سېغىندىم مەن، سېغىندىم مەن، سېغىندىم،
ۋەتەن سېنى تەشنا بولۇپ سېغىندىم.
مېھرىڭ تولغان يۈرىكىمدە سېغىندىم،
.دولقۇنلىغان كۆكرىكىمدە سېغىندىم
...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. u( a5 Z( C( d1 Z2 Z. i2 Y: k
مانا بۇ ۋەتەنپەرۋەر شائىر نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامىنىڭ «سېغىندىم» ناملىق شېئىرسىدىكى يالقۇنلۇق بىر مىسرادۇر. 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر، ئەدىبلەر بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن قەلەمكەشلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەر شائىر نىمشېھىت دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 Z6 I- C2 g* S5 a# C! W/ J; ^شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى ئابلىمىت سادىق باشچىلىقىدىكى «پىشقەدەم ئەدىبلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» ئۆمىكىدىكى مەمتىمىن ھوشۇر، ئالىمجان ئىسمايىل، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، تۇرسۇن مەھەممەت پەخىردىن، ئابدۇرسۇل ئۆمەر، قېيۇم سۇپى، ئارسىلان تالىپ، مەھەممەت رېھىم، ماخمۇت مەمەت قاتارلىق 16 نەپەر داڭلىق يازغۇچى، شائىر، ئەدىب ئاقسۇغا كېلىپ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. t& |# S6 e1 E3 x" P
مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، شائىر يۈسۈپجان مەھەمەت تۇغيان شائىر نىمشېھىتنىڭ شانلىق ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، ئاقسۇدىكى تونىلىۋاتقان نەسىرچى، شائىرە ئامانگۈل نىياز نىمشېھىتنىڭ «سېغىندىم» ناملىق شېئىرىنى ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى «بىلىم ئىشقىدا»ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: v! C, J5 }4 g9 O& ~8 Z+ x
شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم «مۇقەددەس كۈسەن دىيارىنىڭ غورورى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى يىقىلماس ئابىدە» ناملىق ماقالىسىنى، شائىر مەھەممەت رېھىم «ئەينى چاغدىكى نىمشېھىت ھەققىدە ئەسلىمە» ناملىق ماقالىسىنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئابلىز ئوسمان «نىمشېھىت شېئىرلىرىنىڭ مەنىۋى قىممىتى» نالىق ماقالىسىنى ئوقۇدى. ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخمەت ۋاھىدى ئۇچقۇنجان ئۆمەرنىڭ «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىنىڭ ئاز تېپىلىدىغان سەركىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! Z+ }; o G+ Z! m& G! }6 jمۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇلاپلا يەنە ئېزىز نامان نامىدىكى 4-قېتىملىق «تارىم باھارى» ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. كۇچا ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئېزىز نامان پەرۋازى ئۇدا تۆت قېتىم «تارىم باھارى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان بولۇپ ، ئەدەبىيات سېپىگە يەنە بىر يېڭى ئىزلارنى قالدۇردى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% h/ E: u7 `" k, I8 A. ~بۇ قېتىمقى مۇكاپات ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى يازغۇچى، شائىر، ئەدىبلەردىن قەھرىمان روزى، روزى سۇپى ئۇچتېكىن، ئەيساجان تۇردى ئاچچىق، ئىمىنجان كېرەم ئاقشەھرى، مۇختار مۇھەممەت نەزەرى، ئابلەت قېيۇم، ئېزىز ئىمىر قاتارلىقلارغا نىسىپ بولدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ N0 c" B# V8 j+ d+ B0 B0 ^) Qيىغىندىن كېيىن ئېزىز نامانغا تون كەيدۈرۈلدى ۋە گۈلچەمبىرەك ئاستى. شۇنداقلا بىر ۋاق ئادىغىنە چۈشلۈك غىزادىن كېيىن ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ مەقبەرىسىنى يوقلىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 p; e( b0 j" {2 K9 E$ \" q |مەن بۇ يازغۇچى، ئەدىبلىرىمىزگە ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان مېھنەتكەشلەرگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ ھارماس قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 W# u2 ` {- n% U+ m$ i
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& e! ?( r! A9 u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# X/ I! m5 B2 @3 e