مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3028|ئىنكاس: 25

[تەرجىمە ماقالە] پەھلەۋىي خاندانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103486
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1062
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 808 سائەت
تىزىم: 2014-2-12
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 07:43:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەھلەۋىي خاندانى
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش


Mohammad_Pahlavi_Coronation.jpg

موھەممەد رېزا تاج كەيگۈزۈش كۈنىدە ئائىلىسى بىلەن بىللە


     پەھلەۋىي خاندانى (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلىدىن، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلىغىچە) قاجار خاندانى (خۇرشىدىي بىر مىڭ بىر يۈز يەتمىش تۆتىنچى يىلىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلىغا قەدەر ئىرانغا ھۆكرانلىق يۈرگۈزگەن) ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىرانغا پادىشاھلىق قىلغان خاندانلىقتۇر.

     رېزاخان مىرپەنج (مىرپەنج - قاجار قوشۇنىدىكى قۇرۇغلۇق ئارمىيە بېرىگادا گېنىراللىغى بولۇپ، سەرتىپتىن ئۈستۈن ئەمىرتۇماندىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ)  خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان توققۇزىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ ئۈچۈنچى كۈنىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈش بىلەن قۇدرەتكە يەتكەن ۋە ‹ۋەزىرى جەڭ› بولغان ۋە سەيىد زىيا باش ۋەزىر بولۇپ، قىسقا مۇددەتتىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانىدى. كېيىنچە رېزاخاننىڭ مەقامى رەئىسولۋەزەرا (باش ۋەزىر؛ ئىچكىي كابىنېت باش مېنىستىرى ۋەزىرى) لىققا يەتكەن ۋە رېزاشاھ پەھلەۋىي، ‹شاھى ئىران› ۋە پەھلەۋىي سۇلالەسىنىڭ ئاساسچىسى بولغان ئىدى.

     موھەممەد رېزا پەھلەۋىي خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى شەھرىۋەر ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلى بەھمەن ئېيىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىگە قەدەر شاھى ئىران بولىدۇ. موھەممەد رېزا خۇرشىدىي بىر مىك ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگۈرۈش بىلەن، پادىشاھلىق مۇتلەقلىغىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە كېيىنچە ‹ئېنقىلابى ئىران› نىڭ يۈز بېرىشى بىلەن سەھنىدىن چۈشۈرۈلىدۇ ۋە ئىراندىكى  پادىشاھلىق تۈزۈلمىسىنىڭ ئاخىرقى رەھبەرى سانىلىدۇ.


پەھلەۋىي شاھلىرى
رېزا شاھ پەھلەۋىي
:
     رېزا پەھلەۋىي (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈزئەللىگ ئالتىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى مازەندەراننىڭ ئالاشت شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئۈچۈنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ تۆتىنچى كۈنى جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ژۇھانىسبۇرگدا ئۆلگەن) رېزاخان، رېزاخان مىرپەنج، رېزاخان سەردارسېپەھ ۋە ئاندىن رېزاشاھ لەقەبلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئىككىنچى يىلدىن بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلغىچە ئىراننىڭ باش ۋەزىرى، ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلىدىن بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلغىچە پادىشاھى ئىران ۋە پەھلەۋىي سەلتەنەتىنىڭ ئاساسچىسى بولغان ئىدى. رېزاشاھ پادىشاھلىغى قاجارىيان ھۆكۈمرانلىغىنىڭ پايانى ۋە پەھلەۋىي ھۆكۈمەتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئۇ سەۋادكۇھ شەھرىستانىدىكى ئالاشت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرانىنى پېقىرلىقتا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ياشلىغىدا ئارمىيەگە ئەگىشىپ، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان توققۇزىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ ئۈچۈنچى كۈنىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە قەزاق (يەنى كازاكلار. قازاقلار ئەمەس) كۈچلىرى رېزاخاننىڭ قوماندانلىغىدا تېھراننى ئىشغال قىلدى. رېزاخان ‹ۋەزىرى جەڭ› مەقامىدىكى دەسلەپكى مەزگىللەردە نائاراملىقلار ۋە بۇلاڭ-تالاڭنى كۆزدىن يوقاتتى. خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئىككىنچى يىلى ئابان ئېيىنىڭ ئۈچۈنچى كۈنى رېزاخان، ئەھمەدشاھ قاجارنىڭ پەرمانى بىلەن باش ۋەزىرلىككە مەنسۇب بولۇپ، باشتا جۇمھۇرىيەتخاھلىق يولىدا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلى پادىشاھلىققا يەتتى. ئۇ ئاقىبەتتە، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى ئىران ئىشغالىدىن كېيىن، ئانتانتا دەۋلەتلەرنىڭ دەستىدە، بېرىتانىيا (ئەنگىلىيە) نىڭ بېسىمى تەھتىدە تۈرك سەلتەنەتىگە كەتكىلى مەجبۇر بولدى ۋە ئۈچ يىلدىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ژۇھانىسبۇرگدا ۋاپات بولدى.

Reza_shahpahlavi.jpg

رېزا شاھ پەھلەۋىي



موھەممەد رېزا شاھ:
      موھەممەد رېزا پەھلەۋىي (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان سەككىزىنچى يىلى ئابان ئېيىنىڭ تۆتىنچى كۈنى تېھراندا تۇغۇلۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ توققۇزىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ بەشىنچى كۈنى قاھىرەدە ئۆلگەن) پەھلەۋىي سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى شاھى، ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى شەھرىۋەر ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلى بەھمەن ئېيىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىگە قەدەر ھۆكۈمەت قىلغان ئاخىرقى ‹پادىشاھى ئىران› ئىدى. موھەممەد رېزا شاھ ئاۋۋالقى قېتىمدا ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىكى ئىران ئىشغالىنىڭ پېيىدا، ۋە ئىككىنچى قېتىمدا خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگۈرۈش بىلەن قۇدرەتكە يەتكەن ئىدى. ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىچى يىلىدىكى ئېنقىلاب بىلەن ھۆكۈمەتتىن يىغىشتۇرۇلغان ئىدى.


Shah_of_iran.png


موھەممەد رېزا شاھ پەھلەۋىي



     ئۇ - رېزا شاھ ۋە تاجولمولۇك ئايروملۇ (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش تۆتىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى باكۇدا تۇغۇلۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىشىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ ئون توققۇزىنچى كۈنى ئاكاپولكودا ئۆلگەن. ئۇ رېزا شاھنىڭ ئىككىنچى خوتۇنى، موھەممەد رېزا پەھلەۋىينىڭ ئانىسى بولۇپ، پەھلەۋىي دەۋرىدە ‹مەلىكەيى مادەر›، مەلىكەيى ئىران ناملىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى) نىڭ نىكاھىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ئالتە ياشقا كىرىشى بىلەن تەڭ، ئاتىسى شاھ بولغان ۋە ئۇ ۋەلىئەھدلىككە يەتكەنىدى. ئۇ مۇقەددەماتلىق تەھسىلاتىنى تېھراندا ۋە ئوتتۇرا تەھسىلاتىنى سۇئىستا تامامىغا يەتكۈزگەن ئىدى. ئۇ ئىرانغا قايتاشىدا ئەفىتسېر ئىنىستىتۇتىدىن ئىككىنچى سوتۋان (لېيتېنانت) لىق دەرىجىسى بىلەن مەكتەب پۈتكۈزگەن ئىدى. ئۇ ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ۋە ئىران ئىشغالىغا ھەمزامان مەزگىلدە، يەنى يىگىرمە ئىككى يېشىدا پادىشاھلىققا يەتكەن ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى شەھرىۋەر ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلى بەھمەن ئېيىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىدىكى ‹ئىنقىلابى ئىران› غا قەدەر، ئىرانغا پادىشاھلىق قىلغانىدى. دەسلىپىدە كەم قۇدرەتكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئىران ئىشغالىنىڭ پايانىدا، خارېجىي كۈچلەرنىڭ مەملىكەتتىن چىقىپ كېتىشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئارقا تېرەك بولۇشى ھەمدە باش ۋەزىر ۋەقت ۋە قەۋاموسسەلتەنەلەرنىڭ سىياسەتى بىلەن، ئازەربەيجان ۋە كوردېستاندىكى ئۆز-ئۆزىگە ئىگە ھۆكۈمەتكە خاتېمە بەرگەنىدى. شۇنداقلا ئاتىسى ئۆز ئىگەلىرىدىن تارتىۋالغان زېمىنلارنى بۇرۇنقى ئىگەلىرىگە ياندۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

_1_~1.JPG

مەلىكەيى ئىران -موھەممەد رېزا شاھ پەھلەۋىينىڭ ئانىسى



     ئۇ ئۆز ھايات مۇساپىسىدە، ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە ئىران ھەققىدە تۆت كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقىسى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن قىسقا مۇددەت ئىلگىرى پايانىغا يەتكەن ئىدى. ئۇ ئاقىبەتتە، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ توققۇزىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ بەشىنچى كۈنى ئاتمىش بىر يېشىدا، لىنفا تۈگۈنى ياللۇغى ئەسىرىدە مىسىردا ئۆلگەن ۋە قاھىرەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسجىدلىرىدىن بىرى رەفائىي مەسجىدىدە يەرلىككە قولغان ئىدى.

1024px-Tomb_of_Muhammad_Reza_Pahlavi.jpg

مىسىر قاھىرەدىكى رەفائىي مەسجىدىدىكى ئىراننىڭ ئاخىرقى پادىشاھى موھەممەد رېزا پەھلەۋىينىڭ مەقبەرىسى


مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D9%BE%D9%87%D9%84%D9%88%DB%8C%D8%A7%D9%86
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-2 07:47 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1379
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 08:38:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 11:30:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارسلار ئەزەلدىن پىتنە پاساتچى خەق ، ھىلىقىى جوڭگو ئىشلىگەن  پاۋىل كورچاگىن دىكى كازاكلار بىلەن ماۋۇ كازاكلار بىر مۇ ?تارىختا چارروسلار بىلەن پارسلار ئىغىز بۇرۇن يالىشىپتىكەن،بۇ تارىخنى بىلسىڭىز ئەسەر يازسىڭىز ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103486
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1062
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 808 سائەت
تىزىم: 2014-2-12
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 12:10:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغىن يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 11:30 AM
پارسلار ئەزەلدىن پىتنە پاساتچى خەق ، ھىلىقىى جوڭگو ئىش ...

ناۋادا ئۈچۈنچى بىر خىلى بولمىسا ئاشۇ كازاكلار ئۆزى شۇ. مەن سىز دېگەن ئۇ تارىخنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەگەر شۇنىڭغا ئائىت ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، مەن مەنبەدىن شۇ ماقالىنى تېپىپ سەھىپىسى زىيادە ئۇزۇن بولمىسا تەرجىمىسىنى يوللاپ قوياي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4958
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1776 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 12:19:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارسلار ھەقىقەتەن غۇرۇرلۇق مېللەت .ھىچبولمىسا زىمىنى  دەپسەندە بولمىدى.ئوتتۇرا شەرقىتى ئەڭ غۇرۇرلۇق ،مېللەت دىيىشكە بولىدۇ .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108280
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2014-7-7
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 12:53:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارىسلار ناچار باشقىلار ياخشى دەيدىغان قائىدە يوق. ھەممە مىللەتتە ناچار كىشىلەر بار.
شۇنداقلا ياخشىلىرمۇ بار. تارىختا پارىسلار ئۇيغۇرلار بىلەن دۈشمەنلەشمىگەن. شۇڭا ئىتتىپاقلىقنى ھازىرغىچە ساقلاپ كىلىۋاتىمىز.پەھلەۋىي خاندانلىقىنى بىلىمەن لىكىن بۇ خاندانلىقنى غۇلتىۋەتكەن روھانىي ئىراننى ئوتتۇرا ئەسىر تۈسىنى ئالغان تۇرمۇشقا باشلاپ نەچچە يىل تەرەققىياتىنى كەينىگە چىكىندۇرۋەتتى. شۇنداقلار سۇننىي شىيە قىلىپ چەك چىگرا ھاسىل قىلىپ خەلقنى بۆلىۋىتىشكە تاسلا قالغان.ئىراندىكى تۈرۈكلەر بىلەن پارىسلارنى بىر بىرگە جىدەلگە سىلىپ قويغىلىمۇ قىل قالغان.ئىران بۇرۇنقى ئىران ئەمەس، خاندانلىق مەزگىلدە غەرىپ مائارىپى غەرىپ مەدىنىيتىنى قوبۇل قىلغان.ئۇ چاغدا خىلى كۈچلۈك ھەم باي دۆلەتكەنتۇق. «جەمھورىيەتى ئىسلامىي ئىيران»قۇرۇلغاندىن بىرى بۇرۇنقىدەك ئەمەس، ھازىر قىممەتچىلىك ئىشسىزلىق كۆپكەن.ئاڭلىسام خەلقنىڭ بىر قىسمى ياۋرۇپاغا تۈركىيەگە كۆچىۋىتىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108280
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2014-7-7
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 12:57:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 12:19 PM
پارسلار ھەقىقەتەن غۇرۇرلۇق مېللەت .ھىچبولمىسا زىمىنى   ...

شۇنداقمۇ؟ ئەمسە ھەجەپ ئىران چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا قۇيرۇق شىپپاڭشىتىدىكەنغۇ؟
سىز بۇنى بىلمەيدىكەنسىزدە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4958
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1776 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 03:19:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ilimkuq يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 12:57 PM
شۇنداقمۇ؟ ئەمسە ھەجەپ ئىران چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا  ...

مەسىلەن قايسى دۆلەتكە قۇيرۇق شىپاڭشىتىپتۇ ؟بىلسەك سۆزلەيلى بىلمىسەك ئىزدەنسەك بولىدۇ .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1010
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7333
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1775 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 03:27:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا زېمىنىنى خەققە دەسسەتمىگەن تۈرك، ياپون، ئېنگلاندمىكىن دەيمەن! مۇشۇ فارسلار ھۈلاكۇغا زېمىنىنى دەسسەتمىگەن بولسا شۇ شەرەپ تونىغا يەتكەن بولاتتى!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 03:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىللەت مىللەتتە بولمايدۇ،شەخستە بولىدۇ.
خېلى ساپالىق دەپ بىلگەن تورداشلارنىڭ دەۋاتقان گېپىنى...

ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش