بالاڭ كەلدى
نىجات ئابدۇرىھىم
ئاچ قوينۇڭنى،
مۇساپىر بوپ قەدرىڭگە يېتىپ ،
يۇرت سۆيگۈسى قەلبىنى تىلىپ،
مۇشكۈلات ۋە داۋاندىن ئېشىپ،
ئايرىلماسقا بىر بالاڭ كەلدى.
ئال قوينۇڭغا ،
يىشىل مەخمەل يايلاقلىرىڭنى،
گىنرال كەبى قارغايلىرىڭنى،
مەخلۇقاتتەك چوققا، تېغىڭنى،
قوغداش ئۈچۈن بىربالاڭ كەلدى.
بەر ئۇنىڭغا
شېرىن-شېكەرمېۋەلىرىڭدىن،
قېنىق، تاتلىق ئەتكەن چىيىڭدىن،
كۈچ-قۇۋۋەتكە تولاي دەپ قايتا،
ساڭا سەۋدا بىر بالاڭ كەلدى.
ئاتا ئۇنىڭغا،
تەڭدىشى يوق مېھىرلىرىڭنى،
ئابى-كەۋسەر ئۈنچە سۈيۈڭنى،
يۇرت سۆيگۈسى تىپچەكلەپ تۇرغان،
ساڭا سادىق قۇربانىڭ كەلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نىجات0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-24 06:18 PM