ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،يىغىننىڭ تۈگىگەنلىكىنى جاكارلاپ،ئىشخانامغا چىقىپ ،ھارغىن ھالەتتە بىر ئوتلام چاي ئىچىپ تۇرۇشۇمغا،كاتىپ قىز بىر پارچە خەتنى ئۈستىلىم ئۈستىگە قويۇپ ،ئارقىسىغا ياندى،ئۇنىڭغا قارىمايلا خەتكە قولۇمنى ئۇزارتىپ لىپاپىنىڭ ئاغزىنى ئاچتىم،خەتنى ئوقۇۋېتىپ ،قوللىرىم تىترەپ،كۆزلىرىم چەكچىيىشكە،بەدەنلىرىم مۇزلاشقا باشلىدى،مېنى تىترەتكەن،بەدىنىمنىڭ مۇزلىشىغا سەۋەپچى بولغان بۇ خەت باشقا بىر خەت ئەمەس ،دەل ئايالىمنىڭ ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يازغان خېتى ئىدى.ئايالىم زۇلپىيە خەتتە ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى تەييارلاپ قويغانلىقىنى،پات ئارىدا سوتقا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى،بۇ سۆزلەرنى بىۋاستە دېيەلمەي خەت ئارقىلىق ئىپادىلىگەنلىكىنى،مېنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشۇمنى،ئاجرىشىپ بولغۇچە چوڭ ئۆيدىكىلەرگە ئۇقتۇرماي تۇرۇشىمىزنى ...ئېيتقان ئىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 W, c! d# q2 G" S4 H, f o1 n# bمەن زۇلپىيە بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان،ئەينى چاغدا مەن ، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان، نە ئۆيۈم،نە بانكىدا يىغىپ قويغان پۇلۇم يوق ئىدى،تويۇمنىمۇ يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ، ئاتا –ئانامنىڭ جاپا –مۇشەققەتقە ئىقتىزاد قىلغان پۇلىغا يەنە ئازىراق قەرز ئېلىش ھېسابىغا ئارانلا قىلىۋالغان ئىدىم،دادام ئادەتتىكى زىيالى بولۇپ، ئانام ئائىلە ئايالى ئىدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندىن باشقا ئۈچ بالىنى ئوقۇتۇش،قاتارغا قوشۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەر ئۇلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇنچىۋالا كۆپ ئىقتىزادى يوق ئىدى، زۇلپىيە ئانىسىنىڭ مېنى ‹‹پۇلى يوق ئىكەن،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ ھال –كۈنى تازا ياخشى ئەمەس ئىكەن،كېيىن تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالىسەن...››دەپ تويىمىزغا قاتتىق قارشلىق قىلىشىغا قارىماي مەن بىلەن توي قىلدى. تويدىن كېيىن نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلەرنى بىللە كۆردۇق ، گەرچە تۇرمىشىمىز دېگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ،ئۆزىمىزنى ناھايتى بەختلىك ھېسابلايتتۇق ، مەن ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقىنىمدا زۇلپىيەنىڭ تاتلىق كۈلۈشلىرى،چىرايلىق خۇمار كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ،بوينۇمغا ئېسىلىپ ،سۆيۈپ قويۇشلىرى ئېسىمگە كەچسىلا ،ۋۇجۇدۇم بىرخىل بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ ،تارتقان مۇشەققەتلىرىم كۆزۈمگە كۆرۈنمەيتتى.(زۇلپىيە گىرىم قىلمىسىمۇ تەبىئي چىرايلىق بولۇپ ،كىنو چولپانلىرىغا ئوخشايتتى) يېڭى توي قىلغان ۋاقىتلىرىمىزدا ھەر كۈنى ئىشىتىن چۈشكەندە زۇلپىيە ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى سېتىۋالاتتىم،ئۇنىڭ ‹‹رەھمەت جانىم››دېگەن تاتلىق سۆزى ۋۇجۇدۇمنى ئېرىتەتتى، سىرتتتا يېگەن ئەڭ ئېسىل شاھانە تاماقلارنىمۇ زۇلپىيەنىڭ ئۆيدە ئەتكەن ئاددىي تامىقىغا تەڭ قىلمايتتىم، ئۇنىڭ ئوخشۇتۇپ ئەتكەن تاماقلىرىنى شۇنداق ھوزۇرلىنىپ يەيتتىم،ئۇنى ھەر دائىم خۇشال قىلىشقا تىرىشاتتىم،ئۇمۇ مېنىڭ خوشاللىقىمنى ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى دەپ ھېسابلايتتى،كۈندە بىر خىل ئاددىي ئەمما مەنىلىك بولغان يېڭىچە ئۇسۇللار ئارقىلىق مېنى خۇشال قىلىشقا تىرىشاتتى، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى ، دەريا ساھىلىدىكى مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىن ئولتۇراق ئۆي سېتىۋالدۇق،ئۈرۈمچىگە بىر يىل خىزمەتكە ئەۋتىلگەندىن كېيىن ئەمىلىم ئۆسۈپ بۆلۈم دەرجىلىكتىن مەلۇم بىر ئىجتىمائى ئاھالىلەر رايونىنىڭ ياچېيكا سېكىرتارلىقىغا ئۆستۈرۈلدۇم، ھەممە ئىشلىرىمىز شۇنداق ئوڭۇشلۇق ،ياخشى كېتىپ باراتتى، قېيىن ئاناممۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن رازى بولۇپ، دەسلەپتە بىزنىڭ توي قىلىشىمىزغا قوشۇلمىغانلىقىغا خىجىل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قوياتتى،ئوغلۇم ئېلشات بىزنىڭ بەختىمىزگە قوشۇلغان يەنە بىر بەخت ئىدى، ‹‹ ئەمىلىممۇ بار،ئىككى يەردە ئۆيۈم بار،بانكىدا قويۇقلۇق پۇلۇم بار،ئېسىل ماشىنام بار....›› دەپ ئۆزۈمدىن پەخرلىنىپ ،گىدىيىپ يۈرگەن مۇشۇنداق بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغان زۇلپىيەنىڭ بۇ ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلىش خېتى مېنى چۆچىتىپ، بېشىمدىن بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك بۇلۇپ كەتتىم ،دەرھاللا زۇلپىيەگە تېلىفون قىلدىم،ئۇنىڭ يانفونى ئېتىك ئىدى،ئىختىيارسىز جىددىيلىشىپ كەتتىم،ئۇنىڭ نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدۇم.
‹‹ئۇ بىرەرسىنى تېپىۋالغانمىدۇ –يا››كاللامغا بۇ مۇدھىش خىيال كېلىشى بىلەنلا دەرھال ئۇنى ئىنكار قىلىۋەتتىم ،‹‹ياق...ياق.... زۇلپىيە ھەرگىز ئۇنداق ئايال ئەمەس ، ئۇ ئنىتايىن ئەخلاقلىق، ۋاپادار ئايال...››مەن خىياللىرىمنىڭ ئاخىرىنى چىقارمايلا،دەرھال ئۇنىڭ ئىدارىسىگە قاراپ چاپتىم،چاپتىم ئەمەس بەلكىم ئۇچتۇم.
ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەۋاتىمەن . كاللامدا بىرلا نەرسە زۇلپىيە بىلەن ئوغلۇم ئېلشاتلا بار ئىدى،ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالماسلىقلا بار ئىدى .ماشىنىدىن چۈشۈپلا ھېچنىمىگە قارىماي ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا تەلۋىلەرچە يۈگۈردۈم،ئىشخانىغا ھاسىراپ –ھۆمىدەپ كىرگەنلىكىمنى كۆرگەن خىزمەتدىشى ھەم ئەجەبلىنىش ھەم ئەندىشە ئارىلاش چىرايىمغا قارىدى.ئۇ ئىشخانىدا يوق ئىدى،
-زۇلپىيە بىر يەرگە چىقىپ كەتتىما ...؟،-مەن سەل ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ خىزمەتدىشىدىن سورۇدۇم.
-ئۇنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قاپتىكەن،رۇخسەت سوراپ كەتتى،-دەپ جاۋاب بەدى خىزمەتدىشى.
ماشىنى ھەيدەپ ئۆيگە قاراپ كېتىۋاتىمەن،كاللام شۇنداق قالايمىقان،تىت –تىتلىق پۈتۈن بەدىنىمنى چۇلغىۋالدى.تىت –تىت بولغانسېرى ئۆي كەينىگە يېنىپ ئۇزىراپ كېتىۋاتقاندەك بىلىندى.
ئۆيگە كىرىدىم ، زۇلپىيە كىرسىلوئۈستىدە ياتاتتى،ئۇنىڭ تەبئى قاپقارا چاچلىرىغا،چىرايلىق يۈزلىرىگە سەپ سېلىپ قارىمىغىلى نەچچە ۋاقىتلار بولغاندۇ؟ئۇنىڭ ئورۇقلاپ قالغاندەك بولۇپ قالغان بەدىنىگە ،سەل خۈنۈكلىشىپ قالغان چاچلىرىغا قاراپ ، ئۆزۈمنى ئەيىپلىدىم ،ئۆي چىنىدەك پاكىزە تازلاقلىق ئىدى ،گەرچە زۇلپىيە ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ،بىراق ئۆيىمىزنى مەينەتچىلىك ئىچىگە تاشلاپ قويمىغان ئىدى،ئۇ ئەنە شۇنداق پاكىز،چېچەن،ۋاپادار،كۆيۈمچان،مەسئۇلىيەتچان ئايال،پەرزەنت ئىشقىدا پەرۋانە بولغان ئانا ئىدى. ئىچ –ئىچىمدىن بىر خىل يىغا قاپسىپ چىقتى،ئاستا بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىدىم،ئۇ چۆچۈپ مەن تەرەپكە ئۆرۈلدى.
-سىزنى سۆيىمەن،ئوغلۇمنى سۆيىمەن،مەن سىلەردىن ئايرىلپ قالسام بولمايدۇ،مەن سىلەرسىز ياشىيالمايمەن،مېنى كەچۈرۈڭ،‹‹ئاجرىشىمەن ›› دېگەن سۆزنى ئىككىنچى تىلغا ئالماڭ،مەن ئاجراشمايمەن،مېنى كەچۈرۈڭ.....،-بۇ سۆزلەر ئاغزىمدىن ئەمەس،بالكىم يۈرىكىمدىن يىغا ئارىلاش قاپسىلىپ چىقتى.ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى توختىماي ئەيىپلەيتتىم . كاللامدا پەقەت ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالماسلىقلا بار ئىدى ،ئۇ مۆرەمگە بېشىنى قويۇۋېلىپ ھېقىقداپ يىغلاۋاتاتتى.تېلىۋېزوردا كۆرىدىغان،ئەر سىرتتىن ئاشنا تېپىۋېلىپ،كېيىن پۇشايمان قىلىپ ئايالىغا يېلىنىۋاتقان تەسىرلىك كۆرۈنۈش شۇ تاپتا بىزنىڭ ئۆيدە،مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا كۆرىلىۋاتاتتى،گەرچە مەن سىرتتىن ئاشنا تېپىۋالمىغان بولساممۇ، بىراق ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن يالۋۇرىۋاتاتتىم،ئۇنىڭ مەندىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكىنى ئۆتىنىۋاتاتتىم.
ئىلگىرى جىددىي ئىشىم چىقىپ قالغان ۋاقىتلاردا‹‹سىرىتتا تاماق يەپ تۇرۇڭ ››دەپ تېلىفۇن قىلسام ،ئۇ ‹‹ سىرتتا يېگەن تاماق ئادەمنىڭ ئەقلىنى كېسىدۇ، ئۆيدە تاماق ئىتىپ سىزنى ساقلايمەن ››دەيتتى ، بۈگۈن كۆڭلى ئارامىدا بولمىغاچقىمۇ ياكى مىجەزى يوق بولغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر، تاماق ئەتمەپتۇ.
كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى دە ، ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ تاماق ئېتىشكە تۇتۇندۇم ، بىر نەچچە خىل قورىما قورۇپ چىقىپ ئۈستەل ئۈستىگە تىزدىم ،ئۇنىڭ قولىدىن ئاستا يېتىلەپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدۇم.قاچىغا تاماقنى ئۇسۇپ قورىمىلارنى سېلىپ ئاستا قولىغا تۇتقۇزدۇم،ئۇ ھېچنىمە دېمەي يىغلاپ ئولتۇراتتى،ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ مۆرىسىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ‹‹سىزنى سۆيىمەن،سىزدىن ئايرىلمايمەن..››دەپ پىچىرلىدىم ئاستاغىنە.
تاماق يىغا ئىچىدە يىيىلدى،سائىتىمگە قاراپ ئوغلۇمنىڭ مەكتەپتىن كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدىم،1-2-يىللىقلاردا ئوغلۇمنى ئاساسەن دېگۈدەك زۇلپىيە ئەكىلەتتى،كېيىن ‹‹ئۆزۈم كېلىمەن›› دەپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئىختىيارىغا قويغان ئىدۇق.ئوغلۇم كېلىپ بولغۇچە زۇلپىيەنى يۆلەپ كىرسىلوغا ئولتۇرغۇزدۇم،ئۇنىڭ ھېقىقدىشى سەل پەسەيگەن بولسىمۇ تېخى ئاياقلاشمىغان ئىدى.ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ نۇرغۇن تەسىرلىك گەپەلەرنى قىلدىم.گەرچە ئۇ ئۈن چىقارمىغان بولسىمۇ ،بىراق چىرايىدىن گەپلىرىمدىن تەسىرلەنگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.ئوغلۇم مەكتەپتىن قايتىپ كەلدى، مېنى ۋە ئاپىسىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن ،قولىنى يۇيۇپ چىقىپ تامىقىنى يېدى.ئۇ كىچىك بولغاچقا ئاپىسىنىڭ كۆزلىرىنىڭ يىغىدىن قىزىرىپ قالغانلىقىغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەن ئىدى.ئوغلۇم تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن قاچىلارنى يىغىپ يۇيىۋەتتىم.
كىيىم ئىشكابىدىن زۇلپىيە ياقتۇرۇپ كىيىدىغان كۆينىكىنى ئېلىپ:
-بۇنى كىيىۋېلىڭ ،-دېدىم،زۇلپىيە مۇڭلۇق كۆزىنى ماڭا تىكتى.
-سىرتقا چىقىپ كىرەيلى،-دېدىم مەن.ئۇ ئۈندىمەي قولۇمدىكى كۆينەكنى ئېلىپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى.ياتاق ئۆيدىن چىققان زۇلپىيە كۆزۈمگە پەرىشتىلەردەك باشقىچە چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى.ئۇنىڭ قولىنى مېھرىم بىلەن تۇتتۇم.
زۇلپىيە رومانتىك ئىشلارغا ئامراق ئىدى،يېڭى توي قىلغان ۋاقىتىلىرىمىزدا ئۇنى خوش قىلىمەن دەپ رومانتىك ئىشلاردىن بىرنەچچىنى ئىجاد قىلغان ئىدىم ، بۈگۈن كاللامدا پەقەت ۋە پەقەت ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالماسلىقلابار ئىدى،شۇڭا ئۇنى خوش قىلىشنىلا ئويلايتتىم.ئۇلارنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئىنتايىن رومانتىك بېزەلگەن چايخانىغا ئېلىپ باردىم.كۈتكۈچى ياندۇرۇپ قويغان شام يۇرقىدىكى تال- تال كېرپىكلەر ،ئوماق لەۋلەر ، گۈزەل چىرايلار ، تەبئى قاپقارا چاچلار شۇنچىلىك چىرايلىق كۆرۈنەتتى . مەن زۇلپىيەگە بىر ھازا قاراپ تۇردۇم ۋە بېلىدىن تۇتۇپ ئاستا ئۆزۈمگە تارتتىم،ئۇنىڭ ئوقيادەك كىرپىكلىرى يەنە ياش تامچىلىرى بىلەن تولدى. ئۇنى باغرىمغا چىڭ باستىم.ئوغلۇم بىر خىل ھەيرانلىق بۈلىەن ئىككىمىزگە قاراپ قالغان ئىدى.
-ئىككىڭلار مېنىڭ جان –جىگەرلىرىم،ئوغلۇم مېنىڭ يۈرەك پارەم،سىلەرسىز مېنىڭ ھاياتىمنىڭ نە مەناسى،ھەرگىز ئاجرىشىمەن دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغۇچى بولماڭ،سىلەردىن ئايرىلىپ قېلىش تىرىك تۇرۇپ دوۋزاققا كىرگىنىم بىلەن باراۋەر....-دېدىم ئۇنىڭغا.ئۇ ياشلىق كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى ۋە باغرىمغا تاشلىنپ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ يەنە ئۈنسىز يىغلىدى ،ئۇنى باغرىمغا باسقىنىمدا ئۆزەمنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلدىم ، ئۇنى قايتا- قايتا باغرىمغا باستىم چاچلىرىنى پۇرىدىم ، ئىشقىپ مەن ئۇنى تۇنجى باغرىمغا باسقان ۋاقتىمدىنمۇ بەكرەك خوش بولدۇم ۋە ھاياجانلاندىم .بىز بۇ رومانتىك چايخانىدا ياشلىقىمىزغا قايتقاندەك بولۇپ قالغان ئىدۇق.ئۇلارنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلدىم.زۇلپىيە ئېلشاتنى ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ ئۇخلىتىپ قويغاندىن كېيىن يېنىمغا چىقتى.ئۇنىڭ قولىدىن ئاستا يېتىلەپ ياتاق ئۆيىمىزگە ئەكىردىم.ئۇ باغرىمغا تاشلىنىپ ،يىغلاپ تۇرۇپ كۆڭلىدىكى نۇرغۇن گەپلىرىنى دېدى ، ئۇنىڭ تارتقان ئازاپلىرنى ھېس قىلىپ ئۆزۈمنى قاتتىق ئەيىپلىدىم.
ئەسلى ئۇنى مەن بىلەن ئاجراشقۇسى يوق ئىكەن،بىراق مېنىڭ قىلغانلىرىم ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كەلگەچكە،مېنى چۆچىتىپ قويۇش ئۈچۈن ھېلىقى خەتنى يازغان ئىكەن.ئويلاپ باقسام پۈتۈن گۇناھ ئۆزۈمدە ئىكەن. بۇ بىرنەچچە يىلدىن بېرى ھازىرقى ئورنۇمغا چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىشلەپتىمەن،ھازىرقى ئورنۇمغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى تۈگىمەس زىياپەتلەر،رەڭدار سورۇنلار، ئەتراپىمدا پەرۋانە بولپۇ يۈرگەن تۇمۇچۇقتەك گۈزەل قىزلار، ئۈزلۈكسىز ئاڭلىنپ تۇرغان خۇشامەت سۆزلىرى....ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ، ئەمەلدارلىق كىبىرنىڭ بىر قەۋەت پەردىسى كۆزۈمنى توسىۋاپتۇ. ئايالىمغا ئازراق بولسىمۇ كۈيۈنمەپتىمەن ، بەلكى ئېرىشىپ بولغان نەرسىنىڭ قەدرى بولمىسا كېرەك ، بىر نەچچە قېتىم خىزمەت ئىشى بىلەن زىياپەتكە قاتنىشىپ مەس بۇلۇپ قالغاندا،كاتىپ قىز يۈلەپ ئەكىرىپ قويغاندا ،زۇلپىيەگە ھېچقاچان چۈشەندۈرۈش بەرمەپتىمەن ، ئاياللارنىڭ كۆڭلىنىڭ ناھايتى نازۇك بۇلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،ئايالىمنىڭ ئەتراپىمدا چۆرگىلەپ يۈرگەن رەڭدار قىزلاردىن نەچچە ھەسسە گۈزەللكىنى،ئۇ قىزلارنىڭ مېنىڭ ھوقۇقۇم، پۇلۇم ئۈچۈن ئەتراپىمدا پەرۋانە بولىۋاتقانلىقىنى،بىراق ئايالىمنىڭ مەن ئۈچۈن ھەقىقىي جان پىدا قىلىدىغانلىقىنى ،ھوقۇقنىڭ مەن ئۈچۈن باقىي –بەخشەندە ئەمەسلىكنى،ھەممە نەرسىنىڭ ھېسابى بارلىقىنى ئۇنتۇپتىمەن،ئۇچۇشنى بىلپ چۈشۈشنى ئۇنتۇپتىمەن....قىسقىسى ئەسلىمنى ئۇنتۇپتىمەن.
زۇلپىيە ئانامدىن قالسىلا ماڭا ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان،مېنى چىن يۈرىكىدىن سۆيىدىغان مەنمۇ ھەم ئۇنى چىن يۈرىكىمدىن ھەقىقىي سۆيىدىغان بىردىن –بىر ئايال ئىدى، بۇ ئۆمرۈمدە ھېچكىمنى ئۇنىڭدەك ياخشى كۆرەلمەيتتىم ، ئۇنىڭدىن ئايرىلسام تۈگشىپ كېتەتتىم .كېچىچە ئۇ خۇدى بىر يەرگە قېچىپ كېتىدىغاندەك ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ ياتتىم. مەڭگۈ شۇنداق بۇلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلىدىم .
ئىشلىرىمنى بىرەر قۇر ئورۇنلاشتۇرىۋېتىپ، ساياھەت ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ساياھەت ۋىيزىسى ھەل قىلىپ تۈركىيە ،دۇبەي تەرەپلەرگە چىقىپ ساياھەت قىلىپ كەلمەكچى بولدۇق. رەھبەرلىكتىن رۇخسەت سورۇدۇم،زۇلپىيەمۇ ئىدارىسىدىن رۇخسەت سورىدى.ئېلشاتنى چوڭ ئۆيگە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق.ساياھەت جەريانىدا ھەر ۋاقىت زۇلپىيەنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ،ئۇنى خۇشال قىلىشقا تىرىشاتتىم،بىز يېڭى توي قىلغان ۋاقىتلىرىمىزغا قايتقاندەك بولۇپ قالغان ئىدۇق.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. w& N. Q8 F2 M b
شۇ چاغدىكى ئىشلار كۆز ئالدىمدىن ھازىرغىچە كەتمەيدۇ. شۇ چاغدىكى تەجىربە ساۋاقلار بىلەن مەن يەنە ئىلگىركى ھالىتىمگە قايتىپ كەلدىم. ‹‹تۇرمۇشىمىز نېمىشقا شۇنداق سوغۇقلىشىپ ، قۇرغاقلىشىپ كەتتى؟››دېگەننى ھەر ۋاقىت ئويلاپ تۇردۇم، بۇ مەسىللەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەرگىزمۇ تاشقى ئامىل ۋە زامان ماكان ئەمەس ،بەلكى ئۆزۈمدىكى ئىچكى ئامىل،كۆزى ئوچۇق كورلۇقتىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە ئەسكەرتىپ تۇردۇم.
مەن ئاخىرى ئائىلەمنى ساقلاپ قالدىم،ئايالىم بىلەن ئاجراشمايدىغان بولدۇم،بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم ئىدى. ھازىر ئايالىم ،ئوغلۇم بىر ئائىلە كىشىلىرى شۇنداق بەخىتلىك.ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويۇشتىن ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلىمەن.ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت كۆيۈنىمەن.
مەنبە :ئۆز قەلىمىم