‹ تاڭنۇر › شېئىرلىرىدىن توپلام - 6
1 - ھىسام قۇربانغا
خەيرۇللا قۇربان : تاڭنۇر
مۇڭغا چۆكتى ،يىغلىدى ، تەشلەپكە ھەم ھەرەمباغ ،
ياش تالاشقان ھىسامدىن ،كۆز يەتكۈسىز تەلكە تاغ .
ئېپ كەتتىمۇ شۇنچە تېز ، ‹تۇداخۇننىڭ › ھەسرىتى ،
‹ھىسامكامنى › بىزلەردىن ، يۈرەكلەرنى قىلىپ داغ .
سورۇنلاردا ھەرۋاقىت، تۆردىن ئورۇن ئالاتتىڭ ،
مەنىسى ئېغىر سۆزلەرنى ، چاقچاق قىلىپ ئاتاتتىڭ .
چىرىكلەشكەن ،پارىخور ، نەپسى يامان ،ئىۋەننى ،
ھەر دوقمۇشتا يۇمۇردا ، چاقچىقىڭغا قاتاتتىڭ .
ھەر سورۇندا سىنىڭدە ، چاقچاقچىلار توختايتى ،
ئىنكاسلىرىڭ تېز بولغاچ ، تەمتىرەيتى ،ئاقسايتى .
‹ چۇكا تۇتقان ھىبىمۇ › ئېزىپ كىتىپ ھۇدۇقۇپ ،
‹ سالىكامغا › مىنىۋېلىپ ، قېچىشنىلا ئويلايتى .
گۈلى ئىدىڭ ھىسامكا ، غۇلجىلىقنىڭ پەخىرى ،
يادلىنىدۇ دىللاردا ،ھەر ئىنساننىڭ ئەجىرى .
ياش تۆكمەكتە بۆرتالا ، سايرام ، ئارشاڭ ، ئارچات ،
ئەل ئوغلىدىن ئايرىلىپ ،يامغۇر بولۇپ سەبىرى .
دىدى ساڭا ئەلۋىدا تۇرپانيۈزى ، جىلىيۇز ،
شەبنەم كەبى يالتىراپ ، بارچىمىزدە ئىللىق كۆز .
سېنى بالدۇر ئېپ كەتتى ، يۇپۇرماقتەك سىرغىتىپ ،
‹لەختە قىلىپ يۈرەكنى › ئەجەل ئاتلىق سىرلىق كۈز .
ئامراق ئىدىڭ ئەجەپمۇ ، ئەتكەنچايغا ، پاچاققا ،
چۈشمەس ئىدىڭ سورۇندا ، ‹ پەرھات › قۇرغان قىلتاققا .
‹ تاش سېرىقنى › ئوخشاتقان ، ‹ تۇداخۇنغا › ماسلىشىپ ،
قويمىغانتىڭ ‹ ياقۇپنى ›، قۇيرۇق قىسىپ قاچقانغا .
تاشلاپ كەتتىڭ ئەجەپمۇ ، ‹ئەخمەتجاننى› ‹ ھىبىنى ›،
ياد ئىتىپلا كەتتىڭمۇ ، ‹ تورغان ئۆمەر › ‹ زىكىرنى ›.
كىمگە مىراس قالدۇردۇڭ ، شاگىرتلىرىڭ ئىچىدە ،
خەلىق ئۈچۈن سۆزلەشنى ،قېرىنداشلىق مىھرىنى .
‹نۇرى› كىتىپ بىر مەزگىل ، خاپا چىراي يۈرگەنتىڭ ،
‹ ۋەلىكامغا › ياندىشىپ ،دۇتتىرىغا مىنگەنتىڭ .
ئىزباسىرى ‹ ياقۇپ › دەپ ، خانلەيلۇنغا سايراتسا ،
‹ ئاقۋاي ، قارۋاي › مۇڭىدىن ، ‹ كۈن ۋە تۈننى › كۈتكەنتىڭ .
بىر كۈنى دەپ باشلايتى ، ‹بولۇسكاممۇ › يۇمۇرنى ،
تۇتالمايتى ئەيپىنى ، ھىسامكامنىڭ تۇمۇرىنى .
‹ئۇرايىمكام › نان سۇراپ ، دائىم ئىشىك چەككەچكە ،
پارچە نانغا ھىسامكام ، چىڭ ئۇرايتى غۇرۇرنى .
‹نۇرى › چالغان ‹ ئەجەمدىن › ھىسام ئەجەپ مۇڭلانغان ،
‹ ياشلىقىمغا ›ياندىشىپ ،چاۋاك بىلەن كۈي قاتقان .
شاھى بولۇپ چاقچاقنىڭ ،خەلقىمىزنى كۈلدۈرۈپ ،
بارچە ئاۋام قەلبىدە ، ئەنبەر ھىدى نۇر چاچقان .
بولدى ھەممە ھازىدار ، ‹ يېڭى ھايات › گۈلزارلىق ،
دەرتتە قالدى ئىلىلىق ، ‹ توققۇزتارا › قارغايلىق .
قېرىسىمۇ چىھرىدىن ، كۈلكە ھىدى كەتمىگەچ ،
مىسكىنلەرگە ھىسامكام ، خۇرۇچ ئىدى بىر بايلىق .
بۇ دۇنياغا ھەممىمىز، مىھماندۇر كېتىمىز ،
ھامان بىر كۈن يەرلىكىنى ،مەھكەم باغاش ئىتىمىز .
ھاياتلىقتا بىر تال گۈل ، بۇلالىساق پۇراقلىق ،
يېزىلىدۇ بەت – بەتكە ، ھىسام كەبى ‹ئېتىمىز › .
2 - ئىز قالسۇن « تاڭنۇر »
غەزەل
ھاياتلىققا مىھمان بىز ئەجرىمىزدىن ئىز قالسۇن ،
مىللەت ئۈچۈن ئاققۇزغان تەرىمىزدىن ئىز قالسۇن .
مۈشكۈللەرگە چىدىغان ، تۇرمۇش غېمى كۆتۈرگەن ،
تالاي كۈلپەت شاھىدى ، يەلكىمىزدىن ئىز قالسۇن .
ئۆمىلىدۇق تىك ماڭدۇق ، بولدۇق يەنە ئۈچ پۇتلۇق ،
ئىنسانغا خاس پاك غورۇر ، شەكلىمىزدىن ئىز قالسۇن .
ياخشى تىلەك ئارزۇدا ، قەدىرلىك بوپ قەدىرلەپ ،
قىزىل گۈللەر ئېچىلىپ ، قەبرىمىزدىن ئىز قالسۇن .
تىلسىملارغا ئۇچرىساق ، چۈشكۈنلەشمەي روھلىنىپ ،
قارغاي كەبى ھەيۋەتلىك ، قەددىمىزدىن ئىز قالسۇن .
بولسا بىرەر ھازىدار ، بېرىپ ئىللىق تەسەللى ،
مۇڭغا تولغان ياش يۇقى ، كۆزىمىزدىن ئىز قالسۇن .
بولۇپ ھەمرا غەمگۇزار ، يىتىم – يىسىر ئاجىزغا ،
ئۇلار ئۈچۈن ئاققۇزغان قېنىمىزدىن ئىز قالسۇن .
ھەقىقەتنى ياقلىغان ، ناھەق ئۈچۈن سۆزلىگەن ،
پاك –مۇھەببەت كۆۋرۈكى ئېغزىمىزدىن ئىز قالسۇن .
شەيتان چالسا دېپىنى ، چۈشمەي ئۇسۇل ساماغا ،
ساخاۋەتلىك ، بەركەتلىك ، قولىمىزدىن ئىز قالسۇن .
تۇغۇلماق بار ئۆلمەك بار ، مىدىرلىغان ھەر جاندا ،
قۇياش كەبى كۈيۈمچان ،ئۆمرىمىزدىن ئىز قالسۇن .
كەتسەكمۇ گەر ئارماندا ، بالدۇر ئۆچكەن شام كەبى ،
ئەۋلادىمىز ، بالىمىز، نەۋرىمىزدىن ئىز قالسۇن ....
3 - پەسىللىك سۆيگۈ
تاڭنۇر
كەچ كۈزنىڭ مەيىن شامىلىدا ،
ھىدلىرىڭنى ھىدلايمەن دىلبەر .
سەن يېنىمدىن كەتكەندىن بېرى ،
كۈتتۈم سېنى كۈتتۈم شۇقەدەر .
باش باھاردا باشلانغان سۆيگۈ ،
قەلبىمىزدە باغلىغان رىشتە ،!
دىيىشكەنتتۇق سۆيگۈ گۈلىمىز ...
چىچەكلىسۇن مۇشۇ رەۋىشتە .
تۇمۇز ئىسسىق ئايدىڭ ئاخشامدا ،
سەيلىمىزگە ئاي ھەمرا ئىدى .
شۇنچە تېزلا ئايرىلدۇق ئەجەپ ،
تۇزۇپ كەتكەن چىچەكلەر كەبى .
قىشتىن ھالقىپ كەلگەن باھارنى ،
قارلىغاچمۇ قالار سېغىنىپ .
تۇنجى سۆيگۈ باھار ئەلچىمىز ،
قىلسا بىزنى قايتا جەم قىلىپ .!
4 - ئەركەكلىرىمىز كۆپ تېخى ....
<ئەركەكلەر قېنى ؟ > دىگەن تېمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن .....
ئاپتورى : تاڭنۇر :خەيرۇللا قۇربان
ئەركەك روھى ئۇرغىغان ،
قۇياش كەبى پارلىغان ،
ناھەقلەرگە قاينىغان .
جاسارەتلىك بەركەتلىك ،
غورۇرى بار ئەدەپلىك ،
ئەركەكلىرىمىز كۆپ تېخى .
ۋەتەن ئۈچۈن جان بەرگەن ،
يوقسۇل ئۈچۈن نان بەرگەن ،
مىللەت ئۈچۈن قان بەرگەن .
ساخاۋەتلىك بەركەتلىك ،
يوق دىلىدا كىبىرلىك ،
ئەركەلىرىمىز كۆپ تېخى .
ئۆرۈپ ئادەت قوغدىغان ،
كىلەچەكنى ئويلىغان ،
ھىدايەتنى بويلىغان .
بىلىمى بار ئىلىملىك ،
غايىسى بار سەبىرىلك ،
ئەركەكلىرىمىز كۆپ تېخى .
قۇرئان بىلەن ياشىغان ،
ئىللەتلەرنى تاشلىغان ،
بەش ۋاق ناماز باشلىغان .
ئىناۋەتلىك ھۆرمەتلىك ،
پاكىز رەتلىك سۆلەتلىك ،
ئەركەكلىرىمىز كۆپ تېخى .
ئەلدە ھۆرمەت يۈز تاپقان ،
يۇلتۇز كەبى نۇر چاچقان ،
ئەۋلاتلارغا كۈچ قاتقان .
بەركىتى بار مىھىرلىك ،
بارچە دىلدا قەدىرلىك ،
ئەركەكلىرىمىز كۆپ تېخى .
يېقىن كەلمەس ھارامغا ،
شەك كەلتۈرمەس ھالالغا ،
بويۇن ئەگمەس قاۋانغا .
يۇلتۇز كەبى نۇرانە ،
گەپ سۆزلىرى دۇردانە ،
ئەركەلىرىمىز كۆپ تېخى .
ياش تۆكمىگەن كۈلپەتكە ،
قارا سانىمىغان ئۈلپەتكە ،
ئاچچىق كۈلگەن تۆھمەتكە .
سەبىرىسى بار چىدامچان ،
ھالال تەردە تىرىشچان ،
ئەركەكلىرىمىز كۆپ تېخى .
سۆيگەن ئاتا ئانىنى ،
سۆيگەن ھەمشىر يارىنى ،
سۆيگەن يۈرەك پارىنى .
كۈيۈمى بار قېرىنداش ،
غورۇرى بار يىلتىزداش ،
ئەركەلىرىمىز كۆپ تېخى .
ئۆتكۈر كەبى ياشىغان ،
ئىللەتلەرگە قاخشىغان ،
ئەنئەنىنى ساقلىغان .
ئەقىل بىلەن كۆكلىگەن ،
شۇڭقار كەبى ئۆرلىگەن ،
ئەركەلىرىمىز كۆپ تېخى .
5 - بازاردىكى پىياز
رەستىلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ،
كۆزۈم چۈشتى بىر توپ پىيازغا .
خىرىدارى تاللاپ ئاۋارە ،
كۆزى قىيماي سېتىپ ئالارغا .
تۇتۇپ باقتى سىلاپمۇ باقتى ،
پىيازلارنى ئۆرۈپ – چۆرۈپ .
بىر پىيازنى تاشلىدى نېرى ،
پوستى نىپىز بولغاچقا كۆرۈپ .
تاشلانغان شۇ ئاشۇ پىيازنىڭ ،
قاپلماپتىكەن سىرىتقى پوستى .
سېتىلىپ كەتتى ئاشۇ پىيازنىڭ ،
بىللە ئۆسكەن ھايالىق دوستى .
دەسسەلمەكتە تاشلانغان پىياز ،
ھۆرمىتى يوق ئاياغ ئاستىدا .
بەلكىم بۇنداق بۇلارىنى بىلمەي ،
لاي سۇ ئىچكەن نوتا ۋاقتىدا .
شۇ پىيازنىڭ ئەپتىگە قاراپ ،
خىياللارغا بولدۇم مەن غەرىق .
گۇناھلارغا چىلانغان تەننىڭ ،
بەلكىم قىسمەت كۆرۈشى ھەقلىق .
6 - ئۈرۈمچىدىكى گىزىتچى بالا
جاندىن ئۆتكەن قاتتىق سوغۇقتا،
ئۈرۈمچىدە بازار قاينايدۇ .
دوقمۇشتىكى گىزىتچى بالا ،
پاكلىق ئۈچۈن ئۆزىنى تاۋلايدۇ .
ئالارمەنگە تەڭلىسە گىزىت ،
ئۇچۇر ئۈچۈن كۆۋرۈك ياسايدۇ .
خارلانغاندا بىلىم ئەلچىسى ،
جىمجىتقىنە كۆڭلى قانايدۇ .
شىۋىرغاندا ، قاتتىق سوغۇقتا ،
يەر توڭلايدۇ ،ئادەم توڭلايدۇ .
قەلبى ئىللىق گىزىتچى بالا ،
ھالال تەردە باھار چىلايدۇ .
تىرىشسىلا ئىنسان بالىسى ،
غالىپ كىلەر بارچە مۈشكۈلدىن .
ھوزۇر ئالىمەن گىزىتچى بالا ،
بىلىم ئۈچۈن سۇنغان كۆڭلۈڭدىن .
ياشاۋەرگىن ھالال يولۇڭدا ،
مۈشكۈل دىگەن ئۆتكۈنچى قىسمەت .
سېنىڭ سۇنغان ئەجىرلىك گۈلۈڭ ،
بارچە دىلدا قوزغايدۇ ھۆرمەت .
7 - مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزىرىدە
ھەقىقەتنى سۆزلىيەلمىسەم ،
ئۇلۇغ ئارمان كۆزلىيەلمىسەم ،
چۈشكۈنلىكتىن ئۆرلىيەلمىسەم ،
يىلتىز تارتىپ كۆكلىيەلمىسەم ،
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزىردە .
غەبلەت بىلەن ياتقان چېغىمدا ،
ئېچىلمىسا گۈللەر بېغىمدا ،
شەيتان ھەمرا بولسا يېنىمدا ،
ئىللەت ئېقىپ تۇرسا قېنىمدا ،
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزىردە .
ھاجەتمەنگە قول بىرەلمىسەم ،
سېخى ئايدەك نۇر تۆكەلمىسەم ،
ھۆرمەتلىككە يول بىرەلمىسەم ،
ئىلىم يولىغا كىرەلمىسەم ،
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزرىدە .
ياخشىلارغا ئورا كولىسام،
يىقىلغانغا ناخشا توۋلىسام ،
قالقان بولۇپ ياۋنى قوغدىسام ،
خائىن بولۇپ ‹ئۆزنى › ئوۋلىسام .
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزىردە .
مەنپئەت ئۈچۈن قۇلدەك ياشىسام ،
مۈشكۈلاتقا كۆزنى ياشلىسام ،
قېرىنداشنى ئوتقا تاشلىسام ،
مىھىر – ۋاپا سۈيىدە ئاقمىسام .
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزىردە .
كۈلكىلەرگە تەڭ كۈلەلمىسەم ،
مۇشكۈللەرگە يەڭ تۈرەلمىسەم ،
ئەجرىمدىن مىۋە ئۈزەلمىسەم ،
تۇرمۇشۇمغا رەڭ بىرەلمىسەم ،
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزرىدە .
مىللىتىمگە نەپ بىرەلمىسەم ،
قەۋمىم بىلەن ئەپ ئۆتەلمىسەم ،
ئاقىل بىلەن سەپ تۈزەلمىسەم ،
غەيۋەتلەرگە گەپ ئۈزەلمىسەم ،
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزرىدە .
8 - ئۇيغۇر يۈرىكى
ئۆي ئۆرۈلۈپ بولسىمۇ ۋەيران ،
مۇھەببەتلىك يۈرەك ئۆلمەيدۇ .
نەرە تارتىپ كەلسىمۇ كەلكۈن ،
زىمىن چۆكۈپ مىھىر چۆكمەيدۇ .
ئۇيغۇردا بار ئاشۇنداق يۈرەك ،
ئۆزى ئۈچۈن سوقمايدۇ پەقەت .
تامچە سۇدىن ياسايدۇ ئېقىن ،
قاندا بولغاچ مىھىر – مۇھەببەت .
قول تەڭلىگەن يىتىم قاراقسىز ،
ساخاۋەتتىن تاتلىق كۈلىدۇ .
مۇھەببەتلىك ئۇيغۇر يۈرىكى ،
بارچە تەندە بىللە سوقىدۇ .
بەلكىم ئەستىن چىقىدۇ مۆلۈك ،
مۆھۈر بۇلۇپ يادلىنار ئۆملۈك .
بولۇپ ئەلگە مىھىر- سايىۋەن ،
ئۇيغۇر بىلەن چاقنايدۇ ئۆزلۈك .
مىھىر بىلەن ياشايلى شۇنداق ،
سۆيگۈمىزگە جۆر بولسۇن ئالەم .
دۇنيا تۈگەپ ئاخىرەت كۈنى ،
ئەسقاتمايدۇ ئادەمگە ئادەم .
9 - ئىككى گۈلنى تەڭ سۆيگەن يۈرەك
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان ، تاڭنۇر
ئىككى دەستە گۈل بار قولۇمدا ،
بىرى ھىجران ئازاپ چىلايدۇ .
بىرى غەمكىن تەنھا كىچىدە ،
كۈلۈپ تۇرۇپ ئۈنسىز يىغلايدۇ .
بىرى كۈلگەن خۇشال ۋاقىتتا ،
بىرى سېغىنىش ئوتتا كۆيىدۇ .
شاماللاردىن ئىزدەپ ھىدىمنى ،
لىڭشىپ تۇرۇپ مەڭگۈ سۆيىدۇ .
قىزغىنىدۇ ئىككى دەستە گۈل ،
بىر يۈرەكتىن مىھىر تالىشىپ .
ئىككى گۈلنىڭ ھەسەت ئوتلىرى ،
دەيدۇ،ئاۋال سەن كەت سولىشىپ .
قانداق سىغدى ئىككى دەستە گۈل ،
مۇھەببەتلىك يۈرەك بىر تۇرسا .
ئىككى گۈلنى تەڭ سۆيگەن يۈرەك ،
چىدالارمۇ بىر گۈلى قۇرسا .؟
10 - ئايالمەن، ئايالدەك ياشايمەن مەغرۇر
«بىر ئايال تىلىدىن »
ئاپتورى :خەيرۇللا قۇربان
ئايالمەن ،ئايالدەك ياشايمەن مەغرۇر ،
دۇنياننىڭ ئالدىدا ئېغىردۇر بۇرچۇم .
بىر ئارمان ئۆچىدۇ بۇرچۇم بېتىدىن ،
ئەل ئۈچۈن پەرزەنتىم بولغاندا ئۇچۇم .
ئايالمەن ،ئايالدەك ياشايمەن مەغرۇر ،
كىلەچەك يولىغا تىكىلىپ قارايمەن .
بىلمىدىم ھاياتلىق قايناملىرىدا ،
كىملەرگە ئۆچ بولۇپ ، كىمگە يارايمەن .
ئايالمەن ،ئايالدەك ياشايمەن مەغرۇر ،
گۈل كەبى ھىدىمنى چېچىش خىيالىم .
تىكەنلەر قوينىدىن كىم ئۈزەلىسە ،
پاك بولسا ،ئاق بولسا سۆيۈش نىشانىم .
ئايالمەن ،ئايالدەك ياشايمەن مەغرۇر ،
قەلبىم گوياكى سۈيى ئەلۋەك دەريا .
ئەجرىمدىن ھاجەتمەن سۇ ئېچەلمىسە ،
ئۆتكەن شۇ ئۆمرۈمگە دەيمەن ئەلۋىدا .
ئايالمەن ،ئايالدەك ياشايمەن مەغرۇر ،
زىممەمگە يۈكلەنگەن يۈكمۇ ئاز ئەمەس .
جىسمىمغا مەدەتكار تۈنگۈنكى تارىخ ،
ساختا نام - ئابرويغا قىلمايمەن ھەۋەس .
ئايالمەن ،ئايالدەك ياشايمەن مەغرۇر ،
ھەمرادۇر يولۇمغا كۈلكە ھەم يىغا .
تاشنىمۇ مىدراتقان بىر تال تېرىقتەك ،
غەيرەتلىك ياشايمەن ئىرادەم گۇۋاھ .
ئايالمەن ،ئايالدەك ياشايمەن مەغرۇر ،
مال -دۈنيا ئالدىدا قىزارماس كۆزۈم .
ئايالمەن ئايالدەك ياشايمەن مەغرۇر ،
ھەي دۇنيا ئاڭلىغىن بۇ يۈرەك سۆزۈم .
11- پۇل دىگەن
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان
ئەرلىك غورۇر ۋىجداننى كۆمۈۋەتتى پۇل دىگەن ،
ئوغۇز سۈتىن ئەۋرەزگە تۆكۈۋەتتى پۇل دىگەن .
جىنازىغا چىققاندا كىتەر ئىنسان قۇرۇق قول ،
لاي سۇ كەبى ئۆزلۈكنى تۆكۈۋەتتى پۇل دىگەن .
قېرىنداشلىق مىھرىنى يۈتۈۋەتتى پۇل دىگەن ،
يىلتىزداشنىڭ كۆزىنى ئۇيىۋەتتى پۇل دىگەن .
مۇڭداشماق بوپ دوست يارەن جەم بولغاندا ئۆز ئارا ،
كىلەلمەسكە يوق سەۋەپ تۇقىۋەتتى پۇل دىگەن .
نادانلارنى يات قەۋىم قىلىۋەتتى پۇل دىگەن ،
يۈرەكلەرنى لەختە قىپ تىلىۋەتتى پۇل دىگەن .
يىتىم – يىسىر ، قاراقسىز يانچۇق قۇرۇق بىمارنى ،
قەبرىستانغا ئۇچۇق كۆز كۆمۈۋەتتى پۇل دىگەن .
ئۆز قەۋىمنى ياۋلارغا سېتىۋەتتى پۇل دىگەن ،
ئىناقلىقنى قۇم كەبى چېچىۋەتتى پۇل دىگەن .
مەنپەتخۇمار ئاچكۆزنى خىرىستىيانغا قۇل قىلىپ ،
ئۆز نەسلىدىن تاندۇرۇپ قېتىۋەتتى پۇل دىگەن .
تالاي يامان ئىللەتنى يېپىۋەتتى پۇل دىگەن ،
ئىستىلى پاك مۆمىننى چېقىۋەتتى پۇل دىگەن .
مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى غەيۋەت سۆكۈش ئىگەللەپ ،
ياغلىقتىنمۇ كۆپ ئەيىپ تېپىۋەتتى پۇل دىگەن .
پاك ئىنسانغا تۆھمەتنى چاپلىۋەتتى پۇل دىگەن ،
نېگىرنىمۇ ئۇرۇستەك ، ئاقلىۋەتتى پۇل دىگەن ،
بەزى مىللەت بېشىغا كەلگەن زۇلۇم – قىسمەتنى ،
كىروراندەك پىنھاندا ساقلىۋەتتى پۇل دىگەن .
12 -تاڭنۇرمەن نۇر كەبى نۇرلۇق ياشايمەن
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان ‹ تاڭنۇر ›
كۆزۈمدىن ياش ئەمەس قانلار ئاقسىمۇ ،
تېنىمنى پىت ئەمەس ئىنسان چاقسىمۇ ،
ھەرقەدەم يولۇمدا تۇساق ياتسىمۇ ،
ئەجرىمگە كۆرەلمەس تاشلار ئاتسىمۇ ،
تاڭنۇرمەن نۇر كەبى نۇرلۇق ياشايمەن .
ھاجەتمەن دىلىغا تامچە سۇ بولۇپ ،
غېرىپنىڭ باغرىدا سىردىشىپ قونۇپ ،
ئاي كەبى زۇلمەتنى غۇۋا يۇرۇتۇپ ،
غەپلەتتە ياتقاننى سىلكىپ ئويغۇتۇپ ،
تاڭنۇرمەن نۇر كەبى نۇرلۇق ياشايمەن .
ئەجدادىم ئىزىنى بالامغا سۆزلەپ ،
نەسھىتىم مىللەتنىڭ ئوتىدا كۆي دەپ ،
مەنزىللەر يولىدىن مەرىپەت كۆزلەپ ،
قۇش كەبى كۆك يېرىپ يۇرۇتنى چۆرگىلەپ ،
تاڭنۇرمەن نۇر كەبى نۇرلۇق ياشايمەن .
نادانلار توپىغا ھەمساياق بولماي ،
خۇشامەت غەيۋەتخور دېڭىدە قونماي ،
يىلتىزداش دىلىنى ھەسرەتتە قويماي ،
مىھىرلىك كۆزلەرنىڭ مىھرىگە تويماي ،
تاڭنۇرمەن نۇر كەبى نۇرلۇق ياشايمەن .
غايەمنى مىندۈرۈپ مەنزىل ئېتىمغا ،
ئەسلىمە قالدۇرۇپ باسقان يېشىمغا ،
يوقسۇلنى ھەمرا قىپ يىگەن ئېشىمغا ،
ئۈمۈتنى يازدۇرۇپ قەبرە تېشىمغا ،
تاڭنۇرمەن نۇر كەبى نۇرلۇق ياشايمەن .
13 - « بىلىپ » تىن كۆردۈم
ئاپتورى ؛ خەيرۇللا قۇربان ‹ تاڭنۇر ›
ساخاۋەت ھۆرمەتنى بىلىپتىن كۆردۈم ،
ساداقەت ھىكمەتنى بىلىپتىن كۆردۈم .
ئەل ئۈچۈن قۇرۇلغان بىلىپ قەسىرىدىن ،
شاپائەت يامغۇرى نىممەتنى كۆردۈم .
مىھىر ھەم شەپقەتنى بىلىپتىن كۆردۈم ،
خەيرىلىك ھەركەتنى بىلىپتىن كۆردۈم .
ساخاۋەت يولىغا غۇلاچلار ئاچقان ،
ئەجىرلىك قوللاردىن بەركەتنى كۆردۈم .
مۇھەببەت ئۆملۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم ،مىھرىبان كۆزلۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم .
ئەركەكلەر قەلبىدە ، خەلىق بىباھا ،
قېنى ساپ ئۆزلۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم .
مەدەتكار سۆزلۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم ،دىلتۇتاش كۆپلۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم .
تامچە سۇ رىسقىنى ئەلگە ئاتىغان ،
چىھرى نۇر يۈزلۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم .
ئىنسانى قىممەتنى بىلىپتىن كۆردۈم ،
ساپ نىيەت رىغبەتنى بىلىپتىن كۆردۈم .
ئۆملۈكتە قۇرۇلغان ساخاۋەت توپىدىن ،
بىغ كەبى كۆكلىگەن قۇدرەتنى كۆردۈم .
14 - تاڭنۇر : ‹ ئايالىمنى ئۇرايمۇ › غا تەنقىت
موللام نىكاھ قىلغاندا ئالايمۇ دەپ سورىغانمۇ ؟
ئالاي دىگەن ۋاقىتتا خوتۇن شەرتسىز ئۇنىغانمۇ ؟
‹ مېنى مەڭگۈ ئۇرمايسىز ھورۇن خۇتۇن بولساممۇ ›
دەپ ئاشۇنداق بىر شەرىت خۇتۇن سىزگە قويغانمۇ ؟
بىلەلمىدىم ھەي ئەركەك لاچىنمۇ سىز تورغايمۇ ؟
مەسلەھەت سۇراپ ئاتايىن بۇ تېمىنى يېزىپسىز ،
خوتنىڭىزنى ماز قىلىپ ۋاي مۆھتىرەم ئېزىپسىز ،
يازغان ئۇشبۇ تېمىدا ئەركەكلىكتىن چېنىپسىز ،
تۇرمۇشىڭىز راس بولسا مەزلۇم چەككە يىتىپسىز ،
بەش موچەنلىك شۈمەكنى سالغانمۇ دەپ سۇرايمۇ .؟
خوتۇن دىگەن سۈگەت تال ئەرگە بېقىپ ئىش قىلار ،
ئەركەك غورۇر بولمىسا خوتۇن ئەرنى قۇل قىلار ،
ئەردە بولسا مۇھەببەت خوتۇن مىھرى قېتىلار ،
بۇشاڭ ئەرنىڭ ئىللىتى مانا مۇشۇنداق ئېچىلار ،
ئۆرە تۇرۇپ ئولتۇرۇپ سىيگەنمۇ دەپ سۇرايمۇ .؟
خوتنىڭىزنى ئاجايىپ چۈشۈرۈپسىز تېمىدا ،
ئۆزىڭىزنى پاك قىلىپ كۆتۈرۈشنىڭ ئويىدا ،
چىقىپ قاپسىز تېمىدا شىلەيلىنىڭ رولىدا ،
بارمۇ سىزنىڭ پۇشتىڭىز ‹ خوتنىڭىزنىڭ بويىدا ›
خەتنىڭىزنى مۇسۇلمان قىلغانمۇ دەپ سۇرايمۇ .؟
خۇتۇنىنىڭ ئەيپىنى ياتقا دىيىش ياخشىمۇ ؟
ئەرلىك سۈيى قۇرىغان كىسەلمۇ سىز ئاختىمۇ ؟
بىلىڭ تۇخۇم دەردى بار سوقۇلغان شۇ تاشتىمۇ ؟
مۇھەببەتلىك قەدەمنى باسقانلىرىڭىز ساختىمۇ ؟
تەگگەنمۇ يا ئالغانمۇ تويلۇققا دەپ سۇرايمۇ ؟
مۇھەببەتلىك تۇرمۇشتا سەۋەنلىكلەر بوپ تۇرىدۇ ،
ئازغىنە كەم ئىللەتمۇ ھەر دوقمۇشتا ئۇچرايدۇ
بۇشاڭ بولسا ئەر زاتى خۇتۇن كىشىمۇ قۇترايدۇ ،
گال پىچاقمۇ بىلەنسە بىسى تۈگەپ ئۇپرايدۇ ،
ئىڭكىڭىزگە تۆت تال تۈك ئۈندىمۇ دەپ سۇرايمۇ ،
ئەركەك بولساڭ خوتۇننىڭ غەيۋىتىنى ئاز قىلغىن ،
ئۇرايمۇ دەپ تورداشتىن مەسلىھەتمۇ سورمىغىن ،
شۇمۇ ئانا ، ئاناڭدەك بۇ تەسۋىرنى ئويلىغىن ،
غەيۋەت بىلەن پىتنىنىڭ ھوجرىسىدا قونمىغىن ،
ۋەدە بەرگىن ئەركەكتەك ياشامسەن دەپ سۇرايمۇ ؟
ئەسكەرتىش : بۇ تېمىلارنى مۇنبەرگە ئېلان قىلىپ بولغان كونا قائىدەم بويىچە توپلام قىلىپ ئالتىنجىسىنى ئېلان قىلدىم .
ئاپتورى: خەيرۇللا قۇربان < تاڭنۇر >
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-25 10:58 AM