دىيارىمىزنىڭ مەرىپەت بېغىغا نەزەر سالىدىغان بولساق شۇنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بىرى دۆلىتىمىزنڭىڭ جۈملىدىن دىيارىمىزنڭنڭ مەرىپەت بېغىدا زور گۈللىنىش بولماقتا: چۈنكى مەرىپەت بېغىمىزدا شۇنداق قېرىنداشلىرىمىز باركى، ئۇلار ۋەتەن-خەلق ۋە ئۈزنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى ئۈچۇن، نۇرغۇن جاپا مۇشاقەتلەرنى يېڭىپ ئۈزلىكسىز ئالغا ئېلگىرلىمەكتە؛ چۈنكى مەرىپەت بېغىمىزدا شۇنداق قېرىنداشلىرىمىز باركى، ئۇلار ئۇقۇش ياكى خىزمەت ئورنىدا ئۈزنىڭ قابىلىيتى ۋە نەتىجىسى بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلماقتا؛ چۈنكى مەرىپەت بېغىمىزدا شۇنداق قېرىنداشلىرىمىز باركى، ئۇلار بىرگە بىرنى قوشسا ئىككىدىن چوڭ بولدىغانلىقىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆز-ئارا قوللاشنىڭ موھىملىقىنى تۇنۇتماقتا. يۇقارقىلارنى بەلكىم مەرىپەت بېغىمىزدا 2011-يىلى ئېچىلغان بىر جۈپ قېزىل گۈل-- ياش ئەر-ئايال دوكتۇر ئابلىز ۋە بۇمەريەمنىڭ ئىش-ئىزلىردىن كۈرۈۋالغىلى بۇلۇشى مۇمكىن.
(بېرىنجى سۈرەت ئەر-ئايال ئىككەيلەن ياپۇنىيە توكيودىكى دىسنى باغچىسىدا) ئابلىز بۇلبۇل: ئابلىز، 1981-يىلى 3-ئايدا قەشقەردە تۇغۇلغان، شىنجاڭ يېزا ئېگلىك ئۈنىۋىرسىتى ئىقدىساد ۋە سودا ئېنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ يېزا ئېگلىك ئۈنىۋىرسىتى ماركا پىلانلاش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك پىلانلىغۇچىسى، باشقۇرۇش پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ماركىتىڭ جەميىتىنىڭ ئەزاسى، ماركىتىڭ كەسپى بويىنچە شىنجاڭدىكى تۇنجى ۋە ياش دوكتۇر، شۇنداقلا ياش ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى. ئۇ باشلانغۇچتىن تۇلۇق ئوتتۇرغىچە قەشقەردە ئانا تىلدا ئۇقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن مەركىزى مالىيە-ئېقدىساد ئۈنۈۋىرسىتنىڭ مالىيە كەسپىگە قۇبۇل قېلىنغان. ئۇ بارغاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە باشقا مىللى باللارغا ئوخشاشلا ھەرقايسى جەھەتلەردىن نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن، بۇلۇپمۇ تىل قېيىنچىلىقى، چۈنكى ئېنگىلىز تىل ئاساسى نۆل بولغان ئەھۋال ئاساسىدا باشتىن ئۈگۈنۈپ سىنىپتىكى ئاساسى ياخشى بولغان خەنزۇ ساۋاقداشلارغا يېتىشىپ مېڭىش ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مىللى بالىلار ئۈگۈنۈشتىن ۋاز كىچەتتى. ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەندىن كىيىن كۆڭلىدە ئۈزلىكسىز ئۆزىگە «ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئۇخشاش ۋاز كەچسە بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئۇقۇشنىڭ ھەممىلا ئادەمگە مەنسۇپ بولمايدىغانلىقى، ھەمدە نۇرغۇن قارا كۆزلەرنىڭ ئۆزىدىن ئۈمۈت كۈتىۋاتقانلىقىنى» تەكىتلەيتى. مۇشۇنداق ئىرادىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە، ئۇ مىنوت-سىكونىتلارنى قولدىن بەرماي تېرىشىپ ئۇقۇپ، سىنىپتىكى خەنزۇ ساۋاقداشلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە ئۇقۇپ، ھەتتا ئىنگىلىز تىلىدا ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىقىدىلا دۆلەتلىك ئىنگىلىز تىلى ئىنتاھامنىڭ 4- ۋە 6-دەرىجىسىدىن ئۈتۈپ، سىنىپتىكى باللارنى بېسىپ چۈشۈپ فاكولتۇتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇ تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈردىغان ئەڭ ئاخىرقى يىللىدا دۇچ كەلگەن ئىككى خىل خىزمەت تاللىشى ئۇنى يەنە بىر قېتىم كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلاندۇردى، بىرى بولسا ئىنتىھام ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنغان شىنجاڭ خەلىق بانكىسى، يەنە بىرى بولسا بىر يىللىق تەربىيلەشتىن كىيىن چەتئەلدىكى تارماق شىركىتىگە چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەن تىيەنجىندىكى بىر خەلقارالىق شىركەت ئىدى. نەتىجىدە ئۇ ئۆزىگە جەڭ ئىلان قىلىشنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش مەخسىتىدە تىيەنجىندىكى شىركەتنى تاللىغان ئىدى. ئۇ ئۇقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنلا تىيەنجىنگە بېرىپ ئىشقا چۈشكەن بۇلۇپ، مەكتەپتە مىنوت-سىكونىتلارنى قولدىن بەرماي تېرىشىپ كۈنۈپ قالغانلىقتىن، ئىش ئورنىدا ئىشتىن چۈشكەندىكى بوش ۋاقىتقا كۈنەلمەي قالغاندەك بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسپىرانتلىققا تەييارلىق قىلىشنى نىشان قىلىپ قۇشۇمچە كىتاپ كۈرۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە ئۇ ئۈچ ئايدىن كىيىنى ئاسپىرانتلىق ئىنتاھامىدا ياخشى نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم مەركىزى مالىيە-ئېقدىساد ئۈنۈۋىرسىتى تەرپىدىن قۇبۇل قىلىندى. ئۇ چۇڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن، يېرىم يىل بولغان خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىپ داۋاملىق ئوقۇشنى تاللىغان ئىدى. ئۇ ئاسپىرانتلىق ئۇقۇش جەريانىدا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كەسپى بىلىملەرنى ئىگەللەپ، دوكتۇرلۇق ئۇقۇشنى نىشان قىلىپ كەسىپ جەھەتتىكى ئۈنۈۋىرسال بىلىمىنى ئاشۇرۇشقا تېرىشتى. ئاسپىرانتلىقنىڭ ئاخىرقى يىلى ئوتتۇرا جوڭگۇ مالىيە-ئېقدىساد ۋە قانۇن ئۈنۈۋىرسىتىنىڭ دوكتۇرلىق ئىنتاھامسىغا قاتنىشىپ، تۇلۇق نۇمۇرى 300 بولغان ئۈچ پەندىن 230 نۇمۇر ئېلىپ، نۇمۇر سىزىقى 180 بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ماركىتىڭ كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان 8 دوكتۇر ئۇقۇغۇچىنىڭ بىرىنجىسى بۇلۇپ ھەمدە بىردىن بىر ئاز سانلىق مىللەت بۇلۇپ قۇبۇل قىلىندى. ھەمدە شۇ يىلى شىنجاڭ يېزائىگىلىك ئۈنۈۋىرسىتى ئېقدىساد ۋە سودا ئېنىستوتى تەرپىدىن ئوقۇتقۇچىلىققا قۇبۇل قىلىنغان ئىدى. 2013-يىلى 6-ئايدا، ئۇ مەكتەپنىڭ ھەر قايسى تەلەپلىرىنى ئاشۇرۇپ ئۇرۇنداپ، يەنى مەكتەپنىڭ تەلىپىدە دوكتۇرلۇق ئۈنۋان ماقالىسىنى ئۇرۇنداشتىن سىرت يەنە نوپۇسلۇق ژورنالدا 3 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئىلان قىلىش كىرەك ئىدى، ئۇ جەمى 15 پارچە ماقالە ئىلان قىلىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن دوكتۇرلىقنى تاماملاپ شىنجاڭ يېزائىگىلىك ئۈنۈۋىرسىتىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىستىمالچىلار ھەركىتى، سىتراتىگىيلىك باشقۇرۇش قاتارلىق ماركىتىڭ ساھاسىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقتىن، ئىستىمالچىلار ھەركىتى ۋە كارخانا باشقۇرۇش جەھەتلەرگە قارتا پۇختا نەزەرىۋى ئاساس ۋە ئەمەلي تەجرىبىگە ئېگە بولدى. تەتقىقات تۈرلىردىن مەكتەپ تەتقىقات تۈرلىرگە رىياسەتتچىلىك قىلۋاتماقتا، قاتناشقان دۇلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىلىك بىر قانچە تەتقىقات تۈرلىرى بار، يەنە يېقىندا ئىككى قىسىملىق ئېقدىساد دەرىسلىكىنى باش بۇلۇپ تۈزۈپ چىقتى، «ھوكۈمەت ئېقدىسادشۇناسلىقى» كېتابىنى تۈزۈشكە قاتناشتى. جۇڭگۇدىكى ئەڭ نوقتۇلۇق ژورنال «سىتاستىكا ۋە قارار»، «پەن-تەخنىكا تەرەققىياتى ۋە تەدبىر » قاتارلىق دۆلەت ئېچى ۋە سىرتىدىكى ژورناللاردا 20 پارچە ئېلمى ماقالە ئېلان قىلىپ، خېزمەتداش ۋە مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ھەمدە ماگىستىر ئاسپىرانىت يېتەكچىلىكىگە كۆتۈرۈلدى. بۇندىن باشقا، ئۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا بىر قىسىم چوڭ-كىچىك كارخانىلاردا مەبلەغ سېلىش،مەسلەھەت بىرش ۋە دەرس سۆزلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، رايۇنىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشماقتا.
(ئىككىنجى سۈرەت ئابلىزنىڭ دوكتۇرلىقنى پۈتتۈرگەن ۋاقتى) بۇمەريەم ئابلىمىت: بۇمەريەم ، 1985 – يىلى 9- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان، ھازىر شىنجاڭ پىداگىگوكا ئۈنۈۋىرسىتى فىزىكا ۋە ئىلىكتىرون ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تەبىئىي پەنلەر دوكتۇرى، 27 يېشىدىلا جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ دوكتۇرلىق ئۈنۈۋانىنى ئالغان ئەڭ ياش ئۇيغۇر دوكتۇر. بۇ مەريەم باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىلا ، ئالاھىدە تىرىشچانلىقى ۋە تەبىئى پەنلەردىكى نەتىجىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە مەكتەپ تەشكىلىنىڭ دىقىتىنى قوزغاپ ، ئۇدا ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلىقنى قولدىن بەرمىگەن، ھەمدە قىزىلسۇ ئوبلاستى بۇيىنچە بىرىنچىلىك نەتىجىسى بىلەن 2000-يىلى تۇنجى قارار ئىچىكىردىكى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا يەنى دالىيەن 20- تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە قۇبۇل قىلىنغان. ئۇ تۇنجى بارغان ۋاقتىدا مەكتەپ تەرپىدىن ئېلىنغان سىناق ئىنتاھامسىدا تەبى پەنلار بۇيىنچە تۇلۇق نۇمۇر ئېلىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ھەيران قالدۇرغان ۋە مەكتەپ تەشكىلىنىڭ ئالاھىدە ئىتىبارىغا ئېرىشكەن . 2004- يىلى 9- ئايدىن 2008- يىلى 6- ئايغىچە بولغان تولۇق كۇرۇس باسقۇچىدا، خۇنەن ئۇنىۋرستېتىنىڭ فىزىكا ئىنىستىتوتىدا يالغۇز بىرلا شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى بولسىمۇ ، ئالاھىدە ئەلا بولغان ئۈگۈنۈش نەتىجىسى بىلەن ئۇدا ئۈچ يىل دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، ۋە جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتۇرلىقنى ئۇلاپ ئۇقۇشىغا ئىنتىھامسىز قوبۇل قىلىنغان . 2008- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە بولغان جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيەسىدىكى بەش يىللىق ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدا ، ۋۇخەندىكى بۇ تەتقىقات ئورنىدا ئۇ گەرچە يالغۇز بىرلا ئاز سانلىق مىللەت ، يالغۇز بىرلا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بولسىمۇ ، تاماقلىنىش ۋە باشقا تۇرمۇش شارائىتى جەھەتتىكى كونكىرىت قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ، يەنىمۇ قاتتىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىسى بولۇپ باھالىنىپ ، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، دوكتۇرلۇق ئۇقۇشىنىڭ ئىككىنجى يىلى ياپۇنىيەنىڭ ئەڭ ئالىي تەبىئى پەن تەتقىقات ئورنى رىكىنغا(riken) غا بىر يىللىق تەتقىقاتقا ئەۋەتىلىش شەرىپىنى قولغا كەلتۈرگەن. ھەمدە بۇ جەريەندا تېرىشچانلىقى بىلەن شۇ ئۇرۇندىكى خىزمەتداشلىرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ۋە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى كىيىن دوكتۇر ئاشتىلىققا كېلىشكە تەكلىپ قىلغان. ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتۇرلىقنى ئۇلاپ ئۇقۇش جەريانىدىكى بۇ بەش يىلدا، ئۇ ئامېركىدا چىقىدىغان فىزىكا پەنلىرى بۇيىچە ئەڭ نوپۇزلۇق بولغان خىميە-فىزىكا ژورنىلى(JCP) قاتارلىق SCI غا قۇبۇل قېلىنغان چەتئەلدىكى نۇپۇسلۇق ژورناللاردا 9 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ھەمدە شىنجاڭ پىداگىگوكا ئۈنۈۋىرسىتىتىنڭ فىزىكا ۋە ئىلىكتىرون ئىنىستىتوتىغا «ئېختىساسلىقلارنى جەلىپ قىلىش» تۈرى بۇيىنچە ئوقۇتقۇچىلىققا قۇبۇل قىلىندى. نۆۋەتتە دوكتۇر بۇمەريەم مەكتەپنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا، ھەمدە كۆپ تۈرلۈك دۆلەتلىك ۋە مىنىستىر دەرجىلىك تەتقىقات تۈرلىرىگە ئېلتىماس سۇندى.
(ئۈچۈنجى سۈرەت بۇمەريەمنىڭ دوكتۇرلىقنى پۈتتۈرگەن ۋاقتى) ئەڭ ئاخىردا، بىز بۇ بىر جۈپ دوكتۇردىن بىلىم ئىگىلەشتە نىمىنىڭ مۇھىملىقىنى سۇرىغىنىمىزدا، ئۇلار «تېرىشچانلىق،ئەستايىدىللىق،ئىزچىللىق»نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. بىز مەرىپەت بېغىمىزدا بۇلارغا ئوخشاش گۈللەرنىڭ ئۈزلىكسىز ئېچىلىپ، مىللىتىمىز مائارىپ ساپاسىنىڭ ئۈسۈشىگە ۋە رايۇنىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قۇشۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز، ھەمدە بۇ بىر جۈپ ياش دوكتۇرنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەخىتلىك ۋە كىيىنكى تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشىغا تىلەكداشمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abida510 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-29 11:48 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 k3 ^9 F5 T5 S4 _4 [/ e0 ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ L2 a9 Q4 i6 d& Z' O' }
|