ئۈمىدلىك ھايات.
تۈركلان
قەدەھكە تولدۇرۇپ ئىچسەڭمۇ شاراب،
بۇ پەلەك رەپتىدىن بولساڭمۇ خاراب.
ئاشىقىلىق رەنجىدىن ياتساڭمۇ بىتاپ،
ۋەلىكىن ئۇنۇتما ئۈمۈدلۈك ھايات.
بىراۋلار باغرىڭنى ئەزسە مۇبادا،
ھە دەپ قۇي شۇنداقلار چىقار ناگاندا،
شۈكرە دە بەزىلەر كىتەر ئارماندا،
روھىڭدا ئۆلمىسۇن ئۈمۈدلۈك ھايات.
كاج پەلەك كۆرسەتسە پەسكەشلىكىنى ،
دوست تۇتقان قىلسا گەر ناكەسلىكىنى،
بىراۋلار تۆكسە گەر شۇنداق دەردىنى،
جاۋاب بەر ئۇلارغا ئۈمۈدلۈك ھايات.
ئايرىلىش بەرمەيدۇ ھەممىدىن دېرەك،
ئۈمۈدلەر يۇلۇڭغا بولسۇن يار يۆلەك،
سەن ئۈچۈن بار يەنە كۆپ دۇئا تىلەك،
كەينىڭگە قارىما ئۈمۈدلۈك ھايات.
مۈشكۈلات ۋەجىدىن يالتايدىڭ بەلكىم،
گاھلىرى كىيگەنسەن كۈلا ئەسكى شىم،
تۇرغانسەن يۇلۇڭدا ھەتتاكى يىتىم،
ئۇنۇتما بارچىگە ئۈمۈدلۈك ھايات.
دەرسەنكى كۆڭلۈمنى چۈشىنەرىم يوق،
بۇ ھايات ئازابى بۇلۇپ تەگدى ئوق،
پاك يامغۇر پەسلىدە بۇ دىلىم بۇغۇق،
دېسەم شۇ يەنەگەپ:ئۈمۈدلۈك ھايات.
تۈركلان
ئاقسۇ،قاراتال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-24 06:00 PM