تېڭىرقاش
نۇرمەمەت ئۆمەر 
تىرىشتىم ئىزدەندىم ھايات يولدا ،
پۇتلاشتىم يىقىلدىم گاھى ئورىغا. 
دەس قوپۇپ مەردانە چىقسام نەچچە رەت ،
ئالداندىم ھىيلىگەر نەيرەڭ پىرىغا.
ئۆگەندىم توختىماي ئىلىم يولدا ،
پۇل كىرەك بەزىدەقالدىم كوچىدا.
دىدىكى بەزىلەر خۇمدان دەردى بار ،
بىلمىدىم قايسى ھەق قايسسى خاتا.
توغرا يول كۆرسەتتى كىمدۇر بىرلىرى،
ھەسسىلەپ باسماقتا تۇرمۇش غەملىرى.
ئۈزۈمنى غەيرەتكە ئۈندەپ نەچچە رەت، 
تۈگەرمۇ ياشلىقنىڭ تاتلىق دەملىرى .
ھاياتنىڭ ھىكمىتى ئۇزاقكەن ئۇزاق ،
بىلگىچە يىرىلار ھەتتا قاش قاپاق.
تىگىگە يەتمەككە ئىزدەنسەڭ ئەگەر،
بۇ ئۆمۈر يەتمەسكەن ، يەتمەسكەن بىراق.
مەنبە؛ تۈمەن 0998  
         2014-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 05:59 PM