مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3420|ئىنكاس: 21

ئېرىمگە يېزىلغان خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12521
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32401
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4555 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 11:51:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   بۇ گەپلەرنى سىزگە بىۋاستە دېيىش ئەپسىز بولغاچقا، خەت ئارقىلىق ئىپادىلەشنى توغرا تاپتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گەپلەرنى ئۆز ئاغزىم ئارقىلىق سىزگە ئېيتىپ بولغۇچە،مىڭ يېرىمدىن ئېقىپ -تۆكۈلۈپ ، مەقسىدىمنى ئۇقتۇرالماي قالغاننى ئاز دەپ ،كۆزىڭىزگە سەت كۆرۈنۈپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە ،تېخىمۇ بەك ئۆچلىكىڭىزنى قوزغاپ قويۇشۇم مۈمكىن،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى خەت ئارقىلىق مەقسىدىمنى ئۇقتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۈگۈن يەنە سىزنىڭ ھېلىقى‹‹ گۈلىڭىز››نىڭ،‹‹جېنىم›› ڭىزنىڭ ‹‹ تاتلىق››ڭىزنىڭ تېلىفونىنى تاپشۇرىۋالدىم،نېمىشقا ‹‹جېنىم››‹‹ تاتلىق›› ڭىز دەپ ئاتىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ ؟ ئاڭلاپ بېقىڭ خالىسىڭىز.....

  نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قولۇمنى يۇيۇش ئۈچۈن كىرىپ ،تازىلىق ئۆيىدە ‹‹ بىرنى ھاببا ئېتىۋېتە جېنىم ....گۈلۈم ....،سېنى بەك سېغىندىم، بۈگۈن چىقماي.... تاتلىق.... قېنى...ھە..›› دېگەن گېپىڭىزنى ئاڭلاپ قالدىم، مېنىڭ سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئوغرۇلۇقچە ئاڭلاش مەقسىدىم يوقتى ،پەقەت قولۇمنى يۇيماقچى ئىدىم، سىزنىڭ تازىلىق ئۆيىدە ئىكەنلىكىڭىزنىمۇ بىلمەيتتىم،پەقەت تەسادىىپى ھالدا ئاڭلاپ قالدىم بۇ گېپىڭىزنى.....تازىلىق ئۆيى بىلەن قول يۇيىدىغان جاينى نېپىز بىر قەۋەت تام توسۇپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق ئاۋاز ئېنىق ئاڭلىنىدۇ -دە..... ( سىز‹) مېنىڭ كەينىمدىن ماراپ گېپىمنى ئوغۇرۇلۇقچە ئاڭلىۋاپسەن ...›› دەپ مەندىن خاپا بولۇپ يۈرمەڭ يەنە)قولۇمنى سۈرتىۋاتسام قىلغان گەپلىرىڭىز تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقىلى تۇردى، مەنمۇ چىقىپ كەتمەي ئاخىرىغىچە ئاڭلاپ تۇردۇم . بېشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ‹‹تاز بولساڭ گەدەنگىچە بول دەپتىكەن ››  دەپ.
  مەن دەسلەپتە گېپىڭىزنى ئاڭلاپ ‹‹تۇققانلارنىڭ بىرەر كىچىك بالىسىنى ئەركىلىتىۋاتقان ئوخشايدۇ ››دەپ ئويلاپ تازا پەرۋا قىلماپتىمەن، كېيىن ئاندىن سىزنىڭ بۇ گەپلەرنى شۇ ‹‹تاتلىقىڭىز››غا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈردۈم، چۈنكى سىز تۇققانلارنىڭ بالىلىرىنى ئادەتتە ئۆيگە كېلىپ قالسىمۇ ئۇنچە ئەركىلىتىپ كەتمەيتتىڭىز،ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىغىمۇ ئوچۇق چىراي ئېچىپ ، يېقىملىق گەپ قىلىپ باقمىغىنىڭىزغا خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالغان ئىدى،دوستلىرىڭىزمىكىن دەي دېسەم ،ئەركىشى ئەركىشىگە ھەرگىزمۇ ‹‹ ھاببا ئېتىپ قويۇش ››توغرۇلۇق تېلىفون قىلمايدۇ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزىڭىزدىن بىرەر ئېغىز يېقىملىق ، ئەركىلىتىش تەرىقىسىدىكى سۆزنى ئاڭلاش ماڭا ۋە بالىلىرىڭىزغا
بەك تەس ئىدى مۇشۇ كۈنلەردە.
  ئۇنىڭسىزمۇ سىزنى‹‹ھاببا ›› ئېتىپ قويىدىغان ئۇ چىرايلىق ‹‹ تۇمۇچۇق›› ڭىز ماڭا بىرنەچە قېتىم تېلىفون قىلىپ مېنىڭ سىزگە چاپلىشىۋالماسلىقىمنى ،سىزنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشىمنى
ئېيتقان ئىدى، شۇلارنى ئويلاپ تېلىفون قىلىۋاتقان كىشىڭىزنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.......
    بىلەمسىز...؟ سىزنىڭ تېلىفوندىكى ئۇ ‹‹تاتلىقىڭز››غا قىلغان شۇ ئەركىلىتىش
ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ يۈرىكمنى بىرسى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاچچىق بولۇپ كەتتى، ئۈنسىز بىر يىغا ئىچ -ئىچىمدىن ئۆرلەپ بوغۇزۇمغا قاپلىشىپ قالدى، ئۆزەمنى تۇتالماي ياتاق ئۆيگە كىرىپ بوغۇلۇپ -بوغۇلۇپ يىغلىدىم ،بىراق شۇ ئېنىقكى، سىز بۇ يىغامنى ھەرگىزمۇ كۆرمىدىىڭز، ئايالىڭىز بولغان پۈتۈن سۈرۈك بىر ئايال ئۆي ئىچىدە كۆز ئالدىڭىزدا يۈرسەممۇ، چىرايىمغا قارا تەزىڭىز بولمىسا ،كۆزۈمدىكى ياشقا دىققەت قىلاتتىڭىزمۇ....؟
  بىلسىڭىز بۇ ياشلار ئاچچىقتىن ،ھەسەتتىن، رەشىكتىن، تۆكۈلگەن ئىدى،نېمىشقىمۇ ھەسەت قىلماي....؟ شۇنچە يىللاردىن بېرى ‹‹ گۈلىڭىز›› ‹‹ جېنىڭىز ›› مەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە بۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىرسى ئىگىلىۋالسا ،قانداقمۇ ھەسەت قىلماي، ئاچچىقلانماي تۇرالاي....؟مەندەك بىر ئايالىڭىز
ئەمەس ،باشقا بىر كىشى بولسىمۇ غەزەبلىنىدۇ بۇ ئىشقا....
  خوش، گەپنى بەك ئۇزارتىپ ئىچىڭىزنى پۇشۇرۇپ قويماي نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەي،ھېلىقى ‹‹ تاتلىقىڭز››نىڭ ماڭا نېمە دەپ تېلىفون قىلغانلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ( ئۇ ‹‹جېنىڭىز›› غا تېلىفون نومۇرۇمنى سىز ئېيتىپ بەردىڭىزمۇ   ياكى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلدىمۇ بۇنى ئۇقالمىدىم..)ئۇ ماڭا تېلىفوندا ‹‹ ئەينەككە بىر قاراپ باقە، ئەپتىڭ نېمىگە ئوخشايدۇ....؟ ئۆينى بىكارلىماي كەچكىچە چاپلىشىپ ئولتۇرىۋېرەمسەن...؟ ئېرىڭگە سەن يارىمىغاچقا مېنى تاپتى،ئۇنىڭ سېنى كۆرەرگە كۆزى يوق، ھۇي چاپلاندى.....›› دېگەندەك بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپ مېنى شۇنداق سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلىدى. بەزى گەپلەرنى ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ ئۇيىلىمەن، ئۇنىڭ رەسۋا تىللار بىلەن تىللىغان گەپلىرىدىن يۈرىكىم ئاغرىپ،
ھۇشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ قالدىم.
   ئۇ مېنى شۇنداق ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللاۋاتسا ئەلۋەتتە مەنمۇ قاراپ تۇرمۇدۇم،مەنمۇ ياندۇرۇپ تىللىدىم ،لېكىن مېنىڭ قايتارما ھۇجۇمۇم ئۇنىڭ پېلىموتتەك تاتىلداپ چىقىۋاتقان تىللىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپلا قالدى،‹‹توۋا ››دەپلا قالدىم ئۇنىڭ رەسۋا بىشەملىكىگە..........شۇنداق بىر  رەسۋا ‹‹ تۇمۇچۇق››قا سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىڭىزغا ھەيرانمەن، ياكى ئۇ ئۇ ئەڭ نومۇسسىز تىللىرىنى ئۆزىنىڭ‹‹ دۈشمىنى ، كۈندىشى››بولغان مەندەك بىر چاپلاندىغا ئىشلتىپ، ئەڭ ‹‹گۈزەل ، ئەڭ يېقىملىق ، ئاڭلىسا ئاڭلىغۇسى كېلىدىغان ›› تاتلىق گەپلىرىنى، ئەرلەرنىڭ يۈرىكىنى ئويناتقۇدەك يېقىملىق ناز -كەرەشمىلىرىنى سىزگە كۆرسەتكەن بولغاچقا ،مەندەك ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى، بولۇپمۇ ئۇنداق رەسۋا گەپلەرنى ئېغىزغا ئېلىشقا ئۇيىلىدىغان مەندەك بىر ئايالغا نىسپەتەن ( بۇ يەردە ئۆزۈمنى يۇۋاش، ئەخلاقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقچى ئەمەسمەن...) يۈرىكىڭىز مۇز بولۇپ قېتىپ، ئۇنىڭدەك توي قىلمىغان قىز تۇرۇپ شۇنچە نومۇسسىزلىقلارنى كۆرسىتىپ ‹‹ تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ›› دېگەندەك شۇنچە يىللاردىن بېرى قولۇمنى كۆسەي، چېچىمنى سۈپۈرگە قىلىپ ،جاپا -مۇشەققەتلەر بىلەن تۇتقان ئۆيۈمدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغان بۇ‹‹ گۈزەل››گە سۇ بولۇپ ئېقىۋاتامدۇ تاڭ،ھېچ بىلمىدىم..... بۇنداق دېسەم ‹‹سەن ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا ،يامان نىيەت بىلەن شۇنداق دەۋاتىسەن ›› دېيىشىڭىز مۈمكىن، لېكىن ئۇنىڭ شۇ تىللىغىنى سىز ئۆز قۇلىقىڭىز بىلەن ئاڭلىغان بولسىڭىز،ئۇنىڭ
سىزگە يېقىملىق ئەركىلەپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەي قالغان بولاتتىڭىز.......
  ‹‹تاتلىقىڭىز››نىڭ تېلىفوندىكى  بۇنداق ھاقارەتلىك تىللىرىنى گومۇشلارچە ئاڭلاپ، بار دەردىمنى كۆز ياشلىرىمدىن ئېلىۋاتقىنىمغا بىرنەچچە قېتىم بولدى، شۇنىبىلىپ  قويۇڭكى، مەنمۇ ئۇنچىۋالا مەتۆ، دەلتىلەردىن ئەمەس،‹‹ ئاچچىقى كەلسە توشقانمۇ ئادەم چىشلەيدۇ ›› دېگەن گەپ بار، لېكىن مەن ‹‹ئاچچىقى كەلگەندە ئادەم چىشلەيدىغان توشقان››بولۇشنى
خالىمىدىم، ئېغىر -بېسىقلىق قىلىپ ئەمەس، دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، سىزنى دەپلا بۇ ئازابلارغا بەرداشلىق بەردىم....
  ‹‹قانداقسىگە مېنى دەپ....؟›› سورىشىڭىز مۈمكىن، جاۋابىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ، مەن ئۇ‹‹ ئاشىقىڭىز››نىڭ ماڭا تېلىفون قىلغان تېلىفون خاتىرسى ۋە يازغان ئۇچۇرلىرىنى سىزگە كۆرسىتىپ سىز بىلەن راسا سوقۇشساممۇ ياكى ئىدارىڭىزگە بېرىپ ئىدارە باشلىقلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز ئالدىدا بىچارىلەرچە يىغلاپ ،قىلغان ئەتكەنلىرىڭىزنى ئۇلارغا ئاشكارىلاپ ،ئۆزۈمگە نىسپەتەن ھېسداشلىق ، سىزگە نىسپەتەن نەپرەت قوزغىساممۇ، شۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزنى يەرگە ئۇرساممۇ ۋە ياكى بالىلارغا   ( ئۇلار دېگەن 18-14 ياشقىچە بولۇپ قالغان بالىلار)
،ئۇرۇق -تۇققانلارغا بۇ ئەھۋاللارنى ئېيتىپ ھېلىقى ‹‹ گۈلىڭىز››نىڭ ئىش ئورنىغا بېرىپ، ئۇنى تازا دۇمبالاپ رەسۋايىنى چۇۋۇپ، ئىچ -قارنىمنى بوشىتىۋالساممۇ بولاتتى، ( تېخى يېقىندىلا بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ مۇشۇنداق ئىشتىن بىرسى يۈز بەردى،بىر خىزمەتدېشىم بىرسى بىلەن تېپىشىپ قاپتىكەن ،ئۇ كىشىنىڭ ئايالى ئوغلى بىلەن كېلىپ ئۇ خىزمەتدېشىمنى ئۇرۇپ -دۇمبالاپ ھالىنى قويمىدى...يۈز -كۆزلىرىدىكى كۆك خېلىغىچە يۈتمىدى) بىراق مەن ئۇنداق قىىلشنى خالىمىدىم، ئۇنداق قىلسام بولمايدىغانلىقىنى، ئاچچىقنىڭ ئەقىلنى كېسىدىغانلىقىنى ئويلاپ ،ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ ، سىزنىڭ ئۆزلىكىڭىزدىن ئىنساپقا كېلىپ، ئۆزىڭىزنى تونۇۋېلشىڭىزنى، ئىككى بالىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپ يېتىشىڭىزنى كۈتتۈم، ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، كۆز ياشلىرىم ئىچدە كۈتتۈم.....
  سىزگە شۇنى ئېيتىپ قويماقچى،مەن كۈتۈپ چارچىدىم، ئېغىر يۈكنى يەلكىسىگە ئارتىپ دەشتى -باياۋانلاردا ئېزىپ قالغان،ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق ئازابىدىن ھالسىزلانغان يولۇچىغا ئوخشاش ھالىمدىن كەتتى، سىزنىڭ (بىر -بىرىمىزنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرۈشۈپ، بىر -بىرىمىزدىن ئايرىلپ قالساق جېنىمىز چىقىپ كېتىدىغاندەك ھېسياتتا توي قىلغان ،بارلىقىم بىلەن سىزنى سۆيۈشكە، بار مېھرىمنى سىزگە، بالىلىرىمغا بېغىشلاشقا تىرىشىۋاتقان مەندەك بىر ئايالنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قېلىپ ،ئورنۇمغا باشقا بىرسىنى يەڭگۈشلىمەكچى بولىۋاتقان ،ماڭا تاغدەك يار -يۆلەك بولىدۇ دەپ ئىشەنچ باغلىغان ئوننەچە يىللىق يولدۇشۇمنىڭ ،ھەمراھىمنىڭ)ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئازابلىرى زېھنىمنى خورۇتۇپ، يۈرىكىمنى قۇرۇتتەك غاجىلاپ ئارامىمنى قويمىدى.....مەن كۆپ ئويلاپ كەتتىم، ئويلاۋېرىپ مىڭەمنىڭ قېتىغى چىقىپ كېتەي دەپ قالدى، لېكىن خىياللىرىمنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالمىدىم، ئويلىغانلىرىمنى ئېيتىپ بېرەي ئاڭلاپ بېقىڭ.

  سىز‹‹ قېرىپ كەتتى،ئەمدى مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئالالماس بولۇپ قالدى،ئادەمنى ئۆزىگە تارتالمايدىغان بولۇپ قالدى...›› دەپ ھېسابلىغان مېنىڭ خېتىمنى بېرىۋېتىپ، ئورنۇمغا شۇ ‹‹تاتلىقىڭىز››نى يەڭگۈشلىمەكچى بولغىنىڭزدا شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ مەنمۇ سىز بىلەن توي قىلغان ۋاقتىمدا تېخى 22 ياشقا كىرگەن ،ھەرقانداق بىر يىگىتنىڭ يۈرىكىگە ئوت ياققۇدەك بىر ‹‹ تۇمۇچۇق ›› ئىدىم، مەن كەينىمدىن قوغلاشقان شۇنچە يىگىتلەرنى نادامەتتە قالدۇرۇپ، ‹‹ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولالايدۇ، مېنى بەختلىك قىلالايدۇ، بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈپ كېتەلەيمىز...›› دەپ سىزنى تاللىغان ئىدىم،ھاال بۈگۈنگە كەلگەندە كۆزىڭىزگە قېرى، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئالالمايدىغان  بولۇپ كۆرۈنۈپ قاپتىمەن.
شۇ تۇمۇچۇققا دۈم چۈشكەن ۋاقىتتا شۇنىمۇ ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭكى، سىزمۇ يىگىرمە نەچچە ياشلىق قىران يىگىت ئەمەس،
قىرىق نەچچە ياشلارغا كىرىپ قالغان كىشى، بەلكىم مېنىڭ ئورنۇمغا ئۇ ‹‹ گۈل››نى يەڭگۈشلەپ قالسىڭىزمۇ، ئۇنى ئۆزى كۈتكىنىدەك رازى قىلىپ كېتىشىڭىز ناتايىن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ‹‹ تۇمۇچۇق››نىڭ سىزدىن كۆڭلى سوۋۇپ باشقا بىرسىنى تېپىۋالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ......؟
   ئاخىرىدا سىزگە شۇنداق سوئال قويماقچى، سىزغۇ ئۇ‹‹ تاتلىق››نى چىن ھېسياتىڭىز بىلەن سۆيۈپسىز، ئىككىڭلار بىر -بىرىڭلاردىن ئايرىلالمىغىدەك دەرجىدە بىر -بىرىڭلارنى ياخشى كۆرىدىكەنسىلەر،لېكىن ئۇ‹‹گۈل››ڭىز سىزنى مەن كۈتكەندەك كۈتۈپ ،ھاجىتىڭىزدىن چىقالارمۇ؟ سىز ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كېلەرمۇ؟ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالالارمۇ؟ ئەڭ مۇھىمى بىز ئاجرىشىپ كەتسەك، بالىلىرىمىز يېتىم بولۇپ قالىدۇ،ئۇ‹‹ گۈل››ڭىز بالىلىرىمىزغا مەن بەرگەندەك ئانا مېھرىنى بېرەلەرمۇ؟ مەندەك باغرىغا باسالارمۇ؟ بېشىنى ئانىلىق مېھرى بىلەن سىلىيالارمۇ؟ بالىلارمۇ ئۇ بولغۇسى  ئۆگەي ئانىنى مېنى  ئۆز ئاپىسىنى كۆرگەن كۆزدە قارىيالارمۇ؟؟؟ ئاپا ...!››دەپ بوينىغا ئېسىلپ ئەركىلىيەلەرمۇ؟ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دېيەلەرمۇ؟ بالىلىق مېھرى بىلەن ياخشى كۆرەلەرمۇ؟ كۆڭلى يېرىم بولغان ۋاقىتلىرىدا باغرىغا ئۆزىنى ئاتالارمۇ؟........مېنىڭ مۇشۇ سوئالىم ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ كۆرۈپ ئاندىن ،بىر قارارغا كېلىشىڭىزنى ئۆتىنىمەن...

  راستىنى ئېيتسام،گەرچە سىزنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيسەممۇ، سىزدىن ئايرىلىپ كېتىشكە، بالىلىرىمنى يېتىم قىلىشقا كۆزۈم قىيمىسىمۇ، لېكىن سىزدەك ۋاپا -مېھرنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان ئەردىن سەل رايىم قايتىپ قالدى‹‹بولدىلا ،ئاجرىشىپ كېتەي››دەپمۇ  ئويلۇدۇم، لېكىن ئىككى بالام...... ئۇنداق قىلسام بالىلىرىم شۇ ‹‹ تاتلىقىڭىز››نىڭ ئالدىدا سارغىيىپ يۈرسە، يۈرىكىم تېخىمۇ ئېچىشىپ كېتە....؟ ئۇنداق دېسەم رەنجىپ كەتمەڭ، بەلكىم مەندىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن تەرەپلىرى باردۇ،ئۆزەم ھېس قىلالمىغان بىلەن، ‹‹ ھەركىمنىڭ تېزى بېشىدىن ئېگىز، ئۆزى كۆرمەيدۇ›› دېگەن گەپ بار بىزدە، مەنمۇ بەزىبىر ئەيىبلىرىمنى ئۆزۈم ھېس قىلىپ يەتمىگەن بولۇشۇم مۈمكىن،بۇ توغرۇلۇق مەنمۇ ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ باقاي......
  بىر ئائىلىنى بۇزۇش ئىنتايىن ئاسان، لېكىن ئۇ ئائىلىنى قۇرۇپ چىقىش، ئوننەچچە يىللىق تارخقا ئەكىلىش ئۇ بەك تەس، ئائىلە دېگەن قۇشقاچ ئۇۋىسى ئەمەس، بوراندا چۇۋۇلۇپ كەتسە، قايتىدىن چاڭگا تىزىپ ئورنىغا ئەكىلىپ قويىدىغان.... بۇنى نۇقتىنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭزنى سورايمەن..... ئاخىرىنى ئۆزىڭىز ئويلاپ بىر قارارغا كېلەرسىز، ئۆزىڭىزگە قويدۇم، مېھرىبان اللاھتىن كۆڭلىڭىزگە ئىنساپ تىلەيمەن......خېتمنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن......



    سىزنى چىن يۈرىكىدىن سۆيگۈچى ، باغرى قان ئوننەچچە يىللىق ئايالىڭىز X دىن....




ئاپتور سۆزى: سۆيۈملۈك سىڭىللىرىم، ‹‹كۆڭۈل، ياخشى كۆرۈش ›› دەپلا بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلماڭلار، ئەگەر شۇ ئايالنىڭ ئورنىدا مەن بولسام قانداق قىلاتتىم ....؟ دېگەننى ئويلاپ قويۇڭلار، باشقىلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويۇش ئىنتايىن ساۋاب ئىش، لېكىن ئىككى باشنى ئايرىپ، ئەلەمگە قويۇش بۇ ئىنتايىن رەزىللىك،ياراتقۇچى  ئىگەممۇ كەچۈرمەيدۇ جۈپتلەرنى ئايرىۋەتلەنلەرنى، مېھرىبان اللاھ كۆڭلۈڭلەرگە ئىنساپ -تەۋپق ئاتا -قىلسۇن.......



مەنبە : ئۆز قەلىمىم





ئەسكەرتىش بۇ يازمىنى ئىلگىرى مۇنبەرگە بىر قېتىم يوللىغان ئىدىم،ئوقۇمىغانلار كۆرۈپ باقسۇن دېگەن مەقسەتتە قايتا يوللاپ قويدۇم.



تېما مەزمۇنىنى تېما ئىگىسى بىلەن باغلاپ چۈشەنمىگەيسىلەر...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 11:55 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
attirim بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 02:34:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1617
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10912
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2216 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 03:18:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي تۇرمۇش........  ھەي كۆڭۈل.............   


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 07:30:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي....

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1074
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2901
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 717 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 08:38:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىز لىرىك ھېسسىياتقا تويۇنغان ئېسىل يازمىكەن ھەم كىشىگە چىنلىق تۇيغۇسى بېرىدىكەن،تەسىرلەندىم... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قورغان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-27 08:39 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3779
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 592 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 11:19:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرلەر       يېرىم يولدا ئۇچراپ ، ئائىلىسىنى بۇزماقچى بولغان يولدىن چىققان «ھېلىقى»لارنىڭ مەقسىدىگە يەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىمۇ يېرىم يولدا تاشلاپ كېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىشى كېرەك. ئايالى بار ، بالىلىرى بار ، ئىناق ئائىلىنى بۇزغۇچىلارنىڭ يەنە قانچىلىك ۋاي دېگۈچىلىكى بولماقچى؟!
ئۇنداقلاردىن ۋاپا كەلمەيدۇ ! قېرىپ بەللەر مۈكچەيگەندە، يېنىڭىز يەر خالايدىغان بولۇپ قالغاندا يەنىلا شۇ بۇرۇنقى ۋاپادار ، كۆيۈمچان بولغان بالىلىرىڭىزنىڭ ئانىسى ئەس قاتىدۇ، سىزگە ئوينىشىپ بەرگەن «گۈزەل،نازىنىن»لار سەسكىنىپ يىراق قاچىدۇ.
ئەرلەر باشقىنى ئەمەس مۇشۇنىلا ئويلاپ يېتەلىگەن بولسىدى، بۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلمىغان بولاتتى.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 11:20:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر قىلدىڭىز ، رەھمەت جانىم .
تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارغا ‹ ۋاي نېمە قىلساڭ قىلمامسەن › دەۋەتكىسىمۇ كىلىپ قالدى ھازىر . ھەممە كىشىدە مۇھەببەت ئۇقۇمى ئاستىن -ئۈستىن بۇلۇپ كىتىۋاتقاندەك . ئون نەچچە يىللىق ئىناق ئائىلىسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئەر -ئاياللارغا قاراپ ، شۇنى دېگىم كىلىدۇ :
ئائىلە ئىشلىرى ، بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق رېلىستىن چىقىپ كىتىدىغان ئىشلار توغرۇلۇق نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىز، شائىرلىرىمىز نۇرغۇنلىغان تەربىيىلىك ئەسەرلەرنى يازدى ، شۇنداقلا ھەر خىل تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە تەشۋىقلەرنىمۇ قىلىۋاتىدۇ . ئەمما بۇ نداق ئىشلار ئازلىماقتا تۇرسۇن ، كۆپىيىپ كىتىۋاتقاندەك  ، كىمنىڭ ئاغزىغا قارىسا پالانى پالانى بىلەن ئاجىرشىدىكەن ، سەۋەبى يا ئەر بۇزۇلغان ياكى ئايال !
بۇلار ھېچكىمدىن قورقمىسىمۇ خۇدادىن قورقمامدىغاندۇ ؟؟!
ئۆتنە ئالەم بۇ ، ھامان قىلغانلىرىغا بەدەل تۆلەيدۇ . ئىلگىرى خېلى يەرلەرنى چۆگىلەپ كەلسە . ھازىر قازان بېشىنى چۆگۈلەپلا ئۆزىڭىزگە كۆرسۈتۈپ قۇيۇدۇ ئاشۇ يامان قىلمىش -ئەتمىشلەرنىڭ جازاسىنى !

ئىبرەت ئالايلى !

قايناپ قالدىم كەچۈرۈڭلەر .   

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 963 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 11:36:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاس قاپتىمەن سىزگە باغلىۋالغى دىسە ...
خۇداغا شۈكرى توقۇلما ئەسەركەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12155
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 11:37:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا  ئاياللا ياش چوڭايدى  بالا بولدى ،قىردۇق ،يۇزۇم توۋەن  دەپ  گۆشىيىپ  تۇرماي .ئانچە-مۇنچە ئىرغا ئەركىلەشنىمۇ  ئۇگۇنۇپ قويغۇلۇق .ئۆينىڭ ئىچىدە ماي تەر پۇراپ پايپۇلقۇشتەك  تۇرماي ھازىرلا  تويغا باردىغاندەك چىرايلىق  تۇرغۇلۇق .ئاناڭنى  داداڭغا پەردازسىز  كۆرسەتمە  دەپتىكەن بەزىلەر ،ھەر-قانچە  چارچاپ كەلسەكمۇ  يولدۇشىمىزنى كۆرگەندە  ھىلىقلار ئەركشگە مۇئامىلە  قىلغاندەك مۇئاملە قىلشنى ئۇگەنگۇلۇك ،ھازىقى  دەۋردە ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ئىشلىگەن بىلەن ئەرلەرنىڭ  بىسىمى مەڭگۇ ئاياللاردىن ئۇستىن تۇرىدۇ ،

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109161
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2014-8-14
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 11:58:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر ئەرلەرنىڭ يولدىن چىقىشىنى ئاياللارغا ئارتىپ قويىدىكەن ،،، ئايال كىشى ئۆيىدە چىرايلىق ياسىنىپ ، گۈزەل ناز كەرەشمىلىرى بىلەن ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالماي ،،، ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ ئېرىگە گۆش توخۇسىدەك سەت كۆرۈنۈپ يۈرگەچكە ئەرلەر سىرېتلاردىكى گۈزەل قىزلارغا قارىماي كىمگە قارايدۇ ... دىگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ باقىدىكەن ... بەلكىم بۇمۇ بىر سەۋەبتۇ ،،، ئەمما يالاق يالايدىغان ئىتقا سۈت بەرسىمۇ يەنىلا يالىقىنى يالاۋېرىدۇ ... ئەڭ مۇھىمى قانائەت ... ئەرلەردە قانائەت بولمايدىكەن ،،، مەيلى ئايالىڭىز پەرىزاتتەك گۈزەل بولسۇ،  تۈلكە جىندەك ناز كەرەشمىلىك بوپ كەتسۇن يەنىلا تالاغا قارىغىنى قارىغان ... چۈنكى قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنەر ...
  بۇ پىكىر بەزى ئېرىدىن ئاغرىنىپلا يۈرۈيدىغان خۇتۇنلارغىمۇ خاس ... تۇرمۇشتا بولۇپمۇ ئەر ئاياللىق تۇرمۇشتا قانائەت بەك مۇھىم ... بۇرۇنقىلا قانائەت تۈگىمەس بايلىق دەپتىمىشكەن ...  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurjula + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

چ چ نۇمۇرۇم 1320092478 ،،، زىركىپ قالدىم  ... زىركىپ قالغانلار قوشۇپ قىززىق گەپلەرنى قىپ بېرىڭلا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش