بۇ  دۇنيا
مۇھەممەدجان  راشىدىن
تالاشساڭمۇ ، تالايدىن  قالار ئىكەن  بۇ  دۇنيا ،
بىلىپ بولماس  نەگىدۇر  بارار ئىكەن  بۇ  دۇنيا .
مەيلى گاداي  ، مەيلى  شاھ ، بىر قىيامەت  بىر  جانغا ،
بىر  ئىنساندىن بىر  جەسەت  ئالار ئىكەن  بۇ  دۇنيا .
يىغىلغانلار پەسلەيدۇ ، رىزقى  ئۇنىڭ  شۇنداق دەپ ،
مۇسىبەتكە ھەر  كىمنى  سالار ئىكەن  بۇ  دۇنيا .
بىر  ھۇجرىغا جەم  بولۇپ ئۈلگۈرمىگەن   جۈپلەرنى ،
  ياش  دېمەستىن ئەلەمدە  قويار   ئىكەن بۇ  دۇنيا .
ئۆلمەي  تۇرۇپ  ئايرىلغان  تىرىكلەرمۇ  ئاز ئەمەس ،
  كۆز  ياش بىلەن  يۈزۈڭنى  يۇيار ئىكەن  بۇ  دۇنيا .
ۋاپاسىز  دەپ  كايىيدۇ شۇڭا  ئۇنى  ئادەملەر ،
ئاغرىنغاننى  قامچا  بوپ  ئۇرار  ئىكەن  بۇ دۇنيا .
يۇلتۇز  كۆزلۈك  ئاسمانغا  تۈندە  باقسام  ئۈنچىقماس ،
پايانى  يوق  تىلسىمدەك تۇرار  ئىكەن  بۇ دۇنيا  .
توخۇلارغا   تاڭ  قالدىم تىرىكلىكنى  ئويغاتقان ،
تەئەججۈپكە   ھەر  كىمنى قويار  ئىكەن  بۇ دۇنيا .
ئەجدادلاردىن  قەبرىلەر   قاپتۇ سانسىز چوقچىيىپ  ،
خىيال  قىلساڭ  ، بەئەينى مازار  ئىكەن  بۇ دۇنيا .
تىرىكلەرگە  كۆز  سالساڭ مىدىرلايدۇ  ھايات  دەپ ،
  بىر  قىسمەتتە ئاجايىپ  بازار  ئىكەن بۇ  دۇنيا  .
ئۆچۈرگەندەك  ئۆيۈڭنىڭ  چىرىغىنى بىر  شامال ،
ئۆزى  يەنە  گۆرۈڭنى قازار  ئىكەن  بۇ دۇنيا .
مۈكچىيەركەن  بەللىرىڭ  سەن كۈتمىگەن  كەچمىشتە ،
  ھەر  ماڭلايغا  بىر  قىسمەت  يازار ئىكەن بۇ  دۇنيا .
كۆزنى  يۇمۇپ  ئاچقۇچە ئاق  سانجىيدۇ  چېكەڭگە ،
يۈزلەپ  قورۇق  يۈزۈڭدىن سانار  ئىكەن  بۇ دۇنيا .
بوۋاي  قىلىپ  يىگىتنى ھەيدەپ  ئاشۇ  ئۆلۈمگە ،
ئۆزى  ھۆكۈم  ، ئۆزى سىم – قارار  ئىكەن  بۇ  دۇنيا .
  قىز –كېلىنلەر  . ھەددىڭ  يوق تاڭلا  موماي  بولماسقا ،
ئۇنمىساڭ  قويماستىن  تاڭار ئىكەن  بۇ  دۇنيا .
قايرىلىسەن  كەينىڭگە  ياشلىقىڭغا تويماستىن ،
ئۆشنىسىدە  سەن  ئۇنىڭ ، ماڭار  ئىكەن  بۇ دۇنيا .
بۇ بەش  كۈنلۈك  ئالەمدىن ھەر كىم  ھەر  نە كۆزلەيدۇ ،
بېخىللارنىڭ  كۆزىدە  تاۋار ئىكەن  بۇ دۇنيا  .
كېلىپ – كېتەر  مېھمانسەن ، ياخشى  قونۇپ ، ياخشى  كەت ،
سېخىي  ئۈچۈن  بىر قالام  چاۋار  ئىكەن بۇ  دۇنيا .
رەقىبلىشۇر ئىككى  جان  ئۆز نەپسىگە   چوغ  تارتىپ ،
  توۋا  دەڭلار  ، ئۇلارغا  تۇمار  ئىكەن  بۇ دۇنيا .
گويا ئاتقان  ئوشۇقتەك  سىيا چۈشۈپ  ، چۇ  چۈشۈپ ،
ئويلاپ كۆرسەڭ  ، بىر  تاۋكا قىمار  ئىكەن  بۇ دۇنيا .
چېچەك  تۆكسە  ئۆرۈكلەر ، مېۋە  قىلىپ  ئورنىدا ،
  ئەجدادلارغا  ئەۋلادنى  ئۇلار  ئىكەن بۇ  دۇنيا .
رىزقى ئەمما  تەڭ  ئەمەس بۇ  پانىيغا  كەلگەننىڭ ،
بىردە يوقسۇل ، بىردە  تەل  قىلار ئىكەن بۇ  دۇنيا .
رىزقى ئەمما   تەڭ  ئەمەس بۇ پانىيغا  كەلگەننىڭ  ،
بىردە يوقسۇل ، بىردە  تەل  قىلار ئىكەن  بۇ  دۇنيا .
ئاپەتلىرى  ئاز ئەمەس  ، يولۇققانلار يىغلايدۇ ،
كەلكۈن  كەبى  شارقىراپ ئاقار  ئىكەن  بۇ دۇنيا .
  غەم  قىلمىغىن ، ئۆلگەنلەر ، يېتىم  قالغان بالاڭدىن ،
ئۆزى  بېقىپ قاتارغا قاتار  ئىكەن  بۇ  دۇنيا.
ئەجەبلەنمە بېشىڭغا  ئىسسىق  كەلسە ، سوغ كەلسە ،
تارازىسى  ئېگىز – پەس  بولار ئىكەن  بۇ  دۇنيا .
ئەيىب  كۆرمەڭ ، كۆتۈردۈم  شۇ سەۋەبتىن بىر  قەدەھ ،
  شۇ  قەدەھكە – شۇ  مەيگە خۇمار  ئىكەن  بۇ دۇنيا .