|
|
|
|
خوتۇن ئالماق تەس بولدى
رەخمىدىن قاسىم
يالغۇز ئۆتۈپ كۈنلىرىم، غەم-قايغۇدا كەچ بولدى،
تولا ئويلاپ قىزلارنى، كۆزۈمگە لىق ياش تولدى.
تىگەي دىمەي بىرەرسى، يۈرەكىمگە ئوت سىلىپ،
ئىچىمدىمۇ دەرت تولا،خوتۇن ئالماق تەس بولدى.
تەگمەيدىكەن قىزلارمۇ ئۆي، ماشىنا بولمىسا،
ئۆزى ئالغان ئامبارغا ئۆي-جابدۇقى تولمىسا.
قوي، كالىنىڭ ئورنىدا ئات، تۆگىلەر سويمىسا،
بەجا بولسا بۇلارمۇ، خوتۇن ئالماق تەس بولدى.
ئۈستەل بولسۇن ئەللىك دەپ، تارقىتىمىز ئەڭلىك دەپ،
بىرسى قالسا ئايرىلىپ ماڭا بولار تەڭلىك دەپ،
ناق يىقىپ مەن تۇنۇردا، تاقىمايمەن يەڭلىك دەپ،
كىمگە ئېيتاي بۇ دەرتنى، خوتۇن ئالماق تەس بولدى.
كۈن قايرىلىپ كەچ بولدى، تال ئىگىلىپ پەس بولدى،
ھازىرقى بۇ جاھاندا خوتۇن ئالماق تەس بولدى.
2014-يىلى9-ئاينىڭ 3-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-3 09:40 PM
|
|
|
|
|
|