پارچىلار
كەڭ زىمىن رەڭدارلىق دۇنيا،
بەردى ماڭا گۈزەل ھېسلارنى.
ئانام كەبى چېچىمنى سىلاپ،
يايراتتى ئۇ سەبىيى دىللارنى.

سۆيىمەن دۇنيانى گۈزەل ئەتىنى .
ئىقبالىم پارلىغان ئاشۇ ۋاقىتنى .
مۇقەددەس نىمە ئۇنىڭدىن باشقا .
ئاتىسام خەلقىمگەگۈزەل ياشلىقنى.

ئۇيغۇر قىزىغا
قاشلىرىڭ بەرگى قىياق ،
كۆزلىرىڭ جاننى ئالار .
چاچلىرىڭ تالى سۇنبۇل،
بۇ ئەقلىمنى لال قىلار .

زەپ ياراشقان خالىڭىز ،
گىلاستەك لىۋىڭىز تېخى.
ئايىماي چىراي بەرگەن ،
تەڭرىمىزكەن بەك سېخى.

گۈل قىسىپسىز قۇلاققا ،
كىيىۋاپسىز دوپپا ھەم .
يارىشىپتۇ ئەتلەس كۆينەك،
قاراپ قالدىم دەممۇ-دەم.

كۆرگەن ئاشۇ ۋاقىتتا ،
شاتلىققا تولار قەلبىم .
خىتاپ قىلاي پىچىرلاپ،
پاكلىق بەرسىكەن تەڭرىم.

سىزگە قاراپ قانمىدىم ،
ھەممە يۈرسىكەن سىزدەك.
ياشاڭ ھەم ھايا بىلەن ،
ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزىدەك .

قولى چېۋەر ئەقىللىق ،
پۇختا ھەممە ئىشىغا .
گۈل-چېچەكلەر تىزايمەن ،
ئىشچان ئۇيغۇر قىزىغا .

تەنھالىق كۈيلىرى
يۈرۈيدۇ خىيالىم سابادا ئەگىپ .
نىشانسىز ئېزىققان سەۋدايى كەبى .
بەرمىدىڭ خۇشاللىق تەنھالىق ماڭا،
نىمە دەي؟تۇرساممۇ نەۋقىران سەبى.

ئۆرتەندى ھەسرەتتەبۇ قەلبىم شۇئان،
ئويلاپلا غېرىپ ھەم مىسكىنلىگىمنى .
ئەي تەڭرىم ئېيقىنا بەرگىنە جاۋاپ ؟
بەرمەيسە نىمىشقا خۇشال كۈنۈمنى .

تۇرساممۇ ئاجايىپ قامەتلىك شۇنداق،
يۈرۈيدۇ خىيالىم سەرگەردان بولۇپ .
كەتمىگەچ ئېسىمدىن نىگار سىماسى ،
تۇرماقتا يۈرۈگۈم ھىجرانغا تولۇپ .

جىسىمىمۇ تۇرىدۇ شۇنداق يىگانە ،
ئەكىتىپ تۇيغۇمنى ئازغۇن شاماللار .
يىتەي دىگەنتىم ئارزۇ- ئارمانغا ،
يوقمىدۇ بۇنىڭغا ،زادى ئاماللار .

يۈرۈگۈم سىقىلىپ قەلبىم داۋالغۇپ ،
خۇشاللىق ئىزدىدىم ئۆزۈمگە ھەمدەم.
بەخىتكە يەتسەم نە بولغاي كۈنۈم ،
كىلەتتى ئەسلىگە قامەتلىك گەۋدەم.

تەرسا تۇيغۇلار
خىيال قىلىپ يالغۇزلا تۇرسام ،
كېلىپ قالدى بىر گۈزەل قىزچاق
كۆزلىرىمىنى ئەجەپ ئۈزەلمەي ،
پۇتنى چالدىم قىلىپ دومباق .

سوراي قىزچاق ھالىڭىز قانداق؟
كۈلۈڭ ھەم يۈرەمسىز بۇنداق .
ئۇچۇشقاھەم كۆزىڭىز يەتسە ،
بولاي مەن سىزگىلا قونداق .
قىزچاق دىدى پونى بوش ئېتىڭ،
بۇ خىيالدىن تىزلىكتە يېنىڭ .
كېلىشكەن شۇ چىرايىڭىزغا...
ئەخلاق ھەم پەزىلەت قېتىڭ .

مەنبە ؛ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-23 04:41 PM