مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3202|ئىنكاس: 17

«مۇئەللىم تىلشۇناس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كۈنلەردە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106060
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-4-15
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 04:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن كۈنلەردە

(ئەدەبىي خاتىرە)


ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ياشلار ياراتقان تارىخ

   2013-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيات (فىلولوگىيە) پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئاشتى ياش تىلشۇناس ئابدۇرەھىم رەھماندىن مۇنداق بىر تېلېفون ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ «مۇئەللىم»ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ، ‹يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› ئۆتكۈزمەكچىمىز. مەزكۇر شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن، ‹مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى› تەسىس قىلدۇق. يىغىن رىياسىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدىغان ئون بىر نەپەر تىلشۇناسنىڭ بىرى بولۇپ سايلاندىڭىز. 15-16-ئىيۇن كۈنلىرى ئېچىلغۇسى يىغىنىمىزغا كېلىپ، مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىڭىزنى ئۇقتۇرىمىز».

   «پاھ، ئەزىمەت ئىكەنسىلەر!» دەۋەتتىم، تېلېفوننى قويۇپلا. چۈنكى، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئۇقتۇرغان مۇنداق ئىككى يېڭىلىق، ئىككى ئىجادىيەت قەلبىمنى شۇ ئان لەرزىگە سالغانىدى: بىرى، تىلشۇناسنى مۇكاپاتلاش؛ يەنە بىرى ئەسىر بېشىدا، يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىغا تالىق تەتقىقات نۇقتىلىرى ئۈستىدە كوللىكتىپ باش قاتۇرۇش، جامائەتلىك پىلان قۇرۇش.

   ئەمسىچۇ؟! ئۇيغۇر دۇنياسىدا، «تىلشۇناسنى خاس مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ» دەپ كىم ئاڭلىغان؟ ھېچكىم ئاڭلىغان ئەمەس! سېلىشتۇرما قىلىپ ئېيتقاندا، تىل ساھەسىدە، مۇندىن بۇرۇن بىرمۇ خاس مۇكاپات يوق ئىدى. دەرھەقىقەت، ئەدەبىيات ساھەسىدە مۇكاپاتلار ئاز ئەمەس، غەيرىرەك قىلىپ بىر ئەدەبىي ئەسەر يازغان ئادەم «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى»، «تۇلپار مۇكاپاتى» ۋە «ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى» دېگەندەك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپلا تۇرىدۇ. ئەدىبلەرنىڭ سەر خىللىرى يىلدا، ياكى يىل ئارىلاپ، ياكى مۇئەييەن بىر ۋاقىت دائىرىسى بويىچە مۇكاپاتلىنىپ تۇرىدۇ. بۇخىل مۇكاپاتلارنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتى ۋە رولىنىڭ نەقەدەر زور ۋە زۆرۈر بولغان، بولىۋاتقان ۋە بولىدىغانلىقىنى مەدەنىيەت دۇنياسى بەكمۇ ئوبدان بىلىدۇ، ئىلىم ئەھلى ۋە كەڭ زىيالىلار بەلەن پەم قىلالايدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەدەبىياتنىڭ تىل بىلەن قوشكېزەك بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى، ئەدەبىياتنىڭ پەقەت تىل بىلەن ئۆرە تۇرالايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما، پۈتكۈل ئۆمرى «ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش، قىسقا سوزۇق تاۋۇش، ئىسىم،  پېئىل، تولدۇرغۇچى، ئېنىقلىغۇچى، ھالەت» دېگەندەك گەپلەرنى دېيىش، يېزىش ۋە ئۇلارنى چۈشەندۈرۈش بىلەنلا ئۆتىدىغانلارنى ئادەتتە ھېچكىم ۋاي دەپ كەتمەيدۇ، كۆزىگە ئىلىپمۇقويمايدۇ. تىل-ئەدەبىيات مەيدانىدا، تىلنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاساس، ئۇل ۋە بىرلەمچى ئىكەنلىكىنى مەدەنىي ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە،«ئەدەبىيات-تىل» دېيىلمەيدۇ، بەلكى تىل ئەتىۋار بولغاچ، باشتا ئېغىزغا ئېلىنىپ،«تىل – ئەدەبىيات» دېيىلىدۇ ۋە شۇ بويىچە قوشماق يېزىلىدۇ. ھالبۇكى، ئادەتتە، زادى نېمە ئۈچۈن تىلچىلىق ئەدىبلىكتەك بازارلىق بولمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تىلچىلار ئەدىبلەردەك ئەتىۋار قازىنالمايدۇ؟ زادى تىلچىلارنىڭ مۇشەققىتى، مېھنەت-جاپاسى ۋە ئەمگىكى ئېتىبارغا ئېلىنىشى لازىممۇ-يوق؟ مېنىڭچە، بۇ سوئاللارغا ئەمەلىيەتتە،«مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلغانلار ئۆز ئىجادىيىتى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئېنىق، جاراڭلىق ۋە بېجىرىم قىلىپ جاۋاب بەردى. بۇ جاۋاب ئەھمىيەت ۋە قىممەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈيۈك تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي روھىنى سۆيۈندۈرگەن، مەدەنىيەتىمىزنىڭ باش بەلگىسى بولغان ئانا تىلىمىزغا مۇھەببەت باغلىغان پۈتكۈل ئۈممەت ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى تەلپۈندۈرگەن ھالدا، يېپ-يېڭى بىر بەت تارىخ ياراتتى.

   مېنىڭ تۇيغۇمچە، «يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىتەتقىقاتى» دېگەن بۇ ماۋزۇدا ياشلىق، جاسارەت ۋە غايە پۇراپ تۇرىدۇ. ئەمسىچۇ؟!ئۆتكەن بىر ئەسىر-يۈز يىلدا ئەجدادلىرىمىز ئۇيغۇر تىل- يېزىقى تەتقىقاتى بويىچە قانداق ئەمگەكلەرنى قىلدى؟ قايسى ئەمگەكلەر نەتىجىلىك، ئىپتىخارلىنارلىق ئەمگەكلەر قاتارىغا كىرىدۇ ۋە قايسىلىرى نۇقسانلىق، ھەتتا بىھۇدە ئەمگەكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ؟ بۇ ھەقتە، خەلققە سەمىمىيەتچىل بىر دوكلات بېرىش، ئىلمىي بىر خۇلاسەچىقىرىش ۋە زامانىۋىلىق چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن بىر تەرەققىيات يۆنىلىشى بەلگىلەش ھەرقانداق بىر مەدەنىي مىللەت ئۈچۈن بۇرچ ئىشتۇر.

   ئەڭ مۇھىمى، شەخسىيلەر باشقۇرۇشىدىكى بىر شىركەت بىلەن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بىر ئىلىم-مەرىپەت ئوچاق ئورگىنى ھەمكارلىشىپ يىغىن ئېچىش ۋە مۇكاپات تەسىس قىلىشمۇ مەزكۇر «يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ بىر يېڭى ئىجادىيىتى بولۇپ، شىركەت-كارخانىچىلار، خەلقپەرۋەر تىجارەتچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگەئالغان پۈتكۈل ئىلىم ئەھلىنىڭ تونۇش، چۈشەنچە ۋە بىلىك دۇنياسىدا يېڭى بىر ئۇپۇق كۆزنىكى ئاچتىكى، بۇ بىر يېڭى تارىخ ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ياراتقان، ئەۋلادلار ئەبەدىي ئۇنۇتمايدىغان، ئەكسىچە ھەمىشە يادلايدىغان بىر مۇبارەك تارىختۇر!

   ئى، زىيالىي ياشلار!  تارىخنى نوقۇللا ۋاراقلاپ ئوقۇپ، ئۆتكەن تارىخنى، تارىخىي شەخسلەرنى داڭلاپ ياكى زاڭلاپ قۇرۇق گەپ سېتىپ ئولتۇرماي، سىلەرمۇ تارىخ يارىتىڭلاركى، ئۆز ئەمگىكى، ئۆز مېھنىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىجادكارانە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تارىخ يارىتىپ ئۆتكەن ئۆمۈر ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي مەنىلىك ۋە پۇشايمانسىز ئۆمۈردۇر!


«مۇئەللىم شىركىتى»نىڭ روھىي تۈۋرۈكى - بىر مۇئەللىم


يېڭى تارىخ ياراتقان مەزكۇر شىنجاڭ«مۇئەللىم» ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەبىئىي ھالدىلا ھەممە قاتارىدا مېنىمۇ بەكلا قىزىقتۇردى. چۈنكى، مېنىڭ ئىدراكىمچە، تارىخ ياراتماق تەس، زامانغا ماسلىشار، كەلگۈسى ئىقبالغا يارىشار تارىخ ياراتماق تەستىنمۇ تەستۇر. ھالبۇكى، «مۇئەللىم» شىركىتى قانداق قىلىپ مۇشۇ پەللىگە يېتەلىگەندۇ؟

6-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى «باغۋەن» رېستۇرانىدا، «مۇئەللىم» شىركىتى تەرىپىدىن يىغىن ئەھلىگە قارشى ئېلىش زىياپىتى بېرىلدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرسى بولغاچ، تۆردىن ئورۇن ئالدىم. شۇ ئەسنادا، زىياپەت سورۇنىنىڭ مويسىپىتلەر تاماق شىرەسىدە ئولتۇرغان يەتمىش ياشلاردىكى ماڭا تونۇشلۇق بىر چىراينى كۆردۈم-دە، ئىختىيارسىز توۋلىۋەتتىم:

- نورۇز توختى مۇئەللىم! سىز بۇ يەردە ئىكەنسىز...

ئەسلىدە،«سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز؟» دېمەكچى ئىدىم، ئۇنداق دېيەلمىدىم نېمەئۈچۈندۇركىم. دەرھال ئورنىمدىن تۇرۇپ، بېرىپ كۆرۈشتۈم. مۇئەللىم سەل تارتىنغاندەك قىياپەتتە، تۆۋەنرەك ئاۋاز بىلەن ئېيتتى:

- مۇشۇ «مۇئەللىم» شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئەخمەتجان مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ.

ھە، مانا گەپ تېشىلدى، مېنىڭ ئۈچۈن سىر-ئەسرارنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قاتلىمى گويا ئېچىلدى: ئەسلىدە، «مۇئەللىم» شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئەخمەتجان نورۇز بولسا، ئۆزىنىڭ قىرىق يىللىق ناياپ ئۆمرىنى ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن سەرپ قىلغان تۆھپىكار مۇئەللىم نورۇز توختىنىڭ ئوغلى ئىكەن-دە! مەن بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، باش دېرىكتور ئەخمەتجان نورۇزنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈز مىڭ يۈەنلەپ مەبلەغ چىقىرىپ، خاس مائارىپ ۋە مۇئەللىملەرگە مۇكاپات تەسىس قىلغانلىقى ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىسمىنىمۇ «مۇئەللىم» قويغانلىقىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي ئۇقۇمدىكى ئۇل-ئاساسى ۋە تېگى-پېيىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

   ئۆلچەملىك تەرجىمىھال ماتېرىيالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  نورۇز توختى مۇئەللىم 1942-يىلى 9-ئايدا، قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋەئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى يېڭىشەھەردە ئالغان. 1957-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1960-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى قەشقەر ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى (ھازىرقى قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ) گە ئوقۇتقۇچى بولۇپ. 1972-يىلىغىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە، ماتېماتىكا، فېزىكا ۋە سىياسەت دەرسلىرىنى سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئارىلىقتا، يەنى 1962-يىلدىن 1963-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ مائارىپنى سۆيگەن مائارىپچى، تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ساھىب تەشكىلاتچى بولغاچ، 1972-يىل 11-ئايدا، قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ، تاكى 1985-يىلغىچە ئىدارە باشلىقى بولغان. 1985-يىلدىن2000-يىلغىچە، قەشقەر شەھەرلىك مىللىي-دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000-يىل 3-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

   مەن 1963-يىلى 9-ئايدا، مەزكۇر قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1966-يىل پۈتتۈرگەن. شۇ يىلى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى باشلاش ئەرپىسىدە، مەدەنىيەت زورئىنقىلابى باشلىنىپ كەتكەچ، تاكى 1969-يىل 9-ئايغىچە، مەزكۇر مەكتەپتە تۇرۇپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغا قاتناشقان. دېمەك، نورۇز توختى مۇئەللىم مېنىڭ توققۇز يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىمدىكى مۇئەللىمىم بولىدۇ. شۇ دەۋردىكى مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن ياشداش باشقا ساۋاقداشلىرىم ۋە مەكتەپداشلىرىمنىڭ ئورتاق تەسىراتىمىزچە، نورۇز توختى مۇئەللىم دوختۇرغا مۇناسىپ خۇشخۇي، نۇرانە چىراي، چىقىشقاق، ئۇچراشقان ئادەمنىڭ تارتىنماي گەپ قىلغۇسى كېلىدىغان كىچىك پېئىل ئىنسان ئىدى. بىز ئۇنى: «ئاچچىقلانسىمۇ، كۆزىدىن غەزەب ئەمەس، سەمىمىيەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مۇئەللىم» دەپ تەرىپلەيتتۇق ئامراقلىق ۋە قايىللىق بىلەن. ئۇ دەرسخانىدا تەلەپچان ئۇستازىمىز بولسا، دەرستىن سىرىتقى چاغلاردا، گويا سىرداش دوستىمىز ۋە كۆيۈمچان ئاكىمىز ئىدى.

   شۇ دەۋردىن ئوبدان يېرىم ئەسىر ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە،  ئۆزۈم قايىل ۋە ئۆمۈرلۈك ھۆرمىتىمگە نائىل بولغان مۇئەللىمىمنىڭ ئوغلى تەسىس قىلغان « مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى»غا مۇيەسسەر بولۇش مېنى باشقا مۇكاپات ساھىبلىرىدىن ئۆزگىچە تەسىرلەندۈردى. شۇ ۋەجىدىن، تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن تۇغقان يوقلاپ كاشغەرگە بارغىنىمدا، نورۇز توختى مۇئەللىمنى تەشەككۇر تۇيغۇم بىلەن زىيارەت قىلدىم. زىيارەت ئەسناسىدا، ئاشۇ ياش ئۇستاز-شاگىرت چاغلىرىمىزدىكىدەك سىردىشىش ئارقىلىق بىلدىمكى، نورۇز توختى مۇئەللىمنىڭ بەش ئوغۇل ئۈچ قىز توپلام سەككىز پەرزەنتى بارئىكەن. ئوغۇللارنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان ئەخمەتجان باش دېرىكتور بولغان بۇ «مۇئەللىم»ئېلېكتىرون تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ئەمەلىيەتتە، سەككىز پەرزەنتنىڭ بىر نىيەتتە قولداش بولۇشى بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن. ھېلىھەم ئەخمەتجاننىڭ بىر ئىنىسى شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى سالاھىيىتى بىلەن، شېنجېندا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۆگىنىشى بويىچە بىلىم ئاشۇرىۋېتىپتۇ. قالغان ئوغۇل- قىز قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى تۈرلۈك مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئۆز خىزمەتلىرىنى قىلغاندىن باشقا، شىركەتنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتلىرىنى، بولۇپمۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش-سېتىش قاتارلىق زۆرۈر مۇلازىمەت ئىشلىرىنى بىجانىدىللىق بىلەن ئورۇندايدىكەن.

   - مائارىپىمىزنىڭ رېئال ئەھۋالىنى سەنمۇ ئوبدان چۈشىنىسەن، ئابدۇرەئوپ،- دېدى نورۇز مۇئەللىم زىيارىتىم ئاخىرىدا، سەمىمىيەت ۋە جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان پېشقەدەم ئاۋازدا،- ھەممىمىز ئۆز ئىمكانىمىز بويىچە ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. دەرۋەقە، سەن-بىزمۇ بۇ يولدا ئەمگەك قىلغان، ئۆز چامىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەر قاتارىغا كىرىمىز ئەلبەتتە. بىراق، ئەمدى بىز ياشىنىپ قالدۇق، پەرزەنتلىرىمنىڭ خەلقىمىزنىڭ مەرىپەتلىنىش سەۋىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا، سەن-بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بەل قويىۋەتمەي، داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا ئىشەنچىم كامىلدۇر!

   ئويلاپ قالدىم: بىر دادىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە بىلدۈرگەن ئىشەنچى ئەمەلىيەتتە، شۇ دادىنىڭ باقىي ئارمانلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان خاسىيەتلىك دۇئاسىدۇر؛ دادىنىڭ ئىشەنچ دۇئاسىغا سازاۋەر بولغان ئوغلان بولسا، ھەقىقەتەنمۇ بەختىيار ۋە ساۋابتاپار ئوغلاندۇر، مېنىڭچە!


«مۇئەللىم»نىڭ ئارزۇسى

شىنجاڭ «مۇئەللىم» ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2007-يىل 5-ئايداقۇرۇلغان، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئېلېكتىرونلۇق مائارىپ مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان پەن-تېخنىكا شىركىتىدۇر.

   مەلۇمكى، ئىنسانىيەت 21-ئەسىرگە كىرىپ كېلىشى بىلەن، كومپيوتېر ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ لۇغەت ئىزدەش، دەرس ئۆگىنىش ۋە پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق ئېلېكتىرونلۇق مائارىپ مەھسۇلاتلىرى بارلىققا كەلدى. بۇ مەھسۇلاتلار قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا، دەسلەپكى رەڭسىز ئېكرانلىق، ئاددىي سۆزلۈك-كەلىمىلەرنى ئىزدەش-تېپىش ئىقتىدارىدىن تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىدارى كومپيوتېردىكى كۆزنەكلىك مەشغۇلات سىستېمىسىغا تەقلىد قىلىنغان، سىغىمى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز، ئاۋاز-رەسىم-يېزىق-سىن بىر گەۋدىلىكىدىكى ئۆگىنىش مەزمۇنلىرى قوشۇلغان، لۇغەت-سۆزلۈك ئىزدەش، تىل ئۆگىنىش ۋە دەرس تەكرارلاشنى ئاساس، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب كۆرۈش، ئاۋاز ئېلىش، ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى ساقلاپ قويۇش، يېزىقلىق خاتىرىلەش ۋەخۇسۇسى ياردەمچىلىك ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى قوشۇمچە قىلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

   «مۇئەللىم» شىركىتى مانا مۇشۇنداق تارىخىي پۇرسەتتە، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئېلېكتىرونلۇق مائارىپ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو ۋەچەتئەللەردە تەتقىق قىلىپ ئىشلەنگەن ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر مائارىپى ئىشلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيەتلىك بۈيۈك نشانى بىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار تەرەققىياتى، بازار قانۇنىيىتى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ياخشى ئانالىز قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇنەۋۋەر مائارىپ مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىق ئورنىتىپ، 2007-يىلدىن باشلاپ، «مۇئەللىم» ماركىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق مائارىپ مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ئىچىدە، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت، يانداش ئۆگەتكۈ، ئوقۇغۇچىلار كومپيوتېرى، چەكمە ئوقۇتقۇ، بالىلار كومپيوتېرى، چەكمە قەلەم، تاختاكومپيوتېر قاتارلىق بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئىلغا كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، بازارنى جانلاندۇرۇپ، ئىستېمالنى بولۇشلۇق يۆنىلىش تامان يېتەكلەپ، شىركەت تەرەققىياتىغا ياخشى ئۇل سېلىۋالدى.

   «مۇئەللىم» مەسۇلاتلىرىنىڭ قىسقىغىنە ئالتەيىللىق تارىخىغا نەزەر سالساق، مۇنداق كارتىنىلەر كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ:

   2007-يىل 10-ئايدا، شىركەتنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى بولغان ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۈچ تىللىق سۆز-كەلىمە ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە، خەلقئارالىق يونىكود يېزىق ئۆلچىمى قوللىنىلغان، EL-828تىپلىق ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت بازارغا سېلىندى.

  2008-يىل10-ئايدا، تېخنىكا ۋە مەبلەغ جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى سېزىمچان، رەڭلىك ئېكرانلىق، ئۈچ تىللىق ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت، يانداش ئۆگەتكۈنى بازارغا سېلىپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر ساھەسىدە، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە يارىتىلدى.

  2010-يىل 7-ئايدا، مۇندىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىللىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، بەلكى تەرەققىي قىلدۇرغان ئاساستا، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرچە،قازاقچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە مەشغۇلات سىستېمىلىق، كۆپ تىللىق، سېزىمچان ئېكرانلىق «مۇئەللىم تىلچى» ئېلېكتىرونلۇق لۇغىتى بازارغا سېلىندى.

  2010-يىل12-ئايدا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ئۆگىنىش-تەكرارلاش ئېھتىياجى ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن، دەرسلەرنى چېكىپ ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە،ئىقتىدارى خاتىرە كومپيوتېرغا تەقلىد قىلىنغان «مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار كومپيوتېرى»بازارغا سېلىندى.

  2011-يىل5-ئايدا، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى تۇنجى چەكمە ئوقۇتقۇ- «پەرۋاز مۇئەللىم» ئوقۇتقۇسى ئىشلەپچىقىرىلىپ، بازارغا سېلىندى. بۇ مەھسۇلات ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلار ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، جۇڭگو بويىچە ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى تۇنجى چەكمە ئوقۇتقۇ بولۇپ قالدى.

  2011-يىل7-ئايدا ۋە 11-ئايدا، كۆپ تىللىق سۆز-كەلىمە ئىزدەش، يانداش مەشق قىلىش، ئېلكىتاب كۆرۈش، شەخسلەر ياردەمچىسى بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۈچىنچى ئەۋلاد «مۇئەللىم ئايبىلىگ» تىپىدىكى پۈتۈن سېزىمچان ئېكرانلىق يانداش ئۆگەتكۈ، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت بازارغا سېلىندى.

  2012-يىل 7-ئايدا، ئەقىل-ھېسسىيات يېتەكچىسى ئىقتىدارىغا ئىگە، بالىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمەئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ياردەمچىلىك رولىنى ئوينايدىغان، سۆز-كەلىمە ئىزدەش،دەرسلەرنى چەكمە ئوقۇتۇش، ئىككىنچى دەرسخانا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئېلكىتاب كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىككىنچى ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلار كومپيوتېرى سېلىندى بازارغا A8.

  2013-يىل2-ئايدا، مەكتەبكە كىرىش يېشىدىكى بالىلار ئۈچۈن، نەرسە-شەيئىلەرنى تونۇش، ئۇيغۇريېزىقى بويىچە ساۋات چىقىرىش، خەنزۇچە خەت ئۆگىتىش، ئىنگلىز تىل-يېزىقى ئۆگىتىش،ماتىماتىك ھېسابلاش ۋە ھېكايە-چۆچەك ئاڭلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە «بىلگەك» بالىلاركومپيوتېرى بازارغا سېلىنىپ، بۇ ساھەدىكى بوشلۇق تولدۇرۇلدى.

   «مۇئەللىم»شىركىتى 2013-يىل 6-ئايدا، يەنە ئۇچۇر دەۋرىدىكى يېڭى ئېتىياجغا ماسلاشقان،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كەڭ ئىستېمالچىلارغا باب كېلىدىغانسۆز-كەلىمە ئىزدەش، دەرسلىك ئۆگىنىش، ئېلكىتاب كۆرۈش، كۆپ تىل ئۆگىنىش ۋە سىمسىزتورغا چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاندىرويىد 4.0 مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى «مۇئەللىمبىلىگ پەد»نى بازارغا سالدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئەقلىي كۆچمەئالاقە ئۈسكۈنىلىرىدە قوللىنىلىشى يەنە بىر بالداق ئىلگىرى سۈرۈلدى.

   «مۇئەللىم»شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان،  يۇقىرى ئىقتىدارلىق، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىرچاغدا، مەھسۇلاتلارنى سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىزمىتىنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، ئىستېمالچىلارنى ھەقىقىي رازىي قىلىپ كەلدى. شۇچاغقىچە، ئۈرۈمچى،قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا، تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق ۋىلايەت مەركەزلىرىدە، مەخسۇس سېتىش ئورنى بىلەن رېمونت مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئوننى قۇردى؛ ھەر قايسى ناھىيە-بازارلاردا، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسىدىن سەكسەننى بەرپا قىلدى. ھەر قايسى مۇلازىمەت مەركەزلىرىدىكى خادىملارنى ھەر يىلى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، كەسىپى جەھەتتىن ياخشى تەربىيەلەپ، ئاندىن ئىش ئورنىغا قويىدىغان قىلدى. بۇ ئارقىلىق،ئىستېمالچىلارنى مەھسۇلات سېتىۋالغاندىن كېيىنمۇ ئەلا مۇلازىمەتتىن بەھرلىنەلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.

   «مۇئەللىم»شىركىتى كۆز ئالدىدىكى پايدا بىلەن كەلگۈسىدىكى مەنپەئەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن ئەمەلىيەتچان ۋە غايىلىك كارخانىدۇر. ئۇ ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە، ئىختىساسلىق خادىملارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەتلىك كارخانا خادىملىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، يۇمشاق دېتال ئېچىش بۆلۈمى، ماتېرىيال تۈزۈش-تەھرىرلەش بۆلۈمى، مالىيە-ئىستاستىكا بۆلۈمى، ئېلان-ئىستراتېگىيە بۆلۈمى،سېتىش بۆلۈمى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بۆلۈمى قاتارلىق خاس خىزمەتبۆلۈملىرىنى تەسىسى قىلىپ، كارخانا تەرەققىياتىنى مۇقىم سۈرئەتتە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى.

   «مۇئەللىم»شىركىتى بۈگۈنگىچە بولغان مۇكەممەللىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر چاغدا، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئىزچىل ياخشى ئادا قىلىپ، ئانا يۇرتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەبلەردە، تىرىشىپ ياخىشى ئوقۇۋاتقانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش يۈزىسىدىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۈچيۈزمىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇمنى پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن خالىس ئىئانە قىلدى.

   «مۇئەللىم»شىركىتى نۆۋەتتە، ئۆز ئارزۇسىنى پۈتۈن جۇڭگونىڭ بۈيۈك ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئۇنىڭدا:«كۆلەملەشكەن يۇمشاق دېتال ئېچىش ئورگىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىغا قوللىنىشچان پروگىراممىلارنى لايىھەلەش؛ ئۆزى مۇستەقىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش؛ كارخانا ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇش؛ ئالىي مەكتەبلەر ۋە پەن-تېىنىكا تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئىلمىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛سۈپەت بىلەن تېخنىكىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، شىركەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىلەن مەھسۇلات ماركا ئوبرازىنى زامان تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ بازاردائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ بازىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش بىلەن بىر چاغدا،ئىناۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگىچە كېڭەيتىش،شۇ ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئېلېكتىرونلۇق مائارىپ مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭىدىن يېڭى سەۋىيەسىنى يارىتىش» دېگەن نۇقتىلار جاسارەتلىك شىركەت خادىملىرىنى رىغبەتلەندۈرمەكتە، كەلگۈسىگە ئىشەنگەن ئىستېمالچىلارنى  ئۈمىدلەندۈرمەكتە.

    ياخشى نىيەت يېرىم دۇنيا بولسا، ئىلمىي ئاساسقا ساھىب بولغان پىلانلىق ئارزۇ شەكسىزكى، پۈتۈن دۇنيادۇر. ئىشىنىمىزكى، «مۇئەللىم» شىركىتىنىڭ ئارزۇسى جەزمەن ئەمەلگە ئاشقۇسى!


مۇكاپاتتىن مىننەتدارلىق، «مۇئەللىم»دىن ئىپتىخارلىق


«مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى»نىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە چوڭ كۆلەملىك ئىلمىي پائالىيەت بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئانا يۇرتىمىزدا ئومۇمىيۈزلۈك ئاكتىپ ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى، خۇسۇسەن ئۈرۈمچىدىكى گېزىت- ژۇرناللار ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە مۇئەسسەسىلىرى بۇ قۇتلۇق ئىشنى بەس-بەستە خەۋەر قىلغان بولدى.  بۇلارنىڭ ئىچىدە، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2013-يىل6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانىغا بېرىلگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ ‹مۇئەللىم› ئېلېكتىرونپەن-تېخنىكا شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› 15-ئىيۇندىن 16-ئىيۇنغىچەئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس،ئالىم، تەتقىقاتچىلار، ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر،ئۇيغۇر تىلى مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ ئۈچيۈزدىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى. تۆھپىكار تىلشۇناسلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتىنى تارتۇقلاش بۇ يىغىندىكى ئەڭيارقىن نۇقتىلارنىڭ بىر بولدى. يەنى، بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر تىلىتەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى بويىچە بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئون بىر نەپەر مېھنەتكەش تىلشۇناس شىنجاڭ ‹مۇئەللىم› ئېلېكتىرون پەن تېخنىكا شىركىتى تەستىقىلغان ‹مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى› بۇيۇمى ۋە شاھادەتنامىسى بىلەن تارتۇقلاندى.يىغىن رىياسىتى ‹ يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى › ماۋزۇلۇق بۇ كاتتا يىغىلىشنىڭ مەقسىتى يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىغا تالىق بىر قاتار ئەمەلىي مەسىلىلەرنىمۇھاكىمىگە قويۇش، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدە بىر ئۆمۈر تەر ئاققۇزغان تىلشۇناسلارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شۇنداقلا، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى ساھەسىگە يېڭىدىن قەدەم قويۇۋاتقان بىر ئەۋلاد ئىز باسار تەتقىقاتچىلارغا نىشان ۋە مەنزىل كۆرسىتىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى سەمىمىي بايان قىلىش بىلەن بىر چاغدا،‹مۇئەللىم› شىركىتىنىڭ باش بولۇپ خاس مۇكاپات تەسىس قىلغانلىقىنى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىنىڭ مۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاش بويىچە باسقان تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر قۇتلۇق قەدىمى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى...»  

     مېنىڭ ئۆگىنىشىمچە، ئۇيغۇر ئاپتونومرايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 4- بېتىگە بېرىلگەن «كاتتا يىغىلىش، ئەھمىيەتلىك قەدەم» ماۋزۇلۇق بۇ خەۋەر مەزكۇر يىغىن ۋە ئۇ گەۋدىلەندۈرگەن تارىخىي ئەھمىيەتلىك ئىلمى پائالىيەت ھەققىدىكى ئەڭكەڭ سەھىپىلىك خاتىرە ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن بەتلىك خەۋەر تېكىستىنىڭ ئەتراپى مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىگە ئالاقىدار رەڭلىك سۈرەتلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر ئۆزىنىڭ مەزمۇندارلىقى ۋە جانلىقلىقى بىلەن خەۋەر تېكىستىدىكى ھەر سۆز-ھەر جۈملىگە ئەھمىيەتلىك قىممەت قوشقانىدى. شۇڭا، مەن ئۇ خاس بەتنى كېسىۋېلىپ، ئۆچمەس خاتىرەم سەھىپىسىگە مەزمۇت ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم.

   دېمەكچىكى، مۇكاپات مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. ئەمسىچۇ؟! ئىنسان يالغان كەمتەرلىك قىلماي، سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، غايىلىك ئادەم بۇ دۇنيادا، ساۋاب (يەنى مۇكاپات) ئۈچۈن ياشايدۇ، دېسىمۇ بولىدۇ. رەھمەتلىك ئانام كىچىكىمدىن تارتىپلا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قىلىپ-ئەتكەنلىرىمنى ئۇدۇم قائىدە-نىزام تارازىسى بىلەن ئۆلچەپ كۆرگەندىن كېيىن: «جېنىم بالام، مۇنداق قىلساڭ ساۋاب (يەنى مۇكاپاتقا لايىق) بولىدۇ؛ ئەكسىچە، ئۇنداق قىلساڭ، گۇناھ بولىدۇ» دەپ، كۆرسەتمە تەلىمات بېرىپ تۇرىدىغان. شۇ كۈنلەردىكى تۇيغۇمدىن ئېلىپ ئېيتسام، ئىنسان ساۋاب (يەنى مۇكاپات)نى ئۇ دۇنياغا نېسى قالدۇرۇپ كېتىۋەرمەي، مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا، رازىيمەن قېرىنداشلىرىنىڭ ئېغىزىدىن ياكى قولىدىن ئالسىمۇ، قەۋەتلا خوش بولۇپ قالىدىكەن.

   مەن ئوخشىمىغان يازمىلىرىمدا، ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن سىردىشىش يۈزىسىدىن گېزى كېلىپ ئېيتقىنىمدەك، مېنىڭ بالىلىق ۋاقتىمدىكى چۈش-ئارزۇيۇم دوختۇر بولۇش ئىدى. قىسمەت بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ، تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇدۇم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تەرجىمان ئەمەس، ئوقۇتقۇچى-مۇئەللىم بولدۇم. بىر ئوبدان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىپ، «كور خېرىدار»لىرىم بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سورۇنىدا تاي چاپتۇرىۋاتسام، تەشكىل ماڭا چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ پىرى ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ۋەزىپىسىنى يۈكلىدى. «يۈكلىگىن يۈكنى ئانا مەن تاڭشۇرۇلغان تۇلپارىڭ، سەن ئۈچۈن يۈكلەشكە رازىي تاغنىمۇ يەلكەمگىمەن» (بۇ ئىككى مىسرا مەشھۇر شائىرىمىز تېيىپجان ئېلىيېۋنىڭ) روھى بويىچە، بۇنىڭغىمۇ «ماقۇل»دېدىم. ئاۋۋال تۆرت يىل ئەرەبچە ئۆگەندىم؛ ئارقىدىن ئىككى يىل پارسچە ئۆگەندىم.يەنە كېيىنچە، بەش يىل خاس تۈركچە ئۆگەندىم. شۇنىڭ بىلەن، «بىسمىللاھ» دەپ تىلسىماتلىق ئىلىم تەتقىقاتچىلىق يولىغا ئات سېلىپ چىقتىم. بۇ يولدا ئۇچرىغان قاتمۇقات چاتقاللىقلارنى ئۆزۈم ئۇزۇن يىللىق ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇكەممەل قىلىپ ھازىرلىغان ماھارەت شەمشىرى ۋە تۇغما خۇيۇم تارتۇقلىغان جاسارەت قىلىچى بىلەن چېپىپ ئۆتۈپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ سېھر-ئەسرارلىق كەڭ قوينىغا كىرىپ كەتتىم.

   چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە ئەدەبىياتى مەيدانى كلاسسىك ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ مول مەزمۇنۋار جەڭگاھلىرنىڭ بىرىئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇملۇق، مەن ئۇ يەردە 1976-يىلدىن بۇيان، يەنى ئاز كەم قىرىق يىل مابەينىدە، ئەلىشىر ئىبنى غىياسىددىن نەۋائىي بوۋىمىزنىڭ غەزەللىرىنى ئۆز تىل ىۋە يېزىقى بىلەن مىسرا-مىسرا ئوقۇدۇم؛ مەلىكە ئاماننىسا خانىم رەتلەپ ئالەمگە يايغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنى ئەينى زامان تىلى ۋە يېزىقىئاساسىدا، بېيىت-بېيىت مۇتالىئە قىلدىم. مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان»لىرىدىن تارتىپ، مۇسا سايرامىينىڭ «تارىخى ھەمىدىي»لىرىگىچە، ئىسمەتۇللاھئىبنى نىئمەتۇللاھ مۆئجىزىينىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»لىرىدىن تارتىپ، ئەھمەد زىيائىينىڭ «لاداق يولىدا كارۋان»لىرىغىچە مېنىڭ مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ ئوقۇشۇم ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تەتقىق قىلىشىمدىن ئۆتمىگەن ئەسەر قالمىدى. مەن ئۇ نادىرئەسەرلەرنى مۇنداقلا ئوقۇپ قويۇش بىلەن كۇپايىلەنمىدىم، بەلكى ئۇلارنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۆزگىچىكىكىگە، پىكىرلەرنى بايان قىلىشتىكى بەدىئىي خاسلىقىغا تەتقىقات ئۆلچىمى بىلەن چوڭقۇر چۆكتۈم. نەتىجىدە، بۇ خىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە ئەستايىدىل تەتقىقاتىمنىڭ سەمەرىلىرى بولمىش «چاغاتاي تىلى» (1986-يىل، ئۇستاز خەمىت تۆمۈربىلەن ھەمشىرىك)، «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى» (1995-يىل)، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىھەققىدە مۇپەسسەل بايان» (2004-يىل)، «ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككىمۇقامى تېكىستلىرى» (2005-يىل)، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» (2007-يىل)،«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» (2009-يىل)، «ئۇيغۇر تىلىلېكسىكولوگىيەسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى» (2011-يىل) ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىھەققىدە مېغىزلىق بايان» (2012-يىل) قاتارلىق ئەسەرلىرىم مەزكۇر ساھەبوستانلىقىدا، بىر يۈرۈش سەر خىل گۈل بولۇپ ئېچىلدى ۋە ئۇلار تارقاتقان خۇشپۇراق ئىلىم بەھرىلىرى ئىرپانپەرۋەر خەلقىمنىڭ بېشىغا خالىسانە چاچقۇ بولۇپ چېچىلدى.

   بۇ يەردە، مېنى ئەڭ خوشال قىلغان ۋەئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈندۈرگەن نەرسە، مېنىڭ ئۇ پەرزىي ئەمگەكلىرىمنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر دۇنياسىدا، يۈكسەك سەۋىيەلىك زىيالىلار ۋە ھەر ساھە بويىچە ئىقتىدارلىق مۇنەججىملەر توپلانغان ئىرپانگاھ سانىلىدىغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغانباھالاش كومىتېتىنىڭ نەزەرىدىن ئۆتكەنلىكى ۋە ئۇ يەردىكى كەسىپداشلىرىمنىڭ ماقۇللۇقىغا مۇيەسسەر بولغانلىقى بولدى. مەن ئۇلار يازغان:   «پروفېسسور ئابدۇرەئوپ پولاتنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى، ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى تەتقىقاتى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى تەتقىقاتى ۋە شۇنداقلاياش بىر ئەۋلاد تىل تەتقىقاتچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە تۆھپىسى ئالاھىدەبولغانلىقى ئۈچۈن، ‹مۇئەللىم تىلشۇناش مۇكاپاتى› بېرىلدى» (ئېلىندى: «يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھۆججەتلىرى»دىن 2013-يىل، 5-ئىيۇن.) دېگەن باھانى يۈرىكىمگە كۆچۈرىۋالدىمكى، ئۆمرۈم بويى ئۇنتۇمايمەن!

شۇنداق دەپ بولغىچە، بىز تەرىپ-تەۋسىپىنى قىلغان ئۇ «يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ ئۆتكۈزۈلگىنىگە يېرىم يىل بولۇپ قالدى. تېخى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مۇكاپاتلار تارقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭ «مۇئەللىم» ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئەخمەتجان نورۇز گۇلدىراس ئالقىشلار ھەمراھلىقىدا سەھنىگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ «مۇئەللىم» شىركىتىنى قۇرۇشتىن تارتىپ، «مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى مىننەتسىز ئەمگەكلىرىنى مېغىزلىق قىلىپ ئاڭلاتقاندىن كېيىن: «بىز بۇ‹مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى›نى مۇندىن كېيىنمۇ قەرەللىك ھالدا تارقىتىشقاتىرىشىمىز» دېدى.

شۇنداق، ئۇ «بىز بۇ مۇكاپاتنى مۇنچە يىلدا بىر قېتىم جەزمەن تارقىتىمىز!» دەپ، مەيدىسىگە مۇشتلاپ، تەنتەنىلىك ۋەدە بەرمىدى، پەقەت «مۇندىن كېيىنمۇ قەرەللىك ھالدا تارقىتىشقا تىرىشىمىز» دېدى. ئەمما، بۈگۈنكى ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە بىر ئىشنى ئوڭ-سېپىدە قىلىپ روياپقا چىقىرىشنىڭ مۈشكۈلدىن مۈشكۈل ئىش ئىكەنلىكىنى يىللارچە ئاڭلىق جاپا چېكىش ۋە بوشاشماستىن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق،تولىمۇ ئوبدان بىلىپ يەتكەن بۇ ساھىبقىران لىدىرنىڭ سۆزىدە، ئۆزىگە خاس بولغان ئاتا مىراس سەمىمىيەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. شۇڭا، مەن ئىشەندىم،  پۈتكۈل يىغىن ئەھلى ئىشەندى. شۇئان جىندەك تىمتاسلىقتىن كېيىن، قۇلاقنى يارغۇدەك ئالقىش ساداسى قايتا ياڭرىدى.

بۇ ئالقىشتىن، خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتە پەلەككە تاقاشقان قىزغىنلىق بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ئىلىم-پەن رىقابىتى دېڭىزىدا، غەرق بولۇپ كەتمەي، يېڭىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، پۈتكۈل ئىمكان ۋە ئىقتىدارى بىلەن تىرمىشىۋاتقان بىردەۋر ياش نەۋقىران سەركەردىلەرگە بولغان ئېھتىرامى، ئىشەنچى، مەمنۇنىيىتى ۋەئىپتىخارى جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى....


2013-يىل22-دىكابىر، بېيجىڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-3 03:52 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ahter + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2821
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 05:35:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست بۇ ساھەدە مۇشەققەت تارتقانلار ئانا تىل ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلىغانلاردۇر،ئىبراھىم مۇتئى،مۇھەممەت رېھىم،ئابدۇرەۇپ تەكلىماكانى،مىرسۇلتان ئوسمانوپ ،ئامىنە غاپپاردەك تىلشۇناسلار ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ قەلب تۆرىدە ئىنئامغا مۇناسىپتۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6667
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 05:38:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىمىز تېخىمۇ جۇلا چاچقۇسى

كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 05:51:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 05:35 PM
راست بۇ ساھەدە مۇشەققەت تارتقانلار ئانا تىل ئۈچۈن بارل ...

ئەگەشتىم

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57513
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4532
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 09:14:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئۇيغۇر تىلشۇناسلارغا ۋارىس لازىم، ياشلار مۇشۇ ساھەنى تاللاپ تىرىشىپ باقسا .

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10406
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 09:14:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  مۇئەللىم نىڭ  لۇغىتىنى  ئىشلەتكەن   


تىخىمۇ روناق تىپىشغا  تىلەكداشمەن  

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 11:14:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرەئۇپ ئەپەندىم ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇكاپاتقا لايىق ئىستىداتلىق تىلشۇناسىمىزدۇر ...  قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي ، كاشىغەر ئوغلى ...

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7571
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7692 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 01:38:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىماكانىي ئۇستاز  - سىز خەلق قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئۇرۇن ئالغان پەخىرلىك ئۇستازسىز.قىلغانلىرىڭىزنى خەلق مەڭگۈ ئۇنتىمايدۇ.سىزنىڭ  بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ،تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 07:51 PM  


ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 03:11:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇرەئۇپ مۇئەللىمنىڭ ئانا تىلىمىزغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت! شۇنداقلا مۇئەللىم شىركىتىنىڭ ئانا تىلىمىزغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىنىگە رەھمەت! مەنمۇ ئانا تىلىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن چامامنىڭ يىتىشىچە كۈچ قوشاي دەپ ئانا تىلدىكى يانپونلارنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. دەسلەپتە ئىرپان شىركىتىنىڭ بىرىنچى ئەۋلات يانپونىنى ئىشلەتتىم.قىيىن بىلكان شىركىتىنىڭ ئەقلى لۇغەتلىك يانپونى چىقتى. ئۇنى ئىشلەتتىم. بۇ يىل مۇئەللىم شىركىتىنىڭ لۇغەتلىك ئەقلى يانپونى چىققاندىن بىرى مۇشۇنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. بەك ياخشىكەن. خۇددى تىلپون ئۇرغىلى بولىدىغان ئالقان كومپىيوتىرىدەكلا، توردىن ئەسەر چۈشۈرۈش، ئەسەر يېزىپ تەھرىرلەپ يوللاش ............قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيمەن. شۇغىنىسى يېقىندا لۇغىتى يۇيۇلۇپ كىتىپتى، قەشقەردىكى سېتىش ئورنىغا بارسام مۇلازىمەتچى خادىم  ؛( مەن قاچىلىيالمايتىم، پالانى كەلسە قاچىلىيالايدۇ)  دەپ تۇرىۋالدى . قاچىلاپ بىرىدىغان ئادەم يوق بولغاچقا لۇغەت قاچىلىتالمىدىم. لىكىن ھازىرچە بىلكان لۇغەتلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 07:57 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108561
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-7-18
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 10:30:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىماكانىي ئۇستازنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىنى يوللىغانلىقىغا رەھمەت.
ئەمما بەزى سۆزلەر قوشۇلۇپ يېزىلىپ قاپتۇ،(«ئۇيغۇر تىلىھەققىدە» دېگەندەك) باشقۇرغۇچىلار ئوڭشاپ قويساڭلار بوپتىكەن، ئانا تىل تەتقىقاتچىسى بولغان ئۇستازىمىزنىڭ ماقالىسىدا بۇخىل خاتالىق كۆرۈلسە ئادەم سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالىدىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش