مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7339|ئىنكاس: 44

قالتىس ئۈچ ھېكايە ، ئوقۇشقا پېتىنالامسىز ؟  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66667
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15740
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 2633 سائەت
تىزىم: 2010-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 03:15:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس ئۈچ ھېكايە ، ئوقۇشقا پېتىنالامسىز ؟ 
‏ مىسرانىم تورى خاس تەرجىمىلىرى
‏    1-ھېكايە : سىز بىر ئايالنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلدىڭىز ، ئەمما ئۇ ئايالنىڭ ئىلگىرى تۇغقان 8 بالىسىنىڭ ئۈچى تۇغما گاس ، ئىككىسى تۇغما قارىغۇ ، بىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى جايىدا ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالنىڭ تاناسىل ئەزا يۇقۇملۇق كېسىلى بار . سىز ئۇ ئايالغا بالىنى چۈشۈرىۋېتىش تەكلىپىنى بېرەمسىز ؟
‏     مەن جاۋاپ بېرىشكە تەمشىلىۋېدىم دوستۇم مېنى توختىتىۋالدى ھەمدە 2-سۇئالىنى باشلىۋەتتى .
‏     2-ھېكايە : بىز ھازىر بىر رەھبەر سايلىماقچى . بۇ سايلامغا سىزنىڭ بىر بېلىتىڭىز ئىنتايىن مۇھىم . بۇ ئۈچ رەھبەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە نەزەر سالساق :
‏    A نامزات : بەزىبىر سەمىمىيەتسىز سىياسەتۋازلار بىلەن ئالاقە قىلىدۇ ، نىكاھتىن سىرتقى مۇناسىۋەت دائىرىسىمۇ بار . ئۇزۇن يىللىق تاماكا چېكىش تارىخىغا ئىگە ، يەنە كۈنىگە 8 ~ 10 بوتۇلكا مارتىن ھارىقى ئىچىدۇ .
‏   B نامزات : ئۇنىڭ ئىككى قېتىم خىزمەتتىن ھەيدىلىش خاتىرىسى بار . ئۇخلىسا چۈش بولغىچە ئۇخلايدۇ . ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدا ئەپيۇن چەككەن ، يەنە ھەر كۈن ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋىسكى ئىچىدۇ .
‏   C نامزات : ئۇ جەڭدە تۆھپە ياراتقان قەھرىمان . تاماقنى گۆشسىز يېيىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . تاماكا چەكمەيدۇ ، بەزىدە ئازغىنە پىۋا ئىچىپ قويىدۇ . ئەزەلدىن نىكاھتىن سىرتقى مۇناسىۋىتى بولۇپ باقمىغان . 
‏     سىز بۇ نامزاتلارنىڭ ئىچىدە قايسىسىنى تاللايسىز ؟
‏     مەن جاۋابىنى قەغەزگە يازدىم . ئاندىن دوستۇم جاۋاپ بەردى : A نامزات - فرانكلىن ، B نامزات - چېرچىل . C نامزات - گېتلىر 
‏     مەن جاۋابىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم . دوستۇم ماڭا تەنە قىلىپ : -ئىنسانىيەتكە ئاپەت ئەمەس ، بەخت كەلتۈرەي دەپ گېتلىرنى تاللىدىڭىزمۇ ؟ ئەمىسە بايىقى ھېكايىگە كەلسەك ، ئايالنىڭ بالىسىنى ئالدۇرېۋىتىش تەكلىپىنى بېرەمسىز ؟
‏     -بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئەمەس . بىز ھەر قاچان سۈپەتلىك تۇغۇش ، سۈپەتلىك تەربىيىلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىمىز . شۇنچە جىق بالىنى مېيىپ تۇغقان كېسەل ئانا ئەلۋەتتە ئۇ بالىنى ئالدۇرۋېتىشى زۆرۈر . 
‏     -بۇ  سىزنىڭ بىتخوۋىننى ئۆلتۈرگىنىڭىز ئەمەسمۇ ، ئۇ دەل بىتخوۋىننىڭ ئانىسى .
‏     بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيرانلىقتا داڭقېتىپ قالدىم . دوستۇم جاۋابەن :
‏سىز ئۆزىڭىزنىڭ جاۋابى جەزمەن ئىنتايىن توغرا دەپ قارىدىڭىز . شۇنىڭدەك ، ئىنسانلار  باشقىلارغا بەرگەن ئاددى كۆز قاراشلىرى ، باھالىرى بىلەن ئۆز قولىدا بىتخوۋىننى ئۆلتۈرۈپ گېتلىرنى يارىتىدۇ .
‏     3-ھېكايە : بىر جۈپ ئەر - ئايال ئولتۇرغان كېمە دېڭىزدا تۇيۇقسىز تالاپەتكە ئۇچراپتۇ . ھايات - ماماتى قىل ئۈستىدە قالغان پەيتتە بىر قۇتقۇزۇش قولۋىقىغا ئۇرۇنۇپتۇ .ئەمما قولۋاق پەقەت بىر ئادەمنى كۆتۈرەلەيدىغان بىر كىشىلىك قولۋاق ئىكەن . ئەر ئايالنى كەينىدە قالدۇرۇپ قولۋاققا چىقىۋاپتۇ . ئايال دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىۋاتقىنىدا ئەرگە ۋارقىراپ گەپ قىلغان . سىزچە ئۇ نېمە دېگەندۇ ؟
‏     مەن ئۆزۈمنى باسالمىغان ھالدا ئاچچىقىم بىلەن : - ئەلۋەتتە ،ۋۇ ۋىجدانسىز ! سەندىن نەپرەتلىنىمەن ، دەپ ۋارقىرىغاندۇ ؟  دوستۇم
‏-بالىمىزغا ياخشى قاراڭ  ، دەپ ۋارقىرىغان . ھېكايىنى داۋاملاشتۇرساق ، كېمە بىلەن ئايال دېڭىزغا غەرق بوپتۇ . ئەر قىزىنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپتۇ . نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئەر كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ . قىزى ئۆيىدە دادىسىدىن قالغان نەرسىلەرنى رەتلەۋاتقاندا ، دادىسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ . ئەسلىدە ، دادىسى بىلەن ئاپىسى كېمىگە ئولتۇرغاندا ، ئاپىسى راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بولۇپ ، ھايات ھەلقۇمىغا يەتكەندە دادىسى ئۆزىنى ھايات قېلىشقا تاللىغان . دادىسى يەنە مۇنۇ قۇرلارنى قالدۇرغان . « مەن سەن بىلەن دېڭىزغا بىللە چۆكۈپ كېتىشنى نەقەدەر  ئارزۇ قىلاتتىم . ئەمما قىزىمىز ئۈچۈن بۇنداق قىلالمايتتىم ... نەپسى بىلەن بىزنى چاقىرىۋاتقان بوۋىقىمىز ئۈچۈن مەن سېنى يالغۇز دېڭىز ئاستىغا غەرق قىلدىم ...»
‏     ۋاقىت -ياخشىلىق بىلەن رەزىللىكنى ، توغرا بىلەن ناتوغرىنى ئايرىغۇچىدۇر . بەزىدە توغرا - خاتاسى مۈجمەللىشىپ ئايرىش قېيىنلىشىدۇ ، ئەمما بۇنداق ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ كاللىمىزغا ئورناپ كەتكەن شەخسى قىممەت قارىشىمىز بىلەن شەيئىلەر ئۈستىدە ئاددى ھۆكۈم چىقارمايلى ، باشقىلارغا ئوڭاي باھا بەرمەيلى . ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىگە قاراپ كەلگۈسىگە باھا بەرمەيلى ! 


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 03:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېسىياتنى ئەقىلنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغاندىكى ھالىتىمىز ئەلۋەتتە خەتەرلىك بولىدۇدە؟؟؟......
ۋاقىت ھەممىگە كۆندۈرىدۇ،ياشاۋاتقان شارائىتقا ئارتاي دېسەم تازا قاملاشمايدىغان چىراي،مەن ۋە يەنە كىملەر مەسىلىگە سىز ئاخىرلاشتۇرغان قۇرلار بىلەن باھا بېرىشكە ئادەتلەنگەن.

ئاللاھىم،ھەر ۋاقىت ئەقلىمىزىنى ھېسىياتىمىزغا يۈگەن قىلغىلى نىسىپ ئەتكەيسەن.

ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8699
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 841 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 03:46:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۆزى بەك تەملىك ھېكايىكەن . بىراق ھىچكىم قوساقتىكى بالىنىڭ كەلگۈسىدە زۇڭتۇڭ ياكى تازلىق ئىشچىسى بولۇپ قىلىشنى بىلمەيدۇ . شۇڭلاشقا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئەر-ئايال بار مەسلەھەت بىلەن بىر قارار قىلىدۇ .

      ئەگەر بۇنداق بولۇشنى بىلدىغان بولسا،  قوساقتىكى بالام زۇڭتۇڭ بولدىكەن دەپ بەزى ئەرلەر ئايالىنى ئەخمەتجان مەمتېمىنىڭ ناخشىسىدا ئىيقاندەك ، شىىشىدە ساندۇق ياساپ ئىچگە سولاپ ، كۈندە ناۋات بىلەن باقالى ، ئىرىمچىك بىلەن زەم-زەم بىرىپ باقىدۇ .

   كۆپۈنچە ئىشلار نەتىجىسى يۈز بىرىپ بولغاندا  مۇشۇنداق ئاجايىپ مۆجىزە كەبى  شانلىق  بىر تارىخنىڭ  ئۆتكەنلىگى ھەققىدە مۇبالىغىلەشتۈرۈپ رىۋايەت توقىشىدۇ . بىز بۇ تارىخنى ئاڭلىغاندا بولسا ھاياجان ھىسلارغا چۆمۈپ كىتىمىز .

   ئادالوف گېتلىر كىچىك ئانىسىنىڭ قوساقتىكى ۋاقتىىسدا ئانىسى ئالدرۇرۋىتىشنى نىيەت قىلىپ دوختۇرخانىغا بىرىپتىكەن دوختۇر توسۋاپتىكەن . بولمىغان بولسا گېتلىر بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماي  ئانىسىنىڭ قوسقىدىلا جان ئۈزەتتىكەن   دىگەندەك تولىمۇ جەپلىكار قىسەلەر توقۇلىدۇ .

   مەيلى شۇ ۋاقتىدا گېتلىر ئانىسنىڭ قوسقىدا ئۆلگەن بولسۇن ئاللاھ گېتلىرنىڭ خىزمىتىنى قىلدىغان يەنە باشقا بىر كىشىنى دۇنياغا كەلتۈرىۋەرەتتى . گېتلىرنىڭ  تۇغۇلىشى شۇ ۋاقتتىكى تالان-تاراجتا قالغان گىرمانىيە زېمىدا  يۈز بەرمىسە بولمايىدىغان بىر  مۇقەرەر ئىش .
     
      ئېنىشتىيىننىڭ ئالما ھېكايسى ، ئىدىسۇن ..........دىگەنلەرمۇ ھەم شۇنداق . بۇلار زاماننىڭ تەقەززاسى ئىدى . خۇددى ئەيسا پەيغەمبەر زامانىدىن كىيىن بىر پەيغەمبەرنىڭ چىقشىى ناھايتىمۇ زورۇر بولۇپ قالغىنغا ئوخشاش .
  
      پەقەت بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن  ،ئاللاھ ئۆزى خالىغان بىر ئىشنى روياپقا چىقىرىشنى بىر سەۋەپ بىلەن ئوتتۇرغا چىقىرىشنى ئىرادە قىلغاندا  شۇ سەۋەپ قىلغۇچى شەخس نامزاتىغا تاللىغان كىشىلەر خالاس . شۇڭا تۇغۇلىشىدىن ئاللاھ بۇ شەخسلەرگە شۇ ئىشنى ۋۇجۇقتا چىقرىشقا كىرەكلىك بولغان ئەقىل ، ئاسان يول ، كۈچلۈك ئاشىقلىق ، مۇناسىۋەت تورى ...قاتارلىق ئامىللارنى ئاسانلاشتۈرۈپ بىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر بۇ سەۋەپلەرنى ھەركەتلەندۈرگۈچ ئېنىرگىيە قىلىپ ئاللاھ ئوتتۇرغا چىقارماقچى بولغان ئىشنى ئوتتۇرغا چىقىردۇ .

   

     شۇڭا دۇنيادا ھىچ بىر شەخسكە چوقۇنۇشقا ياكى زىيادە ئولۇغلاپ  رەسىملىرىنى ئۆيلەرگە ئىسىشقا ھەيكەللىرنى ياساپ چوقۇنىشقا يول قويۇلمايدۇ . لىكىن چەكتىن ئاشۇرۋەتمىگەن ئاساسىدا يولىدا ھۆرمەتلەش ، يولىدا ئىززىتنى قىلىش ، ياخشى بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈش ...... ئىسلام ئەخلاقلىرى جۈملىسىدىندۇر .

شۇنداق بولغانكەن بەزى شەخسلەرنىڭ تارىخىنى ئاڭلىغاندا ھە مۇشۇنداقراق بىر ئىش بوپتىكەنمۇ ؟ ھەجەپ قىززىق ھە دىيىش بىلەن كۈپايىلەنسەك بولىدۇ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-3 04:23 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
alvasti + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 03:50:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنەبىرقايتىلانما تىما .رەھمەت .

ياخشىلىق قىلالم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28084
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5983
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 04:06:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 11:46 AM
ئۆزى بەك تەملىك ھېكايىكەن . بىراق ھىچكىم قوساقتىكى با ...

bak yahxi inkas  boptu
allah razi bolsun

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 04:59:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەيلى نىمىلا بولسۇن مەن گىتلىرنى تاللالىۋىرەتتىم ، گىتلىر ئەڭ بولمىسا چىڭگىزخاندىن ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرىدىن ،باشقا  نۇرغۇن  ئېمپىراتۇرلاردىن ياخشى دەپ قارايمەن . ئەڭ بولمىغاندا ئۇنىڭ يۈكسەك غايىسى بار ، بەزى تارىخلار كىيىن بۇرمىلىنىپ كەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن . يەھۇدىلارنى قىرىشىنى بەزىدە قۇرئاندىن ئىلھام ئالدىمىكىن دەپ قالىدۇ كىشى .................

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
alvasti + 10 ئورتاق پىكىر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108416
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 57
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2014-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 05:41:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانغىچە كاللامدىن چىقىپ كەتمەس ئەمدى بۇ ھېكايىدىن تۇغۇلغان سۇئاللار!

ھايات-كۇرەش دىمەكتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 05:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم .
بەزى ئىشلارغا ھەممىمىزنىڭ كاللىسى بىر بولمىغاندىكىن ھەر خىل كۆز قاراشتا بۇلىمىزكەن . جاھاندىكى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا بەزىلىرىمىز توۋا دېسەك ، بەزىلىرىمىز خوپ بوپتۇ دەيمىز .
ئەتىكى ئىشنى بىر ئاللا ئېگەمدىن باشقىمىز بىلمەيمىز .
ئەمما ھەممىمىزنىڭ نىيىتىمىز توغرا بولغاندا يۇلۇققان قىيىن مەسىللەرنىمۇ ھامان يىڭىپ كىتەلەيدىغانلىقىمىزگە ئىشەنچىم كامىل !

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100568
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 06:21:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ئادەم بەزىدە شۇنداق تاللاشلارغا دۇچ كېلىپ قالدۇ بىراق دەماللىقا تاللىغان جاۋاب ئادەمنى تولىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ  قويىدۇ ،لىكىن ۋاقىت ئەڭ ئادىل سوتچى دە ،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109161
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2014-8-14
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 06:57:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئىشقا ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماسلىق

چ چ نۇمۇرۇم 1320092478 ،،، زىركىپ قالدىم  ... زىركىپ قالغانلار قوشۇپ قىززىق گەپلەرنى قىپ بېرىڭلا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش