|
|
|
|
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى قايدۇ تاللا بازىرىنىڭ دېرىكتورى ئەلقەم ئەنۋەر «مۇز چېلەك» ئويۇنىنى ئويناپ، تېخىمۇ كۆپ مىللىي كارخانىچىلارنى بۇ ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى.
ئەلقەم ئەنۋەر، شىنجاڭ قايدۇ شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان توختى، پالۋان چامباشچىلىق كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى پالۋان ئابدۇرەشىدخان ۋە بۇرۇنقى خۇنەن شىياڭتاۋ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ توپچىسى، ھازىرقى ئەكرەم پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكرەم قاتارلىقلارغا جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە قاراشەھەر قايدۇ شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان توختى ئەلقەم ئەنۋەرنىڭ رىقابىتىنى قوبۇل قىلىپ «مۇز چېلەك رىقابىتى» پائالىيىتىنى تامامەن كارخانىچىلار دائىرىسى ئىچىگە باشلاپ كىردى.
ياسىنجان توختى جەڭ ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا ساخاۋەت پائالىيىتىنى ئۆزىدىن باشلاش ئۈچۈن ئۆز شىركىتىدىكى دېرىكتور ئابلىزمەمەت ئەپەندىمنى بىرىنچى رىقابەتچىلىككە كۆرسەتتى، ئىككىنجى رىقابەتچى شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى مۇھەممەتتۇرسۇن ئەپەندى، ئۈچىنچى رىقابەتچىگە شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دېرىكتورى ئوبۇلھەسەن روزى ئەپەندى قاتارلىق كارخانىچىلارغا جەڭ ئېلان قىلدى. رىقابەتتىن ۋاز كەچكۈچى كارخانىچىلارنىڭ 200 دوللار ئىئانە پۇلىنى شىنجاڭ ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىگە تاپشۇرۇشىنى، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن قىيىنچىلىقتىكى ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى ھەمدە ئۆز يېنىدىن 200 دوللار (1300يۈەن) چىقىرىپ ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر پائالىيەتتىن خەۋەردار بولغان تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى پائالىيەت مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ بايىنغۇلىن قاراشەھەردىكى «مۇز چېلەك رىقابىتى»گە قاتناشقان تۇنجى كىشى ئىكەنلىكىنى بۇھەقتە قانداق تەسىراتتا بولىۋاتقانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ياسىنجان توختى ئۆزىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىپ قاتتىق توڭلىغانلىقىنى لېكىن ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك كۈچىنى چىقىرالىغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكىنى كەڭ كارخانىچى قېرىنداشلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىپ ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە توپلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
◥===================================◤
== تېخىمۇ كۆپ «مۇزچېلەك رىقابىتى» مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز==
==== ئۈندىداردا Kaydu0991نى قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ====
◢===================================◣
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARSLAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-23 07:07 PM
|
|
|
|
|
|