|
|
|
|
يايرىمغا
سەرسانى
ئۆتۈپ كەتتىڭ ئالدىمدىن، تولۇن ئايدەك نۇر چېچىپ. لەيلەپ قالدى قوللۇرۇم، يار ساڭا قۇچاق ئېچىپ.
گەر مەيلىڭ ماڭا بولسا، بۇنچە زارلىماس ئىدىم. سۆيۈپ سەنمۇ مەن كەبى، بۇنچە خارلىماس ئىدىڭ.
يۇرتنىڭ يوللىرى تاغلىق، تاغ تۈگەپ تامام غارلىق. پۈتۈلگەنمۇ بېشىمغا ، كۆيۈپ ساڭا بۇ خارلىق .
بارسام يار مەھەلەڭگە، ئىشكىڭنى ئاچارسەنمۇ؟ سەنچۈن كۆيگەن يۈرەككە، مەلھەم سۆز بېرەرسەنمۇ؟
سۇلىرىڭنى مەن ئالاي، يار تالمىسۇن بىلەگىڭ. چىراي ماڭا نە كېرەك، مەن كۆيگۈنۈم يۈرەگىڭ .
ئالتاي يۈردۈم ئارقىڭدىن ، ۋىسالىڭغا يەتكەن يوق . يۈرەك لەختە ئوتۇڭدا ، شاد بوپ كۈلۈپ باققان يوق .
بار ئازابنى مەن تارتسام، سەن بىلەمتىڭ دەردىمنى. ئىشقىڭدا كۆيۈپ ئۆلسەم، سەن سورامتىڭ ئەرزىمنى.
2014-يىلى سىنتەبىر (سەرسانى ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-4 02:30 AM
|
|
|
|
|
|