ئەسسالامۇئەلەيكوم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق قىرىنداشلار ھەممىڭلارغا پىقىر ئىلىيار خۇدابەردىدىن ئوتلۇق سالام!
ئۇزۇندىن بىرى خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەپلىك مىسرانىم مۇنبىرىگە كىرىپ بولالمىدىم،مەن بۈگۈن ئۆزۈم يىڭىدىن ئوقۇغان ئىنگىلىزچە ناخشامنى (ئىجادىي ناخشا ئەمەس ،قايتىلاپ ئوقۇلغان ناخشا ) ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم،بارلىق مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن! tired of being sorry ناملىق بۇ ناخشا بولسا خەلقىئارالىق ناخشىچى Enrique iglesias نىڭ 2007-يىلى ئىلان قىلغان INSOMNIAC پىلاستىنكىسىدىكى ئاساسلىق ناخشىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كۆپ قىتىم چىمپىيونلۇققا ئىرىشكەن،Enrique Iglesias مۇ دىيارىمىزدىكى خېلى كۆپ قىسىم ناخشا مەستانىلىرىغا ناتونۇش ئەمەس،Enrique Iglesias كۆپ قىتىم گىرەممىي مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ناخشىچىدۇر!
مەنمۇ Enrique Iglesias نىڭ ناخشىلىرىغا بەك ئامراق شۇڭا مۇزىكىسىنى ئۆزۈم ئاكورتلاشتۇرۇپ ئوقۇپ باقتىم،مەقسىدىم ئاز تولا تەجىرىبە يەكۈنلەشتۇر!
مەن ئادەتتە ئىنگىلىزچىنى كۆپ ئىشلەتمىگەچكە بۇ ناخشىدا كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىم چوقۇم كۆپ تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!!
بۇ ناخشامنىڭ قاپاق گىتتارىنى قەشقەر دىيارىدىكى تالانتلىق گىتتار ماھىرى ئىنىمىز مىرسالىجان چالغان.
ئىلىكتىرونلۇق گىتتارنى ئۈرۈمچى ھايات چايخانىسىدا ئىشلەۋاتقان دوستۇم سابىر چالغان.
باس گىتتار،ئاكورتلاشتۇرۇش ،ئۈنۈملەش،ماستىر قىلىش ۋە ناخشا ئاكورتلارنى مەن تاماملىغان!
بۇ ناخشامنىڭ مۇزىكىسىنى مەن ئۆتكەن يىلى 9-ئايلاردا پۈتكۈزگەن،ئارلىقتا باشقا ئىشلار ۋە ئالدىراشچىلىق سەۋەپلىك ئۈنۈملەشكە ۋە ناخشىنى ئوقۇشقا ئىمكان بولمىغان ئىدى،بۇ قىتىم ئوقۇپ ۋە ئۈنۈملەپ پۈتكۈزدۈم،شۇنداقلا كۆپلىگەن كەسىپداشلار ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرى ئاساسىدا قايتا-قايتا ئۈنۈملەش ئارقىلىق (تەخمىنەن 70نەچچە قىتىم) ھازىرقى ھالەتكە كەلدى،بارلىق مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مىسرانىم مۇنبىرى ئونۋىرسال مۇنبەر بولغاچقا بۇ مۇنبەردە ھەرخىل پىكىر ۋە ھەرخىل قاراشتىكى تورداشلىرىمىز بار،شۇنداقلا مەدەنىيەت ساپا ۋە دۇنيا قاراشلاردا زور پەرقمۇ مەۋجۈت،گەرچە ئوخشىمايدىغان قاراشتا بولساقمۇ ئەمما ھەمىمىزنىڭ يىلتىزىمىز بىر،شۇڭا بۇ ناخشامغا نىسبەتەن قانداق پىكىرلىرىڭلار بولسا تارتنماي ئوتتۇرغا قويۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن،ئورۇنلۇق تەكلىپ ۋە تەنقىدلەرنى چوقۇم قوبۇل قىلىمەن!!
مەن ئەسلى بۇ ناخشىنىڭ تىكىستىنى ئۇيغۇرچە يوللاپ قويغۇم بار ئىدى ،ئەمما ناخشا تىكىستى تەرجىمىسىگە بولغان بىلىم قۇرۇلمامنىڭ يىتەرسىزلىگى تۈپەيلى يوللىيالمىدىم،مۇشۇ مۇنبەردىكى بۇ جەھەتتە بىلىمى بار تورداشلارنىڭ ئىغىر كۆرمەي تەرجىمىسىنى يوللاپ قويۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن!!!
بۇ ناخشىنى شىيامى تورىدىن ئاڭلىماقچى ياكى باشقىلارغا ھەمبەھىرلىمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىستىن ئاڭلاڭ!
http://www.xiami.com/album/1508726206?spm=a1z1s.6632057.350708709.7.yMCkdz
ياكى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن ئاڭلاڭ!
http://5sing.kugou.com/fc/13288663.html
ئەگەر ناخشا ئاۋازى ۋە ئاكورت ئاۋازلارنى ئايرىم ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مەن قالدۇرغان شىيامى تور ئادىرىسىدىكى 2-ناخشىنى ئاڭلاڭ ياكى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن ئاڭلاڭ!
http://5sing.kugou.com/fc/13290222.html
بۇ ناخشام توغرىسىدا باشقا تەپسىلاتلارغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىسنى زىيارەت قىلىڭ!
http://www.makanmusic.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4785
http://i.xiami.com/eliyarmusic?spm=a1z1s.6632057.350708669.1.0pKRYa
http://5sing.kugou.com/11201027/default.html
بۇ ناخشىنىڭ تىكىستى تۆۋەندىكىچە؛
I don't know why
我不知道为什么
You want to follow me tonight
你昨天晚上想要和我一起走
When the rest of the world
当世界休息的时候
With whom I've crossed and I've quarreled
和一个我曾经了解,曾经吵过的人
Let's me down so
就让我这样下去
For a thousand reasons that I know
为了一千个我知道的理由
To share forever the unrest
分享永久的动荡
With all the demons I possess
和所有我拥有的恶魔
Beneath the silver moon
在银色的月亮下
Maybe you were right
也许你是对的
But baby I was lonely
可是亲爱的我很孤独
I don't want to fight
我不想打架
I'm tired of being sorry
我已经倦于说抱歉
???
With all the vampires and their brides
和所有的吸血鬼还有他们的女友
We're all bloodless and blind
我们都是没有鲜血的失明者
And longing for a life
渴望一段生活
Beyond the silver moon
穿越银色的月亮
I'm standing in the street
我站在街上
Crying out for you
叫喊着你的名字
No one sees me
没有人看见我
But the silver moon
只有银月亮
So far away - so outer space
如此的遥远,如此越过宇宙
I've trashed myself - I've lost my way
我破坏着自己,我迷路了.
I've got to get to you
我需要得到你
ئىلىيار مۇزىكا سىتودىيەسى ئۈندىدار سالونىمىزغا قوشۇلۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن،سالونىمىزغا ھازىرغىچە 27پارچە مۇزىكا ۋە مۇزىكا ئۈنۈملەشكە ،ئۈن ئىلىشقا دائىر ماقالىلەر يوللانغان دوسلىرىمىزغا ياردىمى تىگىدۇ!
شۇنداقلا ئىلىيار مۇزىكا سىتودىيەرىمىزمۇ سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
ئۈندىدار سالونى ئىزدەش ئادىرىسىمىز؛
Eliyar Music Studio
ئىلىيار مۇزىكا سىتودىيەرىمىزنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىسنى زىيارەت قىلىڭ!
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz= ... b2bbc86eb0dcdbbd#rd
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلارغا اللاھتىن تىنىچ-ئامانلىق تىلەيمەن!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-29 03:47 PM