مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5590|ئىنكاس: 21

خوتەن لوقمان دوختۇرخانىسىدىن خۇشخەۋەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1496
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9328
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 668 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 08:19:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇشخەۋەر
كەڭ خەلق ئاممىسىغا ۋە بىمارلارغا :                                       
        دۇختۇرخانىمىز يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە ئۇرۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن2014-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتى يەتتە ناھىيە(خوتەن ناھىيىسى،قاراقاش ناھىيىسى،لوپ ناھىيىسى،چىرا ناھىيىسى،كىرىيە ناھىيىسى،نىيە ناھىيىسى،گۇما ناھىيىسى قاتارلىقلار) بىر شەھەر(خوتەن شەھىرى) نىڭ دېھقان –چارۋىچىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى   ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش بۇيىچە نۇقتا قىلىنغان دۇختۇرخاناۋە ئىشچى–خىزمەتچى ، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بۇيىچە نۇقتا قىلىغان دۇختۇرخانا بۇلۇپ بىكىتىلدى .
كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ۋە بىمارلارنىڭ دۇختۇرخانىمىزغا كىلىپ دۇختۇرخانىمىزنىڭ ئازادە مۇھىيىتى،ئەلامۇلازىمىتى،ئىلغار ئۇسكىنىسى،يۇقىرى تېخنىكىلىق داۋالاش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دۇختۇرخانىلاردىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسىسلەرگە كىسىلىنى كۆرسىتىپ ياخشى داۋالىنىش مۇھىتىدىن بەھرىمان بۇلۇشنى سۇرايمىز .
تەپسىلى ئەھۋالنى  بىلمەكچى بولسىڭىز بالنىسىت بۈلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
مەسلىھەت سۇراش تېلىفۇن نۇمۇرى : 6517100-0903      ،13364899699
پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :18999433255

--------------
دوختۇر، سېسترا قوبۇل قىلىش--------------
دوختۇرخانىمىزنىڭ كەسپىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، كەڭ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىختىساسلىق خادىملارنى ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلەش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىدە دوختۇرخانىمىز پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدىن كەڭ كۆلەمدە تېببىي خادىم قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدۇق.

بىزنى تاللىسىڭىز ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ يۇقىرى تەمىنات ۋە ئەڭ ئەۋزەل كەسپىي مۇھىتتىن بەھرىمەن بولىسىز!

قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەر:
كىلىنىكا دوختۇرى: سانى، جىنسى، نوپۇس تەۋەلىكى چەكلەنمەيدۇ.

شەرتى: ئوقۇش تارىخى مەخسۇس كۇرۇس (داجۈەن) تىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار قوبۇل قىلىنىدۇ.

كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ھازىرلاپ بولغان دوختۇرلارغا ئوقۇش تارىخى چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ.

سېسترا: سانى، جىنسى، نوپۇس تەۋەلىكى چەكلەنمەيدۇ.

شەرتى: كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئېلىپ بولغانلار قوبۇل قىلىنىدۇ.


بىز تەمىنلەيدىغان شارائىت:

تاماق: دوختۇرخانىمىزدا مەخسۇس خىزمەتچىلەر ئاشخانىسى بار، تاماق باھاسى بازار باھاسىدىن %50 تۆۋەن، سۈپىتى بازاردىن كۆپ ياخشى.

ياتاق: سىرتتىن كەلگەن خادىملار ئۈچۈن ھەقسىز ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

سۇغۇرتا: ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئۈچ خىل سۇغۇرتا بار.

مائاش: ئاساسى مائاش (ئىش ئورنى مائاش، ئوقۇش تارىخى مائاشى، سالاھىيەت مائاش، ئۇنۋان مائاش، ئوقۇتۇش مائاش، تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل تولۇقلىمىسى)، ۋەزىپە مائاش، ئۈنۈم مائاش.

تولۇقلىما مائاش: قاتناش تولۇقلىمىسى، تازىلىق تولۇقلىمىسى، كىتاب كۆرۈش تولۇقلىمىسى، تېلېفون ھەققى تولۇقلىمىسى.

تەربىيىلەش: ئىشتىن بۇرۇنقى تەربىيىلەش، ئىش ئورنى ئالماشتۇرۇش تەربىيىلەش، مەخسۇس كەسىپ بويىچە تەربىيىلەش، مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس تەربىيىلەش، باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە تەربىيىلەش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، زىيارەت ئۆگىنىشى، چەتئەللەردە تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشتا بولۇش


تىزىمغا ئالدۇرۇش

تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنى: لوقمان دوختۇرخانىسى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى

مەنزىل: قاراقاش ناھىيە يىپ بازىرى يولى 23-نومۇر (چوڭ جامە ئالدىدا)

ئالاقىلاشقۇچى: ئابلەت ئىمىن

تېلېفون: 18999433255

-ئىشخانا- -6515550 -0903

-فاكىس- -6515550 -0903

تور مەنزىلى:www.lokman.cn

ئېلخەت:lokmanhospital@tom.com

------------------
لوقمان دوختۇرخانىسى 1981-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ 30 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىرگەۋدە قىلىنغان، خوتەن ۋىلايىتى بويىچە چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراۋى دوختۇرخانا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتە دوختۇرخانىمىزدا 450 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 16200 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق، تەستىقلانغان كېسەل كارۋىتى 290 دانە، ئەمەلىي كارۋات 350 دىن ئارتۇق. يىللىق ئامبۇلاتورىيە كېسەل كۆرۈش مىقدارى 115000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق، بالنىستتىن داۋالىنىپ چىقىپ كېتىدىغان كېسەل 18196 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق، يىللىق ئوپېراتسىيە مىقدارى 4000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، نۆۋەتتە دوختۇرخانىمىزدا 14 دانە كېلىنىكىلىق داۋالاش بۆلۈم، 13 دانە قوشۇمچە تەكشۈرۈش بۆلۈم، 8 دانە فۇنكتسىلىك بۆلۈم تەسىس قىلىنغان، س ت ، خېسى، رەڭلىك ب چاۋ، پۈتۈن ئاپتوماتىك بىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، قورساق بوشلۇقى ئەينىكى قاتارلىق ئىلغار سايمانلاردىن سىرت چوڭ تىپىتكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق سايمانلار تولۇق بولۇپ، ھازىرقى زامان ئىلغار باشقۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلغان.

دوختۇرخانىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بىلەن تېخنىكا، تەربىيىلەش، ھەمكارلىق، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئورناتقان، ئۇنىڭدىن باشقا دوختۇرخانىمىز ھازىر جۇڭگو دوختۇرخانا ئىلمىي جەمئىيىتى پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش تارماق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تېببىي دورىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ دوختۇرخانا ئىلمىي جەمئىيىتى پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش مەخسۇس كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان.

دوختۇرخانىمىز بىمارلارنىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن 2012-يىلى داۋالاش، تېز قۇتقۇزۇش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەسلى، ئائىلىلىك بىرگەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى "لوقمان ساغلاملىق شەھەرچىسى" قۇرۇلۇشىغا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق، تەستىقلانغاندىن كېيىن 2013-يىلى 6-ئايدا رەسمىي ئىش باشلىدۇق، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 87500 كۋادرات مېتىر، پىلاندىكى كارۋات سانى 1000 كارۋات ئەتراپىدا، ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ تەخمىنەن 390 مىليون يۈەندىن ئارتۇق، ھازىر بۇ تۈرنىڭ ئۇنىۋېرسال كېسەلخانا بىناسىنىڭ 8 – قەۋىتىگە چىقىپ بولدى، 2015-يىلى يىل ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىش پىلانلىنىپ بولدى.

ھۆ-تاڭ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 08:45:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2908
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 08:51:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلىرىمىزنى مۇشۇنداق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى تېلەيمەن

خوتەن لوقمان دوختۇرخانىسى روناق تاپقاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8742
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2090 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 09:10:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراقاشتا ئىكەنغۇ ، قارىغاندا كۆلىمى يامان ئەمەستەك .

         مايمۇن كېشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا ،
         تۆگە كىلۇر مەردانە ھەم قوتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە ،
         ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 09:17:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىدىغان ەەپمۇ نىمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 10:52:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روناق تاپقايسىلەر   
ئۇيغۇر  كارخانىچىلار  

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5409
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20214
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2268 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 11:04:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باراي دېسەم بەك يىراق....

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1708
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15138
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2808 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 11:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لوقمان دۇختۇرخانىسىنىڭ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرشىگە تىلەكداشمىز .يەنە يېقىنقىي يىللاردىن بۇيان  خوتەندە مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەقىقىياتى تىز بولىۋېتىپتۇ ،كۆز تەگمىسىۇن .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106985
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 12:34:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي، مۇشۇ كەسىپتە ئوقۇغان بولسام ئارلىق ھەرقانچە يىراق بولسىمۇ باراتتىمدە، ئەپسۇس شۇنچە قىزىقىپ تۇرۇپ مىدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇيالمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12380
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7715 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 01:41:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپسۇس خۇتەندە دۇختۇرخانىلار كۈپەيگەن بىلەن كىسەللەرمۇ شۇنىڭغا ماس كۇپۈيۈۋاتىدۇ. بۇ نىمىنى چۈشەندۈرۈدۇ ؟؟؟

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش