ئۇيغۇرۇم تىلى.تۈركلان
مىنى ئەلگە ئېلىمگە ئوغلان قىلغان جان تىلىم ،
ئەجدادىڭنى ئەسلە دەپ دىۋان بەرگەن خان تىلىم.
ئۆركەشلىگەن تارىمدەك ،يۇرۇڭقاشتەك شوخ كەبى،
تۇمۇرۇمغا ئەزەلدىن بۇلۇپ سىڭگەن قان تىلىم .
ئۆزگە تىلغا قارايمەن سەندىكى ئۇز جامال يوق،
سەن بىزلەرگە تاغ بولغاچ بىزگە ئارتۇق ھەرەج يوق.
سەندە گۈزەل لىرىكا پۇتەر بوستان باغ كەبى،
سەندە گۈزەل جىمى ھېس شۇڭا يۈرەك بەكمۇ توق.
سېنى بىلدى بەك ئەزىز يەتتە ئىقلىم كەزگەنلەر،
مۇھىم بىلدى ھۆسنىڭنى ئۆزلۈكىنى سەزگەنلەر،
يايلاق كەزگەن باتۇرلار ،چىڭگىزخانمۇ دەرلەركى:
ئىلمىلىكتۇر بۇ تىلنى چىن يۈرەكتىن بىلگەنلەر.
شاھىنشاھنىڭ تىلىدۇر ئۇيغۇر تىلى ئەزەلدىن،
تېخى ئاتتىن چۈشمىدى بۇ تارىخىي سەپەردىن.
تۈمەن يىللىق تەلقىنلەر،ھېكمەتلەرنىڭ ئەۋۋەلى،
ئۈزۈق ئالغاچ ياشنىدى ئۇيغۇرۇمنىڭ تىلىدىن.
پەخىرىمدۇر ئەزەلدىن ئۇيغۇر تىلى قەلبىمدە،
تىڭشاپ تۇرار بۇ يۈرەك ئۇنى ھەر بىر تەلقىندە،
ئۇ مەڭگۈلۈك چاقنىغان تۈركىي -ئۇيغۇر سەتھىدە،
ئۇ ھەم مەڭگۈ چاقنايدۇ ئاسىيانىڭ ئۈستىدە.
شىخەنزە مىدىتسىنا ئىنىستىتوتى
تۈركلان
2014.05.31
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-24 01:19 PM