مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 687|ئىنكاس: 6

«قۇم قەغەز» يىزىقلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99460
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 02:51:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                               «قۇم قەغەز» يىزىقلىرى

                     (ئەدەب-ئەخلاقنىڭ سۇسلىشىشى ۋە ناۋاينىڭ بىرتال نىنى)


مەن سىپى ئۆزىدىن ئۆزۈمدىن باشقىنى يەكلەپ قويىدىغان «ئۆزۈمپەرۋەر». شۇڭىلاشقىمىكىن ئۆزۈمدىن ئىشىپ كەتكەن، ئۈستۈن تۇرىدىغان(ئۇنى-بۇنى) پەقەتلا ياقتۇرمايمەن ۋە ئىتىراپ قىلماي تۇرىۋالىمەن.
يازمىلاردا، كوچا پاراڭلاردا چەتئەللىكلەرنى ئاجايىپ ئەدەب-ئەخلاقلىق دىيشىۋالىدۇ. شۇ يەرلەرگە بىرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ پاراڭلىرىغا داخىل بولۇپ قالسام، ئۆزگىلەرنى داڭلاپ قىلغان راسىت سۆزلىرىگىمۇ (ھە،،)لا دەپ قويىمەن(نىمىشقا؟) دەمسىزا... ئاددىلا بىرگەپقۇ.
مۇشۇ ھاراق دىگەن «ئىشەك سۈيدىكى»نى بىزلەر قاراچاي ئىچكەندەك ئىچىشىۋىرىدىغان قەۋىمدە ۋە ھەرقانداق بىرىدە ئەدەب-ئەخلاقنىڭ بولىشىغا قەتئى ئىشەنمەيمەن. ماڭا دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ ئاۋرە بولماڭ. (ياق، زادى ئىشەندۈرىتىم،،) دىسىڭىز بۇرۇنقىدەكلا (ھە،،)لا دەپ قويىمەن، چەكدىن ئاشسىڭىز ئىغزىمنى بۇزۇپلا تىللايمەن.(چاخچاق قىلمىدىم)
ئۇ تائىپىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئاجايىپ يول قويۇشلىرى، زور ئىشەنچدە مۇئامىلە قىلىشلىرى، ئۆز-ئارا بىر-بىرلىرى بىلەن ئەدەب-ئەخلاقدا مۇئامىلە قىلىشىپ، دۇنيا ئەدەب-ئەخلاق بابىدا (يىتەكچى ئورۇن)دا تۇرۇشلىرىغا مەن پەقەتلا قايىل ئەمەس.
بۇلارنىڭ راسىت بىلەن يالغىنى ئارلىشىپ بىزلەرگە (رىۋايەتلىك ئۈلگە) بولىۋاتقان تەرىپلەرنىڭ يىرىمى بولسا، شۇنداق ئارزۇ-ھىسلارغا تويۇنۇپ كەتكەن، شۇنداق بىر جەمىئەتلەردە ياشاپ بىقىشنى قاتتىق ئارزۇ قىلىشىدىغان قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىجادىيتى بولغان كىنو- تىلىۋىزىيە، فىلىملىرىدىن بىزلەرگە كەلگەن.( يالغان نەرسىدە ئىپادىلەنگىنىمۇ ئوخشاشلا يالغان بولىدۇ. «يالغان ئەمەس» دىىيلگەندىمۇ شۇلارنىڭ ئارزۇسى دىيىشكىلا بولىدۇ).
يەنە بىرسى (بۇ ئەڭ ھالقىلىق تەرىپى)ئىنساننىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى( ئۈچ ۋاق تامىقى بىلەن كىيىدىغىنى، يىتىپ-قوپىدىغان جايى كۆزدە تۇتۇلدى) تۇرمۇش كاپالىتى تولۇق ئىگە بولۇنغاندا كىشىلەردە ئانچە-مۇنچە باشقىلارنى ئويلايدىغان ئاڭ بولىدۇ. بۇلاردىن ئىشىنىپ ئاددى بىر ئائىلە بولۇپ شەكىللەنگىنىدە ئاندىن بىرىسىگە كۆيىنىدىغان، ئائىلە بىلەن جەمىئەت( بۇ يەردىكى جەمىئەت نوقۇل ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا كىشلەرنىلا كۆرسىتىدۇ) ئوتتۇرسىدىكى ھەرخىل مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە ئويلۇشۇشقا باشلايدۇ.
بۇ مەسىلىنىڭ بۇرلۇش، ئۆزگۈرۈش ياساش نۇقتىسى بولغان بولىدۇ. ئۇنڭدىنمۇ ئىشىنىپ، جەمىئيەتدە ئەقلى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغىللىنىش جەريانىدا پەيدا بولغان پايدا-زىيان توقۇنىشلىرىدا بىراۋلارنى ھۆرمەتلەش، يول قويۇش،،، قاتارلىق ئىسىل، ئەدەب-ئەخلاق قائىدىلىرى شەكىللىنىدۇ.
جۈملىدىن سىز جەمىئەت تەرىپىدىن ھەقىقى ئادىل، لىللا، باراۋەر نۇقتىسىغا قويۇلغاندا روھىتىڭىزدىكى ئىجابى تەبىئەتلەر تەبئىلا يۇقىرى چەككە يىتىدۇ. بۇ خىل ئۆزگۈرۈش سىز ياشاۋاتقان مۇھىت بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق ھالىتىنى بىرئۆمۈر ساقلاپ قالىدۇ.
دىمەك بۇرۇندىن ئۆم، ئىناق-ئىتىپاقلقنىڭ ئۈلگىسى بولىۋاتقان شەخىس ياكى قەۋىملەردىكى، ئۈلگىلىك ئەدەب-ئەخلاقنىڭ سۇسلاپ كىتىشى، ۋەدىلەرنىڭ ئىشەنچىسىز بولۇپ كىتىشى، ئىناق-ئىتىپاقلقنىڭ بۇزىلىشى……قاتارلىق بىر قاتار سەلبى، ناچار مەسىلىلەرنىڭ بارغانسىرى كۆرنەرلىك بولىشىدا شۇلار ياشاۋاتقان مۇھىت ئەڭ چوڭ بىرىنجى ئامىلدۇر.
نۆۋەتدىكى ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدىكى ئاغرىنىشلارنىڭ ھەممىسىگە بىۋاستە سەۋەب بولىۋاتقىنى، ھازىرقى زامان تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك تىز بولىشى ۋە شۇنڭدىن كىلىپ چىققان ئىنسانلار توپىدىكى رىقابەتنىڭ ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ، رىقابەتكە قويىلىدىغان ئۆلچەمنىڭ كۈنسىرى تىك سىزىق بويىچە ئۆرلىشىدىن، شۇ مۇھىتدىكى كىشىلەرنىڭ «ئەڭ تۆۋەن چەكدىكى ياشاش تەلىپىنىڭ دەخلىگە ئۇچىرشى»دىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
بۇنداق دىيلسە قىلچىمۇ ئاشۇرۋىتلگەندەك ئەمەس. گەرچە دۆلەت ۋە پارتىيەنىڭ دانا ۋە ئادىل يىتەكچىلىكىدە تۇرمۇشلىرىمىز پاراۋان بولىۋاتقان بولسىمۇ كىممۇ ھازىرقى رىئال تۇرمۇشتىكى بۇنداق «رەھىمسىز رىقابەت»نى يوق دىيەلىسۇن؟.
بۇ«رەھىمسىز رىقابەت» بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش نەچچە ئەسىر جاھالەت ئوچاقلىرىدا ئىڭرىغان قەۋىملەردە تىخىمۇ ئاسانلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ھىلىھەممۇ ساۋاتسىز، نادان خەلىقلىرىمىز بۇ رىقابەت سەھنىسىدە بىشى ئاران يىتىشىپ، ئوتتۇرىسى ئىسىلىپ قىلىپ، ئاخىرىكىلەر ئىچىنىشلىق سۆرىلىپ قالدۇق. شۇنداق قىلىپ پەرق چوڭىيىپ قالدى. ساۋادى بولمىسىمۇ جىنىنى جان ئىتىپ كىتەلەيدىغانلارغا پۇرسەت بەكلا ئازلىدى. ئىقتىدارى بولمىسىمۇ تىرىشسىلا كۈنى ئۆتىۋاتقانلارنىڭ «ئىشى ئوخشىدى». شۇنداق قىلىپ ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزدىن بىزلەرگە قالغان، بىر-بىرىدىن ئىسىل ئەدەب-ئەخلاق، قائىدە-يوسۇنلىرىمىزمۇ «بىر پارچە نان» ئالدىدا ئىچىرقىغان بىر توپ ئىنسانلارئالدىدا بارا-بارا خىرەلىشىپ ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى.خۇددى مىسالى ئىچىرقىغان بۆرىنىڭ ئولجىسىنى ئىشتاھا بىلەن يەۋاتقىنىدا نە يىنىدىكى بالىسى نە تەلەتىنىڭ قەبىھ بولۇپ ئەغزى-بۇرنىنىڭ قان بولۇپ كەتكىنىگە پەرۋا قىلمىغىنىغا ئوخشاشلا بىر ئىش.
قوشۇمچە قىستۇرما- بۇ خىيالىم ئاجايىپلا. بەزىدە ئۆزمنى قۇرۇق خىيالنى كۆپ قىلىۋىلىپ، ئادىشىپ قىلىۋاتامدىكىن دەپمۇ قالىمەن. نىمىمۇ بولمىسۇن ئىيتىپ باقاي.
مىكروسوفىت ئۆزىدىن باشقا تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىۋاتقان (IBM) ۋە (INTEL)قاتارلىق شىركەتلەرگە ئوشۇق ئىيتىشمايدىكەن. ئۇمۇ ئۆز ئىشىنى، بۇلارمۇ ئۆز ئىشلىرىنى قىلىۋىرىدىكەن.بۇنداق بولغاندا كۆپ قىرلىق پايدا مۇناسىۋىتى شەكىللىنىپ، ئۆزئارا «تەڭ مەۋجۈد بولۇپ تۇرۇش» ئىستىراتىگىيسى شەكىللىنىدىكەن.
تىخى ئويۇن قويغاندەك ئايدا-يىلدا بىرنەچچە قىتىم يالغانلاردىن تاراتقۇلاردا «تۈكۈرۈك ئۇرىشى» قوزغاپ، بىزلەردەك «خاپامباش»لارغا ئۆزلىرىنىڭ «بىر ئازگالنىڭ لىيى» ئىكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرماسلىققا تىرىشىدىكەن.( ئۇنداق بولمىغىنىدا مىكروسوفىتدەك غايەت زور سىلىنمىغا ئىگە، دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك شىركەتنىڭ يالغۇز يۇمشاق دىتال ساھاسىدە قىلىپ، بىرەتال مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۆزەك ياكى ئاساسى تاختا ياسايدىغان شىركەتلەرنى يۇتىۋىلىپلا ئۆزىنىڭ ھەممىگە باش بولىشى مۇمكىن بولمايدىغانمۇ ئىش ئەمەس).
ئەقلىفۇن بازىرىدىكى ئىككى چوڭ رىقابەتچى، ئالما شىركىتى بىلەن سامسۇڭ گورۇھىمۇ خۇددى يۇقارقىدەك « سىرتقى كۆرىنىشدە قان رەقىبلەردەك، ماھىيەتدە ئۆز ئەۋزەللىكى، ئىقتىدار بويىچە ( تەڭ مەۋجۈد بولۇپ تۇرۇش ) ئستىراتىگىيەسىدىكىلەردۇر.
ئەسلى مەخسەت ھەرگىزمۇ «جاھانغا ئۆزى بىر قوللۇق خوجا بولۇش» ئەمەس. ھەم بۇنداق رەزىل مەخسەتلەرنىڭ ئەزەلدىن ئىشقا ئاشمايدىغانلىقى، ئۇرۇنۇپ باقسىمۇ ئۆزىمۇ تەڭ ھالەك بولىدىغانلىقى، تارىخدا ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان.
ئالما بىلەن سامسۇڭ ھامىنى مەڭگۈلۈك،بىرىنبىر «خوجا» ئەمەس.
ئۇلاردەك دەرىجىدىن تاشقىرى تەرەققى قىلغان قەۋىملەردە بۇنڭدەك « ئۇزاق دەۋىر بىللە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش فورمۇلالىرى » ساماندەك.
ئۇلاردىكى ئۆزئارا يول قويۇشلار بولسا يۈكسەك دەرىجىدىكى پايدا-مەنپەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. كىنو-فىلىملەردىكى تامىقىمىزنى چاكىلداتقان، بارغانلاردىن تولا ئاڭلاپ خىجالەتدە قويىۋالغان، كۆرنىشتىكى ئاتالمىش«ئەدەب-ئەخلاق»لارنىڭمۇ ئۆزئارا يول قويۇشۇپ، كۆزىمىزگە ئىسىل سۈپەتلەردە كۆرىنىشىمۇ خۇددى ئاشۇنڭدەكلا. « كۈچلۈكلەر ئۇزاقلارغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىگە ئوخشاش كۈچلۈكلەر بىلەن بىردەكلكنى چوقۇم ساقلىشى شەرت» دىگەن فورمۇلانىڭ نەخ ئۆزى شۇ.
ئەلۋەتدە بۇ بىر قانۇنىيەت. نوقۇل خاتامۇ ئەمەس. بىراق بىزگە ئوخشاش مىننەت-تەماسىز ئەدەب-ئەخلاقلىق بولۇشنىڭ گىپىنى قىلىۋاتقانلارنڭكىدىن خىلى زور پەرق قىلىدۇ.

پەرۋەر
2014-يىلى31-تومۇز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-31 02:52 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 09:27:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106985
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 09:45:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭقۇر مەنىلىك پىكىرلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 10:44:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەپ-ئەخلاق تېمىسى مەڭگۈلۈك تېما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109516
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 358
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 09:16:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزگىچە تەپەككۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2880
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 11:55:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹پەرۋەر››لىك ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن...

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7487
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 12:43:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل،جانلىق تەپەككۇر.قايىل قىلارلىق دەلىل ئىسپات.لېكىن ئېسىلىپ قېلىۋاتقانلار بىلەن سۆرىلىپ قېلىۋاتقانلار چۈشۈنەلەرمۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش