مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1319|ئىنكاس: 16

يارىتىش خۇدادىن،يارىلىش سەندىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2907
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16631
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2573 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 01:13:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارىتىش خۇدادىن،يارىلىش سەندىن
قاراخان
ئەلمىساق ئەزەلدىن ئىنساننى خۇدا،
ياراتقان چىرايلىق مەخلۇقات ئارا.
بىلدۈرگەن سىرلارنى بېرىپ ئەقىل دىت،
قىلمىغان ھەركىمنى تىلسىز ئات كالا.
تەقدىرسىز تەۋرىمەس قىل ياكى چېكىت،
جانلىق ۋە جانسىزلار ئاڭا مۇپتىلا.

تارغاقنىڭ چىشىدەك ئۆتكىن ئۆزئارا،
دىگەنغۇ رەسۇلمۇ ھەردەم ھەرۋاقىت.
ئىمارەت خىشى بول، بولغىن بىر بىنا،
ئەدەپلىك بول دىگەن ئۈممەت قىز يىگىت.
قۇرئاننى بىزلەرگە قىلىپ تۇتىيا،
قەدەمنى ئالماڭلار دىگەن ئاڭا زىت.

ئادەملىك قېنى سەن ،قېنى سەن ھايا،
كىم رايىش ،كىم ئاشقۇن كىم بولدى جەدىت.
كىمنىڭ بار قەلبىدە ھەق يولدىن زىيا،
كىم بەردى كىمگە قول، كىم كىمگە مۇرىت.
بوسۇغاڭ ئالدىدا قاينايدۇ زىنا،
زىيادە قولايلىق ،رەڭلىككەن مۇھىت.

يارىلىش تۇيغۇسى شەرتلىك فورمۇلا،
ھەركىمگە قايتا بىر يارالماق ئۈمىد.
ۋە لېكىن كىملەردىن يۇقتىكىن قارا،
ئادەملىك ھەر دەقىق چاقىدۇ چىگىت.
ئىناقلىق پايخان بوپ ئۆتەر دىل يارا،
بايرامدەك ئەمەستۇر بايرام يا ھېيت.

ئەقىلسىز ساقال- ئۇ بىر غېرىچ كۇلا،
ئادەمگە ئادەملىك بولسىدى تەقلىد.
ئۆتسىمۇ يىل ئەسىر ئىبرەتلىك ئېرا،
ئادەمگە باققىنى پۇرسەت شارائىت.
نىيەتلەر بولمىسا ھەر ئىشتا ئالا،
بالامۇ بولىدۇ بېشىڭدىن ساقىت.

باقساڭ سەن تەڭرىگە بىر كۆزدە غۇۋا،
ئۇمۇ ھەم باقىدۇ ساڭا نائۈمىد.
دىمىگىن زۇۋۇلام ئۈزۈلگەن چالا،
بولساڭمۇ تەقۋادار، قەلەندەر،زاھىد.
ياراتقان تەڭرىگە ئۈسمەيلى تولا،
ئۆزىنى تونۇغان ئىشىتمەس تەنقىت.

2014-يىلى 1-ئىيۇل


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32250
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3402 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 07:09:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇق ئاللاھ شۇنداق دىگەن،يارىلىشىڭنى مەن ياراتتىم،يارالمىشىڭنى ئۆزەڭ بىل.بۇ ھۆكۈمنىڭ مەنىسى بەك چوڭقۇر.بۇنى ئەلبەتتە چۈشۈنۈپ يىتىش كىرەك.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44261
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15887 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 07:19:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

«يارىلىش» دېگەن سۆزنى «يارالمىش» دەپ ئالغان بولسىڭىز
مەن تەھرىرلەي دېسەم ، لاتىنچە چىقۋىلىپ تەھرىرلىيەلمىدىم ..

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104918
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 936
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 08:55:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 07:09 PM
ئۇلۇق ئاللاھ شۇنداق دىگەن،يارىلىشىڭنى مەن ياراتتىم،ي ...

مەخەتجىنكا  ئاللاھ  نەدە  يارىتىشنى مەن ياراتتىم يارىلىشىڭ ئۆزەڭدىن دەپتۇ بىر دەلىل كەلتۈرىۋىتىڭە.

ئەگەردە سىزدېگەندەك بولىدىغان بولسا ئىسلامدا قەدەرىييە مەزھىپى (تەقدىرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان مەزھەپ› بىلەن جەبەرىييە مەزھىپى (ھېچ ئىشتا ئىنساننىڭ جۈزئى ئەركىنلىكى يوق ، ھەممە ئىشنى ئاللاھ ئالدىن ئالا بېكىتىۋەتكەن دەيدىغان مەزھەب) ئوتتۇرغا چىقماس بولغىيتى ؟

چۈنكى سىز دېگەندەك ئاللاھنىڭ مۇشۇنداق دېگەنلىكى ئېنىق بولىدىغان بولسا قەدەرىييە مەزھىپىنىڭ تۇتقان يولى توغرا بولۇپ جەبەرىييە مەزھىبىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوقتى .

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Bilim-humar + 39 دەلىللەر يېتەرلىك
abaytarim + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 49   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 10:26:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  شىئېر  بوپتۇ  قەلەم تۇلپارىڭىز  ھارمىغاي

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3323
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 10:47:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسىنى ..............................

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 11:33:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز ، تەشەككۈر ...

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8429
تۆھپە نۇمۇرى: 208
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 01:42:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 07:09 PM
ئۇلۇق ئاللاھ شۇنداق دىگەن،يارىلىشىڭنى مەن ياراتتىم،ي ...

«يارىتىشنى مەن ياراتتىم يارالمىشىڭ ئۆزۇڭدىن »
  دىگەننى بەزى ئالىملەر زەئىپ ھەدىس دىگەن .يەنە بەزى ئالىملار ساختا ئويدۇرما ھەدىس دىگەن .دىنى بىلىمى چولتا كىشىلەر بۇنى «ھەدىسقۇددۇس»دەرىجىسىگە كۆتۇرىۋالىدۇ .مەيلى ساختا دىسۇن ياكى ياكى زەئىپ دىسۇن بەرىبىر ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ .بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىڭ .ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇش ئىغىر گۇناھ .

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32250
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3402 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 01:45:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tiwep يوللىغان ۋاقتى  2014-8-30 01:42 AM
«يارىتىشنى مەن ياراتتىم يارالمىشىڭ ئۆزۇڭدىن »
  دىگە ...

توغرا يول كۆرسەتكەنلىرىگە رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32250
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3402 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 02:29:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزدىل يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 08:55 PM
مەخەتجىنكا  ئاللاھ  نەدە  يارىتىشنى مەن ياراتتىم يارى ...

توغرا يول كۆرسەتكەنلىرىگە رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش