سەرلەۋھىسىز شېئىرلار(تۈركلان)
تۈركلان يازمىلىرى
1
سۆيگەن چىرايلىق دىگەن ھېكمەت بار،
چىن سۆيگۈ شۇڭا تاللىماس چىراي.
يايرىڭنىڭ تۇرغان كېسەك ئۆيىگە ،
تەڭ بولماس زىنھار ئالتۇن رەڭ ساراي.
2
ھاياتلىق ئاقىۋەت ھامان بىر ئۆلۈم،
بارچىسى مەڭگۈلۈك سىڭەر تۇپراققا.
گاھىلار ئىزسىزلا قالار كۈمۈلۈپ ،
گاھلىرى ئايلىنار ئۆلمەس داستانغا.
3
سۆيگۈ ئۈچۈن سەن ئاققۇزغاندا ياش،
پىغاندا دەرت بىلەن داغلىنار قەلب.
ئۇلۇغدۇر سەن ئۈچۈن ئاتالغان سۆيگۈ،
ئۇ كۈتەر پاكلىقنى مەڭگۈ زارىقىپ.
كىلىدۇ بىر نۆۋەت ھەممىگە ئاڭا،
ۋىسالنىڭ ھىجرانلىق ئاچچىق دەملىرى.
ئۆتىسەن ۋەلىكىن شادىمان بۇلۇپ ،
پاك سۆيگۈ پەلەككە يەتكەن كۈنلىرى.
4
ئول رەنانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بۈگۈن خۇش بۇلۇپ،
يەتتى شاتلىق قىيانى ئۆرلەپ ئاسمان پەلەككە.
ھىجرانلارنىڭ ئازانى يەڭگىللىگەچ دىلىمدىن،
رىشتە مەھكەم باغلاندى شۇ ئول پەرى مەلەككە.
يىتەلمىگەچ ئارمانغا قىينىلاتتىم تۈنلىرى،
بۈگۈن يەتتىم ئاخىرى يىتەلمىگەن تىلەككە.
ئەمدى كەلسۇن ئازابلار زىنھار،زىنھار قورقماسمەن،
چۈنكى ئوتلۇق نىگاھتىن مىھىر تولدى يۈرەككە.
ئېچىلمىسا قىزىل گۈل سەۋىر قىلىپ كۈتەرمەن،
چۈنكى ئاشىق بەرىبىر قەلبىم قىزىل پورەككە.
5
باياۋان چۆللىرى ھۇۋلاشقان كېچە،
جۇدۇندا ئۇشقۇيۇپ تۇرىدۇ ياپراق.
باغرىنى زىمىنغا چىڭڭىدە بېسىپ،
جۇدۇننى قوينىغا ئالىدۇ توغراق.
قىزارغان يۇلغۇننىڭ ئۈستىدە تەۋرەپ،
جۇدۇنغا باش ئەگمەي تۇرىدۇ چېچەك.
ھىدلىرى بورانلار قوينىغا سىڭىپ ،
يەتكۈزەر توغراققا سەممىي تىلەك.
مەنبە:تۈركلان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-23 11:54 AM