مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 663|ئىنكاس: 8

گۈل گۈلىگە كەلمىسە... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2971
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16921
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2645 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 01:37:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈل گۈلىگە كەلمىسە...
(‹‹پۇشكىن شېئىرلىرىدىن تاللانما››نىڭ تەرجىمىسىدىكى زەررىچە ئىزتىراپ)

قاراخان
         2014-يىلى 1-يانۋار مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاكىمىزنىڭ ‹‹پۇشكىن شېئىرلىرىدىن تاللانما››ناملىق تەرجىمىسى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن روياپقا چىقتى، پۇشكىننىڭ 200يىللىق دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە زەكى شائىرلىقىنى ئاڭلىغىلى 30يىل بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنى1986-يىلدىن  1996يىلغىچە بىرنەچچە پارچىلا كۆرگەن ئىدىم،ماڭا تەسىر قىلغانلىرى ئىلگىرى دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن ‹‹سىبىر تۇتقۇنلىرىغا مەكتۈپ››،‹‹مىس چەۋەنداز››دىن كۆچۈرۈلگەن بىر قىسىم شېئىرلار بولسا كېرەك،ئەمما ‹‹تۈگىمەس ناخشا››دەك كاللامغا ئورناپ كەتكىنى بولسا ئۇنىڭ ‹‹گۈل››ناملىق شېئىرى ئىدى ،بۇ شېئىرنىڭ ماڭا روسىيە جەمىيىتىنىڭ پوپلۇق ۋە جاللاتلىق ھۆكۈم سۈرگەن ئىجتىمائى ئىدولوگىيەسىنىڭ ئىككى غايىۋى ياشقا ئېلىپ كەلگەن تىراگىدىيىسىنىڭ شائىر قەلىمى ئارقىلىق يۈكسەك تىپىكلىككە ئىگە قىلىنغان كارتىنىسىدەك تەسىر- يۇقۇمى بولغاچقا  ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى  پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بىر قىسمەتنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىگە تەققاس قىلاتتىم .بۇ قېتىم مەزكۇر تەرجىمە توپلامنى ئېلىپلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەنە شۇ ‹‹گۈل››دىگەن شېئىرنى ۋاراقلاپ ئوقۇپ بىردە ھاياجانلانسام بىردە ئەپسۇسلاندىم،زادى قايسى تەرجىمە مېنىڭ مەنىۋى دوقمۇشىمغا لوزۇنكا ياكى ۋىۋىسكا بولالىغۇدەك مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان دەپ  ئۆزۈمگە تېپىشماق قىلدىم،بىر تۇرۇپ قايسىسى ئەسلى تەرجىمىگە ياكى ئەسلى قوليازمىغا دەلمۇ -دەل چۈشكەندۇ ،ياكى قايسىسىنىڭ سادىقلىق دەرىجىسى بىر -بىرىنى بېسىپ چۈشكەندۇ دەپ نەچچە كۈنگىچە ئويلاندىم،ئاخرىدا ئەسلى شېئىرنىڭ مەزمۇن ۋە بەدئىلىك قىممەت كۆركى ساقلىنىپ قالسا ‹‹ئۆلۈكنىڭ روھىغا ،تىرىكنىڭ يۈزى››گە ياخشى بولاتتى دەپ تەشۋىشلەندىم ئۇپرىدىم.ئۆزۈم رۇسچە ياكى خەنزۇچە دىگەندىن ئىپتىدائى ساۋاتقا ئىگە بولمىغاچقا ئەسلى(رۇسچە) شېئىرنىڭ ياكى خەنزۇچە تەرجىمىنىڭ مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاكىمىز قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمە بىلەن قانچىلىك يىراق-يېقىنلىغىنى مۇتلەق ئىلغا قىلالمايتىم،ئاخرىدا ئۆزۈمنىڭ نەچچە يىللىق شېئىر -قوشاق ئوقۇش جەريانىدىكى ئىستىتىك زوق ئېلىش پۇنكىتسىيەمگە تايىنىپ گەرچە ھېسسىياتقا زورۇقۇپ كەتكەن بولساممۇ مەزكۇر توپلامدىكى ‹‹گۈل››دىگەن مۇبارەك شېئىرنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆز ۋاقتىدا قۇربان داۋۇت ئاكىمىز تەرجىمە قىلغان ‹‹گۈل››ناملىق شېئىرنىڭ بەدئى ئۆلچىمىدىن مۇئەييەن پەرقلىنىپ كۆزلىگەن مەقسەتكە ياكى تەرجىمە ئۇتۇقىغا تەلتۆكۈس نائىل بولالمىغانلىغىنى يەكۈنگە ئالدىم ،گەرچە مەن ئات ئۈستىدە گۈل كۆرگەن ياكى كۆزۈم ئېچىلمىغان سەۋىيىدە ‹‹ھەسەلنىڭ قىلى››نى ئايرىپ بېقىشقا ئۇرۇنغان بولۇشۇم مۈمكىن،بىراق رىئاللىق ئۇنداق ئەمەستەك تۇيغۇ بەرگەنلىگىنى كىتاپخانلاردىن يوشۇرغۇم كەلمەي ئىككى تەرجىمە نۇسخىنى سېلىشتۇرۇپ ئۇنىڭ سۈپىتىگە بىرلىكتە باھا بېرىش قارارىنى تاللىدىم،بىز پىشقەدەم تەرجىمان مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاكىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگەك مىۋىسى بولغان ‹‹پۇشكىن شېئىرلىرىدىن تاللانما››دىكى ‹‹گۈل ››دىگەن شېئىرنىڭ تەرجىمىسىگە خالىس نەزەر تاشلاپ كۆرەيلى:
گۈل
ئا.س.پۇشكىن
قۇرۇغان پۇراقسىز ئۇنۇتۇلغان گۈل
كىتابنى ئاچقاندا كۆرۈپ قالدىم ھەم.
غەلىتە خىيالغا تولدى بۇ كۆڭۈل
پەرىشان تىكىلىپ تۇرۇپ قالدىم مەن.

قەيەردە ۋە قاچان قايسى باھاردا
ئېچىلغان پورەكلەپ ،ئۇنى ئۈزگەن كىم؟
يات قولمۇ ،تونۇشمۇ ئۈزگەن گۈلزاردا،
نىمە ئۈچۈن بۇ يەرگە قويۇپ قويدىكىن؟

نازۇك بىر ۋىسالنىڭ يادنامىسىمۇ
يا ئىزى شۇم ھىجران يالدامىسىنىڭ ؟
يا خاتىرىسىمۇ تېپ تېنچ سەھرا
ئورماندىكى يالغۇز سەيلە-تاماشىنىڭ؟

ھاياتمۇ ئۇ يىگىت، ھاياتمۇ ئۇ قىز ،
ئۇلار بۇ كۈنلەردە يۈرگەندۇ قايان؟
ياكى شۇ قۇرۇغان ،سولغان ،بەلگىسىز
گۈل ئوخشاش ئىككىسى بولدىمۇ خازان؟

1828-يىلى  

‹‹پۇشكىن شېئىرلىرىدىن تاللانما›› مۇھەممەت شاۋۇدۇن تەرجىمىسى ،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2014-يىلى 1-يانۋار 185-بەتكە قارالسۇن.
بەلكى بۇ تەرجىمە نۇسخا ئەسلى تەرجىمە ياكى ئەسەرگە تولۇق سادىق بولغان بولىشىمۇ مۈمكىن ،ئەپسۇسكى بۇ تەرجىمىنىڭ قۇربان بارات ئاكا قەلىمى ئاستىدىكى مۇنۇ تەرجىمە نۇسخىسى مەزمۇن شەكىل،لوگىكىلىق قۇرۇلما جەھەتتىن ماڭا يۇقۇرىقى تەرجىمىگە قارىغاندا يېنىك،ئوقۇشلۇق،ئەستە ساقلاشقا مايىل ،لىرىكىلىقتەك بىلىندى ،تەسىراتىمنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۇنىمۇ بىرگە يوللىدىم:

گۈل
ئا.س.پۇشكىن
كىتاپنى ئاچتىمدە چۈشتى نەزىرىم،
ئۇنتۇلغان، پۇراقسىز،قۇرۇغان گۈلگە.
پەرىشان تەلمۈرۈپ قالدىم شۇ پەيتتە،
غەلىتە خىياللار تولۇپ كۆڭۈلگە.

كىم ئۈزگەن گۈلدۇ بۇ،بولغانمۇ ئۇزاق؟،
ئېچىلغان قەيەردە، قايسى باھاردا؟.
ئۈزگەن قول تۇنۇشمۇ، ياكى ناتۇنۇش؟،
نىمىشقا قويدىكىن ئۇنى بۇ جايدا؟.

ئۇ ئىللىق ۋىسالنىڭ خاتىرسىمۇ،
ياكى يادىكارى سوغۇق ھىجراننىڭ ؟.
يا جىمجىت سەھرادا بولغان بىر سەيلە،
ياكى ئەستىلىكى سالقىن ئورماننىڭ؟.

ھىلىمۇ تىرىكمۇ يىگىت بىلەن قىز ،
ماكانى بارمىدۇ ياشاپ يۈرگۈدەك ؟.
شۇ تاپتا قەيەردە،ياكى سولسىمۇ؟،
مانا شۇ بەلگىسىز، قۇرۇغان گۈلدەك؟!.

-خاتىرەمدىن ئېلىندى2000-يىلى                        مۇنۇ تەرجىمىنىڭ بېشىدىلا دەسلەپكى ئىككى مىسرانىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغاندەك تەسىرات بەرگەندىن باشقا  شېئىرى پىكىرلەرمۇ قۇرغاق ھەم چىڭكىرىش ھالەتتە ئەمەس بولۇپ قالغاچقا ماڭا زاغرا نان بىلەن توقاچ ناننىڭ پەرقىنى ئەسلەتتى.

              نۆۋەتتە   مەركەزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى خىللاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش، خەنزۇ ئەدەبىياتى ۋە ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىپ ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دولقۇنى بىزنىڭ  مەنىۋى  مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇق ئېڭىمىزنىڭ  مۇھىم نامايەندىسى سۈپىتىدە گەۋدىلەنمەكتە.

بىر نەچچە يىللاردىن بېرى خاھىش -تىندىنتسىيىسى چوڭقۇر ،باش تېمىسى ئاكتىۋال،ساغلام، ئىستىرولۇق، ھېسسىياتى چىن، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، تۇرمۇشقا،ئاممىغا، ئەمەلىيەتكە يېقىنلاشقان شۇنداقلا  يۇرتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى غايەت زور نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، مۇئەييەن ئەدەبىي سەنئەتلىك ۋە ئىدىيىۋىلىككە ئىگە رومان پوۋېست، ھېكايە، شېئىرلار يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىندى.

    بۇنىڭغا ئەگىشىپ نەسىر، شېئىر (نەسرىي شېئىر)لارمۇ تەرجىمە قىلىندى ،دىلمۇرات تەلئەتنىڭ ‹‹ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى››،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،2006-يىلى 1-سىنتەبىر. ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرنىڭ ‹‹ياشلىق چۇقانلىرى››1-،2-قىسىم ،شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 2006-يىلى 1-ئىيۇل ۋە باشقا بىر قىسىم ئاتاقلىق تەرجىمانلارنىڭ تارىخ ،ئەدەبىيات -سەنئەت ،كىنو-تىياتىر ئەسەرلىرى ،‹‹ئىلاھە چوققىسى››(مۇختەر مەخسۇت تەرجىمىسى )،‹‹فىتوفى شېئىرلىرى›› ئەخمەت ئىمىن ،ئۇچقۇنجان ئۆمەر(،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى) تەرجىمىسىگە ئوخشاش نادىر شېئىرى ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىندى....دىمەك بىزدە خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچىغا،ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا شۇنداقلا چەتئەلچىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلالايدىغان تىلماچلار قوشۇنى باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى.

بۇنىڭ ئىچىدە

ئەسلى ئەسەرگە ھۆرمەت قىلىنغان ۋە سادىق بولغان ، تىلى توغرا، ئىۋەنسىز، پاساھەتلىك گۈزەل تىل ئارقىلىق ئەسلى ئەسەرنىڭ ئىدىيىسى ۋە مەزمۇنىنى تولۇق ئىپادىلىگەن ئەسەرلەر خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.لۇشۇننىڭ سۆزى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ‹‹قاتمال ۋە ئۆلۈك تەرجىمە››دىن خالى بولغان ئەسەرلەر  ئوقۇرمەنلەرنىڭ چىن ئىشتىياق بىلەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ۋە داۋامىنى كۈتىدىغان تەرجىمە ئەسەرلىرىگە ئايلىنىپ ئەتىراپىمىزدىن ئىزدىسەك تېپىلىدىغان بولدى.

ئەسلى ئەسەرنىڭ تىلى تەرجىمىدە ئۆزىنى يۇرىتالمىسا تەرجىماندىن بەكرەك كىتاپخاننىڭ ئىچى تىتىلدايدۇ،
1926-يىلى ئابدۇللا جەۋرەتنىڭ تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرى  ھەم گومورو تەرجىمە قىلغان ‹‹رۇبائىلار››ئاساسىدا مەرھۇم نۇرمۇھەممەت ئېركى ئاكىنىڭ قولىدىن تەرجىمە قىلىنغان  ‹‹ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرى››غا چۆكىدىغان بولساق بۇ تەرجىمىنىڭ مەرھۇم ئوسمانجان ساۋۇت ئاكىمىز تەرجىمە قىلغان ‹‹ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرى ››دىن سۈپەت جەھەتتە زور پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىغىنى كۆرىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس .مەسىلەن:
                 7-رۇبائى
دۈنيادا ئۇلۇغ سۆز-قۇرئان ئوقۇلۇر،
ئۇمۇ ئۇدا ئەمەس،گاھ ئان ئوقۇلۇر.
پىيالە قىرىدا بىر ئايەت باركى،
ھەر جايدا ،ھەمىشە،ھامان ئوقۇلۇر.
               23-رۇبائى
ئەزەلدىن لېيىمنى ئەتكەندە خۇدا،
بىلەتتى پەيلىمدىن نە بولۇر پەيدا.
ھۆكمىدىن تاشقىرى ئەمەس گۈناھىم،
خۇش ،نىچۈن مەھشەردە بېرىدۇ جازا؟

-ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى
            74-رۇبائى
دۇنيادا گۈزەل سۆز قۇرئان ئوقۇلۇر،
داۋام ئەمەس ،بەزى بىر زامان ئوقۇلۇر.
بار قەدەھ لېۋىدە يارقىن بىر ئايەت،
بۇ ئايەت ھەر جايدا ھەر ئان ئوقۇلۇر .
           133-رۇبائى
ئەزەلدە لېيىمنى ئەتكەنتى خالىق،
قىلماقچى ئىشىمنى بىلمىش ئۇ ئېنىق...
ھەر گۇناھ قىلساممۇ ھۆكمىدىن قىلدىم،
مەھشەردە جازالاش -بۇ نىچۈك مەنتىق؟

-نۇرمۇھەممەت ئېركى تەرجىمىسى
تەرجىمە تىلغا بۇرچ يۈكلەيدىغان ،دىلغا خۇرۇچ بەخش ئېتىدىغان ھەم كۆڭۈللۈك ھەم مۇشەققەتلىك ئەقلى ۋە جىسمانى ئەمگەكنىڭ سىناق ئۆتكىلى.ئادەتتە يۇقۇرىقىدەك بىرلا ئاپتورنىڭ ئەسىرىنى ئوخشىمىغان تەرجىمانلارنىڭ قولىدىغان چىققان تەرجىمە ھالەتتە ئۇچراتساق ھەقىقەتەن ئوخشاشلىقنى ۋە پەرقنى بايقاپ چىقىشقا بولىدىكەن،لېكىن ئوخشاشلىقنىغۇ بىر خىل ماھارەت ۋە ئىچكى ساپا دەپ قارىساقمۇ ئەمما پەرقنى ئۇلارنىڭ دىت پاراسىتى،تەجىربىسى،بىلىم مەنزىلى،كەسپى ئىقتىدارى قاتارلىق تەرەپلەردىن باھالاشقا توغرا كېلىدىكەن،مەن ئۇچراتقان ۋە ‹‹بازار››غا سالغان بۇ كىچىككىنە پەرقلەر ئانچە چوڭ تىلغا ئالغۇچىلىگى يوق نەرسىدەك بىلىنسىمۇ ئەمما تەرجىمە پىرىنسىپى نۇقتىسىدىن پىرىنسىپسىز ھېسداشلىق قىلىپ كۆرمەسكە ،ئۈندىمەسلىككە سالغىلى بولىدىغان تەرەپمۇ ئەمەس،شۇڭا مەن تەرجىمە ئەسىرىنىڭ ئەستىرىمۇ تېشىمۇ ئۆزىدىن بولسا ياخشى بولىدىغانلىغىنىڭ پېشىغا ئېسىلىپ كوسۇرلىدىم،ئەمما  ...
مەن مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاكىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىلمى ئېغىر ئەمگەكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ئۇنى بىزگە يورۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ،ئۇنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ سىقىپ رەھمىتىمنى ئىزھار قىلغۇم كەلدى ،ئۇنىڭ ‹‹ئەركىنلىك››،‹‹دون دەرياسى››،‹‹پەيغەمبەر››،‹‹ئىقرارمەن››،‹‹قارا رومال››،‹‹ماۋزۇسىز ››دىيىلگەن كۆپ قىسىم شېئىرلارنى بىزنىڭ تەبىئىتىمىزگە مۇناسىپ ،ئۇتۇقلۇق تەرجىمە قىلغانلىغىنى ئالقىشلايمەن.
2014يىلى 26-ئاۋغۇست






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 07:22 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-8-27 10:43 AM):
كوسۇرلىدىم،ئەمما  ...1986يىلى 1-ئاۋغۇست مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيۇپ ئاكىمىز بىلەن شائىر ۋە ژورنالىست ،تەرجىمان قۇربان بارات ئاكىنىڭ ‹‹ئەي چىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما››دىگەن ئەشئارلار توپلىمىنى ھەم تەرجىمان ياسىن ھاۋازى ئاكىنىڭ ‹‹ئەي چىڭ شېئىرىيەت توغرىسىدا ››دىگەن قىسقا ماقالا ھېكمەتلىرىنى ھازىرغىچە ئوقۇپ ئۇنىڭدىكى ھەر بىر سۆز ،قاتلام ،ئابزاست ،بۆلەكلەر تەرجىمىسىنى خۇددى ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇۋاتقاندەك تەسىراتپەرەسلىككە چۆمۈپ تۇرۇپتىمەن،بۇنداق بولۇشتىكى بائىس سەۋەپ دەل ئەستايىدىللىق،ئىزچىللىق،ئىزدىنىشچانلىق،كەسپچانلىق،تەكرار تەجىربىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مەھسۇلىمىدۇر دەپ ئويلاپ قالىمەن.گۈل گۈلىگە كەلسە ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ئورناتقانغا ،گۈل گۈلىگە كەلمىسە پور كۆتەككە نەقىش ئويغانغا ئوخشاپ قالسا كېرەك.

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3216
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9826
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3971 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 03:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى كۈتۈمەن .، مۇنداق ياخىشى تېمىلارنىڭ داۋامى ئۈزۈلمىسۇن. شېئىر نازۇك بىر نەرسە، تەتقىقاتى تۇلىمۇ ئىنچىكە ھەم ئەتراپلىق بولغاندا ئۇنىڭ نازۇك سىرلىرى تېخىمۇ جەۋلان بۇلىدۇ.
بىز شېئىرسىز ياشىيالمىغاندەك ،شائىرمۇ شئىرسىز ياشاش مۇمكىن ئەمەس ،چۈنكى شېئىر شائىرنىڭ پارتىلىۋاتقان ھىسسىياتىنىڭ مەھسۇلى ....
داۋامى بىزگە يار بولسۇن...................

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109231
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2014-8-17
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 03:11:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمەن ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 06:18:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇندىن كېيىن  تىلماچلار قوشۇنىنىڭ تېخىمۇ كوپلەپ يىتىشىپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . راست دەيسىز بىز ياخشى نەرسىلەرگە مۇھتاج .  

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 815 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 10:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇشكىنىڭ «گۈل »ناملىق بۇ شىئېرىنىڭ سىز يوللىغان بۇ تېمىدىكى 2-خىل نۇسخىسىنى تولا ئوقۇپ يادا بولۇپ كىتىپتىكەن.
تېمىنىڭ بېشىنى ئوقۇپلا 1-نۇسخسىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرىمۇ شىرىي تىل 2-خىلىدىكىدەك گۈزەل ،لىرىكىغا تۇيۇنغان ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 11:07:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 11:07:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 12:57:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى باشقىلارنىڭ يەنە تەرجىمە قىلىشى نىمە دىگەن بىمەنە
ئىش-ھە ؟.

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2971
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16921
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2645 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 10:09:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 12:57 AM
ياخشى تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى باشقىلارنىڭ يەنە تە ...

خۇددى قۇرئاننى قايتا تەرجىمە قىلىپ نىشانغا يېتەلمىگەندەك...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش