۇنداق قىلىپ گىپىمگە كىرىپ پۇتبۇل مەيدانى ئاچقىن،،،
سادىغان كىتەي شاكۇدكىلىرڭدى،،، ئاچە ئاغزىڭىنى، ھا قىل، ھا،، قىلە.
ئوغۇل، ئوغۇل...
مەيدان ئاچساڭ قارا، غەم-ئەندىشىز پۇل تاپىسەن دەيمە. زىيان يوق، ئەتىگەندىن-كەشكىچە ئوينايدىغان بالىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ قارا. يەنە كىلىپ بۇيەرنىڭ بالىلىرى شەنبە-يەكشەنبە، دۈشەنبە سەيشەنبە دىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىيىت-بايرام دەم ئىلىش كۈنلىرىدىمۇ دەم ئالماي، سىنى بىكار قويماي توپ تىپىشىدۇ دەيمە، مۇنداق قارىسام بارغۇ قارا..
ھوي-ھوي قارا ماۋۇ سەتچىلكنى،،بۈگۈن تونىشا-تونۇشمايلا سىنى «سەن»لەپ كەتكىنىمنى قارا،، قەتئى كۆڭلۈڭگە ئالما ھە ئۇكا... ئۆز ئادەملەرغۇ بىز،ھىق،،،(ئۆزۈر ئۇكا كىكىرىپ سالدىم)...
ساڭا دىسەم بارغۇ ئۇكا،، (ۋارىتتتت)، ۋاي-ۋاي نىمەدىگەن ھوزۇر، ھۇف....( بايا كىكەرگەندە كەچۈرۈم سورىۋالغاندىكىن ئوسۇرغانغا كەچۈرۈم سورىمىساممۇ بولىۋىردىغۇ ھە،،،)
ئىشقىلىپ بۇ خەق بارغۇ، مۇشۇ ئانا-دادىسىنىڭ ھازىسىدىن بۆلەك ھەرقانداق ۋاقىتدا توپ تىپەمدىكى دەيمە. ئاڭلىشىمچە بارغۇ قارا، بىر ئاغىينەمنىڭ ئاغىنىسى يەنە بىر ئاغىنىسىدىن ئاڭلىشىچە ئاتۇشلۇق بىر پۇتبۇل مەستانىسى دادىسىنىڭ مىيىتىنى يەرلىكىگە قويىۋاتقىچە، سابىق تاشئالمىنىڭ ھىلىقى ساڭا دەپ بەرگەن مۇسابىقىسىگە 60مىڭ تاماششىبىننىڭ كەلگىنىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى پۇتبۇلغا پەقەتلا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ، داسىنىڭ مىيىتىغا يەتتە كەتمەن توپا تاشلاپ بولغىچە، چىقىمنى تىجەپ، قۇيۇندەك يۈگۈرەپ، رىپىر مۇسابىقە باشلاپ ئۈشتەك چىلىشىغا ئۈلگۈرۈپ، دەرۋازىدىن بىلەتمۇ ئالماي مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن دەرۋازىدا گىزىت سىتىپ ئولتۇرغان ياشانغان تەتەينى ئۇنىمىغىنا ئۇنىماي يۈدۈپ دەرۋازىدىن ھەقسىز كىرىپ مۇسابىقە كۆرۈپ چىققاننىڭ گىپى بار دەيمە،،،
سۆزلەپ كەلسەك مۇشتا گەپلەرچۇ ئۇكا بۇ...
سەنمۇ «پەرۋەر» دىسە ئەتىگەندىن-كەشكىچە تاققا-تۇققۇ سۆزلەپ، قىلىدىغانغا ئىشى يوقدەك، مۇنبەردە مادىرتچىلارنى كولاشدىن باشقىنى بىلمەيدىغان بالىكەن دەپ قالما...ھىق،،،
مىنڭمۇ بىر-ئىككى رومكا قىقىۋالسام ھاياجانلىنىپ، ئانچە-مۇنچە قايناپ قويىدىغان كۈنلىرىممۇ با دەيمە...
ئەمدى بىز ئۇكا مۇشۇنداق تۈزلا گەپ قىپ كۆنۈپ قاپتۇق قارا، (تىلنىڭ تىگىدە تىلى بار) ئىشلارنى زىنھار بىلمەيمىزكە ئۇكا... بايقىساڭ بىز خەقلەر مانا مۇشۇنچىلىك ساددا، ئاق كۆڭۈل، شۈكرى-قانائەتجان قەۋىملەر. ھىشقاچان بىرەسىگە يامانلىق بولسىكەن دىمەيمىز. ئۆزىمىزدە بولمىسىمۇ مىھماننى ئاچ قويمايمىز. مىھمىنىمىز ئەزەلدىن ئۆيىمىزنىڭ تۆرىدە، بىز پەگادا ئولتۇرىمىز. قولىمىزدا يوققا ئوشۇق ئىسىلمايمىز ئەمما، كىشىدىن تىلەپ تاپمايمىز. ئاچ-يالىڭاچ قالساقمۇ كىشىنىڭ ھەققىنى يىمەيمىز. مەيلى كىم بولسۇن، بىزگە زەررىچىلىك ياخشىلىق قىلدىكەن ئۆمۈر بويى ئۇنۇتمايمىز. ئاددىغىنىسى بىرسى ئازار بەرسىمۇ(يۈزىگە سالسام سەت تۇرىدۇ) دەيدىغانلاربىز. ھەممىمىز بىريەرگە يىغىلساق (ھازىنى توي، ماتەمنى قوي ) قىلىۋىتىمىز ئۇكا……
قۇيغان ھارىقىڭ بولىدىكەن جۇمۇ، ما ئۆمرۈمدە ماندا كاپشىپ باقمىغان مەن، كاساپەت زۇۋانىمنى ئوتالدۇرۋەتكەن چىغى، ھىچ توختاي دىمەيمىنا؟...
بوپتۇ ئۇكا گەپنى كۆپ قىمماي،، سەنمۇ بالدۇرراق ئۇخلاپ ياخشى ئارام ئال ھە...
ئوھھۇ،،، مانا قارا مىنى گەپكە تۇتۇپ سائەتنى سەھەر سائەت 4قىلىۋىتىپسەنغۇ؟ شۇتاپدا ئۆينىڭ ئىشىگىدىن ساق-سالامەت كىرۋالدىم دىگەندىمۇ، خوتۇننىڭ قولىدا كالتەك ( نەگەر باردىڭ لالما؟) دىگىنىگە (قاپلانجاننىڭ ئۆيىدە قايناقسۇ ئىچكەچ، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىلمى مۇتالىقەدە بولدۇم) دەپ قەسەم قىلساممۇ، يەنە نەچچە سائەت ھويلىغا ئاچىقىپ سۈرۈپ كىتە دەيمەندە؟ بۇ قارا قىشتا كۆينەك-تامبال بىلەن ھويلىدا قىچىپ يۈرمەك ئاسانمۇ دەيمە؟...
نىمە، خوتۇنۇڭدىن قورقامسىز دىدىڭما ئۇكا؟ نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ؟،،، كىم كۆرۈپ قالدىڭ ئۇكا بىزنى؟،،، بىز قارا مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدىن قايرىلىپ بولغۇچە، ئاياغ تىۋىشىمىزدىن ئۆيدىكىلەر سالامدا تۇرىدۇ جۇمۇ،، ئۆزۈڭگە ئوخشۇتۇپ قاپسەندە ھە مىنى ئۇكا……
ئاڭلىمىغانغا؟ سىلەرنىڭ ھىلقى ئۇستا جامباز يېۋىن دىگەن بالىنىڭ «دۇنيادا خوتۇنىدىن قورقىدىغان ئەر يوق. پەقەت خوتۇنىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئەر بار» دىگەن، شۇ كىنونى تولۇق كۆرگەنلەرگىلا تونۇشلۇق بولغان گىپىنى، شۇنداقلا بىر گەپ ئۇدىگەن، شۇنىمۇ بىلمەمسىناۋۋا..
بولدى ئۇكا ئۇزاتما، ئۆزۈم كەلگەن، ئۆزۈم چىقىمە. ھە راس، بۈگۈنكى مەسلىھەتىم ياققان بولسا دەلىۋەر جۇمۇ،،، مەسلىھەت بەرگەنگە پۇل ئامايمەن(ۋەيىت). چاخچاق قىپ قويدۇمغۇ ساقام ئۆز كۆرۈپ... كۆڭلۈڭگە ئەپ يۈرمە يەنە……
ئىشىگىڭ قايسى تەرەپدە بولغۇيتى سىنىڭ؟
ھۇي، توختا-توختا ئاران بىر كەلگەندە
ھاجەتخاناڭنى ئىشلىتىۋالاي،،،

                  (ھاجەتخانىدا ساپمۇساق 25مىنۇت)

-ھوي، مۇنۇ ھاجاتخاناڭ ھاجەتخانىمۇ يە؟ ھاجەت قىممايدىغان يەرمۇ؟ نىمانچە ھەشەمەتلىك بىزىۋالدىڭ دەيمەندە؟
-ھوي ساقامۇي، مۇنۇ ھاجەت قىلىدىغان ئوچۇغۇڭ تاماق يەيدىغان قاچاڭدىن پاكىزكىنا سىنىڭ(ۋەيىت)……
-ھوي قاپلانجان ئۇكا ماڭا قارا، كىچىك تەرەتنى مۇنۇ ئورۇندۇققا ئوخشايدىغان تاماق قاچاڭنىڭ ئۈستىدە ئۆرە تۇرۇپ قىلامدىم ياكى ئولتۇرۇپمۇ(ۋەيىت)……
- ۋوي قاپلانجان ئۇكا يەنە قارا دەيمە، قەغەز يوقكەنتۇق، ئىسىغلىق لۆڭگىگىلا سۈرتتۈمغۇ(ۋەيىت)……چاخچاق قىپ قويدۇم ساقام تىرىكمىگىنە، قولۇمنى يۇيۇپ،ئىرتقۇدەك قەغەز قالماي لۆڭگەڭگىلا سۈرتتىم دىمەكچىتىم. خۇددى بەك پاكىزلاردەك سەكرەپ كەتكىنىنى ماۋۇنىڭ……
نىمە، بىر يۆگەم تازلىق قەغىزى دىدڭما؟ ھاجەتخانەڭغا باشلىغانغا چىدىماي ياتامسە نىمە ۋوي؟!... مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۋەتسەڭ ماڭقاڭنى ئىيتشقىمۇ يەتمىگۈدەك كىچىككىنە قەغەزنى بىژ يۆگەم دەپ كەتكىنىنى ماۋۇ قاس-قاسنىڭ……
-ھە راس، ئاۋۇ بىرمەڭنىڭ سۈيىنى چۈشىرەلمىدىم، تىلىنى ئۆزۈڭ بىلگەندىكىن، ئۆزۈڭ چۈشىرۋال ھە……
- ئەمدى رەسمى قايتاي، يەنە گەپكە تۇتساڭ تاڭنى ئاتقۇزۋىتدىغاندەك تۇرىسەن. بولدى ماشىنا ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىمەن دىمە. ياپياش تۇرۇپ ماشىنىسىز قايتالمايدىغان كۈندە ئەمەسمەن. خوش ئەمسە، ئىيتقانلىرىمنى ئوبدانراق ئويلۇشۇپ كۆر. ساڭا يامان بولسۇن دەپ دىمىدىم، چۈشەندڭغۇ مىنى……

             (ئۆيگە قايتقۇچى يولدا)

ئازراق تەڭشىلىپ قالساملا بىشى بار ئايىغى يوق، كەينى بار ئوتتۇرى يوق ناخشام بىلەن قارلىق ئاپئاق يولدا ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك قىلىپ توۋلاپ ماڭدىم.

    -
            غىرىپ ئاۋارىدۇر ۋاي كۆڭلۈم……
            قەشقەرنىڭ ئانارى بار،،،،،
            مىنىڭدەك بىر غىرىپ قۇلنىڭ……
            ساماندەك ساغىرىپ ژىغلاي،،،،،


-پەرۋەر
2014-يىلى23-تومۇز


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئۇتغۇر + 59 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7491
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 10:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر مىليارت تۆت يۈز مىليون ئادەمدىن 11 توپچى چىقماس ...ما دەپ ئوقۇغانتىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amanturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 10:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79465
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3331
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 12:58:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇتالىقە     نىڭ مەنىسى نېمە بولۇپ كەتتى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99460
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1086
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 01:55:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
otyurak0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 12:58 AM
مۇتالىقە     نىڭ مەنىسى نېمە بولۇپ كەتتى؟

«مۇتالىئە» سۆزىنىڭ مۇزەككەر شەكلى

ھۆ-تاڭ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 05:37:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھۆ-تاڭ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 05:37:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش