مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4780|ئىنكاس: 27

لەۋسۇرۇخ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96756
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2842
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2013-8-5
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 09:53:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

لەۋسۇرخ


ئۇمۇن


(ھىكايە)



قۇياشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرى بۇلۇتلارنى قۇچاقلاۋاتقاندا چوڭ يول بويىدىكى تېرەك ياپرىقى شامال بىلەن سۆيىشىۋاتاتتى.تار ۋە گۇڭگا كوچىنىڭ چىگىشلىنىپ كەتكەن ئېلىكتىر سىملىرى ئۈستىدە بوينىدىن تا قۇيرۇقىغىچە قارا سىزىقى بار ئاق كەپتەر يەنە بىر ئېلىكتىر تۈۋرىكىگە قونغان پۆپەك پايپاقلىق كۆك كەپتەرگە قاراپ قانات قېقىۋاتاتتى.يېڭى ياتقۇزۇلغان ئاسفالىت  يامغۇر ياغسا ھوشۇققىچە لايغا پاتىدىغان ئەگرى كوچىغا خىلى يارقىن تۈس بەرگەنىدى.بۇ يەردە ئەسلى ئاسفالىت يوق ئىدى ئالەم بىنا بولغاندىن تا ھازىرغىچە توپىغا چىلىشىپ ياتقان بۇ تۇپراقتا ئاسفالىت يوق ئىدى. ئاسفالىت ياتقۇزۇلغان شۇ كۈن بۇ كوچىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مەنىلىك بىر كۈن بولسا كېرەك،بىراق ئۇ ھاياتىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشنى مەڭگۈ  ھېس قىلالمايدۇ.ئەمما بىز ھەرقانداق نەرسىنىڭ بىزنى ئۆزگەرتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.مانا بۇ خىل ھېس قىلىشىڭ ئۆزى كىشىگە چىدىغۇسىز ئازاپ ۋە قايغۇلارنى تۆكۈپ ئۆتىدۇ.
ۋېلىسپىتنىڭ ئادەمنى سەسكەندۈردىغان چىقىراق ئاۋازىدىن قېچىپ يولنىڭ ئوڭ يېقىغا قەدىمىمنى ئاتتىم.چاچلىرى قاردەك ئاقارغان ئاق كۆينەكلىك بوۋاي گۆش سېلىنغان خالتىنى ۋېلىسپىتنىڭ تورمۇزىغا ئاسقىنىچە يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.تار كوچىنىڭ سول يېنىدىكى قىزىل سىرلانغان دەرۋازىدىن كىرگىنىمدە لىققىدە تېرىلغان ھال رەڭ نامازشامگۈلى ۋە يەردىكى قارا ئۇرۇقلار كۆزۈمگە چېلىقتى.كۈز كەپتۇدە، دىگەن خىيال بىلەن چايخانىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم.چايخانىغا سېلىنغان ئەسكى يۇڭ كىگىز ،قاچا قويىدىغان ياغاچ ئىشكاپنىڭ تۆپىسىدىكى قارا ساندۇق،پۇتۇمنىڭ يىنىدىكى مىس رەڭ چۆگۈن پۈتۈن چايخانىدىكى كۆزگە ئەڭ چىلىقىدىغان بويۇملار ئىدى.سەۋەپسىزلا ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە چايخانا ئىشىكىنىڭ قارشىسىدىكى كىچىك ئۆيگە كىرىپ ئوتۇن يارىدىغان پالتىنى ئالدىمدە باياقى ياغاچ ئورۇندۇققا يەنە كىلىپ ئولتۇردۇم.قويۇن يانچۇقۇمدىن قەلەيدىن ياسىتىۋالغان تاماكا قېپىمنى ئېلىپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردۇم.كېچىنىڭ سالقان ھاۋاسى ئىككى تال تۈگمىسى ئېچىۋىتىلگەن كۆينىكىمنىڭ ئىچىگە كىردى.ئويلۇغۇم يوق نەرسىلەرنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ دىققىتىمنى چىچىشقا ئۇرۇنساممۇ پەنجىرە پەردىسىنى ئويناۋاتقان شامال دىققىتىمنى مەلۇم بىر نۇقتىغا يىغىش ئۈچۈن ھەركەتلىنەتتى.دىققىتىمنى يانالا ئىلىپ قاچاتتىم يۇ پەنجىرىنىڭ ئاق پەردىسى  چايقىلىپ خىيالار قوينىغا ئاجىز كاللامنى چۈمكەپ قوياتتى.
پەردىنىڭ ئۇسۇل ئويناۋاتقاندا يىنىك كۆتۇرىلىشى ئۆي ئىچىنى غۇۋاغىنا كۆرسۈتۇپ  ئۆتەتتى.تويدىن ساق بىر يىل كىيىن ئالغان مىس رەڭ ساندۇقنىڭ ئۈستىدىكى يوتقان-كۆرپىلەر كۆزۇمگە چىلىقتى.
توي كىچىسى يىپىنغان يوتقاننىڭ قول كەشتىللىرى جىلۋىسىنى تىخىچە يوقاتمىغان ئىدى.لىكىن مۇھاببىتىمىزنىڭ جىلۋىسىنى بارا-بارا سۇسلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.مۇھاببىتىمىزنىڭ سۇسلاشقىنى ئۇنىڭ ماڭا تەۋە ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنىڭمۇ سۇسلاشقىنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ئەلۋەتتە.بىراق تەۋە بولغۇچى بىلەن ئىگىدارلىق قىلغۇچى ھەر ئىككى تەرەپ بۇ ھەقىقەتنى ئېتراپ قىلغاندا ئاندىن بۇ ھەقىقەت كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
يوتقاننىڭ شەھۋانىي ھالىتىدىن ئايالىمنىڭ يوتقاندىكى ھالىتىنى خىيالىي تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدىم.پۇشۇلداپ نەپسىنى يۇزۇمگە ئۇرغان چاغدا چاچلىرىنى قانغۇدەك پۇرىغۇم كىلەتتى.بىراق ئۇنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان قىزغىنلىقى بارا-بارا سۇسلاۋاتاتتى.قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلىشىشى ئەركەكلىكىمنىڭ ئۇنى تولۇق رازى قىلالمىغانلىقىدىنمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.ئەركەكلەر ئاياللىرىنى رازى قىلالمىسا بۇنداق ئاياللارنىڭ تالاغا قاراش نىسپىتى چوڭ بولىدۇ دەپ قەيەر بىريەردە ئوقۇغىنىم ئېسىمدە ياكى بۇنى ئاغىنىلەرنىڭ پاراڭلىرىدىن ئاڭلىۋالغاندىمەن.بىراق ئويلىغىنىمدەك ئۇ راسلا ئۆزگۈرىۋاتاتتى.تۈنۈگۇن تېخى ياتاق ئۆيدىكى قارا ئىشكاپتىن لەۋسۇرۇخ تېپىۋالدىم.تويدىن كىيىن ئۇنىڭ لەۋسۇرۇخ ئىشلەتكىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.ھازىرغىچىمۇ كۆرۇپ باقمىدىم.مانا بۇ ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال.ئۇنىڭ لەۋسۇرۇخ سۈرگەن ھالىتىنى مەن كۆرمىسەم كىم كۆرىدىغاندۇ؟ئۇ قايسى چاغدا لەۋسۇرۇخنى سۇرۇپ كىم بىلەن كۆرىشىدىغاندۇ؟كاللامدىن ھىچبىر مەنتىقىلىق  سەۋەپ نەتىجە ھاسىل قىلالمىدىم.لەۋسۇرۇخ سۈرگەن ھالىتىنىڭ ماڭا ئۇچۇرماسلىقى مېنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتىم بولماي نىمە؟ئۇ لەۋسۇرۇخنى ماڭا ئەمەس باشقا بىرسى ئۈچۈن سۈرىدۇ.دىمەك ئۇنۇڭ مەندىنمۇ مۇھىم بىر يېقىنى بار.
قولۇمدىكى تاماكا ئاللا بۇرۇن كۈلگە ئايلىنىپ كىتىپتۇ.كاللامدا يەنا لەۋسۇرۇخ ئايلىنىپ يۇرەتتى.دېرىزە پەنجىرىسىدىكى ئاپئاق پەردە ئۈستىدە غىل پال لەۋسۇرۇخ ئىزىنى كۆرگەندەك بولدۇم.لەۋسۇرۇخ ئىزى بارا-بارا كېڭىيىۋاتاتتى .ئاۋۋال پەردىنى ئاندىن پەنجىرە بارا-بارا ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالدى.لەۋسۇرۇخ مەن تەرەپكە قاراپ چوڭىيىپ  كېلىۋاتاتتى.پۇتكۈل چايخانا،ياغاچ ئورۇندۇق ۋە مەن لەۋسۇرۇخنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق.تويۇقسىز لەۋسۇرۇخ قايتىدىن كىچىكلەشكە باشلىدى كىچىكلىگەش توختىماي يۈگرەۋاتاتتى يۈگرىگەنچە كىچىكلەۋاتاتتى.ئۇ يۈگرىگەن جاينىڭ ھەممىسىگە لەۋ سۇرۇخ ئىزى بىسىلىپ ماڭاتتى.يوللار،ناماششەم گۇلى،چىراق،يوتقان ھەممە يەرگە لەۋسۇرۇخ ئىزى بىسىلدى بارا بارا لەۋسۇرۇخ كارۋات تەرەپكە قاراپ مىڭىشقا باشلىدى.كارۋاتتا چىرايىنى ئىنىق كۆرگىلى بولمايدىغان بىراق بەدىنى قاۋۇل بىرى ياتاتتى.لەۋ سۇرۇخ ئۇنۇڭ كۆينىكىنىڭ ياقىسىغا كىيىن بوينىغا ئاندىن لىۋىگە بىسىلدى.
بىشىم ئىككى قولۇمدىن چۈشۇپ كەتكىنى ئۈچۈن مۈگۈدەپ قالغان جايىمدىن ئۇيغۇنۇپ كىتىپتىمەن.باياقى چۈشۈم بىلەن قوشۇلۇپ لەۋ سۇرۇخ كاللامدا تېخىمۇ سىرلىق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.ئاياللارنىڭ نىمە ئۈچۈن لەۋسۇرۇخ سۇرىدىغانلىقى كاللامدىن ئۆتمەيتتى.بىراق ئۇنۇڭ قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلەتتىم.ئۇلاردىكى مەقسەت بىلەن تاللىغان ئۇسۇل ھەقىقەتەن قىززىقارلىق ئىدى.ئەركەكلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن لەۋسۇرۇخ سۈرەتتى يۇ لەۋسۇرۇخنىڭ باشقىلارغا نىسبەتەن قانداق گۈزەللىك بىرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى.بەلكىم لەۋسۇرۇخ بىلەن لىۋىمنى غۇنچىدەك قىلۋالسام ئەرلەرنىڭ مىنى سۆيگۈسى كىلىپ دىققىىتىنى ماڭا بىرىدۇ دەپ ئويلىشى مومكىن.بۇ ئاياللاردىكى تىپىك شەھۋەت خىيالى بولماي نىمە؟
بۇ چاغدا شەپەقنىڭ قىزىل نۇرى  كىچىنىڭ سۈرلۈك قارا رەڭگىگە ئورۇن بوشاتقان بولۇپ پەقەت كوچا چىرىقىنىڭ ھويلىغا چۈشكەن سۇس نۇرى بىلەن كۆز ئالدىمنى غۇۋا ئىلغا قىلغىلى بولاتتى.كاللامدا يانا ھىلىقى لەۋسۇرۇخ ھۆكۇم سۇرىۋاتاتتى.نىممە ئۈچۈنلۈكىنى بىلمەيمەن توغرىسى بىلگىممۇ يوق مەيدەمنىڭ ئاستىدىكى كەڭ بىر بوشلۇق ئاچچىق گازغا تۇنجۇقتۇرغان بۇرۇندەك ئىچىشىشقا باشلىدى.
ئۇ مىنىڭ مۇھەببىتىمدىن قۇسۇر تاپالمايىتتى،مەن بولسام ئۇنۇڭدىن مىنى ياخشى كۆرىدىغىنىغا ئائىت دەلىل تاپالمايىتتىم.بەلكىم سەۋەپ تاپالمايىتتىم دىسەم تىخىمۇ ئورۇنلۇق بولىدىغاندۇ؟بەلكىم ئۇ مىنى قانداقلارچە ياخشى كۇرۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپ ئىچىنغاندۇ؟!ئىچىنىشىنى خاتالىق دەپ كىسىپ ئىيىتالمايمەن.ئەگەر بىر كۈنلەر كىلىپ ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۇپ قالسام  ئۆزمگە ئىچىنغان بولاتتىم.بەلكى ئىچىنماسلىقىم مومكىن،چۈنكى ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۇپ قالغان چاغ چوقۇم ئۆزۈمنىڭ ئۆلچۈمىگە ئۆزۈمنىڭ يەتكەن چىغى بولىشى مومكىن.ئۇ چاغدا باشقىلارنىڭ مىنى ياخشى كۆرۇپ قىلىشىغا ياكى ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۇپ قىلىشىغا نىسبەتەن ئىچىنىش كەلىمىسى ئارتۇقچە بولاتتى.ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە نىمىگە ئىچىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.بىراق ھاياتىمدا ئىچىنىش كەلىمىسى  كىچىك سالماقنى ئىگىلىمەيدۇ.بەلكىم كاتتا ماشىنا،ئىسىل داچا ياكى مۇۋاپىقيەت قازانغان خىزمەت تۇرمۇشى بولغان كىشى ياكى كۈندە مەھەللىمىزدىن ئۆتىدىغان ئەسكى تۈسكە يىققۇچى ئۆزىدىن ئىچىنماسلىقى مومكىن.ئەسكى تۈسكە يىققۇچىنى قىتىۋىلىشىمدىكى سەۋەپ ئۆتكەندە ھىچقانداق دەردىم يوق دەپ مەغرۇر كۈلگەن ھالىتى كۆز ئالدىمغا كىلىپ قالدى.دەردىم يوق دىگەن ئادەمدىن ئۆزىدىن ئىچىنىشنى كۈتۈش بىمەنىلىك ئەمەسمۇ؟
مىنىڭ نىمە دەردىم بارلىقىنى بۈگۈنگىچە ئويلاپ باقماپتىمەن.ئۆزمدىن دەردىم نىمە دەپ سوراپمۇ باقماپتىمەن.ئۇنداقتا مىنىڭ دەردىم نىمە؟
.ئايالىمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان خىزمىتى ۋە گۈزەللىكى نىمە ئۈچۈن مىنىڭ ھاياتىمنى بىر تىنغا ئەرزىمەس قىلىپ قويىدۇ؟!كاللامغا  چاقماق تىزلىكىدە كەلگەن بۇ سوئالدىن ئەندىكىپ كەتتىم.سوئالىمغا بىرىلگەن ھەرقانداق جاۋاپ جاۋاپسىزلىقتىن ئادىل ئەمەس ئىدى.جاۋاپلارنىڭ ھەرقاندىقىغا تۈگۈمەس مەسخىرە ۋە  ئاچچىق رىئاللىقنىڭ كۆمۈلگەنلىكىنى بىلەتتىم. ئايالىمغا بىرنىمە دىيەلىشىم مومكىن ئەمەس ئىدى.توغرسى دىيەلمەيتتىم.بۇ جۈرئەتسىزلىكتىن ئەمەس بەلكى دىيىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىدىن ئىدى.
بۈگۈنكىدەك  لەۋسۇرۇخنى باشقىلار  ئۈچۈن سۈرگۈدەك ھالغا كەلگەندە نىمىمۇ دىيەلەيمەن.ئۇنۇڭ ئاياللىق نازاكىتىدىكى مۇۋاپىقىيەت ئەرلىكىمدىكى جاسارەتكە پارازىت ئىدى.ئۇ قانچە ئىلگىرلىگەنسىرى مەن شۇنچە چىكىنەتتىم.ئۇنىڭ مۇۋاپىقيىتى مىنىڭ مەغلۇبىيىتىم بولاتتى. پارلاق  نۇقتىنىڭ يىنىدا ئاجىز يورۇقلۇق ئەلۋەتتە كۆزگە چىلىقمايدۇ.مانا مەن ئاشۇ چىلىقماسلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتاتتىم.بۈگۈنگە كىلىپ ئۇ لەۋسۇرۇخنى باشقىلارغا سۈرۇپ بىرىۋاتقاندا بولسا مەغلۇبىيىتىم ئەرلىك غورۇرۇمغا تەسلىم بولۇش توغۇرسىدا ۋەز ئىيتىۋاتاتتى.نىمىنى خاتا قىلغانلىقىم ئۈستىدە ئويلىنىشنى ھاجەتسىزدەك ھىس قىلدىم.چۈنكى مەن ھىچنىمە قىلالمىغان ئىدىم.ئەلۋەتتە ھىچنىم قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن خاتا قىلىشنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ماڭا نىسبەتەن بەرىبىر ئىدى.خاتا قىلىش مىنى مۇۋاپىقيىتىمگە يىقىنلاشتۇرالىشى ھەتتا خاتا قىلىش مىنىڭ ئورنىمنى ئۆزگەرتەلىشى مومكىن.ئەپسۇس مەن ھەتتا خاتا قىلىشنىمۇ قالماشتۇرالمىغان ئىدىم.
ئىچىم ئاچچاق.غەزەپتىن چىشلىرىم كىرىشكەن بولسىمۇ ئويلۇنۇشتىن ھىچ توختاپ قالالمايۋاتاتتىم.نىمىگە غەزەپلىنىۋاتقانلىقىم ھەتتا ئۆزۈمگىمۇ ئايان ئەمەس ئىدى.لىكىن غەزەپلىنىۋاتاتتىم.خوتۇنۇمغا ياكى خوتۇنۇمنىڭ ئاشنىسىغا،بەلكى ئۆزۇمگە،تىخىمۇ پەلسەپەلەشتۇرسەم ئاخىرى چىقمايدىغان تەغدىرگە غەزەپلىنىۋاتقان بولۇشۇم مومكىن.مۇمكىن بولغان بولسا ئىدى پۇتۇن دۇنيانى پارتىلتىپ كۇمپەيكۇم قىلىۋەتكەن بولاتتىم.كۇلى كۆككە سورۇلغان دۇنيانىڭ ئاستىدىن ھىچنىمە ئۈنۈپ چىقمىسا  پۇخادىن چىقاتتىم.
تۇيۇقسىز باياقى كۆرۇمسىز قىزىل ئىشىك تاراقشىشقا باشلىدى.كەينىدىن تاقىلدىغان ئىگىز پاشنىلىق ئاياق ئاۋازى كەلدى.  ئالدىمدا زىلۋا بىر گەۋدىنىڭ ماڭا قاراپ كۈلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم بۇ كۈلكە شۇنچىلىك رەھىمسىز ۋە چۈشكۈن كۇلكە ئىدىكى بۇ تەبەسسۇمنى مىڭلىغان تۇرۇلگەن قاشلارغا،كىرىشكەن چىشلارغا تىگىشۋىتىشكە تامامەن رازى ئىدىم.بۇ كۇلكە تالايلىغان مەسخىرىلەرنى ئىسىمگە سالاتتى.ھەرقىتىملىق كۇلكىدىن كىيىن پۈتۈن بەدىنىم قارا تەرگە ۋە قورقۇنۇچقا يەم بولاتتى.ماڭىلا ئاتالغان  رەزىل ئەمما يىقىملىق بۇ كۈلكىنىڭ مەقسىتى مىنى دەپسەندە قىلىش . كۈلكە  مىنى قانچە دەپسەندە قىلسا شۇنچە رەسۋالىشاتتى قانچە رەسۋالاشقانسىرى شۇنچە دەپسەندە بولاتتىم.
تۇيۇقسىز كوچا چىرىقىنىڭ شەھۋەت چاچرايدىغان سۇس سىرىق نۇرىدا ئايالىمنىڭ لىۋىدىكى قىزىل سۇرۇخنى كۆرۇپ قالدىم.پۇت قولۇم ماڭا بوي سۇنمايتتى .جىسمىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىنىرگىيە ئورۇندۇق يىنىدىكى قارا پالتىنى ئالدىدە ئالدىمدىكى گۇزەل سىماغا قارىتىپ ئاتتى.تەبەسسۇمىنى بويلاپ ئىقىۋاتقان قىزىل قان قىزىل لەۋسۇرخ بىلەن بىرلىشىۋاتقان چاغدا ئالەمنى كۇمپەيكۇم قىلىۋەتكەنلىكنىڭ شاتلىقىنى سۈرىۋاتاتتىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-29 10:42 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11978
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5384 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 11:03:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
towa,,, quxanmidim mu ya  man  qux  koganda okudummu bu hikayini....

attirim بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 11:10:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32298
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3429 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 11:20:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىدا تەسۋىرلەنگەن ۋەقە تەپسىلاتلار ۋە پىرسۇناژلار ئوبرازى ياخشى رەسۋىرلىنىپتۇ.ئەمما پىرسۇناژلارنىڭ دىئالوگى،مونولوگى ئېنىق بولماپتۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 11:41:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12735
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31743
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4659 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 11:52:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايالىنىڭ مۇۋاپپەققىيىتى،ئۆزىدىن ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىىلىگەنلىكىگە بولغان چىدىماسلىق، گۇمانخورلۇق ئەرنى شۇنداق ئەسەبىي ھالەتكە ئەكىلىپ قويغان دەپ چۈشەندىمغۇ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108872
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2014-8-1
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 11:59:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇمۇن ئەپەندىمنىڭ باشقا يازمىلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش چۇشۇنۇكسىز چاۋالچاق,ئىنكاسلىرى ئۆزگىچە,ئاللا شىپالىق بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1716
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 12:22:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇي كىىچىسى يىپىنغان يۇتقاننىڭ كەشتىلىرنىڭ تىخىچە جىلۋىسىنى يۇقاتمىغانلىقىدىن، خىزمەتتە ئۇتۇق قازانغاچقا، ھەەم چىرايىغا ئىشەنگەچكە ئەرنىڭ گىپىنى ئىلىك ئالماس بۇلغانلىقىدىن، ھەم ئىرى بۇلغان كىشىدىن يۇشۇرۇنچە لەۋسۇرۇخ ئشلەتكەنلىكىدىن، مۇھىممى ئاخشىمى كۇچا چىراغلىرى يانغىچە ئۇيگە قايىتمايدىغانلىقىدىن يىگەەن پالتىكەن ئاۋۇ،

تىمىنىڭ مەركىزى ئىددىسى تۇيدىن ئىززتىنى ساقلىمىغان ئازغۇن ئايالنىڭ تۇيدىن كىيىنمۇ تۇزەلمەي ئەر يۇركىنى لەختە قىلغانلىقىنىڭ جازاسىكەن دەپ چۇشەندىمغۇ مەن،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھمەت94 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-29 12:25 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105604
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 391 سائەت
تىزىم: 2014-4-2
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 12:56:44 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
manmu quxanmidim

ئارقامغا ياكى ئالدىمغا قارىغۇم يوق. چۇنكى ئارقامدا غەمكىن ئۆتمۇشۇم ، ئالدىمدا تەشۋىشلىك كەلگۇسۇم بار ! يەنىلا ئۇستىگە قاراشنى لايىق تاپتىم،چۇنكى ئۇيەردە ماڭا ھەقىقى بەخىت ۋە خۇشاللىق بىرىدىغان ئۇلۇغ رەببىم بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109457
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 196
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2014-8-25
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 01:15:24 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ مۇھاببەت، ئۆزۈڭ مەۋھۇمسەن بىراق،

ۋە لىكىن سالىسەن كۆڭۈلگە دەرت -پىراق.

قىزلار كۆرسە ئەگەر بۇ تېمىنى،


لەۋ سۇرۇخنى ئاتىدۇ قولىدىن يىراق.

چاخچاق

بىلدىم ئاخىرى بىلدىم.مەن ھېچنىمە بىلمەيدىكەنمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش