ئاسمان كۈلەر ساباھ بىلەن سەن كۈلسەڭ ،
بۇلۇت تاراپ زۇلمەت كېتىپ سەن كۈلسەڭ .
توڭلار ئېرىپ ئەگىز ئاقار سەن كۈلسەڭ،
زېمىن كۈلەر خۇش چىرايدا سەن كۈلسەڭ .
قوڭغۇراقتۇر ئاۋازىڭ نەۋ باھارنىڭ ئەلچىسى ،
يىغلىساڭ تەڭ زارلىنار مەندەكلەردىن نەچچىسى ،
ئوتلىرىڭدا تولغىنىمەن بارمۇ ئۇزنىڭ سەنچىسى ،
تىنىق توختار ئىنتىزاردا سەن كۈلسەڭ .
سەن كۈلسەڭ ، مەن كۈلسەم ،
ئارمىنىم ھەركۈنى خۇش سەن كۈلسەڭ ...
ۋىسالنىڭ شەربىتىنى تەڭ تېتىپ ،
مېنىڭ بىلەن توي ئاخشىمى تەڭ كۈلسەڭ .
بۇ جاھاننىڭ تىكەنلىرى كىرمىسۇن ،
يامان گۇينىڭ نەزەرلىرى كۆرمىسۇن ،
كۆرەلمەسنىڭ كۆزىدىن ،
دىلى پەسنىڭ لەۋزىدىن ،
بىر ئاللاھىم ساقلىسۇن سېنى ،
ساقلىسۇن سېنى ،
ساقلىسۇن سېنى !
ۋىسال پەيتى بىر دەقىقە ،
بىر ئۆمۈرگە كۇپايە ، ياشاي ئەبەدكە ،
قۇلاق تۈۋىمدە ئەي دىلرەبا سەن كۈلسەڭ .
---ئەزىزان---
2014-يىلى 27-ئاۋغۇست