ئەركەك يولى
ئابدۈشۈكۈر بارات‹قارا بۇغرا›
ئازار بەرمە ئاجىز كۆڭلىگە،
بولساڭ ئەگەر ھەقىقي ئەركەك.
ساخاۋەتلىك بولسۇن قوللىرىڭ،
ياخشلىقتىن ياشنسۇن يۈرەك.
ئەل يۇرتۇڭنى قېرىنداشلارنى،
ئۇنۇتمىغىن تاپقاندا نۇسرەت.
بەيگىلەردە قالساڭ ئارقىدا،
ئۇزغانلارغا قىلمىغىن ھەسەت.
يۈرۈگۈڭدە بولسۇن جان دوستۇم،
ئەل يۇرت ئۈچۈن يالقۇنلىغان ئوت.
تەرلەر ئاققۇز ئەل ۋەتەن ئۈچۈن،
بولۇپ قالما تەييارتاپ قۇرۇت.
ھاياتلىقنىڭ كۆپتۇر سىنىقى،
تىز پۈكمىگىن مەغلۇبىيەتكە.
دادىل باسقىن ھەربىر قەدەمنى،
ئشەنچ تولسۇن ئوتلۇق يۈرەككە.
2012-يىلى 10-فېۋرال