نۇمۇسسىز گۇيلا
رۇستەم قاراسۇ
گەپ تاپىدۇ ئارقىمدىن ئەجەپ،
ۋۇجۇدۇمنى چىرمىدى غەزەپ،
ھاي-ھاي دىسەم كەتتى بەك ئەدەپ،
ھاي خۇمسىلار نۇمۇسسىز گۇيلا.
ئورا كولاپ ماڭغان يولۇمغا،
تىكەن تۇتتى گۈل دەپ قولۇمغا،
قانداق چىدار ۋىجدان زۇلۇمغا،
ھاي خۇمسىلار نۇمۇسسىز گۇيلا.
يېقىلغىنىم بولدى كۈلكىسى،
يامان ئىكەن ئادەم تۈلكىسى،
شېرىك ئەسلى شەيتان ئىككىسى،
ھاي خۇمسىلار نۇمۇسسىز گۇيلا.
دوستۇم تۇرۇپ ئاچتى ئەيپىمنى،
بۇزدى مېنىڭ خۇشال كەيپىمنى،
بەس توختىتاي ئەمدى گىپىمنى،
ھاي خۇمسىلار نۇمۇسسىز گۇيلا.
رۇستەم قاراسۇ ئاتۇشتا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-24 05:28 PM