بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زادى نېمە؟
شۇنداق بىر كۈنلەر كەلسە، ماتېماتىكا بىلەن فىزىكا توي قىلىپ، يىراق يەرلەرگە كەتسە...، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان خىمىيە زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالسا، خىمىيەنىڭ ئۆلۈمىگە چىدىمىغان بىيولوگىيە، جۇغراپىيە، سىياسەت، تارىخ ساراڭ بولۇپ قالسا،تەنتەربىيە، مۇزىكا، رەسىم قاتارلىقلار بۇلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن تەسىرلىنىپ، بىزگەمەڭگۈ ھەمراھ بولسا...
يۇقىرىقىنى يۇمۇركەن دەپ قالماڭ، بۇ يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈندىداردا يوللىغان مەزمۇن بولۇپ، كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلارداكۆرۈلۈۋاتقان دەرستىن بىزار بولۇش پىسخىكىسىنىڭ ‹‹يۇمۇر›› ئارقىلىق ئىپادەتېپىشىدۇر. ئۇنداقتا، دەرستىن بىزار بولۇش نېمىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق بىزارلىق نېمەسەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ، بۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
دەرستىن بىزار بولۇش ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم دەرسكە بولغان پاسسىپ پوزىتسىيەسىنىڭ ئىپادىلىنىشى، بىر قانچە خىل دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتى جۇغلانسا ئوقۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ. ئوقۇشتىن بىزار بولۇش ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئوقۇشقا بولغان پاسسىپ پوزىتسىيەسىنىڭ ئىپادىلىنىشى. ئوقۇشتىن بىزار بولۇش بىلەن دەرستىن بىزار بولۇشنىڭ مۇئەييەن ئوخشاشلىقى ھەم پەرقى بار، بۇئىككىسى ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇنداقلائوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى ‹‹يۇمۇر››نىڭ ئىجادچىسى بىلەن ‹‹يۇمۇر››نىڭ تارقاتقۇچىلىرى ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە،بىيولوگىيە، جۇغراپىيە، سىياسەت، تارىخ قاتارلىق دەرسلەردىن بىزار ، تەنتەربىيە،مۇزىكا، رەسىم قاتارلىق دەرسلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلاردا دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىمەۋجۇتمۇ؟
ئوقۇتقۇچىلار دەرسئۆتۈش جەريانىدا ‹‹ئۆزى دەرسخانىدا بولسىمۇ، خىيالى سىرتتا پالاز قاقىدىغان››ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ ئۇچرىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممە دەرستەمۇشۇنداق پاسسىپ بولۇشى ناتايىن.
بۇ يىل مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 2 – يىللىقىغا چىققان ئادىلبىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭدىن يۇقىرىدىكى ‹‹يۇمۇر››نى كۆرگەن – كۆرمىگەنلىكىنى سورىۋېدىم، ئۇ بۇنداق‹‹يۇمۇر››نىڭ كۆپلۈكىنى ئېيتتى. ئۇ تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا ماتېماتىكا دەرسىدەيامان ئەمەسكەنتۇق، بىراق تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن چېكىنىپ كېتىپتۇ، شۇڭادەرس ئاڭلىغۇسى كەلمەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىي پەنلەردىنبىزاركەن، خىمىيە، فىزىكا دەرسلىرى ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرمايدىغان دەرسلەر ئىكەن،بەزى ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىق ئىجتىمائىي پەنلەردىن بىزار ئىكەن.
دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتى نېمىدىن پەيدابولىدۇ؟
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 87 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي ئوقۇتقۇچىسى ھەبىبە زەيدىن ئوقۇغۇچىلاردا دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ كۆرۈلۈشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداقدېدى: دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشى ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن، يەنە بىرى ئەتراپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن،بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ، ئاتا – ئانىنىڭ بالىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن ۋەجەمئىيەتنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش مۇددىئاسىنىڭ توغرا بولماسلىقى ياكى كەمچىل بولۇشىدەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب. پىسخولوگىيەدەمۇددىئا شەخسلەرنىڭ ھەرىكەتنى باشلىشى ۋە داۋاملاشتۇرۇشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، دەپ قارىلىدۇ. ئوقۇش مۇددىئاسىنىڭ توغرا بولماسلىقى ياكى كەمچىل بولۇشى ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس ئوقۇشنى باشلىشى ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىغا تەسىركۆرسىتىدۇ؛ ئۆگىنىش بېسىمى، ئوقۇش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەببولىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئاساسى ئاجىز بولۇش سەۋەبلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكەئۆرلىگەندىن كېيىن دەرسلەردە يېتىشەلمىگەچكە، ئۆگىنىش بېسىمى سەۋەبىدىن دەرستىنبىزارلىق ھېس قىلىدۇ، بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدەدەرسلەردە سەل ئىلگىرىلەپ، ۋاقتىنچە بولسىمۇ بىزارلىق تۇيغۇسىدىن قۇتۇلىدۇ، بىراقئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا، ئوقۇغۇچىنىڭ ‹‹قىيىنچىلىق››لارنى يېڭىش ئىرادىسى سۇسلاپ، بىزارلىق تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتىدۇ. دەرستە ئارقىدىراق ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدە دەرسلەرگە پاسسىپ پوزىتسىيەتۇتىدۇ ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئامال بار قاچىدۇ؛ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرالمىسا، ھەر قانچە ياخشى دەرس بولسىمۇئوقۇغۇچىدا بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسۋاقتىدىكى پوزىتسىيەسىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئاتا –ئانىلارنىڭ رېئاللىقتىن چەتنىگەن ئارزۇلىرى دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ دەرستە ئالدىدا مېڭىشىنى ئۈمىدقىلغاچقا، بالىغا بەزىدە ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۆز ئارزۇسىنى يۈكلەيدۇ،بۇنداق تەلەپلەر، ئارزۇلار ئوقۇغۇچىدە بىھۇدە بېسىم پەيدا قىلىپ، دەرستىن، ئېغىربولغاندا ئوقۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ.
دەرستىن بىزار بولغان بالىلاردا ئىككى خىل نەتىجە كۆرۈلىدۇ: بىرى، ئاتا –ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدە دەرسكە قايتىدىن كىرىشىپ،بىزارلىق كەيپىياتىدىن قۇتۇلۇش. بۇ ياخشى ئۆزگىرىش، بىراق بۇنىڭ ئارقىسىغا ئاتا –ئانا، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېقىندىن ياردەم قىلىشى يوشۇرۇنغان؛ يەنە بىرى، دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشى، دەرستىن بىزاربولغان ئوقۇغۇچىلار توغرا يېتەكلەشكە ئېرىشەلمىسە، بىزارلىق تۇيغۇسىنىڭجۇغلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۆگىنىشنى بېسىم دەپ بىلىدىغان، ئوقۇشقا توغرا مۇئامىلەقىلمايدىغان، ھە دېسىلا ئوقۇشتىن قاچىدىغان بولىۋالىدۇ. دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتى بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، ئوقۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىغا ئايلىنىدۇ،ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئاتا – ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا مەكتەپتىن چېكىنىدۇ.
دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتى تەسىرچانلىققا ئىگە، بۇنداق كەيپىيات ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىسە ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ. دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلاردا گۇمانخورلۇق، دىققىتىنى يىغالماسلىق،تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش، ئەنسىزلىك، ئۇيقۇسىزلىق، زىيادە سەزگۈرلۈك، قورقۇشتەك پىسخىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ.
دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قانداق قىلغانداتۈگەتكىلى بولىدۇ؟
ھەبىبە مۇئەللىم مۇنداق دېدى: ھەر قانداق ئوقۇغۇچىدا ئازدۇر – كۆپتۇردەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتى بولىدۇ، ھەرقانچە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارمۇ مەلۇم مەزگىل ئىچىدە مەلۇم دەرسلەردىن بىزار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى كۆپخىل بولىدۇ، مۇھىمى ئوقۇغۇچىلاردا بۇنداق كەيپىيات كۆرۈلگەندە، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلەقىلىش. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ، بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ ۋە ئوقۇتۇش مېتودىنى تەڭشەپ،ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ماس كېلىدىغان دەرس سۆزلەش شەكلىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن بىزار بولۇشىدىن ساقلىنىدۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدائوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىش ئىقتىدارى كەمچىل، بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار باشنى چۆكۈرۈپ دەرسسۆزلەش بىلەنلا ئاۋارە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى كۆزەتمەيدۇ ھەم ھېسابلاشمايدۇ، نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلاردا بىزارلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلاردىكى دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى تۈگىتىشتە ئەڭ ئاۋۋال ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بېلىق بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇشزۆرۈر. دوستانە ئالاقە، باراۋەر پىكىر ئالماشتۇرۇش، پائال ھەمكارلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئوقۇتقۇچىلار دەرستىن بىزار بولغانئوقۇغۇچىلارغا يولۇققاندا ‹‹مەجبۇرلاپ ئۆگىتىمەن››نى ئەمەس، بەلكى ‹‹قانداق يېتەكلەيمەن، قانداق قىزىقتۇرىمەن؟›› دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا – ئانىلارمۇ بالا تەربىيەسىدە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم، رىغبەتلەندۈرۈش بالىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان رىغبەتلەندۈرۈش ماددىي جەھەتتىكى رىغبەتلەندۈرۈش ئەمەس، ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى ماددىي مۇكاپاتقا باغلاپ قويسابولمايدۇ، چەكتىن ئاشقان ماددىي رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش مۇددىئاسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئوقۇغۇچى ماددىي مۇكاپاتتىن ئايرىلىپ قالسا، دەرستىنبىزار بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈشنى بىلىشى زۆرۈر، بالاتەربىيەسىدە ‹‹ياخشى ئىشلەپسەن، ئوبدان يېزىپسەن، داۋاملىق تىرىشقىن، بۇ قېتىم ئۆتەلمىگەن بولساڭ، كېلەر قېتىم ئۆتەلەيسەن›› دېگەندەك ماختاش ۋە مەدەت سۆزلىرى كۆپرەك، ‹‹خەتنى چىرايلىق يازماپسەنغۇ، تىرىشساڭ بولمامدۇ، ئىمتىھاندىن نېمىشقائۆتەلمىدىڭ›› دېگەندەك ئەيىبلەش سۆزلىرى ئازراق بولغىنى ياخشى.
ئەسكەرتىش : مەزكۇر تىمىنى ئادىلجان مۇئەللىم ئەسلى مائارىپچىلار تورىغا يوللىغان ، مەزمۇنى ئىنتايىن ياخشى يېزىلغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا ، مەزكۇر مۇنبەرگە كۈچۈرۈپ يوللۇدۇم . تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ۋە ئىلمىي كۆز قاراشلىرىنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسلى تورئادرېسى : http://www.maaripqilar.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5214
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-3 07:55 PM