|
|
|
|
فىلىم نامى: كىشەنسىز جەنگو
ئېنگىلىزچە نامى: Django Unchained
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2012-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 8.5
رازمىرى: 1280x720
سىغىمى: 2Gb
رېژىسسور: Quentin Tarantino
باش روللاردا: Jamie Foxx, Christoph Waltz, Leonardo DiCaprio
فىلىم ھەققىدە:
1858-يىلى، ئامېرىكا جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، پۇت-قوللىرىغا كىشەن سېلىنغان بىر توپ نېگىر قۇللار قۇل سودىگەرلىرى تەرىپىدىن يولدا ئېلىپ كېتىلىپ باراتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە جەنگو ئىسىملىك بىر نېگىر قۇلمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئايالى ھىلدى بىلەن خوجايىنىنىڭ قورۇقىدىن قاچماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن مەجبۇرى ئايرىپ سېتىۋېتىلگەن ئېدى. يېرىم يولدا گېرمانىيەلىك ئىنئاملىق ئوۋچى كىڭ شېلتىز قۇل سودىگەرلىرىدىن قارا قۇل جەنگونى سېتىۋېلىپ، ئۆزى ئىزدەپ يۈرگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ ھەمدەجەنگونىڭ ياردىمى ئۈچۈن ئۇنى ئازاد قىلىۋېتىدىغانغا پۈتىشىدۇ.
كىڭ شېلتىز جىنايەتچىلەرنى تېپىپ بولغاندىن كېيىن جەنگودىن ئايرىلىپ كەتمەي، ئەكسىچە ئۇنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىدۇ. كىڭ شېلتىزنىڭ تەبىيىلىشى ئاستىدا جەنگو مەرگەن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. جەنگو ئىزچىل ئۆزىنىڭ ھەقىقى نىشانىنى بولغان ئايالى ھىلدىنى قۇتقۇزۇشنى ئۇنۇتمىغان بولۇپ، كىڭ شېلتىزنىڭ ياردىمى بىلەن ئايالىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىدۇ. ئايالىنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن «كەندىي ئېكىنزارلىقى» دا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ بىر مەيدان كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان ھايات-ماماتلىق جەڭنى باشلايدۇ...
ئالغان مۇكاپاتلىرى
2013-يىلى 85-قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر ئەر يانداش ئاكتىيور مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر ئىجادىي سىنارىيە مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر فىلىم مۇكاپاتى (نامى ئاتالغان)
ئەڭ نادىر فوتوگراف مۇكاپاتى (نامى ئاتالغان)
ئەڭ نادىر ئاۋاز ئۈنۈمى تەھرىرلىكى مۇكاپاتى (نامى ئاتالغان)
2013-يىلى 70-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتى
كىنو-فىلىم تۈرى ئەڭ نادىر ھېكايە-فىلىم (نامى ئاتالغان)
كىنو-فىلىم تۈرى ئەڭ نادىر ئەر يانداش ئاكتىيور مۇكاپاتى
كىنو-فىلىم تۈرى ئەڭ نادىر ئەر يانداش ئاكتىيور (نامى ئاتالغان)
كىنو-فىلىم تۈرى ئەڭ نادىر رېژىسور مۇكاپاتى (نامى ئاتالغان)
كىنو-فىلىم تۈرى ئەڭ نادىر ئىجادىي سىنارىيەلەشتۈرۈش مۇكاپاتى
ئۇنىڭدىن باشقا كىنو-فىلىم فېستىۋاللىرىدا جەمئىي 34 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 52 تۈردە نامى ئاتالغان.
كەسمە رەسىملەر:
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
قوشۇمچە:
«كۆۋرۈك كىنو توربېكىتى» كۆرەرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىش ۋە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان PC تېرمىنالىنى ئىشلەپ تارقاتتۇق، تېرمىنالدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوڭشالدى، ئەلالاشتۇرۇلدى، تېرمىنالىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بۇ تور ئادرېسىدىن كۆرەلەيسىز: http://www.kowruk.cn/player
تېرمىنال كۆرۈنمە يۈزىدىن كەسمە رەسىملەر:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mihman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-22 07:26 PM
|
|
|
|
|
|