بۇ جاھان.تۈركلان
بۇ جاھان شۇنداق جاھان ھەييارغا ھەييار ئىكەن،
گۈلى ۋە تىكەنلىرى ھەممە تەل تەييار ئىكەن.
سەن كۈلسەڭ كۈلەر ئىكەن يىغلىساڭ يىغلار ئىكەن،
ئۇنى بىر دوست ئويلىساڭ ھەم ساڭا ئەسرا ئىكەن.
مۇڭلۇنۇپ ئۆتەر بولساڭ بېرەركەن ساڭا چىدام،
باغ گۈلى بۇلبۇلىدەك ساڭا چىن دىليار ئىكەن.
زۇلمىتى شەيتانلارنىڭ تاپ بېسىپ تۇرسا مىسال،
باغرىدىن بىر ھەقىقەت يۇلقۇنۇپ پاكلار ئىكەن.
بىمەھەل ھاڭرسىمۇ توختىماي ئېشەكلىرى،
ھەقىقەت ئىگىلمەس دەپ سۈكۈتنى ساقلار ئىكەن.
زۇلمەتنىڭ تاغلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەلسە توپان،
سىناق بۇ قورقماڭلار دەپ ماياك بوپ چاقنار ئىكەن.
ئويلىساڭ جاھان قوينى ساڭا بىر ئىللىق ماكان ،
دۇشمىنىم دەپ ئويلىساڭ قادالغان خەنجەر ئىكەن.
شىخەنزە ،مىدىتسىنا ئىنىستىتوتى
ئارزۇ .تۈركلان
بىر گۈزەل قەلبىمدە دائىما ئويغاق،
ھېسلىرى مەن تامان كىلىدۇ ئۇچۇپ.
ئىشقنىڭ ئازابى كەلمەستىن بۇرۇن،
خىيالىم تۇراتتى زەپەرلەر قۇچۇپ.
مەن ئاشىق بوپ كەلدىم ئاشۇ گۈزەلگە،
قورقىمەن ۋەلىكىن كەپسىزلىكىمدىن.
بىر قىزنىڭ يىغىسى ئازاپ ئەمەسمۇ،
قورقىمەن ئالدىراپ ئېغىز ئېچىشتىن.
دۇنيادا ياشىشىم پەقەت بىر سىناق،
دۈچ كىلەر ھەر ئىنسان رىيازەتلەرگە.
مەن ئۈچۈن قەدىرلىك پەرىشتەم شۇدۇر.
مەن بىلەن تەڭ تۇرغان مۇشاقەتلەرگە.
ياشىغىم يوق شۇڭا يالغۇز يىگانە،
مۇھتاجمەن مىھىرلىك ئوتلۇق نىگاھقا.
ۋەلىكن كەپسىزلىك ماڭا يول باشلاپ ،
تۇرغاچقا ھاياتىم تولدى پىراققا.
ئېھ گۈزەل ياشلىرىم ئاقار شۇنىڭچۈن،
ئاسانمۇ يىگىتكە كۆزىنى ياشلاش.
تاپالماي يۈرىيمەن ھەتتا ئۆزۈمنى ،
شۇڭا مەن ئىزدەيمەن شېئېردىن قاياش.
پىغانىم ئۆرلايدۇ ھەر رەت ئەسلىسەم،
شۇ گۈزەل سۈيۈملۈك گۈلدەك پەرىنى.
ئېيت نىچۈن يازارمەن شۇنچە مۇڭلۇنۇپ،
ھىچكىمگە ئېيتمىغان پىنھان سىرىمنى .
نە قىسمەت كۈتىدۇ مىنى بىلمەستىن،
تەۋەككۈل ئەيلىدىم ئاللاھ يۇلىغا.
ئۈمۈدۈم مەن ئۈچۈن ئەجەل كەلگەندە،
بولسىكەن كۆتۈرگەن قوللار دۇئاغا.
مەن ئۈچۈن قەدىرلىك بولغان بىر ئىنسانغا ئاتاپ يېزىلغان.
شىخەنزە .تۈركلان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-2 11:01 PM