مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2584|ئىنكاس: 22

تىلەمچىنىڭ ئوغلى( 2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93747
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 720
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2013-3-22
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 06:39:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىلەمچىنىڭ ئوغىلى

   ھېكايە

شۇنداق قىلىپ ئاخىرى مەنمۇ توي قىلالايدىغان بولدۇم . قانچىلىك خوشھاللىقىمنى بىر ئۆزۈم، بىر ياراتقان ئاللا بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن ،تۇرۇپ تۇرۇپلا بار ئاۋازىمنى  قويۇپ بېرىپ توۋلىغۇم كېلىدۇ. بارچە خالايىققا مىنىڭ ،توغرىراقىنى ئېيتقاندا بىر تىلەمچىنىڭ ئوغۇلىنىڭ توي   قىلماقچى بولغانلىغىنى بار ئاۋازىم بىلەن جاكارلىغۇم كېلىۋاتاتتى... ئاڭلاڭلار خالايىق سىلەر بىلىدىغان ھېلىقى بازار دوقمۇشىدا دائىم تىلەپ ئولتۇرىدىغان ھېلىمخان تىلەمچىنىڭ ئوغۇلى توي قىلماقچى دەپ ھەممەيلەننى خەۋەردار قىلغۇم كېلەتتى ... تۇرۇپلا بۇ ئۆڭۇممىدۇ ياكى چۈشۈممىدۇ دەپ ھېچ ئىشەنگىم كەلمەي ئۆز ئۆزۈمنى چىمدىپ باقاتتىم .ياق-ياق بۇچۇش ئەمەس ،بۇ رىئاللىق ئىدى  .يەنە كېلىپ ئۆزۈم ياقتۇرغان ،ئۆزۈم ئوت پىراقىدا كۆيۈپ قانچە كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈشۈمگە سەۋەپچى بولغان مىنىڭ ،جۇملىدىن ئائىلىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەپ بولغان سۆيۈملۇك قىزئاينۇر  ياق-ياق كۆكتىن چۈشكەن  پەرىشتە ئىدى ...

ئەتە توي ،مەن چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان  ئۆيىمىزنىڭ مېھمانخانىسىدىكى سافادا ئولتۇرۇپ، ئۇدۇل تامدىكى ئاينۇر ئىككىمىزنىڭ بەختىيارلىق بالقىپ تۇرغان كۆزلىرىمىزنى بىر بىرىمىزگەتىككەن ھالدا چۈشكەن توي سۆرىتىمىزگەقاراپ  بىر تەرەپتىن خوشھال بولسام يەنە بىر تەرەپتىن ئۆتكەن كۈنلەرنى، ئەشۇ كىشى قەلبىدىن چىقماس ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى بىرمۇ بىر كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزمەكتىمەن ...

     ئېسىمنى بىلسەم بىزنىڭ ئائىلىدە دادام،ئاپام ،ئاچام ،مەن يەنە ئىنىم بولۇپ 5 جان ئادەم بولۇپ ،ئۆيىمىز  توخۇ كاتىكىدەك كىچىك ئىدى.  بىر ئۆيدە قىستىلىشىپ  ناھايتى غۇربەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق.   ھەر كۇنى   سەھەردە ئالدىنقى كۈنى كىشىلەر بەرگەن قاتتىق نانلارنى داغ سۇغا چىلاپ قارسىلدىتىپ يەپ قورساقنى توقلىۋېلىپ  دادام بىر ئەسكى خۇرجۇننى مۇرىسىگە تاشلاپ چىقىپ كېتەتتى . ئاندىن ئاپام داستىخاننى يىغۇشتۇرۇپ بولۇپ بېشىغا  رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن كونا بىر رومالنى ئارتىۋېلىپ ئاچام ئىككىمىزنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇكامنى كۆتۈرۈپ بازار ئالدىدىكى ئادەملەر ئەڭ كۆپ كېلىپ –كېتىپ تۇرىدىغان دوخمۇشقا بىر پارچە كونا خالتىنى سالاتتى –دە ، ئۇكامنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇراتتى ئاچام ئىككىمىز ئاپامنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەي ئويناپ ھېرىپ قالغاندا ئاپامنىڭ يېنىدا داق يەردىلا ئۇخلاپ كۇننى كەچ قىلاتتۇق .ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ  بىزگە ئىچ ئاغىرتىش نەزىرىدە قاراپ ئانچە مۇنچە پارچە پۇرات پۇللارنى ئاپامنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى ئەسكى خالتا ئۈستىگە تاشلاپ قويسا ئاپام ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا كىلىپ كېتەتتى ، بىزمۇ ئاپامنى دوراپ قولىمىزنى كۆتۈرەتتۇق ...

    ئادەتتە چۈشتىن كىيىن  كىشىلەر ئاسان پۇل بەرمەيتتى  .جۈمە كۇنى بولسا بىزنىڭ ئورنىمىز  ناھىدىكى چوڭ مەسچىت ئالدىغا يوتكىلەتتى بۇ كۇندە ئاپام ئاچام ئىككىمىزنىڭ ئوينىشىمىزغا رۇخسەت قىلمايتتى ئەكسىچە بىزمۇ ئالدىمىزغا بىر دىن خالتا قويۇپ ئاپام بىلەن تەڭ قاتاردا تىزىلىپ ئولتۇراتتۇق بۇ كۈندە قولىمىزغا باشقا كۈندىكىدىن جىقراق پۇل كىرىپ قالاتتى . بەزىدە تېخى بەزى ساخاۋەتلىك كىشىلەر بىزگە سامسا ،گۆش گىردە قاتارلىقلارنىمۇ ئانچە –مۇنچە بېرەتتى .بەك قەغىشلىك قىلىپ تۇرۋالساق ئاچام ئىككىمىزگە چوكامۇز ئېلىپ بېرىپ ئۆزى سوەۇق سۇ بىلەن نان يەپلا ئۆتەتتى .دادام  بەزىدە مەسچىتتە نەزىر بولۇپتۇ دەپ ئانچە مۇنچە ئاشقان پولۇلارنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى .بۇنداق چاغدا بىزنىڭ ئۆيدە ھېيت بولغاندەك خوشال بولۇپ چوقۇرىشىپ كېتەتتۇق ...

كۈنلەر ئاشۇ تەرىقىدە نەچچە  ياز نەچچە قىشنى ئۇزۇتۇپ مەنمۇ ئانچە مۇنچە بىر نەرسە ئۇقىدىغان بولدۇم .ھەر كۈنى ئاپامنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكەن كەچكەنلەرگە نەزەر سالاتتىم . مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك ،چىرايلىق كىيىنىپ قولىدا ئويۇنچۇق كۆتۈرۋالغان بالىلارنى كۆرسەم ئىختىيارسىز ئارقىدىن ئەگىشىپ خېلى بىر يەرلەرگىچە باراتتىم ...ئەتىراپىمىزدا بىزدەك ئولتۇرۇپ كىشىلەردىن سەدىقە تىلەيدىغان كىشىلەر كۆپ ئىدى بەزىلىرى ئېسىلراق كىيىنىۋالغانلارنى كۆرسە ئاجايىپ چاققانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا سوزۇلۇپ ئۆلىرىنىڭ جاھاندىكى ئەڭ بىچارە كىشى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن جىمى ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سالاتتى ،ئەمما ئاپام ئۇنداق قىلمايتتى مەيلى خەق ئاز بەرسىدۇ،كۆپ بەرسىدۇ ئۇزۇن دۇئالار بىلەن رەخمەت ھەشقاللىسىنى بىلدۈرۈپ بارىغا شۈكۈرى قىلىپ ئولتۇراتتى ..بەزىدە ئېسىل كىيىنگەن بالىلارنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپ :

   -ئاپا قارىغىنا ئاۋۇ بالىنىڭ  قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئاپىسىمۇ بەك چىرايلىق كىيىۋاپتۇ .سىز  نىمىشقا شۇنداق كىيمەيسىز؟مىنىڭمۇ ئويۇنچۇق ئوينىغىم بارتى   دىگىنىمدە ئاپام ،چوڭقۇر ئۇھ تارتىۋېتىپ بېشىمنى سىلاپ قوياتتى ،ئاپامنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان مۇڭغا قاراپ بىزنىڭ مەڭگۈ شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش يۈرەلمەسلىگىمىزنىڭ تېگىگە ئانچە يېتەلمىسەممۇ ئەمما تۈرمۇشىمىزنىڭ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغانلىغىنى ئازتولا چۈشۈنۈپ قالاتتىم- دە ئارتۇق گەپ سورۇمايتتىم .

  ھېيت بايرامدا ئاز تولا ساخاۋاتلىك باي كىشىلەر ئۈچۈن كونا ئەمما بىز ئۈچۈن ‹‹يېڭى ››ھېيتلىق كىيىمىمىزنى كىيىپ بولۇپ باشقىلاردەك خوشھال خورام ھېيت ئوينىماستىن ئەتتىگەندە ئاپام سالغان پوشكالنى جىق يېۋېلىپ خۇداغا شۈكۈرىلەر ئېيتىپ   يەنىلا بۇرۇنقىدەك بازاردا ئولتۇراتتۇق .بۇنداق كۈندە چۈشىدىغان پۇلمۇ ئادەتتىكىدىن كۆپ بولاتتى ئاپام بىركۈن كەشكىچە ئولتۇرۇپ چۈشكەن پۇلدىن ئازراق ئايرىۋېلىپ ئۇن،گۆش ،ماي سېتىۋېلىپ بىزگە تاماق ئېتىپ بېرەتتى مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەڭ خوشاللىق ئىش ئاپام ئەتكەن  ئىسسىق تاماقنى  يىيىش ئىدى . دادام ئادەتتە ئۆيگە ناھايتى كەچ كېلەتتى ،كېلىپلا ئاپامنىڭ بوغچىسىنى ئاختۇرۇپ شۇ كۇن چۈشكەن پۇلنى ساناش بىلەن ئاۋارە ئىدى ،ئاچام ئىنىم ئۈچىمىز پومداقلىشىپ ئويناپ ھېرىپ  ئۇخلاپ قالاتتۇق ...

كۈنلەر ئەنە شۇنداق بىر خل رېتىمدا ئۆتمەكتە ئىدى گايى چاغلاردا بازار باشقۇرغۇچىلار ئالا بۇلىماچ كالتەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كېلىپ بىزنى يىراقلارغا قوغلىۋېتەتتى ،ئەمما بىز ئەتىسىلا ئۇ يەرگە يانا پەيدا بولاتتۇق...

كۈنلەر ئايلارنى ئايلار يىللارنى قوغلىشىپ مەنمۇ 7-ياشقا كىرىپ قالدىم.بىر كۈنى   كەچ ئەمدى بازاردىن يېنىپ تۇرساق  ئۆيىمىزگە رەتلىك كىيىنگەن ئىككى ئادەم كىرىپ كەلدى . ئۇلار نى ئاپام سەل ھۇدۇقۇش ئىچىدە ئۆيگە باشلىدى  .

- ھە ھېلىقى ئىسمى نىمىدا؟- دەپ سورىدى ئىگىز بويلۇق كادىر سۇپەت بىرسى يانا بىر ئاق سېرىق كەلگەن سەل ياشراق بىرسىدىن .

ياشراق كىشى قولىدىكى سومكىدىن يوغان بىر خاتىرە دەپتەرنى چىقىرىپ :

-مۇھەممەت غوجى ئىكەن .-دىدى .ياشتا سەل چوڭراق ئادەم گېلىنى قىرىپ قويۇپ ئاپامغا قاراپ :

-يائاللا، سىلەرنىڭ ئۆينى يامان تەستە تاپتۇق ھېلىمخان ئاچا   بۇمۇنداق ئىشتى دەپ ئەسكى پالاز تاشلاپ قويولغان سۇپىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ گەپ باشلىدى  ،-ئىككى يىل ئاۋال قىزىڭىز مەكتەپ يېشىغا توشۇپ ئېشىپ كېتىپتۇ دەپ  كەلسەك ئوقۇتالمايمىز دەپ قىزلىرىنى مەكتەپكە بەرمىگەن ئىدىلە  ئەمدى ماۋۇ مەمىتاخۇن (ئۇ مىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ)بۇيىل 7 ياشقا كىرىپ قاپتۇ . بالىنى مەكتەپتە ئوقۇتمىساڭلار قەتئى بولمايدۇ . ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ھۆججىتى بار مانا... ئۇ قولىدىكى ئاللىقانداق قەغەزلەرنى كۆرسۈتۈپ بىرمونچە گەپ قىلىپ ئاپامغا نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەرنى قىلدى ئاپام ئائىلە ئىقتىساتىمىز ناچار ... دىگەندەك نۇرغۇن باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ باققان بولسىمۇ ئۇلار ‹‹مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى  ››دەمدۇئاللىقانداق  بىر قانۇننىڭ گېپىنى قىلىپ ئاپامنى ئازراق پەسكارىغا چۈشۈردى  ئاپام   كەچۈرۈڭ كادىر ئەپەندىم بۇ ئىشقا مەن بىر نىمە دىيەلمەيمەن دادىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئەتە جاۋابىنى بەرسەك دەپ ئۇلارنى ئاران يولغا سالدى . ..

    -ئاپا مەكتەپ دىگەن نىمە ئۇ ؟ سورىدىم مەن قىزىقىپ ئاپام بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ:

- ئوقۇيدىغان يەر  ،-دەپ جاۋاپ بەردى .

-ئوقۇپ نىمە قىلىدۇ؟  سورىدىم مەن يەنە

- ئوقۇپ كادىر بولىدۇ .دىدى ئاپام پەرۋاسىزلا

- ئاشۇلاردەكمۇ ؟  مەن بايا ئۇلار چىقىپ كەتكەن تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ سورىدىم

-ھەئە

-ئۇنداقتا مەنمۇ ئوقۇپ كادىر بولايچۇ؟! ئاپا ماقۇل دەڭە مەنمۇ ئوقۇي.. ئەتىدىن كەچكىچە بازاردا ئولتۇرىۋېرىپ زېرىكتىم ماقۇل دەڭە ئاپا مەن ئاپامنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدىم ئاپام گەپ سۆز قىلماستىن بۇرۇنقىدەك بېشىمنى سىيلاپ قويۇپ ئۇلۇق كىچىك تىنىپ:

- داداڭ كەلسۇن ،بىر گەپ بولار، بېرىپ ئۇخلا -  دىدى .  مەن ئاپامنىڭ گېپىنى ھەرۋاقىت ئاڭلايتتىم شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئورنۇمغا بېرىپ ياتتىم ئەمما كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس دادامنىڭ كېلىشىنى مىنى ئوقۇسا ئوقۇسۇن دىيىشىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىپ پات پاتلا ئىشىككە قاراپ قوياتتىم ئەمما ھەر كۇنى بالدۇرلا كېلىدىغان دادام ھېچلا كەلمەيۋاتاتتى ..  قايسى ۋاخلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ئەمما چۈشۈمدە مەنمۇ ئوقۇپتىمىشمەن ،جىق بالىلار بىلەن بىر سىنىپتا ناھايتى كۆڭۇللۇك ئويناپتىمىز ...نۇرغۇن دوستلىرىم ..نۇرغۇن ئويۇنچۇقلىرىم بار بولۇپتۇ ....


داۋامى:
   مۇنبەردىكى ئەزىز ئوقۇرمەنلەر    ‹‹تىلەمچىنىڭ ئوغلى ›، نامىلىق بۇ ئەسەرنى  مۇنبەردە ئېلان قىلىپ ئاخىرىنى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ بوللالمىغان ئەمدى داۋامىنى يوللىدىم .تورداشلارنىڭ  قىممەتلىك تەكلىپ   پىكىرلىرىنى بېرىشىنى  سورايمەن . ھەمدە داۋامىنى كېچىكىپ يوللىغانلىغىم ئۇچۇن ئەپۇ سورايمەن ....                                          

سىياسەت دەرس ۋاختى ئىدى تۇيۇقسىز سىنىپ ئېشىگى يېنىك چېكىلىپ  بىرەيلەن  مۇئەللىم بىلەن بىرنىمىلەرنى دىگەندىن كىيىن مۇئەللىم سىنىپقاكىرىپ جىددىيلەشكەن ھالدا ماڭا قاراپ :
-مۇھەممەت ، سېنى ئىزدەيدىكەن دىدى ، مەن ھەيرانلىق بىلەن مۇئەللىمگە قارىدىم مۇئەللىم:
- تىز بول ،داداڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتۇ.-  دىدى ۋە ساۋاقداشلادغا قاراپ ،- قېنى ساۋاقداشلار بىز دەرسىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرەيلى ... مەن ئالدىراپ كىتاپ دەپتەرلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ سىنىپتىن چىقتىم .
   ئىزدەپ كەلگىنى مەكتەپ مودىرىمىز  ئىكەن . ئۇ ماڭا تىز بول  ناھىيىلىك خەلىق دوختۇرخانىسىغا بار داداڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچۇراپتۇ دەپ تىزدىن تاكسى توسۇپ بېرىشىمنى جىكىلەپ قولۇمغا تاكسىغا تۆلەيدىغان پۇلنىمۇ بەردى . مەن جىددىلەشكەن ھالدا مەكتەپ ئالدىغا چىقىپ تاكسى توسۇپ دەرھال دوختۇرخانىغا كەلدىم . دادام جىددى قۇتقۇزۇش بولىمىدە ئىكەن . كەلسەم ئاپام ،ئاچام ،ئىنىملار كارىدۇردا ساخلاپ تۇرۋېتىپتۇ ئىتتىك ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم . ئاپام مىنى كۆرۈپ كۆز ياشلىرىنى توختىتىپ ئالالمىدى . بىر ھازا ئېسەدەشتىن كىيىن ئەتىگەن بولۇنغان قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئەھۋالىنى ، ھەم دوختۇرلارنىڭ جىددى قۇتقۇزۋاتقانلىغىنى ئېيتتى .
ئەسلىدە ئەتىگەندە دادام ناشتا قىلىپ بولۇپ   ، بازارغا ماڭغاندا چوڭ يولدا ئرقا تەرەپتىن بىرماشىنا  سوقېۋېتىپ قېچىپ كېتىپتۇ  ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ ئاپامغا خەۋەر قىلغان ئىكەن   .   ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىر چاغدا بىر دوختۇر چىقىپ ئاپامنى چاقىرىپ ئەكىرىپ كەتتى . ھەممىمىز تەققەززالىقتا ئاپامنىڭ بىرەر ئىشنى بىلىپ چىقىشىنى ساخلايتتۇق .بىر چاغدا ئاپام ھالسىز قەدەملىرىنى تەستە ئېلىپ چىقىپ :

- تىز بولۇڭلار بالىلىرىم بىردىن بىردىن كىرىپ داداڭلاردىن رازىلىق ئېلىۋېلىڭلار دىدىدە تامغا قاراپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى  .ھەممىمىز تەڭلا دادام ياتقان ئۆيگە قاراپ يۈگۈردۇق ، ئىشىك ئالدىدىكى دوختۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى بويىچە ئاۋال ئاچام كىرىپ خېلى ئۇزۇندا يىغلىغانچە چىقتى نۆۋەت ماڭا كەلگەن ئىدى . مەن ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋېلىپ   دادامنىڭ يېنىغا كىردىم ،ئاھ، نىمىسىنى دەي دادام بېشى، ئىككى پۇتى  قاتمۇقات  داكا بىلەن ئورالغان    سول قولىنىڭ مىدىرلىشىدىن ،   ھەم باش تەرپىدىكى يۈرەك سوقۇش ئەھۋالىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدىغان ئاپاراتتىنلا ئۇنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولاتتى .   مەن دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ قولىنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم دادامنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ ئىچ ئىچىمدىن قاتتىق بىر يىغا قاپساپ كەلدى .دادامغا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن لىۋېمنى قاتتىق چىشلەپ ئۈنسىز يىغلىماقتىمەن .... بىر ھازادىن كىيىن مۇھەممەتمۇسەن ؟  دىگەن ئاجىز ئاۋازدىن ھوشۇمنى يىغىپ دادامنىڭ ئاغىزىغا قارىدىم .  ئۇ ناھايتى تەستە نەپەس ئالاتتى    بۇرنىدىكى ئوكسىگىن نەيچىسىگە كۆنەلمىگەن بولسا كېرەك قولى بىلەن ئېلۋېتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلاتتى .  مەن كۆز يېشىمنى سۈرتۋېتىپ  دادامغا قاراپ :  دادا قاندىغاراق تۇرىسەن  ؟ بەك ئاغىرىپ كېتۋاتامدۇ ؟دىگەنلەرنى ئارانلا دىيەلىدىم .دادام چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كىيىن مىنىڭ بېشىمنى سىلاپ:
-جىنىم بالام مەن بولالمايدىغان ئوخشايمەن ،سىلەرگە ياخشى ئاتا بولالمىدىم ... ئاپاڭ ،ئاچا –ئۇكىلىرىڭ ساڭا ئامانەت ،ئۇلارغا ياخشى قارا ئاپاڭنىڭ سالامەتلىگى ياخشى ئەمەس ، ئۇنۇڭغا ھەمدەم بول . جاپا تارتساڭلارمۇ ياخشى ئادەم بولۇڭلار ..  ئۇ قاتتىق  كۈچەپ گەپ قىلغانلىقتىن   بىر ھازاغىچە قاتتىق ھاسىراپ كەتتى ...ئاندىن تەسلىكتە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ بىرنىمىلەرنى پىچىرلاپ دۇئاقىلىپ بېشىمنى سىلىدى ، دوختۇر بېمارنى ئاياڭلار بولدى سىز چىقىپ ئۇكىڭىز كىرىپ خوشلىشىۋالسۇن دەپ مىنى چىقىرۋەتتى كۆزۈم قىيمىغان ھالدا دادام يىنىدىن ئايرىلدىم ...  ئاپام  ئۇكامنى ئېلىپ دادامنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى ....   
  توۋا ... تېخى ئەتىگەندىلا ساق –سالامەت ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن دادام شۇنداق تىزلا ...   ئىچ ئىچىمدىن شۇنچىلىك ئېزىلىپ يىغلىغۇم كېلەتتى . نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ مىنىڭ دادام ،مىنى بۇ دۇنياغا ئاپېرىدە قىلغان يىلتىزىم ئىدى ، ئۆزى تىلەپ تاپسىمۇ ئەمما كىشىنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالىدىغانلاردىن ،ھارامدىن يىراق ئىدى ھەمدە دائىم بىزگە ‹‹ بالام جاپا تارتساڭلارمۇ باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى رۇخسىتىسىز ئالماڭلار ، يامان يولدا ماڭماڭلار دەپ تەربىيە قىلاتتى ...   
تۇيۇقسىز مۇرەمگە قويولغان قولدىن چوچۇپ كەتتىم .
-داداڭنىڭ ئەھۋالى قاندىغاراق ئوغۇلۇم ؟ ئەتىگەن سەن بىلەن بىرگە كېلىپ بولالمىدىم .ئىشخانىدا ئىشلار بېسىۋالدى. شۇڭا ئەمدى بولسىمۇ كېلىشىم . مەن كىرىپ چىقاي دەپ ئىتتىك دادام ياتقان ياتاققا كىرىپ كەتتى، مەكتەپ مودىرىمىز. مودېر كىرىپ كېتىپ بىرھازادىن كىيىن ئاپام مىنى چاقىردى    . ياتاققا كىرسەم مودېر دادامنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئۈزۈپ –ئۈزۈپ قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتى .   كۆڭلۇم باشقىچىلا بۇزۇلۇپ كەتتى . بىزنى تىلەمچى دەپ ھېچكىممۇ كۆزگە ئىلمايتتى . ھەتتا تۇققانلىرىمىزمۇ بىز بىلەن كوچىلاردا ئۇچىراپ قالسا نۇمۇس قىلىپ كۆرمىگەنگە سېلىۋالاتتى   ئەمما مودېر   بىزگە ناھايتى ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى .   بەزىدە ئۆز ئۆزەمگە دەپ قالاتتىم، نىمە دىگەن ئېسىل ئادەم –ھە؟ كىچىك پىئىل ، كەڭ قورساق ،ساخاۋەت دىسە تۆكۈلۈپلا تۈرىدىغان .  بىر قېتىم مودېرنىڭ ئۆيىگە بارسام تاماق ۋاختىدا بېرىپ قاپتىمەن . ھەممەيلەن تاماق شىرەسىنى چۆرىدەپ تاماق يىيىشىۋاتقان ئىكەن . كەل ئوغۇلۇم ،كەل. ياخشى  ئادەم ئاش ئۈستىگە دەپتىكەن رىسقىڭ بارئىكەن   ،قېنى ئاپىسى بول مېھمانغا تاماق ئەكەل دەپ ھەدىمىزنى تاماق سېلىپ كېلىشكە بويرىغانىدى. ئاشۇ قېتىم يىگەن لەغمەننىڭ تەمى تا ھازىرغىچە تىلىمدا . مانا بۇگۇنمۇ دادامدىن ئەھۋال سوراپ كېپتۇ .   دادامنىڭ كۈچسىز ھالدا چاقىرىشىدىن خىياللىرىمنى يىغدىم .
دادام مىنى چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق يېقىن كېلىشكە بويرىدى مەن تېخىمۇ يېقىن كەلدىم . دادام بىر ھازا كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئۈن-تىنسىز يېتىۋەتكەندىن كىيىن مودېرغا قاراپ ئۈزۈپ  ئۈزۈپ تەستە :
- مۇشۇ كەمگىچە بىزگە ،ئوغۇلۇمغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلدىڭىز، بىزگە نۇرغۇن ياخشىلىق قىلدىڭىز   ... ئاللا ئىگەم دۆلىتىڭىزنى يەنىمۇ زىيادە ،مەرتىۋېڭىزنى يەنىمۇ ئىگىز قىلغاي...  دادامنىڭ ئاۋازى بارا بارا پەسلەپ كەتتى  ..بىردەم قاتتىق ھاسىراپ جىمىپ كەتتى . بىز ھەممىمىز جىددىلەشتۇق .دادام بىر ھازاغىچە قاتتىق قىينالدى. قولۇمنى تارتىپ مودېرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ    ئاندىن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى . ئوغۇلۇم مۇھەممەتنى سىلىگە تاپشۇردۇم   . ئۇنى ئۆزلىرىدەك ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيلىسىلە .... ئوغۇلۇم، گېپىمنى ياخشى ئاڭلا ،بۇندىن كىيىن ھەر قانداق ئىش قىلماقچى بولساڭ مودېرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە  ئىش قىل ،ئۆيدىكىلەر ساڭا قالدى ،ئاپاڭنى ياخشى   ئاسراڭلار... دادام يەنە نىمىلەرنىدۇ دىمەكچى ئىدى لىكىن نەپسى قىيىنلىشىپ يەنە جىمىپ قالدى.
بىر ھازادىن كىيىن دادام ئاستا كۆزىنى ئاچتى مودېر دادامغا قاراپ:
-خاتېرجەم بولسىلا ، مۇھەممەتنى مەن ئۆز بالامدەك كۆرۈپ ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيەلەيمەن دىدى  .  دادام يىنىڭ تىنىپ قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈردى ھەممىمىز قولىمىزنى كۆتۈردۇق دادام ئىچىدە پىچىرلاپ بىرنىمىلەرنى ئوقۇيتتى   .    قوللىرىم دۇئادا ،كۆزلىرىم دادامدا ،  ئۇ ئەمدى سەل خاتېرجەم بولغاندەك كۆرۈنەتتى تۇيۇقسىز دادامنىڭ قوللىرى پەسكە چۈشۈپ ،بېشى بىر تەرەپكە قىيسىيىپ قالدى .
-دا...دا   ھەممىمىز تەڭلا دادامغا قاراپ ئۇنى چاقىرىشتۇق ...  دوختۇرلار ئالدىراش كىرىپ جىددى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قىلغان بولسىمى ئەمما دادام قايتىدىن كۆزلىرىنى قايتا  ئاچمىدى ...
مودېرنىڭ ،مەھەللىدىكى ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە دادامنى يەرلىككە قويۇپ ئاخىراتلىك ئىشلىرىنىمۇ تۈگۈتۈپ مانا بۇگۈن كىچىك بولسىمۇ قازان ئېسىپ يەتتە نەزىرىنى بېرىپ بولدۇق .  ئاجىز ،ۋەيرانە كۈلبىمىزنى تېخىمۇ غېرىپچىلىق باستى . بىر بىرىمىزگە گەپ قىلغۇدەك ھالىمىز يوق ھالەتتە ئولتۇرۇپ كەتتۇق .
ـ   ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم ،قانداق ئىشلار بىرەر قۇر تۈگەپ   قالدىمۇ ؟- گەپ قىلغاچ كىرىپ كەلدى مودېر.     ئۇرنىمىزدىن تۇرۇپ مودېرغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۈرگە باشلىدۇق   . ئاپام چاي دەملەشكە تۇتۇندى .   بولدې    چاي قىلمىسىلا    ،  ئاۋال سىلەردىن ھال سورىغاچ  مۇھەممەتنىڭ كىيىنكى ئوقۇش ئىشلىرى توغۇرلۇق مەسلىھەتلىشەيلى دەپ كېلىۋېدىم  . مودېر بېشىمنى سىلىغاچ گەپ باشلىدى . -  بىلىمەن ئوغۇلۇم ، داداڭنىڭ ئۆلىمى ھەممىمىزگە بەك ئېغىر كەلدى ،  نىمە دەيمىز  ،‹‹قازاغا رىزا ›› دەپتىكەن ئاتا بوۋېلىرىمىز . ئەلەكمۇللا دىمەكتىن باشقىنى قىلىشقا بەندىنىڭ قۇربىتى يەتمەيدىكەن .   تىرىكلەر تەنىلا ياشاشنىڭ غېمىنى قىلمىساق بولمايدۇ .بەردەم بول    ئوغۇلبالا دىگەن بۇنداق ئۆزىنى تاشلىۋەتسە بولمايدۇ ، ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپنى تېپىۋال ،سەن ياخشى ئوقۇپ ئۆيدىكىلەرگە ياخشى قارىمىساڭ بولمايدۇ .ئاتاڭنىڭ ۋەسىيىتىنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت . قىيىنچىلىق دىگەن مەڭگۈلۈك نەرسە ئەمەس . بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ . .. ئۇ روھېمنى كۆتۈرىدىغان گەپلەر بىلەن مىسكىن كۆڭلۈمگە تەسەللى بېرىپ ئەتە مەكتەپتە كۆرۈشەيلى ، دەپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى .
كېچىچە قاتتىق ئويلاندىم   . ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر قارارغا كەلدىم . ئەتتىغان بامدات ۋاىتىدا تۇرۇپ دادامنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ دۇئاكىلىپ بولغاندىن كىيىن  . دادامغا خىتاپ كىلدىم .دادا مىنى كەچۈر ، مەن ئەمدى ئوقۇشنى توختاتماقچى    ، ئاپامغا ھەمكارلىشىپ ئۆينى باقمىسام بولمايدۇ ، ئاھ ..دادا ،سېنىڭ يوقلىغىڭ ھېلىتىنلا بىلىنىشكە باشلىدى مىنى كەچۈر ...    بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم   نىمە قىلىشىم كېرەك ،مەن  نىمە ئىش قىلالايمەن ؟  يە ئاتا كەسپىمگە ۋارېسلىق قىلىپ ...   خىياللىرىمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدىم .ئۇھ   ھەي ئاتىسىزلىق ... ھەي ئاتىسىزلىق...  مەن چىگىش خىياللار ئىلكىدە  ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەيلا قاپتىمەن...
-مانا دىمىدىممۇ مۇشۇ يەردىمىكىن دەپ .خۇداغا شۈكۈرى باركەنسەن.
تۇيۇقسىز چىققان ئاۋازدىن ئەندىكىپ كەتتىم. ئارقامدا سىنىپ مودېرىمىز ، ھەدەم بىلەن تۇراتتى    ئۇلارنىڭ ھاسىراپ كەتكىنىدىن خېلى ئىزدىگەنلىگىنى ھېس قىلىپ خىجىللىكق ئىچىدە بىشىمنى تۆۋەن قىلدىم .
- يۈر ئوغلۇم ، بەك كۆپ دەرىستىن قالدىڭ    . مانا سومكاڭنىمۇ ئېلىپ كەلدىم . مودېر سېنى ئىشخانىدا ساخلاۋاتىدۇ    دەپ قولۇمدىن يېتىلەپ ماڭدى .مەن  مۇئەللىمگە    گەپ قىلىشقا پېتىنالماي ئارقىدىن سۆرىلىپ دىگۈدەك مېڭىپ مەكتەپكە كەلدىم . مودېرنىڭ ئىشخانىسىدا نۇرغۇن مەسلىھەتلەت، نۇرغۇن گەپلەر بولۇندى، شۇنداق قىلىپ مەن ئوقۇپ قالدىم .ھەش پەش دىگۈچە  مانا تولۇقسىز ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈرەي دىدىم  ، ھەپتىدە 5 كۈن شۇنداق جىددى ئوقۇيمەن دەرىستىن چۈشۈپلا مودېر تونۇشتۇرۇپ قويغان ، ئاشخانىدا    ئۇستامغا ياردەملىشىمەن ، ئاپاممۇ ئىلگىركىدەك بازارغا چىقمايدۇ  。،ئۇكامغا قارىغاچ خولۇم خوشنىلارنىڭ ئىش -كۈشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ ئۆينىڭ چاي- تۇزلىرىدىن خەۋەر ئالىدۇ ، مەن ھەر ئايلىق ئىش ھەققىمنى ئېلىپلا  قالدۇرماي ئاپامغا بېرىمەن. ئاپام تىجەشلىك بىلەن بۇ پۇللارغا ئۇن  ،ماي، كۆكتات... دىگەندەك زۆزۈر نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن باشقا ئارتۇق پۇللارنى يىغىپ قويىدۇ . ئەلۋەتتە مودېرمۇ    قاراپ تۇرمايدۇ . پات پات . بالىلىرىدىن ئۇن ،مايلارنى ،بەزىدە  قوي سۇيدۇرغان چاغلىرىدا بىرەر ئىككى كىلو گۈشلەرنى   ئەۋەتىپ تۇراتتى . ساۋاقداشلىرىممۇ ‹‹ تىلەمچىنىڭ بالىسى ››  دىگەن گەپنى ئەمدى قىلىشمايدۇ . تېخى مەن بىلەن  بىللە دەرس تەكرار قىلىش ئۈچۈن بەزىدە ساۋاقداشلىرىم ئۆيلىرىگىمۇ چاقىرىپ تۇرىدۇ . چۈنكى مەن ھازىر‹‹ تىلەمچىنىڭ بالىسى ››  ئەمەس  سىنىپنىڭ ئەڭ ئالدى  ،  مەكتەپنىڭ يۈزىنى كۆتۈرگەن چولپان بولۇپ قالغان ئىدىم .مەيلى تەنتەربىيە ياكى ھەر خىل زېھېن سىناش ، نوتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرىدە بولسۇن شەھەر بويىچە ئالدىنقى  نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەتتىم .مودېرمۇ مەندىن بەك رازى ئىدى .  كۆنلەر جىددىچىلىكتە ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ كۆنۇپ قالغان ئىدىم ... دادامدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئاچام نىمىشقىدۇر ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان بولىۋالغان ئىدى . مىنىغۇ بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ بولغىچە – ئۆتەپ بارە نېرى ، ماڭا گەپ قىلغۇدەك سەن مىنىڭ  ئاكاممىتىڭ دەپ ئۆزىنىڭ مەندىن چوڭلىغىنى پەش قىلىپ   گېپىمنى ئىلىك ئالمايتتى . نىمىش قىلىۋاتقىنىنى سورىغىلىمۇ بولمايتتى شۇنداق سوراپ قويدۇقمۇ بولدى ئۆينى بېشىغا كەيگىنى كەيگەن ئىدى.شۇ كۈنلەردە ئاچامنىڭ ئارقىسىدىن بەزىبىر مىش –مىش پاراڭلارنى ئاڭلاپ قېلىۋاتاتتۇق ...
داۋامى بار............
  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-3 11:30 PM  


قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2554
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21664
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9892 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 09:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
ئەسىرىڭىزنىڭ باشلانمىسى مۇشۇ ئەسەرگە قايتا تەھرىرلەندى.

تورداشلارنىڭ ئەسىرىڭىزدىن تولۇق بەھىرلىنەلىشى ئۈچۈن ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى تېزراق يوللىشىڭىزنى ھەمدە داۋامىنى  مۇشۇ يازمىڭىزغا ئىنكاس شەكلىدە داۋام قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-3 09:33 PM  


ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 10:21:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتتۈم...

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10414
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 10:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە  داۋامىنى ساخلامتۇق ئا

شاھزاد

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 11:03:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن ئىدىم،كۈتكىنىمگە چۇشلۇق ئاخىرىنى يوللاپسىز.........


ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-3 11:09 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 11:48:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 09:17 PM
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
ئەسىرىڭىزنىڭ باشلانمىسى مۇشۇ ئەسەر ...

رەھمەت سىزگە ، بولمىسا ئىزدەپ ئاۋارە بۇلاتتۇق .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93747
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 720
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2013-3-22
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 09:56:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 09:17 PM
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
ئەسىرىڭىزنىڭ باشلانمىسى مۇشۇ ئەسەر ...

رەھمەت . ئەسەرنىڭ داۋامى بۇگۈن -ئەتىنىڭ ئىچىدە يوللىنىپ بولىدۇ

بىلىم ئال ، سائا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18499
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6367
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 755 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 10:31:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئۇزاق ساقلاپ كەتتۇق .ئەمدى ئۇزۇلدۇرۇپ قويماڭ داۋامىنى

ئۆزۇڭگە ئىشەن !! ئۆزگىنى چۇشەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1320 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 05:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن يىزىپ ھازىرغىچە ئاخىرىنى چىقارمىدىڭىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93747
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 720
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2013-3-22
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 07:30:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     شۇنداق ,بىر ئائىلىنىڭ تۇۋرىكى يىقىلغاندىن كىيىن بۇ ئائىلىنىڭ مەزمۇت بولمىقى بەكمۇ تەسكەن .   ئاپامغۇ بازارغا چىقماس بولدى ئەمما نەچچە ۋاقىتتىن بېرى  ئاچام باشقىچىلا بولۇپ قېلىۋاتاتتى . ئەتىدىن كەچكىچە كىيىمنىڭلا گېپىنى قىلاتتى يۇرۇش تۇرۇشلىرىمۇ بەكلا غەلىتە ،دائىم قېنىق گىرىم قىلۋېلىپ ئەتىدىن كەچكىچە ئۆيگە كىرمەيتتى   كىرسىمۇ يۇتقانغا كىرىپ بىر ئۇخلايدىغان بولسا ئەييۇھانناس  رىۋايەتلەردىكى دىۋىدەكلا بىر ئىككى كۇن قوپمايلا ئۇخلايتتى .نە ئۆي ئىشلىرى بىلەن كارى يوق ،نە تاماق ئېتىش ... ھەتتا تاماق يىگەن قاچىسىنىمۇ   يىگەن يەرگىلا تاشلاپ قويا تتى ئاپام ياكى مەن بىرە گەپ قىلىپ بولغىچە ۋاقىراپ سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ  ئۆيدە قىيامەت قايىم بولاتتى . تولىراق كەچ تەرەپلەردە چىقىپ كېتەتتى . ئاپام كېچە كېچىلەپ يولىغا قاراپ نۇرغۇن تۇنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىۋېتەتتى بەزىدە تاڭ سەھەردە ،بەزىدە چۈشكە يېقىن ئىنتايىن ھارغىن كېلەتتى – دە، يەيدىغان بىرەر نەرسە بولسا ھاپىلا -شاپىلا يەپلا يۇتقانغا كىرىپ ئۇخلايتتى .  ئاپام ئاچامغا گېپىنى ئۆتكۈزەلمىگەنسىرى تولا خىيال قىلىپ قويغان تۇتقىنىنىمۇ بىلمەس بولۇپ قالغان ئىدى .     يېقىندىن بېرى ئاچامنىڭ قولىدا تىلفۇن پەيدا بولۇپ قالدى . ئۇدائىم تىلفۇن كەلسىلا جىددىلىشىپ ئالدىراپ گىرىم قىلاتتى- دە، مەن چىقىپ كەتتىم دەپلا  سومكىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى .   بۇنداق كۈنلەردە نەگە بارىدىغاندۇ دەپ ھەيران قالاتتىم .    قىشلىق تەتىلنىڭ بىر كۇنى   ئۆيدە ئۈگۈنۈش قىلىۋاتاتتىم    .تۇيۇقسىز ئاچامنىڭ تىلفۇنى جىرىڭلاپ كەتتى . ئۇتىلفۇننى ئالدىدە :‹‹  ماقۇل ھازىرلا باراي دەپ›› دەرھال گىرىم قىلىشقا ئولتۇردى نەچچە گەپ قىلىيمۇ دەپمۇ ئويلىدىميۇ يەنە يالتىيىپ قالدىم .ئاچام كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ مېڭىشىغىلا مەنمۇ دەرھال ئارقىغا چۈشتۈم ،چۈنكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خوشنىلارنىڭ بىزنى كۆرسىلا كۇسسۇرلىشىپ گەپلىشىششلىرى ، تېخى ئۆتكەن قېتىم سىنىپتىكى   جەمىيەتتىكى بالىلار بىلەن ئارلىشىدىغان ھېلىقى ئەركىن ‹‹جودا››   بىلەن سۇركىلىشىپ قالغاندا ئۇ   مىنى *** نىڭ  ئوكىسى دېۋېدى ئاچچىقىمدا بىر مۇش ئاتقان ئىدىم ، ئۇ نوچى بولساڭ ماڭا مۇش ئاتقىچە *** يولىدىكى *** جايغا بارە گېپىم يالغانمىكەن  ؟  دىۋېدى ئۆلمىدىم ئۇنىڭ بېرىسى بولدۇم .  شۇنداق قىلىپ ئاچامنىڭ كەينىدىن ماڭدىم   دىگەندەك ئاچام ھېلىقى ئەركىن دىگەن يەرگە كىرىپ كەتتى . ئىشىك ئالدىدا قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدىم .بىرھازا تۇرىۋەتكەندىن كىيىن ئۆزۈمنى ئازراق بېسىۋېلىپ ئۆيگە كىردىم  . ئاھ نىمىسىنى دەي . بىر توپ ھاراقكەشلەر ئەرلەرمۇ ،قىز ئاياللارمۇ ساپلا مەست ئىدى   ئۇلار مىنى كۆرۈپ شۇنداق سەت كۈلۈشتىكى .  تېنىم شۈركىنىپ كەتتى . ئاچاممۇ 50  ياش ئەتىراپىدىكى  شۇنداق بەتبەشىرە بىرىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇراتتى ...كۆزئالدىم قاراڭغۇلىشىپ يەرجاھان ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى ...بېرىپ ئاچامنىڭ قولىدىن تارتتىم .
-        يۈر ئاچا ئۆيگە كېتىمىز .  ئاچام ماڭا قاراپ :
-         يوقال ،چىقىپ كەت .دىيىشىگىلا يېنىدىكىلەر مەيدەمدىن ئىتتىرىپ تېپىپ مىنى ئېشىكتىن  سىرتىقا خۇددى ئەسكى چاپاننى تاشلىغاندەك چۆرۈپ تاشلاشتى .   ھاقارەت ،خورلۇق دەستىدىن يۈرۈگۈم قان يىغلىماقتا ...   دەلدەڭشىگەنچە كېتىپ بارىمەن .... بىردىنلا دادامنى شۇنداق سېغىندىم  . بىر دەسسەپ ئىككى دەسسسەپ  قەبرىستانلىققا كەلدىم ...   توڭلاپ پۇتلىرىم ئۇيۇشۇپ كېتىپتۇ  .ئەتىراپ  قازاننىڭ قارىسىدەك قارا ، ئاسماندا يۇلتۇزمۇ كۆرۈنمەيتى  . پۇتكۇل كائىنات  كىچە ئۇيقۇسىدا ئىدى . يىراقتىكى مەھەللىدىكى لالما ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرىلا كېچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى .دادامنىڭ قەبرىسى يېنىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇردۇم بىلگەن ئايەتلىرىمنى ئوقۇپ ئەقىلسىز ئاچامنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلىدىم ...
ئۆيگە كەلسەم ئاپام تېخىچە ئۇخلىماي مىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن .
-كەلدىڭما ئوغۇلۇم .ئەجەپ ئەنسىرەتتىڭ ، يا سەن كەلمىدىڭ ، يا ئاچاڭ ...ئاپامنىڭ جىق گەپ قىلىشىنى خالىمىدىم شۇڭا‹‹ ئۇخلايمەن ››دەپلا يۇتقاننى بېشىمغا يۆگەپ يېتىۋالدىم   . ئەمما كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس  ھېلىدىن ھېلىغا ھېلىقى ئۆيدىكى كىشىلەر ئاچامنىڭ شۇتاپتىكى تۇرقى كېلىۋالاتتى .ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن كۆزلىرىم ئۇيقۇغا بېرىپ قاپتۇ .   ئۆيدىكىلەر يىراققا سەپەرگە مېڭىپتىمىز ،    ھەممىمىز قول تۇتۇشۇپ كېتىپ بارغۇدەكمىز. تۇيۇقسىز  گۈمبۈرلىگەن ئاۋاز چىقىپ يەر يېرىلىپ   قاتتىق چىقىرىغان ئاۋاز بىلەن ئاچام كۆز يەتكۈسىز چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى ، نىمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەيلا قالدۇق .ئاچام بىچارىلەرچە بىزدىن تۇتۋېلىشىمىزنى ئۆتۈنۈپ توۋلايتتى بىز بار كۇچىمىز بىلەن قوللىرىمىزنى سۇنغان بولساقمۇ زادىلا ئۇنى تۇتالمىدۇق  .چوڭقۇرلۇقتىن ئادەمنىڭ تېنىنى شۇركۇندۇرىدىغان قورقۇنۇچلۇق مەخلۇق قوللىرىنى سوزىغانچە ئاچامنى تارتىپ ھاڭنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى . غەلىتە مەخلۇقنىڭ قورقۇنۇچلۇق كۈلكىسى ئاچامنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئالىقاياقلارغا ئېلىپ كەتتى . ئاپام  بۇ تاسادىپىلىقتىن ھوشىنى يوقىتىپ قويغان ئىدى ئىنىم بىلەن ئىككىمىز ئاچام چۇشۇپ كەتكەن چوڭقۇرلۇققا قاراپ بار كۈچىمىز بىلەن توۋلىدۇق    -ئا ....چا
  - نىمە بولدۇڭ بالام ؟  ئاپامنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغاندىم. ئۇھ ،بۇ ئەسلى چۇشۇمكەندە .ئەشۇ قورقۇنۇشلۇق كۈنلەردىن كىيىن ئاچامنىڭ ئۆيگە كەلمىگىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا كۈنلەر ئاساسەن بىر خىل رېتىمدا ئۆتىۋاتاتتى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiqak2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 07:31 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش