ئۈچ يىلدىن بۇيان بىر تىمىدا يېزىۋاتقان ئىدىم ، كۆپ ئەجىرلىرىم كىرگەن ئىدى . لېكىن ، ئۇيغۇرنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەققىدە گەپ بولۇنسا ، دادىل ئىسلاھات پىكىرى ۋە ياكى تەنقىدىي پىكىرلەرنى سولغا بۇرايدىغان ، ھەتتا يامان نىيەتكە چىقىرىپ گەپ كۆتۈرمەيدىغان ئىللەت كەمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ خەلقتە بولغاچقا ، مەن بىرەر داڭلىق يازغۇچى بولمىغاندىكىن ، سىڭگەن نېنىمنى يەي دېدىم . دېدىميۇ ، يەنە چىدىمىدىم ، كۆزۈم كۆرۈپ تۇرىۋاتىسا ، قۇلىقىم ئاڭلاپ تۇرىۋاتىسا ، قانداق سۆزلىمەي تۇرغۇلۇق .
گەپنى سەككىز يىل بۇرۇندىن باشلىسام ، ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى مەزگىلى ئىدى ، مەن تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئىمتاھان سوئالىدا «شەھەرنىڭ بەلگىسى» ( 城市的符号) دېگەن تىمىدا ماقالە يېزىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى . بۇ توغرىسىدا كېيىن توردىكى تەھلىلچىلەر ۋە ھەرقايسى ئىلىم يۇرتلىرىدىكى ئالىملار كۆپلىگەن تەھلىللەرنى يۈرگۈزدى ، مەسىلەن مەلۇم قۇرۇلۇش ، ئىمارەت قاتارلىق كۆزگە چېلىقىدىغان نەرسىلەر شەھەرنىڭ بەلگىسى بولالايدۇ دېگەنلەر بولدى ، يەنە مەسىلەن مەلۇم خىل ئۆرپ-ئادەت ۋە تۇرمۇش شەكلى شەھەرنىڭ بەلگىسى بولالايدۇ دېگەنلەرمۇ بولدى .
مەنمۇ تاكى شۇ ۋاقىتتىن بۇيان مەيلى قانداق ئۆلكە ، ۋىلايەت-شەھەر ۋە ياكى يېزا-قىشلاقلارغا ئۆتەي ، بارغان يېرىمدە مۇشۇ يەرنىڭ بەلگىسى نېمىدۇر دەپ ئويلايدىغان ، نەزەرىمدە مەلۇم جاينىڭ كىشىدە ئالاھىدە ئۆزگىچە تەسىرات قالدۇرىدىغان ئوبرازىنى ئىزدەيدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈردۈم .
«يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام» دېگەن ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، باشقىلارنىڭ ئۆزگە يۇرت ، ئۆزگە ئەللەردە كۆرگەن ئىشتىگىنىنىمۇ خېلى تەتقىق قىلدىم ، ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىق ئۇستازلار يىراق ئەللەرگە سەپەر قىلدى ، تۇرمۇش كەچۈردى ، كۆرگەن بىلگەنلىرىنى يېزىپ بىزلەرگە يەتكۈزدى . بىز شۇ ئىزچىلارنىڭ قەلىمىدىم توكيو ياكى پارىژنىڭ قانداق يەرلەر ئىكەنلىكىنى ، شۇ يەرلەردىكى ياپونلار ۋە ياكى فرانسۇزلارنىڭ قانداق خەلق ئىكەنلىكىنى ، كىشىگە قانداق تەسىرات بېرىدىغانلىقىنى كۆردۇق .
جاھاننىڭ زامانىۋىيلىشىشى ، ئۇچۇرلىشىشى ، قاتناش ترانسپورتنىڭ تېزلىشىشى بىلەن بىز خەقمۇ يىراق جايلارغا كۆپ بارىدىغان ، باشقا يۇرت ۋە ئەللەرنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە كۆپ ئېرىشىدىغان بولدۇق . بۇرۇن سېرىق تۈكلۈك كىشىلەر قەشقەر كوچىلىرىدا يوغان-يوغان سومكىلارنى ئېسىپ يۈرسە ، كەينىدىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئەگىشىپ ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاللىقانداق بىر خىل تىلدا كالدىرلىشىشىغا ھەيران بولۇپ قاراپ كېتەتتۇق ، ئۇلارنىڭ پۇتى ياكى قولىنىڭ بوغۇم سانى بىز بىلەن ئوخشاشمىدۇ دەپ ئىنچىكىلەپ دىققەت قىلىپ باقاتتۇق . مانا ھازىر شۇ سېرىق تۈكلەر ياشايدىغان ياۋروپا ئەللىرىگە بىۋاسىتە بېرىپ سەيلى-ساياھەت ۋە ياكى سودا-تىجارەت قىلىپ ، ۋە ياكى يەنە شۇ يەرلەردە يەرلىشىپ ياشايدىغان ھالەتكە كەلدۇق .
لېكىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان بىرقانچە ۋاراقمۇ تەپسىلىي گەپ-سۆزى يوق ، ئاتالمىش تەتقىقاتچى ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىرى بولغان سېرىق تۈك ئەجنەبىيلەر بىز ھەققىمىزدە يازغان تونۇشتۇرۇش دۇنيانى قاپلىغاندا بىزدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇدەك مادار بولمىدى . ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ بەزى ئاتالمىش ئالىم ئەمەلىيەتتە غاپىل ، ئاتالمىش تەقۋا ئەمەلىيەتتە لەقۋا «ئۇستاز»لار ئۇيغۇرلار ئۈستىدە گەپ ساتقاندا بارتولدنىڭ ماۋۇ كىتابىدا مانداق دېگەن ، گۇننار يارىڭ ئانداق دەپ يازغان ، كروپاتكىن مۇنداق خاتىرىلىگەن ، ستەيىن مۇنۇلارنى بايقىغان دېگەندەك گەپ سۆزلەر بىلەن ئاۋارىكى ، ھېچكىم مېنىڭ قوشنام مۇنداق ئادەم ، بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلار مۇنداق ياشايدۇ ، ئاتۇش خەلقىنىڭ پىسخولوگىيەسى مۇنداقراق دېگەندەك گەپلەرنى قىلمايدۇ . بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ ؟
دۇنيا ھازىرقى زامان ئىنسانىيىتى ، يەنى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ، شەھەرلەر بارلىققا كەلدى ، شەھەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەتكە قەدەم باسقانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى . شەھەرلەر مەدەنىيەتنىڭ سېمۋولى ، شەھەرلەر مەدەنىيەتنىڭ ئۆيى . نۇرغۇن شەھەرلەر بىر دۆلەتنى شەكىللەندۈرگەن بولسا ، بىر مەملىكەتنىڭ مەدەنىيىتىمۇ نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ . مەسىلەن ، جۇڭگو مەدەنىيىتى دەپ ئېلىپ ئېيتساق شەرقتە شاڭخەي ساھىلىدىن غەربتە تارىم ۋادىلىرىغىچە ، شىمالدا ئۇسسۇرى بويلىرىدىن جەنۇبتا يۈننەن تاغلىقلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىندىكى نۇرغۇن ئۇششاق-چوڭ ، قەدىمىي ۋە يېڭى شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيىتى ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگۈچى ئاساس بولىدۇ .
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، شەھەرلەر ئۈچىنچى ، تۆتىنچى ، ھەتتا بەشىنچى ئەۋلاد شەھەرگە قاراپ تەرەققىي قىلدى ، ئۆز ئالدىغا مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىنى ۋە تەرەققىيات يوللىرىنى شەكىللەندۈردى . مەسىلەن شېنجېن ئەندىزىسى ، چوڭچىڭ ئەندىزىسى ، نىڭبو ئەندىزىسى ، يىۋۇ ئەندىزىسى ، ۋېنجۇ ئەندىزىسى دېگەندەك .
مانا مۇشۇ جەريانلاردا ، شۇ جايدىكى خەلقلەر قانداق ھالەتتە ياشىدى ؟ ئۇلاردا قانداق ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى ؟ شەھەر مەدەنىيىتىنى ياراتقان شۇ شەھەرلىكلەر قانداقراق كىشىلەر ؟
بىز چەتئەللەرگە باردۇق ، ئۇنداقكەن بۇنداقكەن دەپ ئەسلىمىلەرنى يازدۇق ، سۈرەتلەرگە چۈشتۇق . لېكىن چەتئەللىكنىڭ قەشقەر ، ئاقسۇ ، خوتەن ، غۇلجا ۋە ياكى قۇمۇل ، تۇرپان ، ئۈرۈمچىلەردە كۆرگىنىگە ، ئاڭلىغىنىغا ، ھېس قىلغىنىغا دىققەت قىلدۇقمۇ ؟
بەزىلەر ، تاكسى شەھەرنىڭ بىر بەلگىسى بولالايدۇ دەپ قارايدۇ . مەنچىمۇ شۇنداق . چۈنكى يات يەر كىشىلىرى ئەڭ بۇرۇن ۋە ئەڭ ئاسان ئۇچرىشىدىغان شەيئى شۇ شەھەرنىڭ تاكسى ماشىنىلىرى ۋە تاكسى ھەيدەيدىغان ئۇستاملار . كۆپىنچە ھاللاردا شۇلار بىر شەھەرنىڭ سېمۋولى سۈپىتىدە يات يەردىن كەلگەنلەرگە تۇنجى تەسىراتنى بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاماقخانىلار ، مېھمانخانىلار ، كۈتكۈچى خادىملار ، ئەمەلدارلار ، پۇلدارلار ، ئولتۇرۇش-سورۇنلار ، ۋە ھەتتا پاھىشىخانىلارمۇ بىر شەھەرنىڭ يات يەر كىشىلىرىگە تەسىرات قالدۇرىدىغان بەلگىلىرىدىن بولالايدۇ .
خوش ، گەپنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەن شۇ تاكسى ھەققىدە ئىككى كەلىمە توختىلىپ باقاي .
ھازىر بىردىن-بىردىن ساناپ كەلسەم ، دۆلىتىمىز تېشىغا چىقىپ باقمىغىنىم بىلەن ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ، ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەرنىڭمۇ خېلى كۆپىگە بېرىپ بېقىپتىمەن ، ئۇزۇنىدا سەككىز-توققۇز يىل ، قىسقىسىدا بىر قانچە سائەت تۇرۇپ باقتىم . ئۆزۈم بېرىپ باققان ئەللىك نەچچە شەھەرنىڭ تاكسىلىرىدىن ، بېيجىڭ ، ۋېيخەي ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تاكسىلىرى ۋە ئۇستاملىرى ماڭا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى .
بېيجىڭدىكى تاكسى :
مەن بېيجىڭدا سەككىز يىلدىن ئارتۇق تۇردۇم ، تۇرمۇش قايناملىرىدا تىركىشىپ يۈرگەن مەزگىللەر بولغاچقا ، تاكسىغا كۆپ چىقىپ كەتمەيتتىم ، ئامال بار مېترودا ئولتۇراتتىم ، بىراق مېترو بارمايدىغان ، ئارىلىق خېلى كېلىدىغان جايلارغا بولسا تاكسىدا ئولتۇرماي ئامال يوق ئىدى ، چۈنكى ئاپتوبۇسقا چىقسام تىنىقىم سىقىلىپ ، كۆڭلۈم ئاينىيتتى .
بېيجىڭنىڭ تاكسىلىرى مەيلى قايسى شىركەتنىڭ بولسۇن ، ئوخشاشلا بىر ياكى ئىككى خىل تەگلىك رەڭنى ئاساس قىلىپ سىرلىنىدۇ ، مەن بېيجىڭغا تۇنجى قەدەم باسقاندا سېرىق رەڭ ئاساس ئىدى ، كېيىن يېشىل ، يەنە كېيىن قىزىل سۆسۈن رەڭ بىلەن سېرىق رەڭ ئاساس قىلىنىپ سىرلاندى . بېيجىڭنىڭ تاكسىلىرى كۆپىنچە ھاللاردا ھيۇنداي ماركىسىدىكى ماشىنىلارنى ئىشلىتىدۇ ، بۇنىڭدا بېيجىڭ شيەندەي شىركىتى بىلەن تاكسى شىركەتلىرىنىڭ كېلىشىمى بارمۇ ۋە ياكى نېمە سەۋەب بىلمىدىم . شۇڭا يىراقتىن قارىسىڭىز ، كېلىۋاتقان تاكسىلارنىڭ ھەممىسى بىر ماشىنىدەك ، ھەممىسى زاۋۇتتىن بىرلا قىلىپتا قۇيۇلۇپ چىققاندەك ھېس قىلىسىز . لېكىن ماشىنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن ھېس قىلىسىز ، سىز ھەر بىر قېتىم تاكسىدا ئولتۇرغىنىڭىزدا ئوخشىمىغان بىر دۇنيادا تۇرىۋاتقاندەك . چۈنكى بېيجىڭدا تاكسى ھەيدىگۈچىلەر ھەرجاي ھەريەردىن كەلگەن كىشىلەر ، ھەرخىل ئاھاڭدا سۆز قىلىشىدۇ ، بىرى شىمالچە ، بىرى جەنۇبچە ، بەزىلىرى سىچۈەنچە ، بەزىلىرى گەنسۇچە . لېكىن ئۇلارنىڭ تىلىدىكى بىر ئورتاقچىلىق ، ھەممىسى ئامال بار بېيجىڭ ئاھاڭىدا سۆزلەشكە تىرىشىدۇ . شۇڭا سىزمۇ تاكسىچى بىلەن سۆزلەشكەندە كەلسىدۇر كەلمىسىدۇر سۆزلەرنىڭ كەينىگە ئېغىر بولغان بۇرۇن ئاۋازىنى قوشۇپ ، يەنە ېر قوشۇمچىسىنى قوشۇپ تۇرۇپ سۆزلىشىسىز . شۇنداق قىلىپ بىر شىنجاڭلىق ئۇيغۇر بىلەن بىر سىچۈەنلىك ئۇستام ئارىسىدا بېيجىڭچە دېئالوگلار ئۈزۈلمەيدۇ ، بېيجىڭدىكى كىشىلەر ئوچۇق كېلىدۇ ، ئۇلار بۇرۇن نەدىنلا كەلگەن بولمىسۇن ، بۇ شەھەردە بارا-بارا ئېچىلىدۇ ، باشقىلارغا سۆزلەشنى ياقتۇرىدۇ .
يېڭىلا بېيجىڭغا كەلگەن بىر يات كىشى ، تاكسىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن ، تاكسىچى ئۇستامنىڭ بېيجىڭ ھەققىدىكى قىزىقارلىق گەپ سۆزلىرى ، بارماقچى بولغان جاي ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ ، بېيجىڭنىڭ ھەقىقەتەن ھەممىنى سىغدۇرغۇچى ، كۆكسى-قارنى كەڭ ماكان ئىكەنلىكىنى ، مەدەنىيەت يۇرتى ئىكەنلىكىنى دەرھال ھېس قىلىپ يېتىدۇ .
شاڭخەيدىكى تاكسى :
شاڭخەيگە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئىككى قېتىم قەدەم باستىم . ئىككىلا قېتىم ئالدىراپ بېرىپ ئالدىراپ قايتتىم . ھەقىقىي شاڭخەيلىكلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى پەقەت يەنىلا شۇ تاكسىدا بولدى . چۈنكى قارىماققا شاڭخەينىڭ تاكسىلىرىنى كۆپىنچە يەرلىك ئۇستاملار ھەيدەيتتى . ماڭا زور تەسىرات قالدۇرغىنى مۇنداق بىر سەزگۈرەشتە بولدى .
مەن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن شۈجياخۇي ئەتراپىدا ھايال بولۇپ قېلىپ ، ۋاقتىدا كۆرۈشمەكچى بولغان ئادىمىم بىلەن كۆرۈشەلمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەتراپتا يۈز نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بىر رايوندىكى ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن ئىدى . كەچ بولۇپ كەتكەچكە ئۆزۈم يالغۇز قانداق مېڭىشنى بىلەلمىدىم . ئاخىرى قىينالغۇچە يانچۇققا يالۋۇرايچۇ دېگىنىمچە قاراملىق بىلەن تاكسىدىن بىرنى توستۇم دە بارىدىغان يېرىمنىڭ نامىنى دېدىم . ئۇستام قارىماققا ۋە ئاڭلىماققا تىپىك يەرلىك شاڭخەيلىك ئىدى ، ئۇ بىردەم ماڭا قارىۋەتكەندىن كېيىن يېنىككىنە « ئاپلا » دېدى . مەن ھەيران قېلىپ ۋە سەل ئاچچىقىم كېلىپ « نېمە بولدى بالاڭزا ، كىرا رەت قىلماقچىما ؟ » دېدىم . ئۇ يەنە يېنىك ئاۋازدا تولغانغان ئورتاق تەلەپپۇزدا « ياقەي ، ئۇ جاي سەل يىراق ئىدى ، كىرا پۇلى كۆپ چىقىپ كېتىدۇ » دېدى . مەن ئۇنىڭ غەم قىلماسلىقىنى جىكىلەپ ، قولىغا بىرقانچە يۈز سوم پۇل تۇتقۇزدۇم ، ئۇ پۇلنى ئالغىلى ئۇنىماي تۇرىۋالدى ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئىشنى بىجىرمەي تۇرۇپ پۇل ئېلىش ئەركەكنىڭ ئىشى ئەمەسمىش ، شاڭخەيلىكنىڭ ئىشى تېخىمۇ ئەمەسمىش . شۇ زامان قەشقەردىكى تاكسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلماستىن بۇرۇن پۇلىنى دېيىشىۋالمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدىغان ئۇرۇقلۇق ئۇيغۇر قان-قېرىنداشلىرىم كەلدى ، ۋە ئىچىمدە شاڭخەيلىكلەرنىڭ قەشقەردە تاكسىغا چىقماسلىقىغا دۇئا قىلدىم . ئۇ نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ تۆت سائەتكە يېقىن ۋاقىتتا مېنى مەنزىلگە يەتكۈزدى ، مۇساپە ئۆلچىگۈچكە چىققان پۇلنىلا ئالدى . لېكىن يېرىم كېچە بولغاچقا ئۇنىڭ كىراسىز قايتىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى . ئۇ شۇ ئەتراپتا ماشىنىنى توختىتىپ ئۇخلاپ ، ئەتىسى سەھەردە كىرا ئېلىپ قايتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتى ، مەن ئۇنى مەن تۇرماقچى بولغان ئۆيدە بىللە قونۇشقا تەكلىپ قىلسام ، ئۇنىمىدى ، ئۇنىماسلىقتىكى سەۋەب مەن بىلەن ئۇنىڭغا ، يەنە ھەرقايسىڭلارغا ئېنىق ئىدى .
ۋېيخەيدىكى تاكسى :
ئالتە يىل مۇقەددەم لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى داليەن شەھىرىدىن يولغا چىقىپ ، بوخەي دېڭىزىدىن پاراخوت بىلەن كېسىپ ئۆتۈپ ئاخىرى ۋېيخەيگە ساياھەتكە كەلدۇق . بىز ئۈچەيلەن ئىدۇق . مەن سەپرا كىشى بولغاچقا پاراخوتتا يول بويى ، ياق دېڭىز بويى قۇسۇپ كەلگەن ئىدىم ، دېڭىزغا مېنىڭ ئېغىزىمدىن پولوكشىپ چۈشكەن توخۇ قورۇمىلىرىنى بوخەي دېڭىزىدىن يۇلقۇنۇپ چىققان دولقۇن كېزەر بېلىقلار تالىشىپ يەۋاتقان ئاشۇ مەنزىرە ئېسىمدىن چىقمايدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ باشقا گەپ ، ھەقىقىي ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى ۋېيخەينىڭ تاكسىلىرى . ۋېيخەي شەھىرى بەكمۇ گۈزەل شەھەر ئىدى . بۇ يەرنىڭ يوللىرىدا ئاياغ كىيمەي يالاڭپۇت مېڭىپ كىرىپ مېھمانخانىنىڭ ئاپئاق كىرلىكىگە دەسسىسىڭىز پۇتىڭىزنىڭ ئىزى چىقمىغۇدەك پاكىز ئىدى . پاكىز ۋە نەمخۇش ھاۋا نەپسىمنى ياخشىلىغۇچە نۆۋەتلىشىپ كەلگەن تاكسىدىن بىرى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ توختىدى ۋە كېلىشكەن بىر خەنزۇ يىگىتى ئاپئاق پەلىيىنى كىيىپ بىزگە ئېنگلىزچە سالام بەرگەندىن كېيىن سومكا بوغچىلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا باستى . ئۇ ھەتتا بىزدىن نەگە بارىدىغانلىقىمىزنىمۇ سورىمىغان ئىدى . كېيىن دېيىشىچە ، نەگە بېرىش مۇھىم ئەمەس ، بەلكى مېڭىش مۇھىم ئىكەن ، پاھ-پاھ ، پەلسەپەچى ئۇستام ! تاكسىغا چىققاندىن كېيىن مېنىڭ چۈشۈپ پىيادە ماڭغۇم كەلدى ، چۈنكى بۇنداق پاكىز ھاۋالىق پاكىز يوللۇق شەھەردە ماشىنىدا مېڭىش خۇددى داستىخانغا تەرەت قىلغاندەك بىلىنگەن ئىدى . نەئامال مەنزىل يىراق تاكسىدا مەنزىرە كۆرگەچ ماڭدۇق . بېيجىڭلىق ئۇستاملار بىلەن قارىمۇ-قارشى يېرى ، بۇ ياش ئۇستام قەتئىي گەپ قىلمايتتى . ھېكايە ئېيتىپ بەرمەيتتى . شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا مۇزىكا قويۇپ بېرىشنى ئېيتتۇق ، ئۇ بىزدىن قانداق مۇزىكا ئاڭلايدىغانلىقىمىزنى سوراپ تۇرىۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى بىر قىيناپ باقايلى دەپ ، شىنجاڭنىڭ مىللىيچە مۇزىكىسىنى قوي ، دېسەك ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ «خاپا بولماڭلار ، مىللىيچىسى يوق ، لېكىن ئەركىننىڭ مۇزىكا پلاستىنكىسى بار » دەپ ، ماشىنىنى چەتكە توختىتىپ ، كەينىدىكى ساندۇقتىن بەش مىنۇت ئىزدەپ بىر توپا بېسىپ كەتكەن پلاستىنكىنى تېپىپ بىزگە قويۇپ بەردى . بىز بۇ ھالنى كۆرۈپ بىر-بىرىمىزگە چەكچەيگىنىمىزچە ھەيرانلىقتا قالدۇق . بىز ئۇنىڭدىن ئېچىلىپ ئولتۇرۇشىنى ، گەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق ، چۈنكى مەنزىلگە تېخى بار ئىدى ، ئۇ بىزگە ئاندىن ئۇلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىدا يات يەر كىشىلىرىگە كۆپ گەپ قىلماسلىق ، كۆپ گەپ قىلىپ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويماسلىق دېگەن ماددىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى . بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن سەپرا قوزغىلىپ ماشىنىدىلا قۇسۇپ قويدۇم ۋە جىددىيلىشىپ ماشىنىنى توختات دېدىم . ئويلىمىغان يەردىن ياش ئۇستام مەندىن بەكرەك جىددىيلىشىپ مېنى يۆلەپ يول بويىدىكى پاكىز چىملىققا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن ماشىنىنى پاكىز سۈرتۈپ بولۇپ ئاندىن مېنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى . ئۇ مەندىن كەچۈرۈپ سوراپ « كەچۈرۈڭ ، كەينىدىكى ئورۇندا قۇسۇيدىغان سۇلياۋ خالتا بار ئىدى ، مەن بايا مۇشۇ ئىشنى دېمەيلا ئالدىراپ مېڭىپتىمەن » دەپ خىجىل بولۇپ كەتتى . بىز مەنزىلگە چۈشكەندىمۇ ئۇ بىزدىن ئارتۇق «قۇسۇق ھەققى» ئېلىپ قالمىدى . شۇ چاغدا مېنىڭ كاللامغا دىيارىمىزدا يولۇچىنىڭ ئەھۋالى بىلەن كارى يوق ، ماشىنىغا تىرناقچىلىك قۇسۇق تىمىپ كەتسە سوقۇش خورىزىدەك ھۈرپىيىپ نۇرغۇن ئارتۇق پۇل تەلەپ قىلىدىغان سۆرۈن تەلەت تاكسى ئۇستاملار كەلدى .
قەشقەردىكى تاكسى :
مەن قەشقەردە داۋاملىك تاكسىدا ئولتۇرىمەن ، ۋە ئۇستاملارنىڭ گەپ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىمەن . يولدا كېتىۋېتىپ ھامماخانئاچىسى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىدىغان ، ئانىسىدەك ئادەملەر ماشىنىدا ئولتۇرسا يولدىكى قىزلارغا ئىسقىرتىپ ماڭىدىغان ، ئاغزىدىن پوق ياغمايدىغان لېكىن بەتتەررەك تاكسىچى ئۇستاملارنى بەك كۆپ كۆردۈم .
يېقىندا بولغان بىر ئىشنى دېسەم ، ۋوگزالغا ئاقسۇدىن كەلگەن بىر بۇرادەرنى ئالغىلى بارغان ئىدىم ، يېنىشىمىزدا تاكسىغا ئولتۇردۇق . بىراق تاكسى شوپۇرى زادىلا ماڭغىلى ئۇنىمىدى . سەۋەبى ، ۋوگزالدىن پەقەت ئىككىلا ئادەمنى ئېلىپ ماڭسا زىيان چىقارمىش ، يەنە بىر كىرا ئېلىۋالمىسا بولمايمىش . « ئۇنداق ئادەم ئاپتوبۇس ھەيدىسەڭ بولمامدۇ ئاداش » دەي دېسەم ، كۆكەرمىلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ماقۇل دېدىم . بىر ھازادا دۈمبىسىگە ئۆزىدىن يوغان بىر لاتا سومكىنى ئارتىۋالغان خەنزۇ قىزى بىزگە قاراپ كەلدى . تاكسى شوپۇرى دەرھال چۈشۈپ ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى سورىدى ، لېكىن خەنزۇ قىزى ئۇنىڭ قەشقەر تەلەپپۇزىدىكى خەنزۇچى گېپىنى ئاڭقىرالمىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن چۈشۈپ سۆزلەشتىم ، بۇ قىزچاق فوتوگرافىيە ھەۋەسكارى ئىكەن ، قەشقەرگە تۇنجى كېلىشى بولۇپ ، شەھەردىكى مەلۇم بىر ياشلار موتېلىغا بارماقچى ئىكەن . بىراق ئۇنىڭ تاكسىدا ئولتۇرغۇسى يوق بولۇپ ، پەقەت شۇ يەرگە قانداق بارىدىغانلىقىنى سوراۋاتاتتى . تاكسى شوپۇرى ئۇنى دەپ بۇنى دەپ زورلاپ سومكىلارنى ماشىنىغا بېسىپ ، ئاخىرى ئۇنى تاكسىغا ئالغان بولدى . شۇنداق قىلىپ يولغا چىقتۇق . جەرياندا خەنزۇ قىز مەندىن شۇ موتېلغا بارغۇچە قانچىلىك كىرا چىقىدىغانلىقىنى سورىدى ، مەن ئونبەش يۈەن كېتىدۇ دېدىم . چۈنكى ئەمەلىيەتتە ۋوگزالدىن شەھەرگە ئونبەش يۈەنلىك مۇساپە بولمىسىمۇ ، قەشقەرنىڭ تاكسىلىرى شۇنداق پۇل ئالاتتى . شۇنىڭ بىلەن چۈشىدىغان ۋاقىتتا ئۇ تاكسى شوپۇرىغا ئونبەش يۈەن تەڭلىدى ، ئويلىمىغان يەردىن تاكسى شوپۇرى يېگىرمە يۈەن ئالىمەن دەپ تۇرىۋالدى . بۇلار بىر ھازا جەڭگە-جېدەلدىن كېيىن ، مېنىڭ ئاجراشتۇرۇشۇمدىن كېيىن ، ئاران بىرلىككە كېلىپ ، قىزچاق ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىغا يېگىرمە يۈەننى پالاققىدە تاشلاپ چۈشۈپ كەتتى . تۈن قاراڭغۇسىدا ماشىنىنىڭ كەينىدىن فوتو ئاپپاراتىنىڭ چاقماق چېرىغى لاپپىدە يېنىپ ئۆچتى . كەينىمگە قارىسام ، قىزچاق بارغانسېرى يىراقلاۋاتقان تاكسىنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى . يۈزۈم قىپقىزىل بولۇپ قىزىپ كېتىۋاتاتتىم . ئاچچىقىمدا تاكسى شوپۇرىغا دېدىم ، « ئاداش ، ماۋۇ قىلغىنىڭلا بولمىدى » ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ تەرسا ئاداش كانىيىنى كېرىپ كاركىرىدى : « قانداق قىلىمەن ئەمىسە ، بىز خەقمۇ نان يېسەك بولار ؟! » . ئىچىمدە ئويلىدىم ، سەن نان يېمەپسەن بالاڭزا ، سەن شەھەرنىڭ يۈزىنى سۈيۈقئاشقا چىلاپ ئىچكىلى تۇرۇپسەن ...
بۇنداق ئىشلارنى سۆزلەي دېسەم گېپىم تولا ئىكەن . ئەلۋەتتە ، شەھەرنىڭ ئوبرازىنى خاس مۇشۇ بىرلا نۇقتىدىن سۆزلەشكە بولمايدۇ . بېيجىڭدىمۇ ، چىڭداۋ ۋېيخەيدىمۇ ، شاڭخەي سۇجۇ خاڭجۇدىمۇ ھەرخىل ئادەملەر بار . بىراق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بىر يېرى ، شۇ جايدىكى كىشىلەر جېنىنىڭ بارىچە تىرىشىۋېتىپتۇ ، شەھەرنى ياخشىلاشقا ، ياخشى بايراق تىكلەشكە ، ئوبراز يارىتىشقا باشلاپتۇ . شۇنداقلا ، شۇ ئوبرازنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگەن مېۋىسىنى تېتىشقا باشلاپتۇ . بىراق بىزچۇ ؟
( داۋامى باشقا ماۋزۇدا ، باشقا يازمىدا ، باشقا شەكىلدە سۆزلىنىدۇ )
--- ئەزىزان ---
قەشقەر
2014-يىلى 7-ئىيۇل