مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 723|ئىنكاس: 8

مۇقەررەر نەتىجە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108848
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 05:25:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇقەررەر نەتىجە



جون كىلىپلاند [1]


(خېمىيە ۋە ماتېماتىكا ئالىمى)



تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئېدرىس




Periodic-Table-of-Elements.jpg



دۇنياغا مەشھۇر فىزىكا ئالىملىرىدىن لورد كىلفى مۇنداق بىر ئۇلۇغ سۆزنى قىلغان: ‹‹ ئەگەر چوڭقۇر ئويلاپ باقىدىغان بولساڭ، سېنىڭ پەن-تەتقىقات مەشغۇلاتىڭ سېنى بارغانسېرى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشكە مەجبۇر قىلىدۇ››.
مەن شۇ تاپتا ئۆزەمنىڭ بۇ سۆزگە بولغان قايىللىقىمنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمەن.
كائىناتنى زېرەكلىك بىلەن تەتقىق قىلىش، تۈرلۈك تەرەپلەردىن ئېرىشكەن ماتېرىيال، ئۇچۇرلارنى ياخشى ئاڭقىرىش ھەققىدىكى ھەر قانداق بىر مۇلاھىزە ۋە مۇھاكىمە ياكى پىكىر يۈرگۈزۈش، كاللا ئىشلىتىش، ئويلاپ كۆرۈش بىزنى ھايالسىزلا مۇنۇ ھەقىقەت ئالىمىگە تەن بېرىشكە ۋە ئۇلارنى ئېتراپ قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار بولسا : 1.ماددى ئالەم  2.تەپەككۇر ئالىمى  3.روھىي ئالەم.
  بىز شۇغۇللىنىۋاتقان خېمىيە ساھەسىنىڭ بۇ ھەقتە بىزنى تەمىنلىگەن مەلۇماتى تولىمۇ چەكلىك. چۈنكى ئۇ نۆۋەتتىكى كۆپلىگەن كەڭ ساھەلەر ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئايرىم ۋە كىچىك بىر ساھە. خېمىيە ئۆزىنىڭ ماددىدا يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈش ۋە تۈزۈلۈشلەرنى ئۆگۈنۈش ۋە تەتقىق قىلىش خاسلىقى بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىكى ماددى ئېنېرگىيەگە، ئېنىرگىيەنى ماددىغا ئايلاندۇرۇش خۇسۇسىيتى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ پەن تەبئىي پەنلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، روھىي ئالەمگە قىلچە مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارىلىدۇ. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، خېمىيە پېنىنى بۇ ئالەمنى ياراتقان بۈيۈك كۈچنىڭ، يەنى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ماددى دەلىل قىلىپ كەلتۈرۈش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ھەمدە ئۇنىڭدا بۇ كائىنات سېستېمىسىنىڭ تاساددىپىيلىق بىلەن پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ۋە شۇ تاساددىپىيلىقنىڭ كائىناتنى تۈزەپ، باشقۇرۇپ تۇرىدىغانلىقى، قىسقىسى ئۇنىڭدىكى بارچە ئىشلار پەقەت پىلانسىز ۋە مەقسەدسىز ھالدا بارلىققا كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان تۇرسا، قانداقمۇ نەتىجىلىك بىر قاراشنى يەكۈنلەپ چىقىشنى كۈتكىلى بولسۇن؟!
  يېقىنقى يۈز يىل ئىچىدە تەبئىي پەنلەر ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن بىر قاتار ئاكتىۋال تەرەققىياتلار ۋە ئىلمى يۈكسىلىشلەر خېمىيە ساھەسىدىكى ماددا ۋە ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى ئلمىي پائالىيەتچانلىق ئارقىلىق پەيدا بولغان. ئادەتتە، ئۇنداق ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئېلىپ بېرىش كىيىنكى نەتىجىنى نوقۇل تاساددىپىيلىققا چىقىرىۋېتىدىغان ئېھتىماللىقلارنىڭ ھەممىسىنى يوققا چىقىرىش ياكى ئۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى نەتىجىلىرى ۋە ھازىرغىچە ئېرىشكەن مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن شۇنداق بىر نۇقتىنى ياخشى ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى، تۈمەن تۈرلۈك ماددا تۈرلىرىنىڭ ئىچىدىن كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن، ھەرقانداق بىر ماددىنىڭ قالايمىقان ھەركەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چەكلىك بىر قاتار تەبئىي قانۇنىيەتلەر بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. كۆپۈنچى چاغلاردا بىرەر قانۇن-مىزاننىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇ قانۇننىڭ تولۇق سەۋەبلىرى ياكى ئىجرا قىلىش شەكلىنىڭ ئايدىڭلىشىشى قاتارلىق باسقۇچلاردىن خېلى بۇرۇنلا ئىشقا ئاشقان بولىدۇ. لېكىن بۇ يەردە قانۇننى تونۇپ يېتىش ۋە ئۇنىڭ جارى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان شارائىت-مۇھىتلارنى ئېگەللەش كۆپچىلىك خېمىيە ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە بىرىنجى دەرىجىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش. ئۇلارچە، بۇ قانۇن بىرىنجى رولچى ۋە نەتىجىگە ئېلىپ بارىدىغان ئامىل بولۇپ قالغان بولىدۇ. ناۋادا:‹‹ ماددا ۋە ئېنىرگىيەنىڭ ھەرىكىتى پەقەت تاساددىپىيلىق بىلەن تولۇپ تاشقان بىر قالايمىقان ھالەتتە بارلىققا كېلىدۇ›› دەپ قارىلىپ قالسا، خېمىيە ئالىملىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بايىقى ئىشەنچ-ئەقىدىگە ئۇيغۇن بولماي قالىدۇ. بۇنداق تەبىئەت قانۇنىنى تۈرتكىلىك ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ قويۇۋاتقان سەۋەبلەرنى تونۇپ يېتىش ئاڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتكەن ۋە ئۇ سەۋەبلەر بىزگە ئاللاھنىڭ ماھىيتىنى تونۇتۇپ قويغاندىن كىيىنلا، ماددا ۋە ئېنىرگىيە ھەرىكىتىدىكى تاساددىپىيلىق ياكى چۇۋالچاقلىق ئىدىيسىنىڭ بارلىق ئىزناسى ئۇزاق ئۆتمەيلا پۈتۈنلەي ئۇچۇپ يوقايدۇ.
بۇندىن تەخمىنەن بىر يىل بۇرۇن(بۇ ماقالىنى يېزىۋاتقان ۋاقىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ) روس ئالىمى ‹‹مىندىلېۋ›› خېمىيۋىي ئېلېمېنتلارنى ھەر قايسىسىنىڭ ئاتوم ماسسىسىنىڭ دەۋرىيلىك ئېشىپ بېرىشى بويىچە ‹‹ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى›› دېگەن بىر قانۇنىيەتنى يەكۈنلەپ چىققان. ئۇ مۇشۇ تەتقىقاتىدا مەلۇم ئېلېمېنتلارنىڭ بىر خىل تۈركۈملۈك ياكى گۇرۇپپىچانلىقىنى ھاسىل قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان. قېنى ئېيتىپ باقايلىچۇ؟ مانا شۇ خىل قانۇنىيەتكە ئىگە ھالدا مەۋجۇت بولغان ئېلېمېنتلارنى بىز يەنە نوقۇللا ‹‹تاساددىپىيلىق›› دەپ ئېيتالامدۇق؟ بۇنىڭغا ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىك ئالىملار مىندىلېۋنىڭ قانۇنى تۈرتكىسىدە ئىنسانىيەت تېخى ھازىرغا قەدەر بىلىپ يېتەلمىگەن بىر قاتار ئېلېمېنتلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە قارىتا بەلگىلىك تونۇشلارغا ئىگە بولدى. ھەتتا بۇ ساھەدىكى تونۇش ۋە قىياسلار ئەمەلىي مەۋجۇدت بولمىغان ئاشۇ بىر تۈركۈم مەۋھۇم ئېلېمېنتلارنىڭ  بەزەن خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى خېلى ئىنچىكىلەپ بېكىتىپ چىقتى. كېيىنكى پۇرسەتلەردە بۇلارنىڭ ئۇ ئىلمىي ئەمگەكلىرى رېئال ھەقىقەت بىلەن ئىسپاتلاندى. ئېھتىمالدىكى نۇرغۇن مەۋھۇم ئېلېمېنتلار كەشپ قىلىندى. بۇلارنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرى ئالدىنئالا كۈتۈلۈۋاتقان سۈپەتلەرگە دەلمۇ دەل كەلدى.
ئىلىم-پەندىكى بىر مەزگىللىك كۈرەش شۇنداق مۇۋەپپىقىيەت بىلەن ئۆزىنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى كۆرسەتتى.
مانا ئەمدى بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئەمەلىيەت ئالدىدىمۇ يەنە: ‹‹بۇئالەم ئىشلىرىنى تاساددىپىيلىق بويىچە بولىدۇ›› دەپ ئېتىقاد قىلىشقا قانداقمۇ ئورۇن قالىدۇ؟!
شۇ ئېسىمىزدىن چىقمىسۇنكى، مىندىلېۋ كەشىپ قىلغان بۇ قانۇنىيەت ‹‹دەۋرىي تاساددىپىيلىق›› دېيىلمەستىن، بەلكى ‹‹ دەۋرىيلىك قانۇنى›› دەپ ئاتىلىدۇ. يەن شۇنىڭدەك، مىندىلېۋ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئىلگىرىكى ئالىملار ئېرىشكەن A ئېلېمېنت زەررىچىلىرى بىلەن B ئېلېمېنت زەررىچىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلالايدىغانلىقى ۋە A ئېلېمېنتنىڭ N ئېلېمېنت بىلەن بىرىكمەيدىغانلىقىدەك قانۇنىيەتنىمۇ تاساددىپىيلىق بويىچە بولىدۇ دەپ قارىيالامدۇق؟
ھالبۇكى، ئالىملار ئېلېمېنتلار ئارىسىدىكى بىرىكىش ۋە تېپىشىش ھالەتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتوملىرىدا مەلۇم ئېلېمېنت ئاتوملىرىنى ئۆزىگە تارتىش ۋە مەلۇم ئېلېمېنت ئاتوملىرىنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇش كۈچى بولىدىغانلىقىنى، بۇ كۈچ بىرىكەلەيدىغان ئېلېمېنتلاردا ئورتاق ساقلىنىدىغانلىقى، بۇ كۈچ بىرىكەلمەيدىغان ئېلېمېنتلاردا بولسا، ئۇنىڭ ئورتاق ھالدا ساقلىنالمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالىملار مېتاللار ۋە شۇ قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئاتوملىرى ئوتتۇرسىدا ئاتوملار ماسسىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىرىكىش سۈرئىتىنىڭ ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئېلېمېنتلار ئىچىدىن بروم، فتور، خلور، يود ۋە ناستاتىن قاتارلىق گولوگىنلار گۇرۇپپىسى ئېلېمېنتلىرى ئارىسىدا بۇ خىل تارتىش ۋە بېرىكىش ھالىتى ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە ھالەت بىلەن كۆزگە چېلىقىدىغانلىقى كۆرىمىز. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، قېنى كىممۇ بۇ ئالامەتلەرنى بىر پۈتۈن تاساددىپىيلىققا چىقىرىۋېتەلىسۇن ياكى بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ بىر ياكى ئىككى ئايدىن كىيىن ئادەتتىكى ھەرىكەت ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ كېتىشىنى تەخمىن قىلالىسۇن؟ ياكى زامان، ماكان بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قېلىش بىلەن ئۆز ھەركەت يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىدۇ دەپ ئېيتالىسۇن؟ ياكى كىممۇ قايسى بىر ئىنساننىڭ بىر مەزگىلدىن كىيىن چىقىپ: ‹‹بۇ ئېلېمېنتلار تەبئىي رەۋىشتە ياكى ئەكسىچە ھالەتتە ياكى ئۈچۈنچى بىر خىل نامەلۇم ھالەتتىمۇ رېئاكسىيەلەشمەيدۇ›› دەپ ئېيتىشىغا قايىل بولسۇن؟!
تەتقىقاتلار جەريانىدا ئاتوم ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇش قاتلاملىرى ئايدىڭلاشقاندىن كىيىن، شۇنى تونۇپ يېتىمىزكى، بىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان خېمىيۋىي رېئاكسىيەلەر ۋە خۇسۇسىيەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي مۇئەييەن ۋە سېستىمىلىق قانۇنىيەت ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە تاساددىپىيلىقنىڭ نەتىجىسى ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرمەكتە. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، سىز ھازىر سانى 102 گە يېتىپ قالغان، رەڭلىك، رەڭسىز، گاز، قاتتىق ۋە سۇيۇق ئېلېمېنتلار، سۇيۇقلاندۇرۇش قىيىن بولىدىغان بىر قىسىم قاتتىق ئېلېمېنتلار، يەڭگىل ئېلېمېنتلار، ئېغىر ئېلېمېنتلار، چۈرۈك ئېلېمېنتلار، قاتتىق ئېلېمېنتلار، زىچ ئېلېمېنتلار، شالاڭ ئېلېمېنتلار، ماگنىتلىق ئېلېمېنتلار، ماگنىتىسز ئېلېمېنتلار، ئاكتىپ ئېلېمېنتلار، پاسسىپ ئېلېمېنتلار، كېسلاتا ياكى ئاساسلاردىن ئىبارەت ئاشۇ ئېلېمېنتلارغا دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ھالدا نەزەر سېلىپ بېقىڭ ھەمدە ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە ئاجايىپ ئۆزگىچىلىكىنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ. نۆۋىتى كەلگەندە، بەزىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋام قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ ئازغىنە بىر ۋاقىتقىچە داۋاملىشىدۇ. ئەنە شۇنداق كۆپ خىل مەۋجۇدلۇق ھالىتىدىمۇ ھەممىسى ئورتاق ھالدا يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك دەۋرىيلىك قانۇنىغا ئىزچىل بويسۇنىدۇ. بىر قىسىم ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوملۇق تۈزۈلۈشىدە ئايرىم ئېنىقسىزلىقلار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر پۈتۈن ھالدا ئۈچ خىل ئاتوم قاتلىمىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. ئۇلار مۇسبەت پروتون، مەنپىي ئېلىكترون، نىترونلاردىن، ئۇندىن باشقا بىر ئېلېكترون ۋە بىر نىتروننىڭ بىرىكىشىدىن بارلىققا كېلىدىغان مىزون ۋە ھادرون قاتارلىق زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. بىر خىل ئاتومدىن نىترون ۋە پروتونلارنىڭ ھەممىسى بىر ئاتوم يادروسىغا جايلاشقان بولىدۇ. ئېلېكترونلار بولسا، ئاتوم يادروسى ئەتراپىدىكى ئوخشىمىغان ئوربىتالاردا ئاتوم يادروسىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. ئاتوم يادروسى ئىگىلىگەن شۇ دائىرە خۇددى بىر مىكرو قۇياش سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتومنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى بىر ئەركىن ھالەتتىكى نەرسە دەپ قارىلىدۇ. خۇددى قۇياش سېستىمىسىدا شۇنداق ھەرىكەت ھالىتى مەۋجۇت بولغاندەك.
ئەگەر بۇ ئىشنى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ بايان قىلماقچى بولساق، شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، بەلگىلىك ئىككى ئېلېمېنت ئارىسىدىكى پەرق ئۇلارنىڭ ئاتوم يادروسىغا جايلاشقان پروتون ۋە نترونلارنىڭ پەرىقلىنىشى ھەمدە ئاتوم يادروسى سىرتىدىكى ئېلېكترونلارنىڭ تۈزۈلۈشى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېلېمېنت ياكى بىرىكمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر دۇنيادىكى مىليونلىغان ماددىلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق ھالدا ئەمىلىي مۇقۇم ھەجىمگە ئىگە بولمىغان. لېكىن ئېنىرگىيە ھالىتىدە چېلىقىدىغان ئېلېكترونلار مولىكۇلالىرىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. ھەر قانداق ماددا يەنە ئۆز ئورنىدا ئاتوم سېستىمىسى ۋە مولىكۇلا تۈركۈملىرىدىن، ئېلېكترون ۋە نترون، ئېلېمېنتلار بۆلەكچىلىرىنى تۈزگۈچى ئاتوملار، ئېلېكتر ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئېلېكتر كۈچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق ھالدا بىر يۈرۈش بەلگىلىك قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن تۈزۈلۈش تاپقان بولىدۇ. ھەرگىزمۇ ئەكسىچە ھالدىكى قانداقتۇر بىر تاساددىپىىيلىقتىن بولغان ئەمەس. بۇ شۇ دەرىجىدىكى، ئېلېمېنتلار ئىچىدىن پەقەت بىر نەچچىسىنىڭ ئۆزىلا شۇ تەرتىپىك قانۇنىيەتلەرنى بايقىۋېلىشقا ۋە ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا بەكمۇ يېتەرلىك. ئەنە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ كەڭ كۆلەملىك ئالەم ھەرىكىتى مۇنتىزىم پرىنسىپلار ئارقىسىدىلا ھەرىكەتلىنىدۇ. مانا شۇ ھالەتتە قانداق بىر ئەقىللىق ئادەم ئەقىل-ھېكمەت دېگەنلەردىن خالىي ھالدىكى ماددى دۇنيا ھەققىدە:‹‹ئۇ ئۆزىنى ئۆزىگە ئاساسلىنىپ بارلىققا كەلتۈرگەن›› دېيەلىسۇن؟ ياكى بولمىسا:‹‹ بۇ نەرسىلەر ھەرقايسى پىرىنسىپلارنى ئالدىن پەيدا قىلىپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزىگە قوللانغان›› دېگىلى بولسۇن؟! بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى تامامەن مۇئەييەن قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن ھالدا پۈتۈپ چىقىدۇ.
خېمىيە پېنىدىن بىزگە شۇ ئايدىڭكى، بىر قىسىم ماددىلار ھازىر يوقىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مانا بۇ ئەمەلىيەتتىنمۇ بىزگە ماددىنىڭ ئەبەدىي نەرسە ئەمەسلىكى ئايدىڭ بولىدۇ. بۇ مەڭگۈ بولالماسلىق ئۇنىڭ ئەزەلىي بارلىقىنى يوققا چىقىرىپ تاشلايدۇ. خېمىيە ۋە باشقا پەنلەردىن قولغا كەلگەن بىر قاتار پاكىتلار شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ماددىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئاستا-ئاستا ياكى تەدرىجىي شەكىلدە بولماستىن، بەلكى تۇيۇقسىز بىر شەكىلدە بولغان. ئىلىم-پەن تارماقلىرى ماددىلارنىڭ پەيدا بولغان ۋاقىت ۋە دەۋرىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ماددى دۇنيانى زادى يارىتىلغان نەرسە دېمەكتىن باشقا ئىلاج يوق. دېمىسىمۇ، ئۇ بارلىققا كەلگەندىن بۇيان بىر يۈرۈش دۇنياۋىي قانۇن-پىرىنسىپلار بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئۇنى بىر تاساددىپىيلىق دېيىشكە ھەرگىزمۇ ئورۇن قويمايدۇ.
ئەگەر بۇ ماددى دۇنيا ئۆز-ئۆزىنى يارىتىشتىن ئاجىز كەلسە ياكى ئۆزى بويسۇنۇۋاتقان قانۇنىيەتلەرنى بەلگىلىيەلمىسە، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم ماددى بولمىغان بىر شەيئىنىڭ قۇدرىتى بىلەن يارىتىلغان بولىدۇ. كۆرۈلۈۋاتقان بارچە پاكىتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەققەززاسى بويىچە بۇ ياراتقۇچى كۈچ تەبئىيلا ئەقىل ۋە ھېكمەت بىلەن قوراللانغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئەقىل-ئىرادىنىڭ كۈچىدىن ئايرىلغان ھالدا خۇددى پىسخىك داۋالاش ۋە مېدىتسىنا ئىشلىرىدىكى رولىنى كەڭ ماددىي دۇنياغا كەلگەندە ئىشلىتەلمەيدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئىرادە بىلەن سۈپەتلەنگەن ئادەمگە ھەقىقىي مەۋجۇتلۇق لازىم بولىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەقىل بىزنى ئېلىپ بارىدىغان مۇقەررەر، مەنتىقىي نەتىجە بولىدۇكى، بۇ ئالەم ئۈچۈن پەقەت بىر ياراتقۇچىلا ئەمەس، بەلكى ھەر قانداق ئىشنى پۇختا ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت، بارچە ئىشلارنى بىلىدىغان، پىلانلايدىغان، تىزگىنلەيدىغان، دائىمىي ھالەتتە مەۋجۇت بولغان، ئالامەت، نىشانلىرى ھەر يەردە ئاشكارا بىلىنىپ تۇرىدىغان، يېگانە، گېگانت كۈچ بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ كۈچ يۇقۇرىقى تەلەپلەرگە تولۇق لايىقلاشتى. ئەمدى بۇ باسقۇچتا ئالەمنى ياراتقان ئاللاھ دېگەن كۈچنىڭ بارلىقىغا قايىل بولۇش، ئىشىنىشتىن باشقا قاچقۇدەك يەر تاپالمايمىز.
ئاتاقلىق ئالىم لورد كالۋىننىڭ دەۋرىدىن بۇيان قولغا كەلگەن پەن تەرەققىياتى بىزنى ئۇنىڭ: ‹‹بىز چوڭقۇر ئويلىنىدىغان بولساق، ئىلىم-پەن ھەقىقەتەن بىزنى يېقىن ئارىدا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ›› دېگەن سۆزىنى باشقا ھېچقانداق بىر سۆز سازاۋەر بولۇپ باقمىغان بىر تەرزدە (ھەممىدىن بەك) تەكىتكەشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

_________________
[1] دولف ئۇنىۋېرسىتېتى تەبئىي پەنلەر ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورى، ۋولفرام ئايرىش، ئازوتلۇق بىرىكمە تەييارلاش مۇتەخەسسىسى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-2 11:24 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8998
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 07:32:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


      ئاللاھ ئىلگىرى ئۆزى يەككە-يگانە ئىدى . بۇ  ۋاقىتتا ئەرىش . ئاسمان-زېمىن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى ، ئاللاھ  بوشۇقتا ئۆزى خالاپ بىر شەئينى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلدى ........ بۇ بارلىققا كەلگەن شەيئى تولىمۇ مۈكەممەل ۋە تولىمۇ پۇختا . تولىمۇ ئىنتىزامچانلىق ئىچىدە ھەركەت قىلاتتى . ئاللاھنىڭ ئىرادىسغا بوي سۇنۇپ ، ئىنسانلارنىڭ تىلىدا بول دىگەن بۇيرۇق بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن بۇ شەيئىي ۋۇجۇتقا كىلىپ تۇنجى بولۇپ ئاللاھقا مەدىھيە ، ھەمدۇ-سانا ئوقۇشتىن ئىبارەت شەرەپكە نائىل بولغىنىىغا خۇش بولۇپ ئىنسان بىلمەيدىغان تىل بىلەن ھەر بىر سېكىنۇتتا ئاللاھ بىلىدىغان تىل بىلەن ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ تەسبىھ ئىيتاتتى ..............  بۇ ھەقتە قۇرئاندا ئىنى قىلىپ - ...ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق (كۈللىي ) شەيئىلەر سىلەر ئىسنانلار بىلمەيدىغان تىل بىلەن ئاللاھقا تەسبىھ ئىيتىدۇ . دەپ بايان قىلىنىدۇ . بىراق ئەقلى كەم ئىنسانلار بۇ تىلنى پەقەت بىلمەيىتتى . بۇ تىلنى پەقەت ئالىملار چۈشىنەتتى . بۇ تىلنى چۈشىنىش ئۈچۈن تېمىدا بايان قىلنغاندەك مول تەسەۋۋۇر مول بىلم بەلگۈلۈك ئىقتىدار بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى . مانا بۇ تەلەپ دەل مۇشۇنداق پەزىلىيتى ئېسىل ئالىملاردا تىپىلاتتى . تېمىدا بايان قىلىنغان ئالىم دەل مۇشۇ خىلدىكى ئالىملارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدۇر .

    شۇڭا مۇشۇنداق گۈزەل-سەنئەت ئەسسىرنى ياراتقان ئاللاھ ئۈچۈن نىمىشقىمۇ بۇ ئاجىز بەدەنلىرىمىز سىماپتەك ئىرىپ يۇمشاپ قۇللۇقنى ئىپادىلەپ رەببىمىزنىڭ كاتتىلىقا چىن پۈتۈپ  سەجىدىلەرگە چۆكمىسۇن !

   ئى رەببىم بىزلەرگە ئىمان بىرىپ بىزلەرنى مەمنۇن قىلغىنىڭدەك ئاخىرەتتىمۇ رەھىم ئاتلىق سۈپۈتىڭدىن بىزلەرگە بىر قەترە بىرىپ گۈزەل ھۆسنىڭ بىلەن دىدارلاشقىلى ۋە مەڭگۇلۈك جەننتىڭدىن ئۇرۇن ئىلىشمىزغا نىسىپ قىلغايسەن !
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8998
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 07:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

     . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-2 07:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 09:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37033
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5128
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 1830 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 10:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى رەببىم بىزلەرگە ئىمان بىرىپ بىزلەرنى مەمنۇن قىلغىنىڭدەك ئاخىرەتتىمۇ رەھىم ئاتلىق سۈپۈتىڭدىن بىزلەرگە بىر قەترە بىرىپ گۈزەل ھۆسنىڭ بىلەن دىدارلاشقىلى ۋە مەڭگۇلۈك جەننتىڭدىن ئۇرۇن ئىلىشمىزغا نىسىپ قىلغايسەن !


ياخشى ئىنكاس   ئەگەشتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1716
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 11:10:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇم تال قىرىندىشىمىزنىڭ تەپەككۇرى ھەقىقەتەن ئۇزگىچىكەن، ئاللاھ يەنىمۇ ئىلىم ئىرپان ئاتا قىلسۇن،

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85608
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2012-10-1
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 09:03:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  بىزلەرنى جەننىتىڭدىن يىراق قىلمىغايسەن (ئامىن)

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 733 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 10:54:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتنى ئالىملار ھېس قىلىدۇ

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10941
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 02:18:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن سىرلار بار ، پەننىي بىلىملەرنى جىقراق ئىگەللەپ ئاللاھ نىڭ بىزگە يارىتىپ بەرگەن زىمىنىغا شۈكرى قىلايلى !!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش