ئەمەس
بۇ كۈنلىرىم كۈن ئەمەستۇرچىقمايدۇ ئۈنۈم،
ئەجەب ھالغا چۈشۈپ قالدى مېنىڭ بۇ كۈنۈم،
كۈلكىلىرىم كۈلكە ئەمەس،قايغۇ يا قايغۇ،
چېچەكلىرى تۆكۈلدى ھەم قۇرىدى گۈلۈم.
ئويۇنلىرىم ئويۇن ئەمەس،خىزمەت ياخىزمەت،
شۇنچە يىللار ياراتمىدىم ياكى ھېچ قىممەت.
مۇشۇ ياشلار جەسۇر ئىدىم،قىران ۋاقلىرىم،
چىڭ تۇتسامتى ئەسلى بۇنى بىلىپ غەنىمەت.
ئۈمىدلىرىم ئۈمىد ئەمەس ئارزۇيۇم ئارزۇ،
مۇشۇ كۈنلەر ھەمراھ بولدى پەقەت غەم-قايغۇ.
تەقدىرلىرىم سىزىقلىقتۇر خەقلەر قولىدا.
جەمئىيەتنىڭ سىنىقىدا بولدۇم قارىغۇ.
تەنلىرىم يا تەن ئەمەس،يۈرەكلەر زىدە،
كىملەر يۈردى بولۇپ مېنى ئۆرۈش پېيىدە.
ياشلىقىم مۇشۇنداقلا غايىپ بولارمۇ،
ئۆتمەك كۈنۈم زارلىنىپلا شۇ تەرىقىدە.
خىياللىرىم خىيال ئەمەس،نىشان يا نىشان،
نىشانىمدا ماڭالماي ھەم كۆڭلۈم پەرىشان.
خالىغاننى قىلالمايمەن نىم بولدۇم توۋا،
تېتىمايدۇ ھەتتاكى ھەم ئىچسەم زەرەپشان.
ئەرلەر ياكى ئەردەك ئەمەس،قىزلار ياكى قىز،
ئادەم بولۇش مۇھىم ئىكەن ئەسلى بىلسىڭىز.
داۋالغىسۇن توختىمىسۇن ۋىجدان دولقۇنى،
سۆيۈندۈرسۇن خەقلەرنى گۈزەل خۇلقىڭىز.
ياشلارمۇ ھەم ياشتەك ئەمەس،قېرى يا قېرى،
ئىلىم ئالغان قېرىنداشلار كەتتىغۇ نېرى.
بىز قالدۇققۇ كەينىدە قورقۇپ تىتىرەپ،
خاراب قىلدى بىزلەرنى ھورۇنلۇق سېھرى.
تونۇشلىرىم تونۇش ئەمەس، ياتلار ياكى يات،
خۇش تەبەسسۇم يۈرگەنلەر قىلدى مېنى مات.
تېڭىرقىدىم،تېڭىرقايمەن، تېڭىرقىدىمغۇ،
ئەجەپ ئەگرى توقاي ئىكەن بىلدىم بۇ ھايات.
مانا بۇ مەن ئەمەس ھەم سەنمۇ ئەمەس،
ھەتتا بىزنىڭ كەلگۈسىمىز بۇنداقمۇ ئەمەس.
كەلگىن دوستۇم كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئالايلى،
بىز ئەمەس،خەقلەر بىزگە ياغدۇرسۇن ھەۋەس.
كەۋسەر ئابدۈشكۈر قايناق