مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 405|ئىنكاس: 1

سۆيگۈڭ ماڭا ئارمان.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108827
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-7-30
ئاخىرقى: 2014-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 11:28:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيگۈڭ ماڭا ئارمان ......

شېرىن  تاتلىق ئارزۇلار  بىلەن،
ياشاپ  كەلدىم، ياشىدىم ئۇزاق.
يارنى كۈتتىم كۈتسەم شۇنچىلىك،
ئەپسۇس مەندىن كەتتى بەك يىراق.

ئوخشاش چۈشنى كۆرىمەن تەكرار،
چۈشۈمدىلا ھەمرا  يار ئاڭا  .
گەر ئويغانسام يالغۇزمەن  يالغۇز،
رەھمىڭ كەلمەس ئەسلا ھىچ ماڭا.

سېغىنمايمەن دېدىم نەچچە رەت،
بىراق يۈرەك  باقماس  ئۆزۈمگە .
سۆيگۈڭ  تىلەپ بولدۇم دېۋانە،
ساراڭ كۆڭلۈم كىرمەس سۆزۈمگە.

سېغىنىپ شۇ تاتلىق ئازاپتا  ،
ئاجىز تەندە ھىچبىر يوق دەرمان.
سۆيۈش بۇنچە تەس ئىكەنغۇ ئاھ!
سۆيگۈڭ ماڭا ئەمدى بىر ئارمان...............

مەنبە : ئارمان 214

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 02:26 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5026
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:17:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ . ئەمما
‹سۆيۈش بۇنچە تەس ئىكەنغۇ ئاھ ..› دېگەننى  قايتىدىن بىر يېزىپ باقسىڭىز بوپتىكىن .
بۇنچە دېگەن سۆز شۇ مىسرانىڭ مەزمۇنىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويغاندەكلا ھېس قىلدىم .
مېنىڭ سىزگە تەلىم بەرەىدەك ئىقتىدارىم يوق بولسىمۇ ئاتىكارچىلىق قىلىپ قويغۇنىمدىن كەچۈرۈم سۆرايمەن .  

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش