|
|
|
|
چۈشۈڭدىكى قىز
خىلۋەتتىكى بۇلاق سۈيىدەك پاكىز كۆڭلۈڭدە
جىلۋىلىنەر چۈشۈڭدىكى قىزنىڭ سىيماسى
ياق ..ياق!...
ئۇ چۈشۈڭدىكى ئەمەس
يۈرىكىڭدىكى قىز
چۈشلەر چۈشلەرگە ئۇلاندى
يۈرەك يۈرەككە باغلاندى
شايى رومال يىنىككىنە چىگىلگەندەك
چۈشۈڭدىكى قىز
يىراق يىراقتا
ياق ..ياق! ...
ئۇ بەك يېقىندا
ھەئە
ئۇ سېنىڭ نەپەسلىرىڭ،كۈلۈشلىرىڭدە
ئۇ سېنىڭ قاراقلىرىڭ،قاراشلىرىڭدا
سىڭىپ كەتكەن قانلىرىڭغا
ئايلىنىپتۇ جانلىرىڭغا
غۇنچە بەرگىگە ئايلانغاندەك
چۈشۈڭدىكى قىز
چۈشلىرىڭنىڭ مىھمانىدۇر
پاك قەلبىڭنىڭ سۇلتانىدۇر
ئۇ
ئىزلىگىنىڭ،كۆزلىگىنىڭ
سۆزلىرىڭدە سۆزلىگىنىڭ
كۈيلىرىڭدە كۈيلىگىنىڭ
ئۇ كۈلسە بىلىنۇر جاھان كۈلگەندەك
چۈشۈڭدىكى قىز
يۈرىكىڭگە باش قويۇپ
تاتلىق تاتلىق پىچىرلايدۇ
يۈرىكىنىڭ تىلىدا
يۈرىكىڭ بىلەر ئۇنىڭ تىلىنى
يۈرىكى يۈرىكىڭنىڭ قولىدا
بىلىندىمۇ جاھان سېنىڭ بولغاندەك؟
چۈشۈڭدىكى قىز
يېڭى يۈرىكىنى قالدۇرۇپ ساڭا
يېڭى يۈرىكىڭنى ئەسىرگە ئالدى
ھىجران چۇل-چۇل بۇلۇپ چېقىلدى
ۋىسال لەيلىگۈلدەك ئېچلىدى
يۈرەك يۈرەكلەرگە قېتىلدى
گوياكى ئاي بىلەن كۈن قوشۇلدى
ئايبەرگى يازمىسى
2014.8.26
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvlmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-26 11:21 PM
|
|
|
|
|
|