قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
(كېسەل كارۋىتىدا ئىڭراپ ياتقان بىر ئاشىق تىلىدىن)
پۇچلاندى يۈرۈگۈم ھەسرەت ئىلكىدە،
سەن كېتىپ نىگارىم يېنىمدىن يىراق.
جىسمىم ياپراقتەك تىترەيدۇ غال-غال،
كۆيدۈرگەچ روھىمنى شۇ ئالۋاستى ئاق.
كۆيەتتىڭ كۆيگەندەك مەنمۇ ھەم ساڭا،
سۆيەتتىڭ گىلاستەك لېۋىڭنى يېقىپ.
كۈل قىلىپ جىسمىمنى قىيناپ پىراقتا،
قاچاتتىڭ ئارقاڭغا بىر قىيا بېقىپ.
شوخ كۈلكەڭ ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە،
ئېسىمدە ئايدىڭدا شىۋىرلاشقان چاغ.
يېشىل ياپراقتىن مارجانلار تاقاپ،
سۈزۈك چەشمىلەر چاچقان گۈزەل چاغ.
قايسى چاغ چاپلاشتى جىسمىمغا زەھەر،
ئۇنۇتتۇم ھەممىنى،ئۇنۇتتۇم سېنى.
كەيپنىڭ پەيزىدە كۆكلەردە ئۈزۈپ ،
ئۇنۇتتۇم ئەزىزىم ئاتا-ئانامنى.
كۆزلىرىم قارچۇغى قالغاندا قېتىپ،
ياشلىرىڭ تۆكۈلدى مەرۋايىت كەبى.
يوقالدى چېھرىڭدىن ئوماق كۈلكەڭمۇ،
ئاھ جېنىم، نە بولدى سىز شۇمۇ نەبى؟
ئېسىمگە كەلگەندە ھەر-بىر رەت چۈشتىن،
كۆرەتتىم بېشىمدا تەلمۈرگەن سېنى.
سورايتتىڭ يۈزۈمگە يۈزلىرىڭ يېقىپ،
مەن سۆيگەن ئىجاتچان شوخ نەبى قېنى؟
ئۆچكەندە ئۈمۈتنىڭ نۇرلىرى كۆزدىن،
ھەسرەت تاغلىرى باستى قەلبىڭنى.
بېرەلمەي ئاخىرى بەرداش دەرتلەرگە،
تاشلاپ كەتتىڭ سەن قىيالماي مېنى.
ئاھ جېنىم نەدىنمۇ تاپارمەن ئەمدى،
ئىشىكتە كۆزلىرىم ئىزلەيدۇ سېنى.
ئۇچراتسام روھىمدا قايتىدىن بىر رەت،
قويۇپ بەرمەسمەن ھەرگىز قولۇڭنى.
قايتىپ كەل جانانىم سېغىندىم سېنى،
بۇ ئاچچىق ھەقىقەت قىينىدى مېنى.
نۇرلانسۇن كۆزلىرىم مېھرىڭ تەپتىدە،
شۇ گۈزەل دەملەرگە قايتۇرغىن مېنى.
2014. 7. ئۈرۈمچى