 |
 |
 |
 |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەرداشلار؛
خەلقىمىزنىڭ كۈندىن–كۈنگە كۈچىيۋاتقان ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋە شۇنداقىلا كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە بولغان «ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش ئەپ دېتالى» يوق بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە 2014-يىلى يازدا شىركىتىمىزدىكى خادىملار «يەلتاپان ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش ئەپ دېتالى» نى ئىشلەپ چىقتى¸ ھەم شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى كەسپى شىركەتلەردىن بىرى بولغان «ئۈرۈمچى ئۇچار گىلەم سودا چەكلىك شىركىتى» بىلەن دوستانە ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، مەزكۇر تۈرنىڭ بېلەت سېتىش ۋە باشقا مۇلازىمەتلىرىنى ئۈرۈمچى ئۇچار گىلەم سودا چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالدى...
مەزكۇر ئەپ Android ۋە ios سىستېمىلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە بىمالال ئىجرا بولىدۇ، ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش، تەكشۈرۈش، ھەق تاپشۇرۇش... قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە، ئىشلىتىش ناھايىتى قولاي!
تەپسىلى چۈشەندۈرۈش ۋە چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://air.yaltapan.com/
ئەسكەرتىش: ئەگەر سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز ios سىستېمىلىق كۆچمە ئۈسكۈنە(مەسىلەن: iPhone بولسا) سىزنىڭ ئالمىنىڭ ئەپ بازىرىغا چىقىپ، id توشقۇزۇپ، ئاۋارە بولىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بىز تەمىنلىگەن بەتتىن بىۋاستە چۈشۈرۈشنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.... مەيلى سىزنىڭ تېلفونىڭىز تۈرمىدىن قاچقان بولسۇن ياكى قاچمىغان بولسۇن بەرىبىر.... نورمال قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ!
ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىرى تۆۋەندىكىچە:
|
 |
 |
 |
 |
|