|
|
|
|
ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
تەرى بالدۇر ئاققانلار، ئامەت كۈلۈپ باققانلار، ئالتۇن قوزۇق قاققانلار، ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ.
ئىش ئالدىغا-كەينىگە، ئىشلەپ قوللار سەينىگە، قانچە ئۆسسە مەيلىگە، ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ.
باي ئاكامنىڭ تېمى بار، پۇل تېپىشقا پەمى بار، ئۆستۈرسەم دەپ غېمى بار، ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ.
سەن ئالىسەن غۇدۇراپ، مەن ئالىمەن قاتىراپ، ئۇ تالاشسا قەرز سوراپ، ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ.
ياخشى ئىدى سىياسەت، ئېقىش تاپقان تىجارەت، «پاڭدۇڭ»دا كۆپ «ماھارەت»، ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ.
ئىجارىكەش بىلمەيتتى، لوق گۆشنى كىم يېمەيتتى، ئۆستۈرىمەن دېمەيتتى، ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ.
ئارتۇق باھا قويغانلار، ئۆچىرەتتە تۇرغانلار، ئۆستى دەپ ئاھ ئۇرغانلار، ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ.
تەرى بالدۇر ئاققانلار، تەكىيە يۆلەپ ياتقانلار، دۇكاندارنى «ساغقان»لار، ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ.
ئاز-ئاز بولسۇن ئۆسۈشلەر، سارغىيىشلار ئۆكسۈشلەر، باھا قويسا سىلكىشلەر، ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ.
تېمى بارلا كۈلمىسۇن، ھەممە كەسىپ گۈللىسۇن، يۈرىكىنى سىلىسۇن، ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ.
پۇل تېپىپ باي بولايلى، تۇلۇنئايدەك تولايلى، شۈكرى-ئىنساپ قىلايلى، ئىجارىكەش كۈلمەمدۇ.
ئىزاھ: پاڭدۇڭ- «ئىجارىكەش» دېگەن گەپنىڭ خەلق ئارىسىدىكى بۇزۇپ ئېيتىلىشى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-3 09:35 PM
|
|
|
|
|
|