ياشايمەن دۇنيادابىرلا سېنى دەپ
ئايشەم سادىر
سۆيگۈ ئوتىلىرىڭ،تىلغاپ يۈرەكنى،
ئەلەملىك ياشلىرىم ،چۈشتى تاراملاپ.
خۇلىق ،مىجەزىڭ،كۆيدۈردى مېنى،
يۈرەكىم دەرتلىك،كۆيدى يالقۇنجاپ.
...........
ياشايمەن دۇنيادا،بىرلا سېنى دەپ
گۈزەل ياشلىغىم،پۇرلاشمىسۇن دەپ.
ياشايمەن پاك ۋىژدان، غورورۇم بىلەن،
ئاخىرقى ئۆمرۈمدەسېنى كۈتەي دەپ.
.........
مەن كۆيگەن شۇئوتتا، سەن كۆيگەن بولساڭ،
يىتەتتىڭ قەدرىمگە، شۇندىلا پەقەت.
بىر ئۆمۈر ھەمرا بۇپ ،كۈتەتتىم جېنىم،
چەكلىك ھاياتىمنى ،بېغىشلاپ ئەبەت.
2014. 7.21 _كۈنى ،كورلا
(ئۆز ئىجادىيتىم)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا korlaayxamsadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-4 02:50 AM