مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13322|ئىنكاس: 105

NASA : بىر-بىرى بىلەن سوقۇشقان تاشقىي پلانېتىلار بايقالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 08:27:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر-بىرى بىلەن سوقۇشقان تاشقىي پلانېتىلار بايقالدى


  بىلىمخۇمار   

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى


ئامېرىكىدىكى كائىنات تور بېتى www.space.com نىڭ 29-ئاۋغۇست كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قانچە تەتقىقاتچىلىرى بىر تاشقىي يۇلتۇزنىڭ ئەتىراپىدىكى ئىككى پارچە تاشقىي پلانېتىغا ئوخشاش جىسىملار بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.


1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: بىر رەسىمچى سىزغان، يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ئىككى تاشقىي پلانېتىغا ئوخشاش كائىنات جىسىملىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەندىن كېيىنكى بىر كۆرىنىش.  بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن جاي بىزدىن 1140 نۇر يىلى يىراقلىقتا بولغاچقا، ئۇ جاينى ھەرگىزمۇ مۇشۇ كۆرىنىشتىكىدەك ئېنىقلىق دەرىجىسى بىلەن رەسىمگە تارتقىلى بولمايدۇ.


ئۇ تەتقىقاتچىلار مەزكۇر ھادىسىنى ناسا ئۈچۈن بىزنىڭ باش ئىدارىمىز كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى باشقۇرۇپ بېرىدىغان «سپىتزېر» (Spitzer) ئالەم تېلېسكوپى ۋە باشقا بىر قانچە يەر يۈزىدىكى تېلېسكوپلار بىلەن بايقىغان.


مەزكۇر تاشقىي يۇلتۇز ئىنگلىزچە «Vega» دەپ ئاتىلىدىغان يۇلتۇزلار توپىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 1140 نۇر يىلى ئىكەن.  ئۇنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «NGC-2547 ID8» ئىكەن.  ئۇ يۇلتۇزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىزنىڭ قۇياشنىڭكىگە يېقىن كېلىدىكەن.  ئەمما ئۇ ناھايىتى ياش بولۇپ، ئۇ ھازىر ئاران 35 مىليون ياشقا كىرىپتۇ.  بىزنىڭ قۇياش ھازىر 4.5 مىليارد ياشقا كىردى.


«نۇر يىلى» دېگىنىمىز ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ بىر يىل ئىچىدە باسالايدىغان مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ.  نۇر بىر سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدىغان بولۇپ، بىر نۇر يىلى تەخمىنەن 9.46 ترلىيۇن كىلومېتىرغا تەڭ.


كائىنات جىسىملىرىنىڭ ئۆز-ئارا سوقۇشىشى پلانېتىلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئالىملار ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ يەر شارىمىز شەكىللەنگەن ۋاقىتتىمۇ ئاشۇنداق سوقۇشۇشلار يۈز بەرگەن، دەپ پەرەز قىلىدۇ.


تەتقىقاتچىلار مەزكۇر تاشقىي يۇلتۇزنى 2012-يىلى 5-ئايدىن 2013-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆزەتكەن بولۇپ، ئۇلار ھېلىقى كائىنات جىسىملىرىنىڭ سوقۇشىشى 2012-2013-يىللىرى يۈز بەرگەن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.  


دىققەت: بۇ تاشقىي يۇلتۇز بىزدىن 1140 نۇر يىلى يىراقلىقتا بولغاچقا، بۇ سوقۇشۇش بۇ يىلدىن 1142-1143 يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن.  


تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق سوقۇشۇش بەزىدە پلانېتىلارنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، بەزىدە زىيانلىق ئىكەن.  يەنى، ئىككى كائىنات جىسىمى سۇقۇشقاندىن كېيىن، ئۇلار بەزىدە بىر-بىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.  بەزىدە بولسا ئۇلار بىرلىشىپ بىر چوڭ پلانېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.  بۇ قېتىم بايقالغان ئەھۋال 1-خىلدىكى بۇزغۇنچىلىققا تەۋە ئىكەن.


بۇ بايقاش دۇنياغا داڭلىق «ئىلىم-پەن» (Science) ئىلمىي ژورنىلىنىڭ تور بېتىدە 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىندى.


پايدىلىنىش ماتېرىيالى:


[1] Smash!Aftermath of Colossal Impact Spotted Around Sunlike Star

http://news.yahoo.com/smash-aftermath-colossal-impact-spotted-around-sunlike-star-181002418.html



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-30 08:31 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93217
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 323
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 12:14:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە گەرچە شۇنداق ئالدىراش بولسىڭىزمۇ لېكىن ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ بىزنى مۇشۇنداق يېڭى خەۋەرلەر بىلەن خەۋەرلەندۈرۋاتىسىز،مىرزا ئۇلۇغ بەگ  قالدۇرۇپ كەتكەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئاستىرنومىيە  مەشئىلىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرگەيسىز! اللە ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8730
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 01:04:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر  ھازىرقى زاماندا يىراق  تاشقى پلانتلاردا مۇشۇنداق ھادىسە كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ  ، بۇنى  نەچچە  يۈز  ، ھەتتا  مىڭ يىللاردىن كىيىن ئاندىن بايقىغىلى بولىدىكەن .
ياكى ، نۇرنىڭ تىزلىكىدىنمۇ تىز سۈرئەتلىك كۆزىتىش ئۇسۇلى بارلىققا كىلەرمۇ ؟

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12155
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 02:46:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتقىقاتچىلار مەزكۇر تاشقىي يۇلتۇزنى 2012-يىلى 5-ئايدىن 2013-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆزەتكەن بولۇپ، ئۇلار ھېلىقى كائىنات جىسىملىرىنىڭ سوقۇشىشى 2012-2013-يىللىرى يۈز بەرگەن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

دىققەت: بۇ تاشقىي يۇلتۇز بىزدىن 1140 نۇر يىلى يىراقلىقتا بولغاچقا، بۇ سوقۇشۇش بۇ يىلدىن 1142-1143 يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن。。。。。。。。。。。??ئ

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15264
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 02:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن شۇنداقكەن.ئىككى ھەپتە بۇرۇنغۇ دەيمەن.كېچە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتىم.بىر يورۇقلۇق تەسىرىدە كۆزۈم ئىچىلىپ كەتتى،ئادەتتە مەن كۆزۈم يېرىم ئۇچۇق ھالەتتە ئۇخلايمەن.كۆزۈمنى ئاچسام سول قولۇمنڭ ئۈستىدەبىر يورۇقلۇق نۇر تۇرىدۇ. دەرسال ئوڭ  قولۇم بىلەن ئۇنى تۇتتۇم ،شۇ زامان ئوڭ قولۇم بىراقلا يورۇپ كەتتى .دەرھال دىرىزىگە قارىدىم ئاسماندا بىر نۇر تۇراتتى .ئۇنۇڭ نۇرى نۇر تېزلىگىدە قولۇمگا چۈشكەن ئىكەن.بۇ كۈنى مەن قۇرئان ئوقۇپ ھەم قۇرئاننى  باغرىمغا بىسىپ ئۇخلاپ قا

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15264
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3615 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 02:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ كۈنى مەن قۇرئاننى باغرىمغا بىسىپ ئۇخلاپ قاپتىكەنمەن.تېلدا يازغاشقا  ھەرىپلەر خاتا بىسىلىپ قالدى.توغرا ئوقۇغايسىلەر!ھەم تەپسىلى يىزىپ بېرەلمىدىم.ئۇ كۈنكى ئۇ نۇر چاقناپ تۇراتتى.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1883
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3093 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 04:31:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتقىقاتچىلار مەزكۇر تاشقىي يۇلتۇزنى 2012-يىلى 5-ئايدىن 2013-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆزەتكەن بولۇپ، ئۇلار ھېلىقى كائىنات جىسىملىرىنىڭ سوقۇشىشى 2012-2013-يىللىرى يۈز بەرگەن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

دىققەت: بۇ تاشقىي يۇلتۇز بىزدىن 1140 نۇر يىلى يىراقلىقتا بولغاچقا، بۇ سوقۇشۇش بۇ يىلدىن 1142-1143 يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن.  


تمىلېرىغا رەھمەت ئاكا، ئۈستىنكى ئابزاستا ئازراق مەسلە باردەكلا قىلىدۇ . ئاسان ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولغۇدەك...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 05:52:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا   يەرشارىدىن  بەشيۈز نۇريىلى يىراقلىقتىكى    بىر  پىلانىتقا   ئىككى ھەپتە ئىچىدە بارغىلى بولسا  يەرشارىدا  بەشيۈزيىل بۇرۇن  يۈزبەرگەن  ئىشلارنى كۆرگىلى بۇلامدۇ؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8730
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 07:26:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sidam يوللىغان ۋاقتى  2014-8-30 03:52 PM
ئۇنداقتا   يەرشارىدىن  بەشيۈز نۇريىلى يىراقلىقتىكى    ب ...

ئىككى ھەپتە ئىچىدە يەرشارىدىن بەش يۈز نۇر يىلى يىراقلىقتىكى پىلانتقا بارغىلى بولسا :
1. سىز يىتىپ بارغۇچە ئىشلەتكەن ئىككى ھەپتە ۋاقتتا يەرشارىدا بەش يۈز يىل ۋاقت ئۆتۈپ بولۇشى مومكىن .
2. سىز 500 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى پلانتقا ئىككى ھەپتىدە يىتىپ بىرىشقا قادىر بولالىغۇدەك ئۈسكۈنىگە ئىگە بولغانىكەنسىز ، ئۇنداقتا سىزدە چوقۇم يورۇقلۇق سىگنالىنى نۇر تىزلىگىدىن 20000 ھەسسە تىز ئۇزىتالايدىغان تىلىسكوپ ياسىيالايدىغان تىخنىكا بولىدۇ  . شۇڭا كۆرىدىغىنىڭىز ، يەر شارىنىڭ سىز ئايرىلغان ۋاقىتتىن كىيىنكى كۆرۈنۈشلەر بولىدۇ .
……
يۇقارقىلار مۇنداقلا تەسەۋۋۇرۇمغا كىلىپ قالغىنى . ئاساس قىلىۋالماڭ .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81740
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3463
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2012-6-18
ئاخىرقى: 2014-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 07:32:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mercury يوللىغان ۋاقتى  2014-8-30 07:26 PM
ئىككى ھەپتە ئىچىدە يەرشارىدىن بەش يۈز نۇر يىلى يىراقل ..
يېزىلۋاتىدۇ.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aman768 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-30 07:39 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-8-31 09:57 AM):
سۇقۇشۇپ بىر -ئىككى يىل بولغاندا رەسىمگە چۈشۈپتۇ ، دەپ چۈشەندىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش