مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1019|ئىنكاس: 9

ئوغلۇمغا يېزىلغان خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قاراڭغۇدىن زارل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8250
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 04:30:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلۇمغا يېزىلغان خەت
(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە تەۋسىيە)
ئەزىز ئەيسا
(راس ئىشلار خاتىرىسى )
قەدىرلىك ئوغلۇم؛تىنىچ –ئامانمۇ سەن ؟ئىلىم ئۆگۈنىش ئۈچۈن يىراق يات ئەلدە  تۇرۇپ قانچىلىق جاپا تارتىۋاتىدىغانسەن ؟قانچىلىك غېرىپسىنغانسەن ؟ مىنى ،ئاناڭنى  باغلىرىمىزنىڭ  شىرىن مىۋىلىرىنى ،يېزىمىزنىڭ ،تۇپىلىق چىغىر يوللىرىنى قانچىلىك سېغىنغانسەن !؟ بىلىمەن ساڭىمۇ ھەرگىز ئاسان ئەمەس .ئەمما يەنىلا غەيرەت قىل !
بىلىسەنغۇ ؟-جاپا-مۇشەققەتتىن قورققانلارغا غەلىبە مىۋىسى نىسىپ بولمايدۇ !
ئىنىڭ مەردانجان، ھېلىقى توردىگەن شەيتان ھۈنىرى بىلەن يوللىغان خېتىڭنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ۋاختىدا ماڭا يەتكۈزدى.خېتىڭدىن -شۇ يىراق يات ئەلدە سالامەت، ئۇتۇقلۇق ئۇقۇۋاتقىنىڭنى بىلىپ، ئاناڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ غەم ئەندىشىلىرىمىز كۈتۈرۈلۈپ  بەكمۇ خۇشال بولۇشتۇق. شۇ خۇشاللىغىمىزدا ،سىنى سېغىنىپ  كۈندىكى بەش ۋاق نامىزىمىزدا ئاناڭ بىلەن ئىككىمىز ساڭا مىڭ مەرتىۋە ساقلىق ،ئۇتۇق ،نۇسرەت، تىلەپ تۇرۇپمىز .
ئوغلۇم ،خېتىڭدە مىنىڭ ،ئاناڭنىڭ ،مەركىزى شەھەردە خىزمەت قىلىۋاتقان  ئاكاڭ ۋە يېنىمدا ماڭا ھەمدەمدە بولغاچ مەھەللىدە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىنىڭنىڭ ،يەنە يېزىمىز ۋە خوشنا خۇلۇملارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپسەن .
مانا مۇشۇ سۇئالىڭغا جاۋاپ بىرىدىغاندا، بىردىنلا خۇددى بوغۇزۇمغا بىرنەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك ساڭا قانداق جاۋاپ بىرىشنى بىلمەي بىئارام بۇلۇپ گاڭگىراپ تۇرۇپتىمەن.
ئوغلۇم ،راست .بىر قارىماققىغۇ مەھەللىمىزدىكى ئۇرۇق تۇغقان ،خوشنا-خۇلۇم ،ئەل-جامائەت، چوڭ –كىچىك ھەممىمىز سالامەت، ئامان –ئىسەن تۇرۇپتىمىز. تۇرمۇش ،ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىمىزمۇ  ياخشىدەك كىتىپ بارىدۇ .نىمىشقا دىسەڭ ؟ يۇرتىمىزدىكى ھەممە كىشى خۇشاللىق بىلەن نەگە بارساق شۇنداق دىيىشىمىز  ؛ ھازىر زامان نەچچە ئون يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھەر جەھەتتىن كۆپ تەرەققى قىلدى.ئىخدىسادى كىرىمىمىز نەچچە ھەسسە كۈپۈيۈپ،  تۇرمۇشۇشىمىز خېلىلا باياشاتلىشىپ قالدى. بۇلۇپمۇ ئالدىنقى بەش ئالتە يىلدا پاختا تېرىپ يانچۇغىمىزغا خېلى كۆپ پۇل كىرگەندەكمۇ قىلدى.ئەمما بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى قىلغان مەھەللە،مەھەللىمىزدىكى دىېھقانچىلىق، دىېھقانچىلىققا كىرەكلىك سۇ،سۇ كەملىكتىن كىلىپ چىقىۋاتقان ھەم كۈنسىرى ئېغىرلاپ كىتىپ بارغان قۇرغاقچىلىق، ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان بۇران ،تۇختىماي ئاسماندىن يېغىۋاتقان قۇم-تۇپا ،ياز پەسلىدىكى ھەددىدىن ئاشقان كۆيدۈر
گۈرگۈچ ئاپتاپ،قىش پەسلىدىكى چەكدىن ئاشقان سوغۇق ئاپەتلىرى بىزنى بەكمۇ خاتىر جەمسىزلەندۈرمەكتە ...شۇ سەۋەپلىك مەھەللىمىزدىكى قان-قېرىنداشلارنىڭ ئېشىپ تېشىپ تۇرغان يەيدىغان ئىچىدىغىنى ،يانچۇغىدا ئازراق پۇلى  بولسىمۇ ئەمما كۆڭلىدە خۇشاللىق ،خاتىرجەملىكنىڭ ئەسىرىنى  تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى غەم ئەندىشىسى، ئىزتىراپلىرى... ھەققىدە ساڭا  زادى نىمە دەپ ئېغىز ئېچىشقا مەنمۇ قىيلىنىپ تۇرۇپتىمەن .  راس دەۋاتىمەن ئوغلۇم. مەھەللىمىزنىڭ ئەھۋالى، كۆز ئالدىمىزدىلا  ئارقا-ئارقىدىن يۈز بىرىۋاتقان  تۈرلۈك ئاپەتلەر  مىنى كۈنسىرى تۈگۈمەس غەم- ئەندىشىگە سېلىپ ،ھەمىشە يۈرۈگۈمنى ئىزىپ ، چەكسىز ئازاپ-ئوقۇبەتكە مۇپتىللا قىلىپ كەلمەكتە .شۇنداق  ئوغلۇم،سەن يۈرتتىن ئايرىلغىلى ئون يىلغىمۇ يىتىپتۇ.ئەمما سەن كىچىك  ۋاقىتتىكى ياز پەسلى سۇلار ئۆكسىمەي ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر  ئەمدى بولسا يىل بۇيى دىگۈدەك  قۇرۇق  تۇرىدىغان بۇلۇشتى .بۈك- باراقسان  ئورمانلىقلاردا باغلاردا ،ئەمدى  تۈرلۈك ناخشىچى قۇشلارنىڭ بەس-بەس بىلەن ناخشا ئېيتىشىپ ،سايراپ تۇرىدىغان يېقىملىق ئاۋازى بۇرۇنقىدەك  ئاڭلانمايدىغان بۇلۇپ قالدى . باغ-ۋارانلاردا نۆۋەت بىلەن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى پىشىپ تۇرىدىغان ھەرخىل مىۋە چىۋىلەر،ئېتىزلاردىكى بۇغداي قۇناقلارنىڭ ئىشەنچىلىك ھۇسۇل بىرىشىدىن ئۈمۈت كۈتكىلى بولمايدىغان بۇلۇپ تۇرماقتا.  مەھەللىدىكى بىر قېرىنداشنىڭ پۇتىغا تىكەن سانچىلسا بارلىق خوشنا -خۇلۇملار ئۆزلىگىدىنلا يىغىلىپ تەسەللى ياردەم بىرىدىغان كۈيۈمچان ،مۇڭداشقاق ،ئاقكۈڭۈل كىشىلىرىمىز ،ئىجىل ئىناق، خاتىرجەم ، غەمسىز ھايات كۈچۈرىدىغان ئاسايىش ئىچىدىكى  تۇرمۇشىمىز ئەمدى ئەبەدى  كەلمەسكە كەتكەنمىكىن  دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىمەن  
ئوغلۇم بۇنداق دىسەم ؛" قۇرغاقچىلىق شۇنچىلىك ئېغىرمۇ  ؟قانداق كىلىشمەسلىك،ھال- ئاپەت يۈزبەردى ؟-دەپ ئەندىشە قىلىپ ،تازا ئىشەنمەي سورارسەن ھەقىچان  ؟راس بالام .ئاپەت ئاستا –ئاستا يۈز بەرمەكتە؟ قۇرغاقچىلىق ،سۇ سىزلىق، بۇران،چاڭ تۇزان  ئاپىتى يۈزبەرمەكتە .بەلكى كۈنسىرى ئېغىرلاشماقتا.مەن  ئۇلارنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۈرۈپ ،يۈرۈكىم بىلەن ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن  :- ئەڭ ئېغىر بالا_قازا،ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت، مەھەللىمىزگە ئۈن-تىنسىز ئاستا ئاستا يېقىنلاپ كەلمەكتە!
ئوغلۇم ،بەلكىم سەن "بۇ ئىشلارغا ياشىنىپ قالغاندا سەن ئارتۇقچە باش قاتۇرۇپ غەم قىلمىساڭمۇ بۇلىدۇ. بۇ ئىشلارنى تەتقىق قىلىدىغان ،تىزگىنلەيدىغان  ھەردەرىجىلىك پارتىيە -ھۈكۈمەت پەن-تەتقىقات ئورگانلىرى  بار .ئەلۋەتتە شۇلار  قۇرغاقچىلىق ،بۇران-چاپقۇن ، چاڭ تۇزان ئاپىتىنى تۈگۈتىشىنىڭ،ئالدىنى ئېلىشنىڭ ياخشى  ئامالىنى قىلىدۇ." دىيىشىڭ مۇمكىن .ئەمما مەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۈكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ گېزىت –رادىيولاردا ،تېلۋۇزۇرلاردا بۇ ھەقتە خېلى كۈچەپ تەشۋىق قىلغانلىغىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن دائىم  ئاڭلاپ، كۈرۈپ تۇرساممۇ ئەمما ئەمىلىيەتتە، بۇ سىياسەتلەرنىڭ بىزنىڭ يىراق يېزىمىزغا ئازراقمۇ يىتىپ كەلمىگەنلىگىنى كۈرۈپ  تۇرماقتىمەن .مەيلى كىملەر بولسۇن يۇقىرىدا مەن دىگەن ئاپەتلەرنى ئۆزكۈزى بىلەن كۈرۈپ ،شۇ ئاپەتنىڭ زىيانكەشلىگىگە ھەر دائىم ئۇچراپ تۇرسىمۇ ئەمما بۇ ئاپەتلەرنىڭ ھالاكەتلىك،ئېغىر ئاقىۋىتى ھەققىدە ئويلىنىش ،ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى يولغا قويمايۋاتقانلىغىنى  بۇ ھەقتە ھېچكىمنىڭ دىققەت ئىتىۋارىنىڭ يىتەرلىك ھالدا قوزغالمىغانلىغىنى كۈرىۋاتىمەن.
مەھەللىمىزدىكى بىزگە تام خوشنا بولغان ھېلىم تاغاق ،سىلىم تاغاق ئىسىملىك ئاكا- ئۇكا تام خوشنا قېرىنداشلارنى سەن ئوبدان تۇنىيسەن ئوغلۇم .مانا ئۇلار بىزنىڭ قىيامەتلىك  تام خوشنىمىز ساۋۇت تاغاقنىڭ قوشماق مېغىزدەك بىر جۈپ ئوغۇللىرى ئىدى.ئۇلار كىچىگىدە ئېغى يوق ئىشتان كىيىشىپ  مىنىڭ ئالدىمدا ئويناپ چوڭ بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بىر بىرىسىگە ياريۈلەكتە بۇلۇپ ئەل-جامائەت بىلەن ۋە ئۆزئارا قوشماق مېغىزدەك ئىجىل ئىناق ئۈتىدىغان قان قېرىنداشلاردىن ئىدى .بۇ قېرىنداشلارنىڭ قىرىق ئەللىك يىلدىن بۇيان بىرەر ئىش توغرۇلۇق قىزىرىشىپ زىغىررەڭ بۇلۇشۇپ باققانلىغىنى زادىلا كۆرمىگەن ئىدىم .بىراق ئالدىقى كۈنى ئىلگىرى  ئەنە شۇنداق ئەزەلدىن قان بىلەن گۆشتەك،ئىجىل-ئىناق ئۈتىدىغان بۇ ئاكا –ئۇكا قېرىنداشلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىمۇ خوشنا بولغاچقا  سۇ تۇتۇش نۆۋىتى تالىشىپ، ئاكىسى ھېلىم تاغاق ؛-"مەن سەندىن چوڭ بولغاچقا سۇ تۇتۇش نۆۋىتى مىنىڭ"- دەپ:ئۇكىسى سېلىم تاغاق  "مەن سەندىن كىچىك بولغاندىن كىيىن سۇ تۇتۇش نۆۋىتىنى ماڭا ئۈتۈنۈپ بىرىشىڭ كىرەك"- دەپ جىدەللىشىپ يول قۇيۇشمىغاچقا ،بۇ ئاكا ئۇكا ئىككىسى ئاۋال ياقا سىقىسشىپ جىدەللىشىپتۇ .ئاخىرى ئاكىسى ھېلىم تاغاق ،ئۇكىسى سىلىم  تاغاقنى  كەتمەن بىلەن چېپىپ يارىلاندۇرۇپتۇ .بۇ ئاكا ئۇكىلارنىڭ جىدىلىگە سەۋەپ بولغىنى يەنىلا شۇ سۇ قىسلىق مەسىلىسى ئەمەسمۇ ئوغلۇم .ناۋادا ئېرىقلىرىمىزدا سۇ بۇرۇنقىدەك سەل جىقراق بولغان بولسا ،ئىككى قېرىنداش ئېتىزلىرىغا بىر ئېرىقتىن تەڭ سۇ باشلىغان بولسا  شۇنداق جان-جىگەر قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق جىدەل-ماجرا،ئۆچ-ئاداۋەتلەر  كىلىپ چىقارمىدى؟!
ساڭا تېخى يەنە نۇرغۇن ئىشلار قاراڭغۇ ئوغلۇم.مانا باھار كىلىپ تەبىئەت جانلىنىشقا ،ئەتراپ يېشىلچىلىققا پۈركىنىپ،ھاياتلىق قايتىدىن ياشىرىپ،زىرا ئەتلەر ،دەل -دەرەخلەر  بىر يىللىق مول ھۇسۇلنىڭ ئالدىن كاپالىتى بولغان سۇغا تازا ئېھتىياجلىق بۇلىدىغان بەشىنچى ئايمۇ چىقىپ كىتىشكە بىر-ئىككى كۈنلا قالدى .ئەمما مەھەللىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ،زىرائەتلىرىگە بىر قېتىممۇ سۇ قۇيالمىدى . سەن كىچىك ۋاقىتتا مۇشۇنداق كۈنلەردە مەھەللىمىزدىكى ئېرىققا پاتماي كىلىدىغان سۈپ سۈزۈك سۇلار، ھازىر ئاي-ئايلاپ كەلمەيدىغان ياكى كەلسىمۇ ئازلاپ ئېرىقنىڭ ئاستىنى  ئاران يېپىپ كىلىدىغان بۇلۇپ قالدى .مانا ئىككى ئايدىن ئاشتى كۈندە ئەتىگەندە نامىزىمدىن يېنىپ ،كەتمىنىپ مۈرەمگە سېلىپ ئېتىزلىقتىكى قۇناق ۋە بۇغدايلىرىمغا بىر قېتىم بولسىمۇ سۇ قۇيىۋالاي –دىگەن نىيەتتە، زاكو بېشىغا بېرىپ بىزگە سۇ تەقسىملەيدىغان مىراپ كادىردىن  نۆۋىتىمنى ئېلىۋالاي دەپ بارىمەن –ئەمما كۈندە كىچىسى ئۇخلىماي دىگۈدەك زاكو بېشىدا مەندىن بۇرۇن كىلىپ نۆۋەت كۈتىدىغانلار كەم بولغاندىمۇ يىگىرمە ئوتتۇزدىن ئاشىدۇ. خۇددى زاكو بېشىغا كەلگەن مەھەللىلىكلەرنىڭ  زادىلا باشقا ئىشى يوقتەك؛ غېمى ،ئىش ئەمەلى ،ئېتىزلىرىدىكى زىرائەتلىرىگە بىر قېتىم سۇ قۇيىۋېلىشتا بولماقتا  .ساڭىمۇ بەش قولدەك ئايان ئوغلۇم .دېھقان ئۈچۈن سۇ بولمىسا ھېچ        ئىش قىلالمايدۇ .ياق تۇغرىسى يۇرتىمىزدىكى ھەربىر تۈپ گىياھ ،ھەر بىر جاندار قىسقىسى  ھەممە،ھەممىسىگە سۇ بولمىسا زادىلا بولمايدۇ.يۇرتىمىزدا سۇ بولمىسا بۇ ھاياتلىقنىڭ پۈتۈنلەي خاراپ  بۇلىدىغانلىغىنى تۈگۈشىدىغانلىغىنى  ھەممە ئادەم بىلىدىغۇ؟ بۇلۇپمۇ بىز جەنۇپلۇقلار، ئۈچۈن كۈنسىرى سۇنىڭ ئازلاپ  ،ئەكسىنچە بۇران ،قۇرغاقچىلىق چەكتىن ئاشقان سوغۇق-ئىسسىق ھاۋا ئاپىتىنىڭ  كۈنسىرى ئېغىرلىشىپ بېرىشى –ھامان بىركۈنى ھېچقانداق بىركۈچ ،ئاسانلىقچە تۇسۇپمۇ بۇلالمايدىغان ئېغىر ئاپەتنىڭ ھالاكەتنىڭ، ئۈزۈل-كىسىل ۋەيرانچىلىقنىڭ ئالدىن بىشارىتىمۇ قانداق؟ ئەمما ئېتىزلىقلىرىمدىكى بىر قېتىممۇ سۇ كورمىگەنلىگى ئۈچۈن، قۇلاقلىرى سارغىيىپ قۇرۇشقا يۈزلەنگەن ،شۇنداق ئەركىن ئۈسۈپ قاق بەلگە كەلگۈچە كەلگەن قۇناقلىرىمنى، قۇر ئارلىغىدىن ،پوپاڭ تۇپا ئۆرلەپ ئۇسسۇزلۇقتىن تېخى دان تۇتماي تۇرۇپ، قۇرۇپ سامانغا ئايلىنىپ كىتىپ بارغان بۇغدايلىرىمنى  ھەربىر كۆرسەم،  خۇددى يۈرىكىمنى بىرسى پىچاق بىلەن تىلىۋەتكەندەك  ئېچىشىپ ئىچ- ئىچىمدىن تولغۇنۇپ ئازاپلىنىپ كىتىمەن ...
زادى قانداق جاھان بۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ ئوغلۇم ؟
مانا ئىككى ئايغا يېقىن بولدى .مەھەللىمىزدە زىمىستان قىش ئەمدىلا تۈگەپ ئىللىق باھار  خۇش چىراي ئېچىپ تىرەكلەر  چاشقان قۇلاقلىرىنى كۆرسىتىپ سۈگەتلەر   يېشىل نوتىلىرىنى-چوكانلىرىنى قۇلاقلىرىغا ئەمدىلا تاقىغان كۈنلەردىن باشلاپ  تاكى ئالتىنچى ئايمۇ كىرىپ بولدى ...مانا ئۈژمە ئۈرۈكلەر تۆكمە بۇلۇپ پىشىدىغان مەزگىل بولدى  .ئەمما يۇرتىمىزدا  خۇددى چۆچەك -قىىسسىئەلەردىكى يەتتە باشلىق ئالۋاستى ئاسماندىن بىزنىڭ بۇ يېزىمىزغا ،  قارىتىپ  ئوت پۈركىۋاتقاندەك  مەھەللىمىزدە كۈندە دىگۈدەك ،كۈچلۈك قۇرغاق بۇران چىقىپ، پۈتۈن ئالەمنى چاڭ تۇزان قاپلاپ، ئاسماندىن دىماقلارىنى ئېچىشتۇرىدىغان ئاچچىق قۇم -تۇپا ياققىنى، ياققان ! تەنگە شىپاھ ،ھاياتىمىزغا كاپالەت  بۇلىدىغان باھار يامغۇرلىرى نىمىشقا ياغماس بۇلۇپ كەتكەندۇ- دەيمەن!شۇ باھار يامغۇرلىرى ياغىدىغان ئاسماندىن   ئاچچىق تۇپا -چاڭ يېغىپ ،مارت ئايلىرىنىڭ كىرىشى بىلەن رەڭگا-رەڭ  گۈل چىچەكلەردىن ،ئەتراپتىكى تۈنجى باھارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان كۈزىمىزنى ئىختىيارسىز يۇمۇشقا ،ئىتىۋېلىشقا مەجبۇرلايدۇ . گۈل چىچەكلەرنىڭ خۇش ھىدىنى ھىدلايدىغان بۇرنىمىزغا ماسكا تاقاشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
خۇددى زىمىستان قىشتا تۇرۇپ باھارنى سېغىنغان قۇشلاردەك ئالدىنقى يىلى پۈتۈن بىر يىل يۇرتىمىزدا بىر قېتىم ئاندا-ساندا بولسىمۇ قار ياكى يامغۇرنىڭ مۇبارەك جامالىنى   كۆرمەي ئىنتىزارلىقتا يىل ئۆتكۈزدۇق .
ئوغلۇم ،سەن ئېيتىپ باقە ؟سەن كىچىك چاغلاردا مەھەللىمىزدە ئەتىياز پەسلىدە ئېرىق ئۆستەڭلەردە سۇلار ئۆكسۈپ ،دېھقانلارنىڭ سۇغا ئىنتىزار بولغانلىغىنى ،سۇ تالىشىپ بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئازارلىشىپ باققانلىغىنى ئاڭلاپ باققانمىدىڭ؟ ! يەنە ئېتىزلاردىكى  زىرائەتلەرنىڭ بىر قېتىممۇ سۇ قۇيۇلماي قۇرۇپ كىتىۋاتقانلىغىنى كۆرگەنمىدىڭ ؟،پۈتۈن بىر يىل جەرياندا بىر قېتىممۇ قار ياكى يامغۇر ياغمايدىغان كۈندە  قۇرغاق شامال چىقىدىغان ،قۇم تۇپا چاڭ تۇزۇپلا تۇرىدىغان  ھاۋارايىنى كۈرۈپ باققانمىدىڭ  ؟ ئەنە شۇنداق ئۈزۈلدۈرمەي چىقىۋاتقان بۇراننىڭ كۈچلۈكلىگىدىن  يوللاردا ماشىنا تەرەكتۇرلار، پويىزلارنىڭ ئۆرۈلۈپ كىتىپ بارغانلىغىنى ،يەنە كىلىپ ئۈزۈلدۈرمەي چىققان بۇران زەربىسدىن ئېتىز ئىرىقتىكى زىرائەتلەرنىڭ ،ئۆي-ئىمارەتنىڭ قىسقىسى مەھەللىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىغانلىغىنى  ،بۇران بىلەن تەڭ قۇشۇلۇپ ئاسماندىن چاڭ تۇزان، قۇم-تۇپا يېغىپ، نەچچە ئايغىچە تىن ئالغۇسىز چاڭ تۇزانلىق كۈنلەرنىڭ يۈزبەرگەنلىگىنى كۆرگەنمىدىڭ ؟! ساڭىمۇ ئايان ،ئىلگىرى  زادى مۇشۇنداق ئېغىر ئاپەتلەر  كۆرگەنمىدۇق،ئاڭلىغانمىدۇق؟ئەمما يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان ئەھۋال ھازىريۇرتىمىزدا ئېچىنىشلىق ئاچچىق بىر ئەمىلىيەت بۇلۇپ قالماقتا.  
ئىسىڭدە بولسا كىرەك. سەن كىچىك ۋاقتىڭدا ياز پەسلى  ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ئالاھىزەل ئالتە چاقىرىمدىن ئارتۇق كىلىدىغان ، ئۇ قاش،بۇقاش لىپمۇ-لىق سۇ ھەيۋەت بىلەن ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان ،سۇ ئېقىمى تىز ھەم چۇڭقۇر بولغاچقا سۇغا چۈشكەن ھەرقانداق كىشىگە زادىلا بوي بەرمەيدىغان ياۋايى ئېقىنىدىن  قانداق باتۇرلۇق ھەم جاپا مۇشەققەت بىلەن ئۈزۈپ ئۆتكەنلىگىمنى دائىم ساڭا ماختىنىپ تۇرۇپ ھىكايە قىلىپ بىرەتتىم ...، شۇنداق ئوغلۇم .شۇ چاغلاردا بۇ ئانا دەريادا ياز پەسلى سۇ ئەنە شۇنداق ئاسانلىقچە ئۈزۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپ ،ھەم ھەيۋەت بىلەن ئاقاتتى .دەريا قىنى كىمىچىلەرنىڭ تۇققۇز غۇلاچلىق ئۇزۇن،ئۇزۇن خادىلىرىمۇ بويلىمايدىغان دەرىجىدە  چۇڭقۇر ئىدى .مانا شۇ ئانا دەريادىكى سۇ ماڭا ۋە مۇشۇ ماكاندىكى بارلىق كىشىلەرگە بارلىق مەھەللىدىكىلەرگە ھەممە نىمەتلەرنى ،پۈتمەس –تۈگۈمەس بايلىق ،ئۈمىد-ئىشەنچ، بەخىت سائادەت ئاتا قىلاتتى ...مەن ۋە پۈتكۈل مەھەللىداش لارنىڭ بارلىق  ھاياتىمىز،بارلىغىمىز ھازىرىمىز ۋە كىلەچىگىمىز شۇ ئانا ئاقسۇ دەرياسى  ئىدى. نىمىشقا دىسەڭ، بالىلىق چاغلىرىمدا شۇ ئانا دەريانىڭ ھەم چۇڭقۇر، ھەم تۇسۇن ئاتتەك تىز ئاقىدىغان  ئەركەك سۇلىرىغا چۈمۈلۈپ ئۈزۈمنىڭ يىگىتلىك جاسارىتىمنى ، باتۇرلىغىمنى تاۋلاپ يىتىلگەن  بولسام،مانا ھازىر بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش،بارلىق  مەھەللىداشلىرىم بىلەن شۇ دەريادىن كەلگەن ئابى ھايات مىسالى شەربەت تەملىك ،پاكىز سۇلارنى ئىچىپ ،شۇ سۇلاربىلەن زىرائەتلىرىمىزنى سۇغۇرۇپ، زىرائەتلىرىمىزدىن ھۇسۇل ئېلىپ ،شۇ ھۇسۇللار بىلەن بۈگۈنكىدەك بەخىتلىك تنىچ خاتىرجەم ھاياتلىغىمىزنى داۋام ئەتتۈرۈپ كىلىۋاتىمىزغۇ؟شۇڭا تېخى يېقىندىلا بىردىنلا ياشلىق چاغلىرىمدا  ئۈزۈمنىڭ باتۇرلۇق جاسارىتىمنى سىنىغان شۇ ئانا دەريا ئىسىمگە كىلىپ سۆيۈملۈك شۇ ئانا دەريانىڭ سىماسىنى،بالىلىقتا قالغان ئاياق ئىزلىرىمنى سېغىنىپ ،شۇ  ئانا دەريا قانداق بۇلۇپ كەتكەندۇ ؟شۇ ئانا دەريانىڭ سۇيىمۇ تارتىلىپ كەتكەنمىدۇ؟ دىگەن غەم ئەندىشە بىلەن  ئىشەك ھارۋامغا ئۆلتۇرۇپ مەھەللىمىزدىن يىگىرمە   نەچچە چاقىرىملا كىلىدىغان شۇ ئانا دەريانى بىر كۈرۈپ كىلىش ئۈچۈن باردىم .قانداق ئەھۋالنى كۆردۈڭ دىمەمسەن ئوغلۇم ؟ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكى ھاۋانىڭ ئىللىشى بىلەن تەڭرىتاغلىرىدىكى مەڭگۈلۈك قار-مۇزلار ئاستا –ئاستا ئىرىپ، سۇلار كۈنسىرى  ئۇلغۇيۇپ ھەيۋەت بىلەن نەرە تارتىپ ئاقىدىغان ئانا دەريادا بىر ئېرىق مىسالى ئازراق سۇنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى . ئالتىنچى ئاي مەزگىلىدىمۇ خۇددى  دەريا ئاستىدىكى  مۇدۇر –چۇقۇر تاش شېغىللار مانا مەن دەپ- كۈرۈنۈپ  دەريا قىنى سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ  قاغجىراپ كەتكەن ئىدى. ئۈ يەر ،بۇ يەرلەردە كۆلچەك بۇلۇپ يىغىلىپ قالغان توختام سۇنى ھىساپقا ئالمىغاندا تامامەن قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنىنى كۈرۈپ ئۆز كۈزۈمگە ئىشەنمەي، كۆڭلىم بۇزۇلۇپ ئېچىنغان ھالدا  :-
-ئاھ!!تەڭرىم نىمە ئالامەت بۇ  !
-دەريادىكى سۇلار نەگە كەتتى !!
دەريادىكى سۇلار نىمىشقا قۇرۇپ كەتتى !!!-دەپ ئەتراپقا قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىرىدىم، ...يۇم-يۇم يىغلىدىم...ئەمما ئوغلۇم  كۆز ئالدىمدىكى قۇرۇپ كەتكەن دەريا ئېقىنىغا ،ئېچىنىشلىق رىئاللىققا ئىشەنمەي ئامالىم يوق ئىدى.
شۇدەمدە خۇددى ساقايماس ئېغىر كىسەلگە دۇچار بۇلۇپ بولغان بىماردەك،  بۇ ھا ياتلىقتىن ،بارلىق ئارزۇ ئارمانلىرىمدىن ئۈمۈدىمنى ئۈزۈپ ئىچ-ئىچىمدىن قاپساپ كىلىۋاتقان يىغىلىرىمنى مىڭ تەستە زورغا بېسىپ، ئانا دەريا قىنىدا خۇدۇمنى يۇقاتقان ھالدا زوڭزۇيۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ئولتۇرۇپ كىتىپتىمەن. بىزگە ھەم بۇيەردىكى جىمى مەۋجۇداتقا  بارلىق ھاياتلىق نىممەتلىرىنى ،بەخت سائادەتنى ،ھەممە ھەممىنى بىرىدىغان  شۇ ئانا دەريادا بىر تېمىممۇ ئېقىۋاتقان سۇ  يوق ئىدى !
ئوغلۇم. نىمىشقا بىزنىڭ بارلىغىمىز ،ھاياتىمىز ھىساپلىنىدىغان  بۇ ئانا دەريادا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مانا مۇشۇنداق 5-،6- ئايلاردىمۇ سۇ ئۇزۇل كىسىل توختاپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدى ؟
نىمىشقا ئەتىياز ،ياز پەسلى مەھەللىمىزدىكى ئېرىقلارغا ۋاختىدا ،تۇلۇق سۇ كەلمەيدۇ؟ بۇرۇنقى  ئېرىق ئۆستەڭلەرگە پاتماي ئاقىدىغان  زۇمرەتتەك شۇ سۈزۈك سۇلار زادى  قاياققا غايىپ بۇلۇپ كەتتى؟نىمىشقا بىزنىڭ بۇ يۈرتلاردا ئەمدى بەزى يىللىرى پۈتۈن بىر يىل ئىچىدىمۇ بىر قېتىم يامغۇر ياكى  قار ياغمايدىغان ئەھۋال يۈز بىرىدۇ ؟
نىمىشقا بىزنىڭ بۇيۇرتتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەتىياز پەسلى ئېغىر بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرلىك بۇرانلار ئۈزۈلدۈرمەي يۈز بىرىدىغان بۇلۇپ قالدى ؟نىمىشقابىر  ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغان تۇپا چاڭ ياغىدىغان ئەھۋال يۈز بىرىدۇ ؟  نىمىشقا بىزنىڭ بۇ يۇرتتا ھازىر ياز پەسلى جاننى ،پۈتكۈل ھاياتلىقنى كۆيدۈرۈپ قورۇيدىغان   ئاپتاپ؛ قىش پەسلى چارۋىلىرىمىزنى مۇزلىتىپ توڭلىتىپ  قۇيىدىغان قېلىن قار، مۇز سوغاق ئاپىتى يۈز بىرىدۇ ؟ئوغلۇم بۇلار بىزگە ئېغىرھالاكەت خارەكتىرلىك  ئاپەتلەرنىڭ  ئۈن-تىنسىز يېقىنلىشىۋاتقانلىغى بولماي نىمە ؟
بۇ كەبى  ئېغىر ئاپەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىىنى ئەلۋەتتە بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە مۇشۇ زىمىندا ياشىغۇچى بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئاچكۆزلۈك نادانلىق بىلەن باي تىزراق بۇلۇش،پۇل مال-دۇنيا   قوغلىشىدىغان چاكىنا مەخسەت –مۇدىئالىرىمىز ، قارغۇلارچە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەبىئەتكە ،ۋە تەبىئەت قانۇنىيىتىگە قارشى ھەركىتىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغانلىغىنى ئېتىراپ قىلماسلىققا نىمە ھەددىمىز بولسۇن ؟ گەرچە بىز ياشاپ تۇرغان بۇ تارىم ئويمانلىغىدا،تۈرلۈك قىزىلما بايلىق،  يەربايلىغى،ۋە  تەبئى بايلىقلار ئىنتايىن كۆپ ،پۇل تېپىش ،سودا قىلىش يوللىرى كەڭ بولسىمۇ ئەمما يۇقارقى بايلىقلار ئىچىدە سۇ بايلىغى  ئىنتايىن كەمچىل ئىدى .دىمەك سۇ بايلىغى  بۇيەردىكى ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەيتتى.سۇنىڭ ئاز بۇلىشى بىلەن كىلىپ چىققان ئىكلوگىيىك مۇھىيىت ئىمىنۇت ئىختىدارىنىڭ بەكلا ئاجىز بۇلىشى -بۇ تارىم ئويمانلىغىدا  سۇ ئىشلىتىشتە،سۇ بىلەن ھايات كۈچۈرۈشنى بىرىنچى شەرت قىلىدىغان، ئادەم  –نۇپۇس  كۈپەيتىشتە، بوز يەر ئچىشتا  ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشىمىزنى ،سۇنى قەتئى تىجەپ ئىشلىتىشتەك ئالاھىدە ئۇسۇلنى قوللىنىشىمىزنى  تەلەپ قىلاتتى .ئەمما ھازىرتۈرلۈك تەبىئى بايلىقلارنى  كەڭ كەتكەن قاقاسلىقنى تىزراق ئېچىپ تىزراق باي بۇلۇش ،تەرەققى قىلدۈرۈش شۇئارىنىڭ ئاستىدا يۇقارقىدەك ئالاھىدە ئەھۋالىنى ئازراقمۇ ئويلاشماي ،قارغۇلارچە  تۈرلۈك بايلىقلارنى  قىزىش ،ئېچىش ۋە قاقاسلىقتا بوز ئېچىپ كۆپلەپ نۇپۇس كۈچۈرۈپ يېڭى ئاھالە نۇقتىلىرىنى،شەھەرلەرنى   بىنا قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۇرتىمىزدىكى قۇرغاقچىلىقنى ،سۇ يىتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋاتىمىز. دىمەك:-بىز تۇرىۋاتقان تارىم ئويمانلىغىدا سۇ -ئەڭ مۇھىم  مەسىلىدۇر.بەلكىم يۈرتىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى زادىلا چۈشەنمەيدىغان بىر  قىسىم كىشىلەر بۇ يۇرىتتا ھەرخىل تەبىئى بايلىقلار شۇنچە كۆپ، شۇڭا بۇ يەردە شۇنچە ئاسانلا تىزلا بېيىغىلى بۇلىدۇ- دەپ چوتنى ھەر دائىم خاتا سۇقۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ بۇيۇرىتتا ھەقىقەتەن ھەرخىل تەبىئى بايلىقلار ئىنتايىن مول .ئەمما ھەرقانداق بايلىقتىنمۇ مۇھىم بولغان شۇنداقلا بۇيەردە  بىردىن بىر ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش كاپالىتى بىلەن تەمىن ئىتىدىغان،  بەكلا چەكلىك،قىس  بولغىنى يەنىلا  سۇ ئىدىغۇ؟!شۇڭا بىزنىڭ بۇ يۇرتلاردا سۇ مەسىلىسى ،سەل قاراشقا، ئوينىشىشقا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بۇلۇپ قالغان .بۇ دىگەنلىك ،سۇ ئاز ،ھەم يېڭى سۇ مەنبەسىنى تېپىش ھەل قىلىش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس دىگەنلىكتۇر .ئەمما بۇ مەسىلىنى بۇگۈنكى كۈندە زادى كىم ئويلايدۇ؟ياكى ئويلاۋاتىدۇ ؟بۇ مەسىلىنى ھازىر بۇ يۇرتتا ھېچكىم ئويلاپمۇ قويمايۋاتىدۇ .چۈنكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەقەت ،ۋە پەقەت تىز ۋە كۆپرەك پۇل تېپىپ ،تىزراق بېيىپ يانچۇقنى پۇلغا توشقۇزۇش  راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش كۈچۈرۈش خام-خىيالىلا بار . ئەمما ئۇلار بۇ يەردە پىلاندىن ئارتۇق سۇ ئىشلەتسە بولمايدىغانلىغىنى ،سۇ مەسىلىسنىڭ ھەممىنى ،بۇ يەردە ياشىغىلى بۇلىدىغان ،بولمايدىغانلىغىنى مۇتلەق ھالدا  بەلگۈلەيدىغانلىغىنى ئەسلا ئويلاپمۇ قويمايدۇ.  دىمەك ،يۈرتىمىزدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ،يەر بىلەن سۇنىڭ ،تەبىئى مۇھىتنىڭ  مۇناسىۋتى ئەنە شۇنداق  توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىغى ،ھەم ئىزچىل ھالدا توغرا بىرتەرەپ قىلىنماي كىلىۋاتقانلىغىدىن، يۇقىرىدا مەن قەيت قىلغان تۈرلۈك ئاپەتلەر ئۈزلۈكسىز كىلىپ چىقىۋاتىدۇ   .ئوغلۇم ساڭىمۇ ئايان،  مەھەللىمىزدىن شەھەرگىچە بولغان ئاتمىش چاقىرىمچە كىلىدىغان ، تارىم ئويمانلىغىنىڭ شىمالى قىرغىقىغا  توغرا كىلىدىغان يانتاق قۇمۇچ، پوزمال ،سوكسوك ،يۇلغۇن①لار بىلەن قاپلانغان چەكسىز كەتكەن يايلاقلارنى ھازىركۆرسەڭ ،ئۆز كۈزۈڭگە ھەرگىز ئىشەنمەي قالىسەن .مانا مۇشۇنداق پايانسىز كەتكەن ئاي دالالار ،تەكلىماكان قۇملىغىنىڭ  غەربى شىمالىغا توغرا كىلىدىغان يايلاقلار،قۇملۇقلار ھازىر تامامەن تۈزلىنىپ سالالاشتۇرۇلۇپ ،چەكسىز كەتكەن تېرىلغۇ ئېتىزلىقلارغا ئايلاندى. ئېتىزلىق ئەتراپىغا  بولسا  تۈپ-تۈز تاناپتەك يول ئېلىنىپ، يېڭى مەھەللىلەر،ئولتۇراق رايۇنلار ،شەھەرلەر   بىنا قىلىنماقتدا ، ئىگىز –ئىگىز قەۋەتلىك بىنالار زاۋۇت سېخلىرى  قەت كۈتەرمەكتە  . قارىماققا بۇ تەرەققىياتنىڭ ،ئىختىساتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ، تىز بېيىشنىڭ يېڭى يۇلى ،يېڭى ئۈلگۈسىدەك كۈرۈنگىنى بىلەن   ئەمما ئىختىيارسىز ھەرقانداق ئەقلى ئىختىدارى نورمال بىر كىشى بولسىلا كاللىسىغا؛ ئەزەلدىن سۇ قىس بولغان بىزنىڭ بۇ تارىم ئويمانلىغىدا مۇشۇنچە يېڭى ئېچىلغان بوز يەرلەرگە سۇنى قەيەردىن ئېلىپ كىلەر ؟سۇ مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلار؟ دىگەن ئوي كەلمەي قالمايدۇ!راس ئېيتىۋاتىمەن ئوغلۇم .ئۇلار شۇنچە كۆپ يەرلەرگە سۇنى قانداق ھەل قىلىپتۇ- دىمەمسەن ؟ئۇلار تۈشمۇ-تۈشتىن ،بىرتەرپتىن ئاقسۇ دەرياسىنى تۇسۇپ يېڭى ئۆستەڭ ئېلىپ ئۆز ئېتىزلىرىغا سۇ باشلىسىا ، يەنە بىرتەرەپتىن ھەر بىر سالا چوڭ مەيدانغا ،زاۋۇت سېخلارغا چوڭ سۇ ناسۇسىدىن ئىككى ئۈچنى ئورنىتىشىپتۇ .شۇ سۇ ناسۇسلىرى ئارقىلىق  يەر ئاستىدىن  تارىتقان سۇلار بىلەن ئۆز دىخانچىلىق ئېتىزلىرىنى سۇغۇرۇپ ،كىۋەز ياكى باشقا ئىخدىسادى زىرائەتلەر تېرىشىپ ۋاقىتلىك يۇقۇرى ئۈنۈم بىلەن كىرىم قىلىۋاتىدۇ،پۇل تېپىۋاتىدۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەپچقىرىش  ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. نەتىنجىدە تارىم ئويمانلىغىدا يەر ئاستى سۈيى يىلسىرى پەسلەپ 80- يىللىرى 10مىتىر قۇدۇق كولىسا سۇ چىقىدىغان ئەھۋال  بۇ يىلغا كەلگەندە 30-40مىتىر كولىسىمۇ سۇ چىقمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپتۇ .ئۇلار ئېلىپ بارغان تارىم ئويمانلىغىدا  قارغۇلارچە بوز يەر ئېچىپ، ياكى زاۋۇت قۇرۇپ،  يۇقۇرى ئىخدىسادى كىرىم ياراتقانلىغىنى  تېخى تېلۋۇزۇر ،رادىيۇ ،گېزىتلاردا ھەممە كىشى ئۈگۈنىشكە تىگىشلىك ئىلغار ئۈلگە سانىلىپ ،كۆپتۈرۈلۈپ ماختىلىۋاتىدۇ، تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ،دۆلەت ياردەم پۇلى بىرىۋاتىدۇ.مەن بۇ ئالامەتلەرنى كۈرۈپ ئىچ-ئىچىمدىن ئەپسۇسلاندىم ، ھەم بۇ كەبى نادانلارچە يولغا قۇيۇلغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرلىك ئىخدىسادى تەدبىرنىڭ ئاقىۋېتىدىن شۈركۈنچ ئىچىدە چەكسىز ئەندىشە قىلدىم ، ئازاپلاندىم . تۇرۇپ شۇنداق ئويلاپ قالدىم ؛-بىر ئوبدان يايلاقلار ،ئاجىزئۈسۈملۈك يېپىنچىسى ،مۇقىم يەر قەۋىتى بۇزۇلۇپ سالا تېرىلغۇ يەرگە،زاۋۇت مەھەللىلەرگە  ئايلاندۇرۇلسا ،يەنە كىلىپ ئەزەلدىن سۇ قىس بولغان بىزنىڭ بۇ يەرلەردە يەنە يېڭى سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى يەنىلا شۇ تارىم دەرياسىنىڭ ئەڭ ئاساىسى ئېقىنى بولغان ئاقسۇدەرياسىنىڭ   زىممىسىگە يۈكلىسەك .يەنە نەچچە يۈزمىڭ مۇ يېڭى ئېچىلغان ئېتىزلارنى يەر ئاستىدىن سۇ ناسۇسى ئارقىلىق سۇ تارتىپ سۇغۇرۇش ئېلىپ بېرىلسا،  ئاقىۋىتى زادى  قانداق بۇلار ؟بۇنداق قارغۇلارچە بوز يەر ئېچىپ سۇ باشلاش ئۇسۇلى- بۈگۈنكى ئازراقلا پايدا مەنپئەتنىلا  ئويلاپ ،كەلگۈسىدىكى ھالاكەتلىك تەبىئى ئاپەت،ئۈزۈل كىسىل يۇقۇتۇشنى ئويلىمىغانلىق بولماي زادى نىمە  ؟مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەزەلدىن سۇ قىس ،قۇرغاق بولغان بۇ رايۇندا بىرتەرەپتىن دەريا تۇسۇپ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئاشۇرسا، يەنە بىرتەرەپتىن تېرىلغۇ ئۈچۈن بۇ زىمىننىڭ يەر ئاستىدىن يەنە تىنماي سۇ تارتىلسا ،يىللارنىڭ ئۈتىشى بىلەن دەريا سۈيى بىردىنلا تارتىلىپ، يەر ئاستى سۈيى بىردىنلا  يەنىمۇ تۈۋەنلەپ ،تۇپراق ھاۋا ، ۋەتەبئىى مۇھىت  ئۇمۇميۈزلۈك قۇرغاقلىشىپ كەتسە،يەنە ئۈزۈلدۈرمەي چىقىدىغان قۇم تۇپا ئاپىتى بولماي زادى يەنە نىمە بولماقچى ؟شۇ سەۋەپلىك بەلكى بىر كۈنلەردە ھازىر يېڭىدىن بىنا قىلغان ئاسمان پەلەك بىنالار قەد كۈتەرگەن ئاۋات بۇ شەھەرلەر، پايانسىز بوز يەرلە، يېڭى بىنا قىلىنغان مەھەللىلەرنىڭ بىر كىچىدە يەر يۈزىدىن غايىپ بولمايدۇ ؟خۇددى تارىختىكى بىر كىچىدىلا قۇم ئاستىدا قالغان كىرورەن دۆلىتىدەك قۇم ئاستىدا كۈمۈلۈپ ھالەك بۇلۇدىغان ئاچچىق قارا قىسمەتكە دۇچار بولمايدۇ -دەپ زادى كىم ئېيتالايدۇ؟ زادى كىم ھۆددە قىلالايدۇ ؟!
سەن ئالدىنقى يىلى يۈرتىمىزغا كەلگەندە  ئىنىڭغا "بىزنىڭ تارىم ئويمانلىغىدا ھەر يۈزمۇ يەرنىڭ ئاران ئۈچ-تۆت  مۇ يەردە ئادەم ياشىغىلى بۇلىدۇ .بۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەپ؛- بۇ يەردە سۇ بەكلا قىس .سۇ قىس بولىغاچقا 90%تىن ئارتۇق  يەرلەر تامام قاقاسلىق،سايلىق ،قۇملۇق چۆللۈك بۇلۇپ قالغان. سۇ قىس بولغاچقا رايۇنىمىزدىكى چۆللۈك ،قۇملۇق ئىزچىل كىڭىيىۋاتىدۇ . شۇڭا باشقا يەرلەردە ئادەم ياشىغىلى بولمايدۇ .شۇڭا بايلىق ئاچىمىز ،باي بۇلىمىز   دەپ قارغۇلارچە يەنە  قالايمىقان بوز يەر ئېچىلسا ،نىفىت،كۈمۈر ،تەبى گاز قاتارلىق تەبى بايلىقلار  بۇلاڭ -تالاڭ خاراكتىرلىك قىزىلسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېچكىم تەسەۋۇر قىلالمايدىغان ئېغىر ھالاكەتلىك ئاپەتلەر  يۈز بىرىشى مۇمكىن  "دىگەندەك بىر بىلىمنى دەپ بەرگەن ئىدىڭ .ئىنىڭغا دەپ بەرگەن شۇ بىلىمىڭ، مىنىڭمۇ ئىسىمدە مەھكەم قالغان ئىكەن .سىنىڭ ئېيتقان سۈزۈڭچە  بولغاندا ھەم يۈرتىمىز، مەھەللىمىزدە بۈگۈنكى كۈندە يۈز بىرىۋاتقان تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ يۈزبىرىش سەۋەبىنىڭ جاۋابىنى، يەنىلا كۆز ئالدىمىزدىلا بىر ئوبدان مۇقىملاشقان يەرقەۋىتىنى ،ئاجىز ئۈسۈملۈك يېپىنچىسى-يايلاقلارنى قارغۇلارچە بۇزۇپ تۈزلەپ ،قارغۇلارچە يەر ئاستىدىن سۇ تارتىپ ۋە سۇ قۇرۇلىشى ئېلىپ بېرىپ پۇل،ئىختىساتنىلا كۆزلەپ تىز بېيىش چۈشىنى چۈشەۋاتقان  نادانلارنىڭ قىلمىشىدىن  كۆرگەندەك  بولدۇم .  شۇنداقلا يەنە كۈنسىرى ئېچىلىۋاتقان بوز يەرلەرنىڭ كۈپيىۋاتقانلىغىنى،يەنە تەكلىماكان قۇملىغىنىڭ ئىچكىرىسىدە مەن بىلمەيدىغان ھەتتا ئىسمىنىمۇ دەپ بىرەلمەيدىغان ئاللا قانداق يېڭى سانائەت تەجىربە بازىلىرىنىڭ قۇرۇلىشى ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلاپ تىنىم شۇركۈنۈپ نەۋرىلىرىمنىڭ، ئەۋلاتلارنىڭ ،بىزدىن كىيىنكىلەرنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ دەرت-ھەسرەتلىرىم قايتىدىن قوزغۇلۇپ، بىئارام بۇلۇپ تۇرۇپتىمەن .
ئوغلۇم، يۇقىرىدا يۇرتىمىزدىكى سۇ بىلەن مۇھىت مەسىلىسىنى تىلغا ئالدىم .ئەسلى بۇلار بىز ياشاپ تۇرىۋاتقان يۇرتنىڭ بىردىن-بىر ئەمىلى  ئەھۋالى ئىدى . مۇنداقچە يۈرتىمىزدا يەر ۋە باشقا بايلىق جىق بولغىنى بىلەن سۇ بەكلا قىس ئىدى .شۇڭا يەنە كۆپلەپ بوز يەر ئېچىشقا،يېڭى مەھەللىلەرنى بەرپا قىلىشقا زادىلا بولمايتتى  .يۇقارقى دىگەنلىرىم :- قانداقتۇ بىر مەزھەپ ،ياكى سىياسى تەشكىلاتنىڭ  يامان غەرىزدىكى تەشۋىقاتى بولماستىن بەلكى يۇرتىمىزغا نىسبەتەن ئۇلۇق تەبىئەت چىقارغان جۇغراپىيىلىك ھۇكۇم ئىدى. ئەمما يۇرتىمىزدا يەنە شۇنداق ئاز ساندىكى بەزى نادان ،سۈپەتسىز ئادەملەر باركى ئۇلاردا يۇرتىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ،مۇھىت ئەھۋالى ھەققىدىكى ،مەسىلىلەرنى توغرا كۈرىدىغان بىرجۈپ ساغلام  كۆز بولغان ئەمەس. ئۇلاردا يۈرتىمىزدىكى ھەرقانداق ئىشنى سىياسىغا ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىغا ،مۇقىملىققا چېتىپ ،كىچىك ئىشنى چۇڭايتىپ كۆپتۈرۈپ ،بىردىنلا سىياسى  بۇران چىقىرىپ ئارقىدىن تۇپىلاڭدىن تۇغاچ ئوغرىلايدىغانغا تەييارلانغان بىرجۈپ ئەلەس كۆز بار .شۇڭا مەن ئېيتقان يۇقۇرىدىكى يۇرتىمىزدا ،نوپۇس بىلەن مۇھىت سۇ مەسىلىسىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىنمايۋاتقانلىغى ھەققىدىكى پىكىرنى ئۇلار ئاڭلاپلا قالسا شۇئانلا كۆز ئالدىمىزدا يۈز بىرىېۋاتقان ،ھەم كۈنسىرى ئېغىرلاۋاتقان تۈرلۈك ئېغىر تەبىئى ئاپەتلەرنىڭ سەۋەبىنى نادانلىق،ئۆكتەملىك ،قارغۇلارچە بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ، بۇ مەسىلىنى يەنە نۇپۇس كۈچۈرۈشكە سىياسىغا،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى مۇقىملىققا تاقاپ  ،خۇددى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكىدەك مىنىڭ بېشىمغا يۇغان قارا قالپاقتىن بىرنى كەيگۈزۈپ ئۈزىنىڭ يۇقۇرىغا يامىشىپ، تېخىمۇ چوڭ ئەمەل تۇتىشى ئۈچۈن   سىياسى دەسمايە توپلاشقا ئاران تۇرىدۇ.ئەمما يۈرتىمىزدىكى  تۈرلۈك تەپىئى ئاپەتلەرنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبى ئەلۋەتتە جۇغراپىيەگە  ،تەبىئى مۇھىتقا سۇ قىسلىققا بېرىپ تاقىشىدىغان، تەرەققىيات بىلەن مۇھىتنى ،نۇپۇس بىلەن سۇ قاتارلىق تەبى بايلىقلارنىڭ تەڭپۇڭلىشىىش قانۇنىيىتىگە جىددى ئىتىۋار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، يۈرتىمىزنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاشنى مۇراجەت قىلىدىغان ھەم يۈرتىمىزدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك ھەقىقى تەرەققىياتنى بەلگۈلەيدىغان مۇتلەق جۇغراپىيىلىك چىڭ قائىدە ئىدى.بىراق بۇنداق مۇتلەق چىڭ قائىدىلەرنى سۆزلەيدىغان ،تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ تۇرۇپ يۈرتىمىزنىڭ ھەقىقى ھالدىكى يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى تىزلىتىش چارىلىرىنى يولغا قۇيۇشنى ئويلايدىغان زادى كىم بار دەيسەن!؟ئەمما ئوغلۇم ھازىر يۈرتىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزدە يالغانچىلىق، ساختا پەزلىك كەسىپكەئايلىنىپ كەتتى.مانا مۇشۇنداق مۇھىتىمىزنىڭ كۈنسىرى بۇلغىنىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ بىلىپ تۇرىمىزيۇ بۇ ھەقتە راس سۆزلەشكە ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدۇ ...ئەسلى مەيلى كىم بۇلىشىدىن قەتتى نەزەر تەبىئەت قانۇنىيىتىگە  راس سۆزلىمىسەك، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلمىساق زادىلا بولمايتتى .شۇڭا ئازبىرقىسىم نادان ناباپ كىشىلەرنىڭ ، مىنىڭ پىكىرىمنى ئاللا قاياقلارغىدۇ بۇراپ نىمىلەرنى دىيىشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك :-مەن يۇرتىمىزنىڭ تەبىئى مۇھىتى ھەققىدىكى دەيدىغاننى شۇ دەمدە ساڭا دەۋاتىمەن.شۇ دىگەنلىرىم  ئۈچۈن ،مۇنداقچە ئېيتقاندا يۇرتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى كۈنسىرى ناچارلىشىۋاتقان مۇھىتىنى ياخشىلاش يۇلىدا  ئېيتقان توغرا، ھەقىقانى  سۈزىم ئۈچۈن مەن ئەڭ ئالدى بىلەن ئۈزۈم ۋەپارتىيە ھۈكۈمەت ، مەھەللىداشلىرىم ،بۇلۇپمۇ دۆلىتىمىزنىڭ  مۇقەددەس ئاساسى قانۇنى ئالدىدا ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايمەن . بەلكى دۆلىتى،ۋەتىنى خەلقىگە ھەقىقى سادىق بىر پۇقرانىڭ دىيىشكە تىگىشلىك سۈزىنى قىلىۋاتىمەن .ھەم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىنى قىلدىم .ئۈتەشكە تىگشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۈتىدىم دەپ قارايمەن
شۇنداق ئوغلۇم.يۇقارقىلارنى ھەر بىر ئويلىسام ئەزەلدىن پاكىز ھاۋايىمىزنىڭ ،زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرىمىزنىڭ ،قۇرۇپ بۇلغۇنۇپ كىتىشى نابۇت بۇلىشىغىمۇ ھەتتا ھەرقانداق  ئېغىر ئىكىلوگىيىلىك ناچار ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىغا  قارىماي، تىزراق تەرەققى قىلىپ پەقەت پۇل تېپىپ باي بۇلۇش خام خىيالىنى سۈرىۋاتقان ، ياكى ئازراقلا ئىش بولسا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى ،ياكى سىياسىغا بۇراپ ئۈزىنىڭ ئەمەل مەنسىپىنى  يۇقۇرى كۈتۈرىشىنى ئويلىشىۋاتقان، زامانىمىزدىكى بىرقىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ قىلمىشىلىرىغا سىياسى ئالدامچىلىغىغا ھەيرانۇ ھەس بۇلۇپ يىرگىنىمەن. شۇ ۋاقىتتا مىنىڭمۇ كۈرۈش سەزگۈمدىن، نورمال ئەقلى ئىختىدارىمدىن چاتاق چىقامدۇ قانداق ؛شۇئان يەر بىلەن ئاسمان ئالمىشىپ قالغاندەك ،كۆز ئالدىمدا ئۆمۈلۈشۈپ يۈرگەن شۇ كىشىلەريەر يۈزىدە بېشى بىلەن مېڭىۋاتقاندەك ،پۈتۈن ھاياتلىق پۈتۈن ئالەم ماڭا دۈم كۆمتۈرۈلۈپ قالغاندەك  تەتۈر كۈرۈنىشكە باشلايدۇ.
ئوغلۇم ، شۇڭا مەن ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ساڭا، شۇنداقلا يۈرتىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرگە ،پۈتۈن دۇنياغا شۇنداق خىتاپ قىلغۇم كىلىدۇ . ئەجىبا  يۈرتىمىزدىكى مۇھىتنىڭ بۇزىلىشى بىلەن قىلچە كارى بولماي بىزنىڭ بۇ يۇرتتا قارغۇلارچە بوز يەر ئېچىپ،بايلىق قىزىپ تىز باي بۇلۇش چۈشى كۈرىۋاتقانلارغا يۈرتىمىزنىڭ كىلەچىگى زادىلا كىرەك ئەمەسمىكىنە؟!ئەتە ئۈچۈن، بىزدىن كىيىن مۇشۇ زىمىندا ياشىغۇچى ئەۋلاتلار ئۈچۈن، سۈپ-سۈزۈك سۇ،ساپ پاكىز ھاۋا ،ھاياتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك كاپالىتى بولغان يېشىل بوستانلىق ،نېمى كەتمىگەن مۇنبەت تېرىلغۇ ئېتىزلىق كىرەك ئەمەسما؟ ئۇلار ئۈچۈن ،نەۋرىلىرىمىزنىڭ ،ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ گۈزەل كىلەچىگى لازىم ئەمەسمۇ ؟  ئەجىبا ئۇلار مۇشۇ زىمىندىكى قەدىمقى كىرورەن دۆلىتىنىڭ قۇرغاقلىشىپ چۆللىشىش، قۇم بېسىش سەۋەبىدىن يەر يۈزىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا  قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۈزۈل-كىسىل  غايىپ بولغانلىغىدەك ئاچچىق ساۋاقنى بىلمەمدىكىنە؟
ئوغلۇم ،خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي.بەلكىم تاققا-تۇققا سۆزلەپ سىنىڭ ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك ۋاختىڭنى كۆپ ئىسراپ قىلغاندىمەن. مىنى ئەپۇ قىل ئوغلۇم. مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بۇ سۆزلىرىمنى ساڭا دىمىسەم ياكى مەيلى كىم بولسۇن ھەممىمىز ئورتاق تىرىشىپ كۈچ چىقىرىپ يۈرتىمىزنىڭ تەبىئى مۇھىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قوغداپ قالمىساق ،ياخشىلىمىساق، قارغۇلارچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇھىتنى ناچارلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق ھەركەتلىرىمىزنى تىزدىن توختاتمىساق  زادىلا بولمايدۇ .
ئوغلۇم ، يەنە مۇشۇ خېتىم  ئارقىلىق ساڭا يەنە شۇنداق ئۈتۈنىشىمنى يەتكۈزمەكچى بۇلىۋاتىمەن. سەن شۇ يىراق ئەلدە مەخسۇس قۇرغاق جايلارنىڭ چۆللىشىشى،ۋە بۇ رايۇنلاردا چۆللىشىشنىڭ ،قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ۋەقۇرغاق جايلارنىڭ مۇھىت ،ئىختىسادى تەرەققىياتى ھەققىدە ئىزدىنىش ،تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ،مۇشۇ ساھە ھەققىدە بىلىم ئاشۇرىۋاتسەنغۇ ؟شۇڭا مىنىڭ ساڭا دىمەكچى بولغۇنۇم : -سەن ئۈگىنۋاتقان ،تەتقىق قىلىۋاتقان جوغراپىيىلىك ،مۇھىت تەرەققىيات ھەققىدىكى  بىلىمىڭنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يۇرتىمىزدا كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان ،قۇرغاقچىلىق ،سۇ قىس بۇلۇش ،دەريا ئېقىنلارنىڭ قۇرۇپ كىتىشى ،قۇم بۇرانلىق ھاۋارىيى ھادىسىنىنىڭ ئېغىرلاپ كىتىشىنىڭ سەۋەپلىرى،ئالدىنى ئېلىش ،يەرتەۋرەشتىن ۋاختىدا مەلۇمات بىرىش ،ھەرخىل ئاپەتلەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ، نۇپۇس بىلەن سۇ مەسىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئىلمى ھالدا ،ياخشىلاش ھەققىدە تېخىمۇ  ئەتراپلىق ئىزدىنىپ  ،نەزىريە جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى لاھىيە تەتقىقات دوكلادى ،پىلانلارنى ۋۇجۇتقا چىقرىشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن.  يۈرتىمىزدا مۇھىت بۇزۇلۇش، ئېغىر ئىكىلۇگىيىك تەڭپۇڭسىزلىشىش ھادىسلىرىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ياخشىلاش،ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىنى پۈتۈن دۇنياغا ، پارتىيە مەركىزى كومىتىتقا، ئەينەن توغرا يەتكۈزىشىڭنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن  . مىنىڭچە شى  رەئس باشلىچىغىدىكى مەركىزى كومىتىت يۈرتىمىزدىكى بۇ ئىشلاردىن ،تىزراق ئەينەن خەۋەر تاپسا چۇقۇم يۇرتىمىزدا تۇغرا بولغان   مۇھىت ،نۇپۇس، تەرەققىيات  ھەققىدىكى ئەڭ ياخشى سىياسەت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ،يولغا قۇيىشىغا ئىشەنچىم كامىل .چۈنكى ۋەتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان شۇنداقلا دۆلىتىمىزنى مۇھىم ئىنىرگىيە قىزىلما بايلىق بازىسى ،مىۋە-چىۋە،ئۆزگىچە ئىخدىسادى زىرەت بازىسى بولغان بىزنىڭ بۇ تارىم ئويمانلىغى قۇرغاقچىلىق،قۇم بۇران قاتارلىق ئاپەتلىرىنىڭ سەۋەبى بىلەن ۋاقىتسىزلا چوللىشىپ خاراپ بۇلۇپ كەتسە بولمايدىغانلىغىنى دۆلىتىمىزدىكى ھەربىر كىشى بۇلۇپمۇ  مەركەزدىكى ھەربىر رەھبەرلەر ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىدۇ. مانا بۇلار داداڭنىڭ سىنىڭدىن كۈتىدىغان ئەڭ چوڭ بىردىن-بىر ئارزۇ ئۈمىدى . سىنىڭ بۇ ئۈمۈدۈمنى قۇبۇل كۈرۈپ چۇقۇم مەن دىگەندەك قىلىدىغانلىغىڭغا ئىشەنچىم كامىل .خەيىر ئوغلۇم  سالامەت بول .سالامەتلىگىگىڭنى ئاسراشنى بىرىنچى شەرت قىلغان ھالدا ئەمدىلا ھاللىنىشقا باشلىغان جەنۇپتىكى  جان -جىگەر ،قان- قېرىنداشلىرىڭ ھەم ئۇلارنىڭ كىلەچىگىگە ھەردائىم كۈڭۈل بۇلۇپ، ئۇلارنى ھەردائىم ئەستىن چىقارماي شۇلار ئۈچۈن ئۆزكەسپىڭ،تەتقىقاتىڭدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىپ         ھۆرمەت بىلەن ؛-داداڭ
****-يىل **-ئاي _**كۈن
**                           **                                     **
شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭرى، يەر ئاستى بايلىقى مول بولسىمۇ ئەمما، قاقاسلىق،تاشلىق ، قۇملۇق- چۆللۈكلىرى كۆپ بۇلۇپ 96%نى، تۈزلەڭ بوستانلىق كۆلىمى ئاران %4 نى ئىگەللەيدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %3گىمۇ يەتمەيدۇ، تەبىئەت ئىكولوگىيەسى ناچار، سۇ بايلىقى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيدۇ، يەرنىڭ قۇملىشىپ قاقاسلىشىشى ئېغىر.
______________خاتىرەمدىكى سىتاتىكىلىق مەلۇمات
ئىزاھات①تارىم ئويمانلىغىدا ئۇسىدىغان بىرقىسىم ئۈسۈملۈكلەر ۋە چاتقاللارنىڭ نامى  

(ئاپتۇر:- ئاقسۇ شەھەر 5.ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 06:23 PM  


قاراڭغۇدىن زارلانماي شام ياندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 01:12:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن. بۇ ئەسەردە ئېكئولوگىيىلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق
قىلىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان زىيانلىق ئاقىۋەتلەر، بايلىقنى كۆزلەپ تەبىئىي
ئېكئولوگىيىنى ۋەيران قىلىدىغان قىلمىشلار، يېزىلارنىڭ ھازىرقى ناچار تەبىئىي
شارائېتى...قاتارلىقلار ئەمەلى بايان قىلىنىپتۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت
رەھبەرلىرى ئۆز مەنپەئېتىنىلا ئويلىماي، «ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش،
ئەلنى مايىل قىلىش» نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مۇشۇ خەتتە دىيىلگەن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى
ھەل قىلالىغان بولسا، ئاندىن ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولاتتى.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 11:08:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتلىنىشىغا تېلەكداشمەن مۇئەللىم

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 06:14:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىئەتنى ئاسرىمىساق تەبىئەت بىزنى بىردىنلا گۈم قىلىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dillani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 06:14 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99876
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 12:19:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ باش تەرىپىنى ئوقۇۋېتىپ كىچىك ۋاقتىمدىكى ھەممە مېۋىنىڭ ئەڭ سەرخىللىرى بار بولغان بېغىمىز،باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان،ياز بويى سۈيى توختاپ قالمايدىغان كىچىك ئېرىق ئېسىمگە كەلدى،رەھمەتلىك دادام تولىمۇ ئىشچان،تىرىشچان ئادەم ئىدى.ئۇ چاغلار دا ھەممە نەرسىلەر تولىمۇ تەبىئى،پاكىزە ۋە  ساپ ئىدى.ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا چوڭ بىر ئۆستەڭ بولۇپ،ياز بويى سۇ تولۇپ ئاقاتتى،ھەممە ئادەم ئۆستەڭ سۈيىنى ئىچەتتۇق،ئۆستەڭگە ھىچكىم يۇندا،ئەخلەت  ـتۆكمەيتتى .ئاسمانمۇ شۇنچىلىك سۈزۈك،شۇنچىلىك كۆك ئىدى.گەرچە ئۇ چاغلاردا يوللار توپىلق،ئۆيلەر كېسەك،ياقىدىغىنىمىز جىنچىراق بولسىمۇ مەن شۇ چاغلارنى سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمەن.ئۇ چاغلاردا مىۋىلەرگە قۇرت چۈشىدىغان زىرائەتلەرگە پىت چۈشىدىغا ئىشلار يوق ئىدى.ھازىر تەرەققى قىلدۇق ،باي بولدۇق،بىراق ئېرىشكىنىمىزدىن يوقاتقىنىمىز كۆپ،...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4363
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 05:38:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر  - ئانىغا ئوخشاش ، ئانىنى قاخشاتقانلار بەركەت تاپمايدۇ .

مۇئەللىپنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4363
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 05:38:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر  - ئانىغا ئوخشاش ، ئانىنى قاخشاتقانلار بەركەت تاپمايدۇ .

مۇئەللىپنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14837
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 06:00:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ -دەيدۇ كونىلار.ھەق گەپ-سۆز،ھەق زۇۋان،ھەق تىل،ھەق يازما ...مۇشۇنداق جىممىدە چۆكۈپ قالىدىغان جاھان بۇ!
مۇئەللىپنىڭ ئىجدىھاتىغا ئاپىرىن! سىزنىڭ قەلەمنى تاشلىماي نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالايدىغانلقىڭىزغا ئىشەندىم.
يازمىڭىزنىڭ مۇۋاپپىقىيتى بىلەن سىزنى تەبرىكلەپ-داڭگال.

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

قاراڭغۇدىن زارل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8250
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 09:41:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Danggal يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 06:00 PM
ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ -دەيدۇ كونىلار.ھەق گەپ-سۆز ...

قەلىبلەر قاغجىراۋاتقان ،يۈرەك ئۈنسىز قاناۋاتقان بۇ كۈنلەردە سەمىمى رىغبىتىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم ،قەلىبداش ئىكەنلىكىمىزدىن سۈيۈندۈم

قاراڭغۇدىن زارلانماي شام ياندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 08:28:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە كىيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش