پاكىزلىق كەسپىمدۇر ئاياغ مايلايمەن ، شۇ كىچىك ئىش بىلەن جاننى قامدايمەن . بەزىلەر گەر مېنى مازاق قىلسىمۇ ، ماڭغىنىم توغرا يول داغدام چامدايمەن .
سالاپەت سوۋغامدۇر خېرىدارىمغا ، شۇڭا ھەم ئەلمۇ خۇش مېنىڭ بارىمغا . غايەمدە بولسىمۇ گۈزەل ئارزۇلار ، باقمىدى كاج تەقدىر ئىختىيارىمغا .
ئۆكۈنۈپ ئۆزۈمدىن دۇنياغا باقسام ، خىيالدا غەمقۇلۋاق دەريادا ئاقسام . مۇراتقا يەتكەنلەر يوقكەن جاھاندا ، غورۇرغا ۋىجدانى يۈرەكنى ياقسام .
قىشنى قىش دىمەيمەن ياكى يازنى ياز ، جۈپ قولۇم چىۋەردۇر چالغاندەكلا ساز . ۋىجدانى-غورۇردا ھالال يىگەچكە ، ياشايمەن مەردانە پۇل بولسىمۇ ئاز .
ئاپتۇرى:مۇھەممەتئەلىجان.چۇڭقۇرچاق بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barquk8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-25 08:56 PM
|