مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6482|ئىنكاس: 50

NASA:يۇپىتېر ھەمراھى «ياۋروپا» دا ھاياتلىق بار بولۇشى مۇمكىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 09:51:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇپىتېر ھەمراھى «ياۋروپا» دا ھاياتلىق بار بولۇشى مۇمكىن

    بىلىمخۇمار
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى


ئىلىم-پەن ئىنقىلابىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان ئىتالىيىلىك ئالىم گالىلىي 1610-يىلى ئۆزىنىڭ تېلېسكوپى بىلەن قۇياش سىستېمىسىدىكى 5-پلانېتا يۇپىتېرغا قارىغاندا، يۇپىتېرنىڭ ئەتراپىدا 4 تال چېكىتنى بايقايدۇ. بۇ 4 تال چېكىت ئەسلىدە يۇپىتېرنىڭ 67 دانە ھەمراھى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ 4 ھەمراھى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى «ياۋروپا» (Europa) دەپ ئاتىلىدۇ.

بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 مىليون كىلومېتىرغا يېقىن كېلىدۇ. يۇپىتېرنىڭ «ياۋروپا» دېگەن ھەمراھىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى بولسا 800 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ. «ياۋروپا» نىڭ بىر قانچە كىلومېتىر كېلىدىغان، پۈتۈنلەي مۇزدىن تۈزۈلگەن پوستى بار بولۇپ، ئاشۇ پوستىنىڭ ئىچىگە سۇ دېڭىزى جايلاشقان. «ياۋروپا» نىڭ سۈيىنىڭ مىقدارى يەر شارىدىكى سۇ مىقدارىدىنمۇ كۆپرەك بولۇپ، «ياۋروپا» دىكى سۇ دېڭىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى يەر شارىدىكى دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن 10 ھەسسە چوڭ ئىكەن.

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلانېتا.

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: يۇپىتېرنىڭ ھەمراھى «ياۋروپا».

3-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم: «ياۋروپا» دىكى سۇ مىقدارى بىلەن يەر شارىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ سېلىشتۇرمىسى. «ياۋروپا» دىكى سۇنىڭ مىقدارى دىئامېتىرى 1754 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر شار (يۇقىرىدىكى رەسىمدىكى چوڭ كۆك-شار) غا، يەر شارىدىكى سۇنىڭ مىقدارى بولسا دىئامېتىرى 1384 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر شار (يۇقىرىدىكى رەسىمدىكى كىچىك كۆك شار) غا توغرا كېلىدۇ.

4-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم: «ياۋروپا» ئاي شارىدىن سەل كىچىكرەك.


«ياۋروپا» نىڭ دىئامېتىرى 3122 كىلومېتىر، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 160 سېلتسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئۇنىڭ تارتىش كۈچى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ 13.4 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ناھايىتى نېپىز ئوكسىگېن ئاتموسفېراسى بار.

گەرچە «ياۋروپا» نىڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئۇ يۇپىتېرنى ئوربىتلاش جەريانىدا، يۇپىتېرنىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى بىلەن ئۇنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل ئىسسىقلىق پەيدا بولۇپ، ئاشۇ ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچى توڭلاپ قالمايدۇ. «ياۋروپا» نىڭ پوستىنىڭ ئىچىدە ئاكتىپ ۋولقانلارمۇ بار بولۇشى، ھەمدە ئاشۇ ۋولقانلارنىڭ ئېغىزىدا يەر يۈزىدىكىدەك باكتېرىيىلەر بار بولۇشىمۇ مۇمكىن.

«ياۋروپا» دا ھازىرغىچە بىرەر ھاياتلىق بايقالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەك بولغان مۇھىم نەرسىلەردىن سۇ، ئېنېرگىيە ۋە ئورگانىك خىمىيىلىك ماددا قاتارلىقلار بار. بەزى ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، «ياۋروپا» دىكى سۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىگېن 3 مىليون توننا ئېغىرلىقتىكى بېلىققا ئوخشاش جانىۋارلارنى بېقىشقا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. باشقا ئالىملار «ياۋروپا» دا مىكروبتىن باشقا جانلىقلار يوق بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

NASA ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلغان 2015-يىللىق خامچوتنىڭ ئىچىدە «ياۋروپا» نى تەكشۈرۈش پىلانىمۇ بار. ھازىرغىچە ئويلاشقان تۈرلەردىن مۇنداقلىرى بار: (1) بىر ئالەم ئۇچقۇرى «ياۋروپا» نىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈش. (2) «ياۋروپا» غا بىر ئالەم ئۇچقۇرىنى ماڭدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق «ياۋروپا» نىڭ ئوربىتىسىغا بىر قانچە كىچىك سۈنئىي ھەمراھلارنى قويۇپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق «ياۋروپا» نىڭ يۈزى ھەققىدە بىر قىسىم تەجرىبىلەر ۋە تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش. ھازىرقى مۆلچەرچە ئاشۇنداق تەتقىقات تۈرىگە كېتىدىغان پۇل 2 مىليارد دوللاردىن ئازراق بولۇپ، بۇ پۇل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا تەتقىقاتلارغا خەجلەيدىغان پۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاز پۇل ھېسابلىنىدۇ.

بىر ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ «ياۋروپا» نىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئۈستىدە جانلىق بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولمىسىمۇ، ئالىملار بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئىشنى چوقۇم ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا.


قوشۇمچە: ھەرگىز كىيىمىگە قاراپ بىر ئادەمگە باھا بەرمەڭ


ئامېرىكىدا ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ كىيىمىگە قاراپ، ئۇ ئادەمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە باھا بەرگىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ بىزنىڭ ئىدارىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەر كۈنى ئىشقا كۆك رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنى (jean) كىيىپ كېلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ئەرلەر ساقال قويۇۋالىدۇ. ئاق تەنلىك ئەرلەر ئىچىدە چېچى رەتلىك تارالغان كىشىلەرمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس. مەن بۇرۇتىنىڭ يېرىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ كېلىدىغان بىر خادىمنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمەن.

يېقىندا مەن تەۋە بولغان باشقارمىغا يېڭىدىن بىر مۇئاۋىن باشلىق كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى جېيمز (James) بولۇپ، بىزنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىمىزنىڭ دېيىشىچە ئۇ كىشى «يۇلتۇزلار ئۇرۇشى» (Star War) دېگەن كىنونى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا جېيمز بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشماقچى بولۇپتىكەن، باشلىقىمىز قىزىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن، بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى ھەر بىر ئادەمگە «يۇلتۇزلار ئۇرۇشى» دېگەن كىنودىكى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىنى قويۇپ قويدى. ھەمدە بىزدىن جېيمزگە ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرغاندا ئاشۇ يېڭى ئىسمىمىز بويىچە تونۇشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گۇرۇپپا يىغىنىنىڭ باشلىنىش قىسمىدا ھەقىقەتەنمۇ بىر قېتىم قىزىقچىلىق بولدى.

بىزنىڭ ئىدارىدە ھەممە ئادەملەرنىڭ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغان گۇرۇپپا يىغىنى، باشقارما يىغىنى، ياكى پۈتۈن ئىدارىنىڭ يىغىنى يوق. يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئىختىيارىي قىلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ مەجبۇرلانمايدۇ. كىچىك بۇش ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چەنىي بىزنىڭ ئىدارىگە كەلگەن ئىدى، 5000 خادىمى بار بىزنىڭ ئىدارىدىن ئۇنى كۆرگىلى چىققانلارنىڭ سانى مېنىڭ مۆلچىرىمچە 300 كىشىگىمۇ بارمىدى.

مۇشۇنداق بولغاچقا، بىر باشقارمىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەرمۇ ئۇزۇن مۇددەت بىر-بىرىمىزنى كۆرمەي ئۆتىمىز. مەن ئۆزۈمنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىنى ئەڭ كۆپ بولسا بىر ئايدا بىرەر قېتىم كۆرىمەن. قالغان ۋاقىتتا ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق سۆزلىشىمەن. بىر چوڭ تەتقىقات تۈرىنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن «تەتقىقات ئېلېمېنتى» (project elements) بار بولۇپ، بۇنداق تەتقىقات ئېلېمېنتلىرىنىڭ يىغىنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق يىغىنلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاتنىشىشقا تىرىشىمىز. 8-ئاينىڭ 25-كۈنى بىزنىڭ باشقارما ھەممە ئادەملەرنى بىر-بىرى بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئىش ۋاقتىدا ھەممەيلەننى بىر چوڭ زالغا يىغىپ، بىكارغا تاتلىق سوغۇق يېمەكلىكلەر تارقاتتى. شۇ چاغدا باشقارمىنىڭ ھېلىقى مۇئاۋىن باشلىقى جېيمز ئۆزگىچە كىيىنىۋاپتۇ. يەنى ئۇ ياۋروپالىقلارنىڭ بۇرۇنقى زامانلاردىكى كىيىملىرىدىن بىر قۇر كىيىۋاپتۇ. ماڭا بۇ ئىش قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر پارچە رەسىمگە چۈشىۋالدىم (5-رەسىم). جېيمز خىزمەتكە داۋاملىق ئاشۇنداق رەڭگارەڭ، ئۆزگىچە كىيىنىپ كېلىدىكەن. ئەگەر سىز ئۇنى كوچىدا كۆرسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئۇنى NASA نىڭ بىر چوڭ مەركىزىگە تەۋە بولغان بىر باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دەپ ئويلىمايسىز.

5-رەسىم

5-رەسىم

5-بىزنىڭ باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېيمز بىلەن 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشكەن رەسىم.


پايدىلىنىش ماتېرىيالى:


Jupiter’s Icy Moon Europa: Best Bet for Alien Life?
http://www.space.com/26905-jupiter-moon-europa-alien-life.html  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-29 11:16 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5661
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1396 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 10:11:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ كىيگەن  چوڭ گۈللۈك كۆينىكىمۇ ئامرىكىچە ئىكەن.

يارىشىپتۇ.

قول ئىلىشىپ كۆرۆشۈش قونچاق رەسىمى يوقكەن. ھىچقىسى يوق.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1997 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 10:30:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            تاشقى پىلانىتتا ھاياتلىق بارمۇ يوق دىگەن مەسىلە بەزىلەر ئۈچۈن قىممىتى بار بەزىلەر ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى .لىكىن نىمىلار بولسۇن ئىنساندا تەپەككۈر ۋە ئىزدىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى بۈگۈنگە قاراپ كىلەلىدى .
            بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىگىلىك رايونىدىكى قىرىنداشلارغا دىڭىزنىڭ چەتتىدىكى بىلىم ۋە مەدىنيەت ،ئىلىم-پەن خەۋەرلىرىدىن تىنماي خەۋەردار قىلىپ تۇرىغىنىىزغا رەھمەت ئاكا! ۋاقتىڭىز چىقسا ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى روھى زائىپلىشىش ،ماگىنىت مەيدانى يوقىتىپ ،نىشانىنى تاپالمايۋاتقان ئۇيغۇر جەمىتى توغرىسىدا بىر پىكىر يۈرگۈزۈپ بىقىشىڭىزغا قارايمەن .تېمىللىرىڭىز ھەرۋاقىت نەزىرىمدا ئاكا!

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109395
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 10:40:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىلىرىڭىز  ھەقىقەتەن ياخشى جۇمۇ ئەركىن ئاكا !
ئاۋۇ قوشۇمچە يازغان خىزمەت ئىشلەش ئەھۋالىڭلارنى ئوقۇپ راستىنلا  مەسىتلىكىم كىلىپ قالدى . نېمە دىگەن ئەركىن ،نېمە دىگەن تەبئىيلىك ھە ! خىزمەت دىگەننى ئاشۇنداق شەكىلۋازلىقتىن يىراق تۇرۇپ ، ئازادىچىلىك ئىچىدە ھەممە كىشى ئۆزىنى ئۆزى بىلىپ ،مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلسا ،تىنماي  تىرىشىچانلىق كۆرسىتىۋەرسە ياخشى نەتىجىلەر ئارقا -ئارقىدىن مەيدانغا كىلىدۇ ئەمەسمۇ !
تېتىملىق يازمىللىرىڭىزنى  ئۈزۈپ قويمىغايسىز !

تېخىمۇ تاكامۇللىشىش ئۈچۈن ئۆگەن ،ئالغا باس!

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355826
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3049 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 10:41:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنۇس 160 سېلسىيە گرادۇس دېگەن يېرىدىكى مىنۇس چۈشۈپ قاپتۇ غوجام .. .
سۈف~

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 10:47:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ تىمىلىرىدىن نۇرغۇن ئۇقۇملارغا ئىگە بولدۇم ، ئۇتۇقلار تىلەيمەن .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11545
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 506 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 11:18:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى بايقاش ! تەتقىقات-خىزمەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن !
بىزنى يېڭى-يېڭى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر !
ھارمىغايسىز ...

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 11:18:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىنكام ئا كۆينەكتە ھېلىقى ماشىنا بۇلاش ئويۇنىدىكى  لۈكچەككە ئوخشاپ قاپتۇ.     كىمنى كۆرسە ئۇرۇپ ماشنىسىنى تارتىۋالدىغان     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9721
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1823 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 11:20:10 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىكەن…!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20211
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1688 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 11:26:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە بىلىمخۇمار ئاكا.،ئېسىل تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش